جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئوزۇقلىنىش ۋە ساغلاملىقنى ئاسراش

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

نۇرمال بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەر-ئايال ئىككىلا جىنىسنىڭ روھىي ساغلاملىقى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ نۇرمال، كۆڭۈللۈك، راھەت ئىلىپ بىرىلىشىدا بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن كېرەكلىك ئوزۇق-قۇۋۋەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولىشى پايدىلىقتۇر. بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلاردا جىنسىي ئالاقە كۆپرەك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشقا، ئارام ئىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كىيىنكى ھايات مۇساپىسىدە جىنسىي لەززەتلەرنىڭ ئۇزاقراق داۋام قىلىشىغا ۋە ئومومىي بەدەننىڭ ساغلام بولىشىغا پايدىسى بولىدۇ.

Man-and-Woman-Cooking-in-Kitchen

ئالدىدا:
جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىدىكى كۈنلەردە بىلىق، توخۇ، قوي گۆشىدە تەييارلانغان شورپا، كاۋاپ، قورۇما دېگەندەك گۆشلۈك تائاملار بىلەن غىزالىنىش. خاسىڭ، ياڭاق، نوقۇتلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىق بەدەنگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەرنى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. سوغۇق ئىچىملىك، سوغۇق يىمەكلەرنى ئىستىمال قىلمىغان تۈزۈك.
يىنىك بولغان ھەركەتلەرنى ئىشلەپ بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشنىڭ كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ روھنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
زەپە، توشقانزەدىكى، ماكا، لاچىندانە، سۇمبۇل، رەيھان، قەلەمپۇر، قىزىلگۈل دېگەندەك خۇشپۇراق دەرمەكلەر بىلەن چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتە زىيادە چارچاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن بۇرۇن قورساق زىيادە توق ياكى ئاچ بولماسلىقى، ھېرىپ-چارچاپ كەتمىگەن بولىشى لازىم.

كەينىدە:
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن بىر ئىستاكان سۈت، ھەسەل سۈيى، سەۋزە شەربىتى دېگەندەكلەردىن خالىغان بىرىنى ئىچىپ ئارام ئالسا ئۇسسۇزلۇق ھەم قۇۋۋەت تولۇقلاپ ھارغىنلىقنى ئالىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا خورىغان ئىنىرگىيەلەرنى تولۇقلايدۇ.
ئاقسىل مول بولغان مېغىزلاردىن، نوقۇت، كۈنجۈت دېگەندەك دان-ئۇرۇقلارنى تالقان تەييارلاپ قويۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، تۇخۇم، بىلىق، كەپتە، پاقلان گۆشلىرىدە شورپا-كاۋاپ تەييارلاپ يەپ بەرسە مەنى كۆپەيتىدۇ، قويالتىدۇ. ئۇرۇقنى پۇشۇرىدۇ. شەھۋەتنى كۈچەيتىپ لەززەتنى ئاشۇرىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى سەۋەبلىك ئەزالارنىڭ بالدۇر قېرىشى، تېرىنىڭ خۇنۈكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا پايدىسى بولىدۇ.

بەزى ئەرلەردە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن بەل ئاغرىش، يۈرەك تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ جىنسىي ئالاقە قىتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى، ئارىلىق ۋاقىتنىڭ بەك يېقىن بولۇپ كەتكەنلىكى، ئوزۇق قۇۋۋەتلەرنىڭ يىتەرسىز بولغانلىقىدىن بولغان بولىشى مومكىن.
بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە  ئەر-ئايال ھەر ئىككەيلەن ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا، جىنسىي ئالاقىنى توختىتىپ بىر قانچە كۈن ئارام ئىلىپ يۇقۇردا بايان قىلىنغاندەك قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ