كالا سۈتى ئىسسىقمۇ-سوغۇق؟

كۆپىنچە تېبابەت ئەھلىلىرى تۆگە سۈتى ۋە قوي سۈتىنى ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق دەيدۇ، كالا سۈتىنى بولسا سوغۇق دەپ بىلىدۇ. بەزىلىرى بولۇپمۇ خەنزۇ تېبابىتى بىلىملىرىدىن ئاز-تۇلا خەۋەردار كىشىلەر كالا سۈتىنىمۇ ئىسسىق دەپمۇ قارايدۇ.

كالا سۈتىگە قارىتا يۇقارقىدەك ئىككى خىل قاراش بولۇشىنىڭ سەۋەبى بار، ئەلۋەتتە. بەزى ئادەملەر بىر مۇددەت كالا سۈتى ئىكەندە، ئېغىزلىرىغا پات-پات چاقا-جاراھەت چىقىدۇ، تەرەت قېتىۋالىدۇ. بەزى ئادەملەردە باشقىچە ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنى قورساقلىرى كوكىرايدۇ، بەزىدە ئىچى سۈرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئەركان تەسىرىدە شەكىللەنگەن ھەر قانداق مۇرەككەپ تەركىپلىك ماددىلاردا، گەرچە مەلۇم بىر خىل مىزاج ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسىمۇ، يەنە باشقا مىزاجلىق تەركىپلەرمۇ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كالا سۈتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ بولۇپ، ھۆل سوغۇقلۇق مىزاج. ئاقسىل ئۈچ گرام، ياغ ئۈچ گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تۈرلۈك ۋىتامىنلار مول، كالىي، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، ناترىي…لارمۇ ئاز مىقدارنى ئىگەللەيدۇ. يۇقىرىراق دەرىجىدىكى قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق ياغ بىلەن تۆۋەن دەرىجىدىكى ھۆل سوغۇقلۇق ئاقسىل ئاساسەن تەڭ نىسبەتنى تەشكىل قىلسىمۇ، مىزاجلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ياغنىڭ كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسسىققا مايىل مىزاج ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. سۈت تەركىبىدىكى مول ۋىتامىنلار بولسا سوغۇققا مايىل.

دېمەك، كالا سۈتى ئىسسىق-سوغۇقتا مۆتىدىلرەك، ھۆللۈكى بار ئوزۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بەزىلەرگە ئىسسىقلىق، يەنە بەزىلەرگە سوغۇقلۇق تەبىئەتنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ كىشىگە ئىسسىق ياكى سوغۇق كىلىشى شۇ كىشىنىڭ مىزاجىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن. بەزى ئادەملەر پولو ۋە مانتىنىمۇ ئۆزىگە سوغۇق كىلىدۇ دەپ قاخشايدۇ، بەزىلەر سوغۇقلۇق قىلساممۇ ئىسسىقىم ئېشىپ تۇرىدۇ دەپ ۋايسايدۇ. بۇنىڭ داۋلىسىمۇ ئوخشاش.

(ياڭاق، بادام ئىسسىق كەلمەيدىغان كىشىلەرگە قۇۋۋەت تالقىنى ئىسسىق كىلىپ قالىدۇ، سۈت ئىسسىق كەلمەيدىغان كىشىلەرگە فرىما ناھايىتى تېزلا ئىسسىق كىلىدۇ. چۈنكى پىششىقلىنىش جەريانىدا ئەسلى يېمەكلىكتىكى ھۆللۈك خوراپ كىتىپ، ئىسسىق مىزاج كۈچىيىپ كىتىدۇ.)

گەرچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئىپادىلەنگەن مىزاجى يەككە مىزاج بولغىنى بىلەن، ھەر قانداق يېمەكلىكتە ھەممىلا مىزاج تەڭ مەۋجۇت. بىر ئادەمنى قۇرۇق ئىسسىق ياكى ھۆل سوغۇق مىزاج دېگەنلىك، ئۇنىڭدا پەقەت شۇ مىزاج باشقا مىزاجدىن ئۈستۈن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر گىزمۇ ئۇنىڭدا باشقا مىزاجلار مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلىك بولمايدۇ.

ئوخشاش يېمەكلىكنىڭ ئوخشىمىغان ئادەمگە تەبىئەت جەھەتتىن(ماددىي تەسىرىنىڭ پەرقى ھەققىدە ئايرىم توختىلامىز) ئوخشىمىغان تەسىر بېرىشى، كالا سۈتىگە ئوخشاش مۆتىدىلگە يىقىن مىزاجلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. مۆتىدىلگە مايىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىق مىزاجلارغا ئىسسىقلىق، سوزۇق مىزاجلىقلارغا سوغۇقلۇق تەسىر بېرىشى ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ ئىسسىقلىققا سەزگۈر، سوغۇقجانلارنىڭ سوغۇقلۇققا سەزگۈرلۈكتىن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاشقازان ۋە بۆرەك مىزاجى سۇۋۇغان سوغۇقجان كىشىلەر كالا سۈتىنىڭ سوغۇق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ؛ جىگەر ۋە ئۈچەي مىزاجى ئىسسىپ كەتكەن ئىسسىقجان كىشىلەر، ئەكسىچە سۈتنىڭ ئىسسىق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      alimahun

      Mazi bizi ve suyduk yuli kisallikliri bilan ahrihanla uqun qu?

    • #2
      aminiya

      مەندە ئادەت قالايمىقان ھەم مىقتارىمۇ بەكلا ئاز 2كۇندىلا ساكىيىپ بولىمەن بۇيۇمدا يۇخ ۇيدىكىلەر ئالدىرتىپ كىتىۋاتىدۇ مەسلىخەت بەرسىڭىز

    • #3
      OBUl123

      ئەسالامۇئەلەيكۇم مرزات ئەپەندىم مڭنىڭ بىرسۇالىم بار،دىيىشكە خجىل بولىۋاتىمەن ،مەن25كە كىردىم تىخى توي قىلمىدىم ،مىنىڭ زەكىرىم قىسقا بولغاچقا توي قىلىشتىن ئەنسىرەيمەن،ناۋادا توي قىلىپ قالسام مۇشۇ سەۋەپلىك تۇرمۇشۇم بەخىتسىز بولۇپ قالامدۇ قانداق؟تىباباتتە زەكەرنى چوڭايتڭشنڭ داۋاسى بارمىدۇ؟
      مىنى جاۋاپسىز قويمىغايلا،ئاللاھ سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ تىنىمىزنى سالامەت قىلغاي ئاللاھ قا ئامانەت.

    • #4
      ADANALI

      ئەسىىىلاممۇئەلەيكۇم بېرزات ئەپەندى مىنڭ زەكىرىم تۇغما كىڭغر بۇ بالىلىق بۇلۇشقا تەسىر كورسىتەمدۇ يا؟؟

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...