ئاچچىقلىنىش ۋە ئىشتەي
پىسخولۇگلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە پوستىلىقدا نۇرغۇنلىغان قوزغاتقۇچى نېرىپلا بۇلۇپ، ئادەتتە، ھەممىسى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدىكەن، ئەمما، نورمالسىزلىق يۈز بەرگەندە بولسا بىرقىسىم قوزغاتقۇچى نېرىپلا جىددىيلىشىپ، بىرقىسىم نېرىپلار تورمۇزلىنىدىكەن. شۇڭلاشقا ئادەم ئاچچىقلانغاندا، بىرقىسىم نېرىپلار جىددىيلىشىپ ئىشتەينى تۇتۇۋالدىكەن، نەتىجىدە، ئادەمنىڭ تاماق يىگۈسى كەلمەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولۇپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالىدىكەن.
تاماقتىن كېيىن يۇيۇنماڭ
بەزىلەر تاماق يەپ بۇلۇپ يۇيۇنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا گەرچە ناھايىتى راھەت ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ، چۈنكى، تاماقتىن كېيىن ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كۆپ مىقداردا قانغا ئېھتىياجلىق بۇلۇپ، باشقا سېستىمىلارنىڭ قان مىقدارى ماس ھالدا ئازلاپ كېتىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا يۇيۇنغاندا، تېرە ئاستى تۇمۇرلىرى كېڭىيىپ، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى قان مىقدارى كېڭىيىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارسا، ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كېرىلشكە سەل قارىماڭ
ئادەم چارچاپ كەتكەندە، شۇنداق بىر كېرىلىپ قويسا بەكمۇ ھۇزۇرلىنىدۇ، بۇلۇپمۇ شىرەگە ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلدىغان كىشلەرگە نىسبەتەن بىرخىل ئىنتايىن پايدىلىق تەنھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. قان ئايلىنشنىڭ ياخشى-يامانلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، بەدەن ئۇزۇن مۇددەت دەم ئېلىش ھالىتىدە تۇرغاندا، مۇسكۇل تۇقۇلمىللىرىدىكى كۆك قان تۇمۇر بوشىشىدۇ، كېڭىيىدۇ، ئەمما كۆپلىگەن قانلار تىنىپ قېلىپ ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ سىغىنچانلىقى كېمىيىدۇ، شۇنداق بىر كېرىلدىغان بولسا قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ، كېرەكسىز ماددىلارنى ئېلىپ كېتىپ، چارچاشنى يوقىتىدۇ.