كالىي ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە

Potassium-kali
ئىلمىنت بەلگىسى : K
تۈرى ماكرو ئىلمىنت
قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش : كالىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35تىن%0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇ مۇسكۇل ، نىرۋا ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ سۆڭەك مۇسكۇلى ، نىرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسۋىتى زىچ ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مېنىرال ماددىدۇر .
ئاساسلىق رولى : يۈرەك مۇسكۇلى نورمالسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نورمال فۇنكىسسىيىسىنى ساقلاپ ، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش ، ، يۈرەك ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۇسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال سۇ مىقدارىنى ساقلايدۇ ، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تۆۋەنلىتىدۇ ، نورمال قان بېسىمىنى ساقلايدۇ .
ناترىي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ .
ئورگانىزىمدا پەيدا بولغان لەختىلەرنى تازىلايدۇ .
مېڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

يىتىشمەسلىك ئالامەتلىرى :
مۇسكۇللار كۈچسىز بولىدۇ ، قۇسىدۇ ، بەدەن ئىششىيدۇ ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ ، نېرۋا مۇسكۇللىرىدا كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ ، ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ .
تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك كىشىلەر توپى :
سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقانلار : سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بەدەندىكى كالىينى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدىغانلىقتىن ،
ئاسانلا ئېلىكترولىت تەڭپۇڭسىزلىق ھادىسىسى كۆرۈلۈپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاندا كالىي كەملىك پەيدا بولىدۇ ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر كالىي تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىشى زۆرۈر .
دائىم ئەمگەك قىلىدىغانلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر : ئەمگەك مىقدارى كۆپ بولغاندا بەدەندىن كۆپلەپ تەر چىقىپ ، كالىيمۇ بىللە ئېقىپ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقتىن ، بۇنداق كىشىلەر كالىي تۇلۇقلاپ ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشى زۆرۈر .
تۇز ئىستىمال قىلىش مىقدارى يۇقىرى كىشىلەر : تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىيدىن ئىبارەت . بەدەنگە كۆپ مىقداردا ناترىي قۇبۇل قىلىنسا سالامەتلىك جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ . شۇنداقلا كالينىڭ شۈمۈرۈلىشىگىمۇ تۇسقۇنلۇق قىلىدۇ ، بۇ چاغدا تېخىمۇ كۆپ كالىي تۇلۇقلاپ ، بەدەندىكى سۇ ۋە كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقنى ساقلىشى زۆرۈر بولىدۇ ، كالىي ئۇشۇقچە تۇز ( ناترىي)نىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىگە ياردەم بىرىدۇ .
دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار :
دائىم ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇقلۇقنى قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي ھالدا چىكىنىپ كىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپرت ئادەم بەدىنىنىڭ كالىينى قۇبۇل قىلىش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ ، بەدەندىكى كالىي مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ-دە ئاسانلا كالىي يېتىشمەسلىك كىسلى پەيدا بولىدۇ ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر كالىينى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلىشى، تۇلۇقلىشى زۈرۈر .
ئاسان چارچايدىغان كىشىلەر : مۇۋاپىق مىقداردا كالىي تۇلۇقلىسا ئادەمنىڭ زىھنى كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، چارچاش ، ماغدۇرسىزلىق تۇيغۇسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .
تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلشقا ئامراق كىشىلەر : ساغلام ئادەمنىڭ بەدەن سۇيۇقلىقى ئاجىز ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ .
لىكىن شىكەرنى ئاساس قىلىدىغان تاتلىق يىمەكلىكلەر كۆپىنچە كىسلاتالىق
خۇسۇسىيەتكە ئىگە ،شۇڭا تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى كىسلاتالىققا مايىل بولىدۇ . بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا سالامەتلىك جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
بۇ چاغدا كىسلاتا – ئىشقارلىق قىممىتىنى نىيتراللاش ئۈچۈن ، بەدەن ئۆزلۈكىدىن ئىشقارلىق ماددىلار ، مەسىلەن كالىي، ناترىي ، كالتسىي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ نېيتراللاش ئېلىپ بارىدۇ ، ھالبۇكى بەدەندىكى كالىي ، كالتىسي ، ناترىيلارنىڭ مىقدارىنىڭ يىتەرسىز بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تۇلۇقلاپ بەدەندىكى كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش زۈرۈر بولىدۇ .
ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبئوتىك دورىلارنى ئىستىمال قىلغانلار : ئانتىبىئوتىك دورىلار ئادەم بەدىنىنىڭ كالىينى چىقىرىپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقتىن ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك دورا ئىستىمال قىلغانلار تەركىبىدە كالىي مول يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم .

يىمەكلىكلەردىن كىلىش مەنبەسى : بارلىق دانلىق ئاشلىق ، گۆش ، تۇخۇم، تۇلۇق قايماقلىق سۈت ، ھەر خىل كۆكتاتلار ، مىۋە – چىۋىلەر ، (بولۇپمۇ بانان) ، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە پۈتۈن بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان بولكا قاتارلىق يىمەكلىكلەردۇر.
مىقدارى ئېشىپ كىتىش ئالامەتلىرى :
يۇقىرىي كالىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئادەم بەدىنىنىڭ زەئىپ ، تۇيغۇسى غەيرىي بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك رىتىمى جىددىي قالايمىقانلىشىش ، ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق كەمتۈك بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ .

ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
كالىي تۇلۇقلىغاندا ئۇنىڭ ناترىي بىلەن بولغان تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك ، بولمىسا نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ فۇنكىسسىيىسىگە زىيان يېتىدۇ ،
كالىي سۇدا ئېرىيدىغان مىنىرال ماددا بولۇپ تاماق تەييارلاش ياكى سۇغا چىلاش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرايدۇ ، شۇڭا قىزىتىلمىغان ، پىشۇرۇلمىغان كۆكتاتلار، مىۋە – چىۋىلەر كالىيغا ئىرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ، ئەڭ بىخەتەر يول ھىسابلىنىدۇ . ئەگەر ئۇلارنى پىشۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە ئاش تۇزى تەركىبىدىكى كالىي خلورىد قايناۋاتقان سۇدا ئېرىيدۇ- دە ، كالىينىڭ تاماق پىشۇرۇش داۋامىدا زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
كۈندىلىك ئىستىمال قىلىش مىقدارى :
بوۋاقلار : 1000~500 (بىرلىكى مىللىگرام)
Mg
كىچىك بالىلار: 2000~1600 مىللىگرام.
بالىلار : 2000~1600 مىللىگرام .
ياش –ئۆسمۈرلەر : 2000~1600 مىللىگرام .
قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللار : 2000مىللىگرام .
قۇرامىغا يەتكەن قىزلار: 2000مىللىگرام .
ھامىلدار ئاياللار : 2000 مىللىگرام .
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار : 2000 مىللىگرام .

تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
مەنبە : ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...