جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدىغان پەيتلەر

تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ جىنسىي ئالاقىنى ئازايتىشى ياكى جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىشى لازىم.
waiting-wheel-300x300
1-ئېغىر كېسەل بولۇپ ساقىيىپ، تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئادەتتە ھەرخىل كېسەل مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى ساقنىڭ جىنسىي تەلىپى قانغان بىلەن كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن يېنىك بولغانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى كېرەك. كېسەللەرنىڭ تۇرلىرىمۇ ناھايتى كۆپ، كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى بۇ ھەقتە دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.
2-زىيادە ھېرىپ-چارچىغاندا،مەست ۋاقىتىدا ياكى روھىي كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ،ئەرلەر زىيادە ھاراق ئېچىپ مەسىت بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىدا غەيرىلىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ ھامىلدار بولۇپ قالسا ئۇنداق ھامىلىنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ غەلىتە تۆرەلمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
3-ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار كىسلاتا خاراكتېرلىك بولۇپ،سىرىتتىن كىرگەن مىكروبلارنى ئۆلتۇرەلەيدۇ.لېكىن ھەيىز مەزگىلىدىكى جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار قان بىلەن نېيتراللىشىپ ئىشقارلىق خۇسۇسىيتىگە ئۆزگىرىدۇ-دە، مىكروبلار ناھايىتى ياخشى ئۆسەلەيدۇ.ھەيىز مەزگىلىدە بالىياتقۇ دىۋارلىرى ئاجراپ بالىياتقۇ ئىچى زەخمىلىنىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى ناھايىتى كىچىك دەرىجىدە ئېچىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا مىكروب كېرىپ جىنسىي ئەزالاردا ياللۇغلىنىشپ پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇرۇن سۇزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى بولسا ھەيىز مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ياللۇغلىنىشنىڭ جىددى غىدىقلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە قېلىنلىغان جىنسىي ئالاقە ھەيز ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ. قان كۆپ كېتىدۇ. ياكى ئاياللاردىكى بىئاراملىق تېخىمۇ كۇچىيىپ كېتىدۇ.
4-ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۇچ ئېيى ۋە ئەڭ ئارخىرقى ئۇچ ئېيى ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشتا ئىھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە بالا ھەمراھى بالىياتقۇ ئىچىدە تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولۇپ بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ (بالىياتقۇ قىسقىرىپ)نەتىجىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىش ناھايىتى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى ياكى بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشنى، بالىياتقۇنىڭ قانىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى مەزگىلدە ، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ جىنسىي ئالاقە چەكلىك بولۇشى، ھەرىكەت سىلىق-سىپايىرەك بولۇشى زىيادە قوپال،قاتتىق، قارام ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش،ئايالنىڭ ئۇستىدىن قورسىقىنى زىيادە بەك بېسىۋالماسلىق لازىم.
5-تۇغۇتتىن كېيىن تاكى بالىياتقۇ ئۆز ئەسىلى ئورنىغا،ھالىتىگە كېلىپ بۇلۇشتىن بۇرۇن (تەخمىنەن 40كۇن) جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا جىنسىي ئەزالاردا ئاسانلا ياللۇغلىنىش ،بالىياتقۇ قانىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى ياكى يېرىق،جىنسىي يولىدىكى زەخمىلىنىشلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساقىيشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىشى،تەسىر يەتكۇزىشى مۇمكىن.
6-ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇزۇكى سالدۇرغان ياكى ئالدۇرۋەتكەن ۋاقىتتا ۋە ئەرلەر ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاياللار تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىنى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...