جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ پەيتنى تاللاش

husband-and-wife
ئەر-خوتۇننىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ جىنسىي تەلىپى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ناھايىتى تېز پەيدا بولىدۇ.
1-كۆڭلى ئازادە، خوشال-خۇرام ۋاقىتلاردا، ئائىلىدە بىرەر خوشاللىنارلىق ئىش بولغاندا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قارشى تەرەپ ئالاھىدە سۇيۇملۇك ۋە قەدىرلىك يېقىن تۇيۇلغان ۋاقىتلاردا ناھايتى ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ.
2- تەن ساقلىقى ئىنتايىن ياخشى ۋاقىتلاردا ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ. ئەگەر تەن ساقلىقى راسا ياخشى بولمىسا ياكى بىرەر يېرى بىئارام بولۇۋاتقان بولسا ئۇنىڭدا ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ.
3-ھاۋا ئىللىق كۇنلەردە ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ. ئەگەر ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسا كېشىلەر توڭلاپ تۇگۇلۇپ جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشى تەس بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسا ئادەم تەرلەپ، ئىسىسپ كېتىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن سەسكىنىشى، سالقىنراق يەردە يېتىۋىلىشىنى خالايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4-تىپتىنىچ مۇھىتتا ئاسانلا جىنسىي تەلىپى قوزغىلىشى مۇمكىن، ئەگەر ئولتۇراق ئۆي، بىنا ئەتراپىدا تاراق – تۇرۇق ئاۋاز، كېچىسى قۇرۇلۇش قېلىۋاتقانلارنىڭ ھەرخىل شاۋقۇنلىرى بولسا كېشىلەرنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر يەتكۇزۇپ بىئارام قىلىشى، جىنسىي تۇرمۇشىغا تەسىر كەلتۇرشى مۇمكىن، ئەتراپ،مۇھىتى تىپتىنىچ بولسا ئەر-ئاياللارنىڭ شەخسى پىچىر – پىچىر شېرىن پاراڭلىرىغا ئوڭايلىق تۇغۇلۇپ، دىققەت ئىتىبارى ئاسانلا جىنسىي ئالامەت تەرەپكە يېغىلىدۇ.
5-سىرىتقى تەسىر،غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا جىنسىي تەلەپ ئاسانلا قوزغىلىدۇ. مەسىلەن:كىنو،تېلىۋزىيە تىياتىرلىرىدىكى مەلۇم كۆرىنىشلەر،بىر قىسىم رەسىم سۇرەتلەر،ھېكايە، رومانلاردىكى مەلۇم ۋەقەلىكلەر ئەر خوتۇنلاردا جىنسىي ھاياجانلىنىشنى قوزغىتىدۇ.
6- بىرەر ۋاخ تاماقنى بىللە تەييارلاپ خۇشال كەيپىيات ئىچىدە غىزالانغان پەيتلەردە ئاياللاردا ئاسانلا جىنسىي ھاياجان قوزغىلىدۇ.

Man-and-Woman-Cooking-in-Kitchen

ئۆزىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇسى توغۇلغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ ئۆز جورىسىغا بېشارەت بېرىش كېرەك؟ ئادەتتە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇسى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆز جورىسىغا سۆز ياكى ھەركەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بىشارەت بېرىشكە بولىدۇ. سۆز- بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق سۆزدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىۋاستە سۆز بىلەن ئۆز تەلىپىنى ئېنىق ئېيتسا بولىدۇ. ۋاستىلىق ھالدا مەسىلەن: ئۆز جورىسى بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدىكى پاراڭلارنى سېلىشش، شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي تەلىپى قوزغىتىش ياكى جورىسىنىڭ بالدۇرراق كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق يۇشۇرۇن بىشارەت بېرىش، سۆز-ھەرىكەت بولسا ئۆز يولدىشىنى قۇچاقلاش، سۇيۇش، سىلاش قاتارلىق مۇھەببەت ھەرىكەتلىرى ياكى مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن بېشارەت بېرىشلەردىن ئىبارەت. ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى بىشارەت ئېنىقراق بولۇشى، ئوقۇشماسلىقلار سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىشى، ئورتاق تۇرمۇش جەريانىدا بۇ جەھەتتىكى قانۇنىيەتلەرنى ئۆز-ئارا ياخشى ئىگىلىۋىلىشى لازىم.
جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئەڭ ياخشى ۋاقتى كەچلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن ئىبارەت. چۇنكى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنكى شېرىن ئۇيقۇ ئارقىلىق كېشىنىڭ جىسمانيي كۇچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ. بەزىدە ئەرنىڭ كۇندىلىك خىزمەت ئېغىر بولۇپ ھارغىنلىق ھېس قىلسا، جىنسىي ئالاقىدا مەنىنىڭ بۇرۇن چىقىپ كېتىپ جىنسىي تەلەپنىڭ قانماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئەڭ ياخشى كەچتە بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئاندىن جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...