تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
قىزىل ئادەتتە قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە يۇقۇملۇق ھالەتتە كەڭ تارقىلىدىغان، كېسەللىك مىكروبى بالىلارنىڭ بۇرۇن ۋە نەپەس يوللىرىغا كىرىش بىلەن يۇقۇملىنىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ دەسلىپىدە زۇكام بولغاندا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەردىن جۇغ-جۇغ ۋە تىترەك بىلەن باشلىنىپ بىئارام بولۇش، باش ئاغرىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش كۆرۈلۈپ، ئاندىن قىزتما ئۆرلەش، ئاۋۋال قۇلاق ئارقىسى ۋە باش ساھەسىگە، ئاندىن گەۋدە ۋە پۇتلارغا قىزىل ئەسۋە چىقىش، بەزىلەردە جۆيلۈش، ھۇشىدىن كېتىش، ئاۋاز پۈتۈش، كۆزىدىن ياش ئېقىپ چاپاق بېسىش، قاپاقلىرى ئىششىش، تەدرىجى ھالدا ئەسۋەلەر كىپەكلىشىپ سويۇلۇپ چۈشۈش قاتارلىق ئېغىر ئۆتىدىغان ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ئالتە ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان بولىلاردا يۇقۇش كۆپ كۆرىلىدۇ. بەزىدە چوڭلارغىمۇ يۇقىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:
بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋاكسىنا ئەملەش يېشىدىكى بالىلارغا چوقۇم ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئۇرۇش؛ يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن ۋاقىتلاردا ئۆينىڭ ھاۋاسىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ ئۆي ھاۋاسىنىڭ ساپ ۋە ئۆي ئىچىنىڭ پاكىز بولۇشىنى ساقلاش؛ ئاچچىقسۇغا سامساق سېلىپ قاينىتىپ ئۆي ئىچىنى ھورداش؛ ئادراسمان كۆيدۈرۈپ ئىسرىق سېلىش ، سامساقنى ئاقلاپ يېپقا ئۆتكۈزۈپ بالىلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇش ئارقىلىق مىكروبلارنى تازىلاش مەقسىتىگە يېتەلىشىمىز مومكىن.
پەرۋىش ۋە پەرھىز:
كېسەل بالا ئىسسىق ئۆيدە ياتقۇزۇلۇپ ئوبدان ئارام ئالدۇرىلىدۇ. سوغۇق ھاۋا ۋە سوغۇق تېگىپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.
قايناقسۇ كۆپرەك ئىچكۈزىلىدۇ. پاكىز شارائىت ھازىرلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ئەمما ئاسان سېڭىدىغان، يەڭگىل، سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلار بىرىلىدۇ.
ئاچچىق-چۈچۈك، قورۇغان، مايلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئېمىدىغان بالىلارغا ئىچى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە بېرىلىدىغان سۈتنىڭ مىقدارى ئازايتىلىدۇ.
بالىلارنىڭ كۆز، ئېغىز-بۇرۇنلىرى پات-پات ئىلمان سۇدا نەمدەلگەن لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇلىدۇ.
يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش:
دەسلەپكى مەزگىلدە قىزتمىنى پەسەيتىدىغان دورا بىرىلمەيدۇ، پەقەت قايناقسۇنى كۆپ بېرىپ، ئىسسىق بېقىلسا بولىدۇ.
قىزتمىنىڭ 4-5-كۈنلىرىدە قىزىل تېشىغا تەپمەي بالا بەك قىينىلىپ كەتسە، تۆۋەندىكى چارىلەرنىڭ بىرى قىلىنىدۇ.
1.يەرلىك چىلان قايناتمىسىغا كۆك كىشىمىش ئۈزۈم ۋە قومۇش يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا چىلام تەمىنى چىقىرىپ، قىززىق ھالدا ئىچۈرۈلىدۇ.
2.غۇنچە ئۈزۈمدىن 15 گىرام ئىلىپ قاينىتىپ ئاز-ئازدىن ئىچكۈزۈلىدۇ.
3.غۇنچە ئۈزۈمدىن 15 گىرام، قومۇش يېلتىزىدىن توققۇز گىرام، يۇمغاقسۈت يېلتىزىدىن توققۇز گىرام تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچۈرسە بولىدۇ.
4.ھۆل يۇمغاقسۈتتىن 120 گىرام، غولپىيازدىن 60 گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، ئىلىمان ھالدا بالىنىڭ پۇت-قول ۋە گەۋدىسى يۇيۇلىدۇ. بۇ جەرياندا سوغۇق تېگىپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.
قىزىل تەكشى چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قىزتمىنى پەسەيتكۈچى، ئىشتىھا ئاچقۇچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان چارىلەرنى قىلسا بولىدۇ.
ئەگەر چىلاننى قاينىتىپ پارلانغان سۈيىنى يېغىۋالالايدىغان شارائىت بولسا، چىلان قايناتمىسىنىڭ پارلانغان سۈيىنى ئۇسسۇلۇققا ئىچكۈزۈپ بىرىلىدۇ.
ئەگەر قىزىلدىن كىيىنكى ئاسارەتلەر قالغان بولسا، بالىنىڭ تېنى زىيادە ئاجىز بولسا تەجىربىلىك تېۋىپ-دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە چارە قىلسا بولىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار