جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يۇيۇنماسلىق قانداق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن؟

 مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

13155067541980031524Bath Sign.svg.hi

جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىركى بەدەن پاكىزلىقى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئامراقلىقنى، ئىشرەت لەززەتنى زىيادە قىلىپ جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىلىپ بىرىلىشىدا ئىنتايىن موھىم بولغىنىدەك جىنسىي ئالاقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى يۇيۇنۇشمۇ ئىنتايىن موھىمدۇر. گەرچە دىنىمىزدا، ئەنئەنىمىزدە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن، ئىھتىلام بولۇپ قالغاندا، ھەيز-نىفاستىن كىيىن يۇيۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكى تەكىتلىنىپ، يۇيۇنماسلىقنى يامان كۆرىدىغان بولسىمۇ بەزىلەردە ھورۇنلۇق، ئەھكاملارغا نىسبەتەن بىپەرۋالىق، تولا يۇيۇنسام سۇ سوغۇق كىلىدۇ دەيدىغان باھانىلەر سەۋەبلىك يۇيۇنماسلىقى ياكى ۋاقىتنى كېچىكتۈرىشى مومكىن.
خوش، ئۇنداقتا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يۇيۇنماسلىق قانداق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن؟ بۇ يەردە بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن تېببى ساغلاملىق نۇقتىسىدىن كىلاسسىك تېۋىپ-ھۆكۈمالىرىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قاراپ باقايلى.
1.جىنسىي ئالاقىدىن كىيىن يۇيۇنماسلىق بەدەندە ئىزلەڭگۈلۈك، بوشاڭلىق پەيدا قىلىپ ، چىرايىنى خۈنۈكلەشتۈرىدۇ. روھىي قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلىتىپ ئەقىلدىكى ئۆتكۈرلۈك، زېرەكلىك، نېرىپ-ئەسەبلەردىكى ھۇشيارلىقنى سۇسلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بەزىلەرنىڭ جىنسىي ئالاقىدىن كىيىن يۇيۇنماي يۈرسەڭ «پالاكەت» باسىدۇ دېگىنى مۇشۇ تەرەپتىكى ئىشلارغا قارىتىلغان بولسا كېرەك.
2.جامالىددىن ئاقسارايى «ئاقساراي» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاۋىدا جىنسىي ئالاقىدىن كىيىن يۇيۇنماسلىق «قولتۇق پۇراش كېسەللىكى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللاردىن بىرسى قاتارىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈپ مۇنداق دەيدۇ:
جىنسىي ئالاقە خىلىتلارنى قوزغىتىپ بەدەننىڭ سىرتىغا يۈزلەندۈرىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتە جىسمانىي ھەركەت بولغاندىن سىرت، خۇشاللىنىش ۋە لەززەتلىنىش، كۈچلۈك ھاياجان ئىپادىلىرىمۇ بولىدۇ.بۇلار مەنىي بولىدىغان مەنىي خاراكتىرلىك ماددىلارنى زور دەرىجىدە قوزغىتىدۇ، بۇ خىل ماددىلاردىن گازلار ئۆرلەپ چىقىپ تېرە تەرەپكە ماڭىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن جىنسىي ئالاقە ھەركىتى باشقا ھەركەتلەرگە نىسبەتەن ھارارىتى غەرزىيە*نى سۇسلاشتۇرۇشتا چوڭراق رول ئوينايدۇ. جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلغاندا ئۇفۇنەتلەنگەن سوغۇق تەبىئەتلىك خىلىتلار باشقا خىلىتلار ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا جىنسىي ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغانلاردا ئۇفۇنەتلىك تەپلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. جىنسىي ئالاقىدىن كىيىنكى ۋە ئاياللارنىڭ ھەيزدىن كىيىن ۋاقتىدا يۇيۇنماسلىقىمۇ «قولتۇق پۇراش كېسىلى» نىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

*ھارارىتى غەرزىيە – پۈتۈن بەدەنگە تەكشى تاراش ئارقىلىق ئىسسىتىپ بىرىدىغان ھالەت. ئۇقۇم ئېنىرگىيسى
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ