جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى

Man and woman in bedroom

قورامىغا يەتكەن، ئوتتۇرا ياشتىكىلەرنىڭ ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن ئەھۋالدا جىنسىي ھەۋەسنىڭ ناچارلىقى ياكى يوقاپ كېتىشى قاتارلىق نۇرمالسىز ھالەتلەر جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى دېيلىدۇ. بۇ خىلدىكى كېسەللەر ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئۆزىدە ھېچقانداق جىنسىي ئارزۇنىڭ يوقلۇقى ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىتا ھېچقانداق ھەۋەسنىڭ يوقلىقىدىن زارلىنىدۇ. پەقەت خوتۇنى تەلەپ قىلسا ئاندىن تەستىرەك جىنسىي ئالاقە قىلالايدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشىشى ئارقىسىدا بىر يۈرۈش شەرتلىك ۋە شەرتسىز رېفلېكىسلار، ھەرىكەت، قان ئايلىنىش، نەپەسلىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سىستېمىلارنىڭ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە تاماملىنىدۇ. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاش مومكىن:
1-جىسمانىي كۈچ ئامىلى: جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق چارچاش، ياكى ھەر خىل سوزۇلما كېسەللەردىن جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىزلاش يۈز بەرگەنلەردە جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش كىلىپ چىقىدۇ.
2.زېھنى كۈچ ئامىلى: بۇ ئاساسەن ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ھەددىدىن زىيادە چارچاش، جىددىيلىشىش نەتىجىسىدە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جىنسىي مەركەزگە ئوخشاش نۇقتىلىرىدا تىزگىنلىنىش يۈز بىرىدۇ. بۇنىڭدىن جىنسىي ھەۋەسنىڭ يوقىلىشى ياكى ئاجىزلىشىشى كىلىپ چىقىدۇ.
3. پىسخىك ئامىل:بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىنتايىن موھىم ئامىل بولۇپ ، تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1) ھەددىدىن زىيادە غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم، غەزەبلىنىش، قورقۇش قاتارلىقلار…
(2) ئايالىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىدە بولىشى، يەنى ئۆز ئىرىگە قوپال مۇئامىلدە بولۇش ياكى خوتۇنى بىر مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىماسلىق پوزىتسىيسىدە بولۇش ياكى مەنى مەنى چىقىرىلغاندىن كىيىنكى «پاسكىنچىلىق »نى يامان كۆرۈش،،،،،،،
4. سوغۇقلۇق ياكى ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان خىزمىتى زەئىپلەشكەندە مەنى ئازلايدۇ دە شەھۋەتمۇ سۇسلاپ زەكرنىڭ قېتىشى ئاستا ۋە بوشراق بولىدۇ.
……………………
سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. پىسخىك جەھەتتە مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ئەر-خوتۇن ئۆز ئارا ئازادە، خۇشال موھىت بەرپا قىلىپ روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك!
بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەندەك بىرەر ئەھمىيەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ نېرىپ-توقۇلمىلارنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، كەيپىياتنى ياخشىلاپ پىسخىك بېسىملارنى يەڭگىللىتىش دېگەندەك مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىشى مومكىن.
جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش جىسمانىي جەھەتتىكى قۇۋۋەتسىزلىك، مەنى ئازلاپ كېتىش، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش دېگەنلەر سەۋەبىدىن بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى، بۆرەك ئۇرۇقدان خىزمىتىنى ياخشىلاپ جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا:
1. مەجۈنى سۆئىلەپ
2. لۇبۇبى كەبىر
3. داۋائىل مىشكى
4.ماددىتىل ھايات
5.جاۋارىش زەرئۇنىي
قاتارلىقلاردىن مىزاجىغا مۇناسىپلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئوزۇقلىنىش جەھەتتە جېگدە چېچىگى ھەسىلى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، قۇچقاچ ، كەپتە كاۋاپلىرى، پاقلان، بېلىق گۆشلىرىدە تەييارلانغان كاۋاپ، شورپا، قورىما دېگەندەك غىزالار، ھەر خىل مېغىز، نوقۇت، سەۋزە ئۇرۇقى دېگەندەك ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىدا تەييارلانغان تالقانلارمۇ قۇۋۋەت ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
دوۋسۇن، بەل-بۆرەك ساھەسىنى ئىسسىقلىق مايلار بىلەن مايلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
بۇ ئاياللارغىمۇ ئورتاقتۇر.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

دۇكان ئادرىسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
ھېيتگاھ جامە نوربېشى تەرەپ يان ئىشىگى ئۇدۇلى 2-قەۋەتتىكى 80خالتا بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت چاي، ھەسەل دۇكىنى
0998-2820877
13565662787
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ