ئۇيغۇر تېبابتىدىكى قۇۋۋەت دورىلىرىنى قانداق ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سىلىنىڭ مۇشۇ دورىللىرىنى قانداق مىقتاردا يېسە ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدۇ مەسىلەن ھەسەل، ماددىتىل ھايات …….دىگەندەك ، مەن ئادەتتە ھەسەلگە بەك ئامراق، شۇنداق بولغاچقا ئەگەر كۆپرەك يەپ سالسا سالامەتلىكىمگە تەسىر يىتىپ قالارمۇ، ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ دورىلارنى يىيىش مىقدارىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، ئەگەر مۇشۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسام ئەكىس تەسىرى يوقتۇ ھە ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

 ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى قۇۋۋەتلەش ھەم داۋالاش خاراكتىرىگە ئىگە دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا بىمار ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، بەدەننىڭ مىزاج ھالىتىگە قاراپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

 ماددىتىل ھايات- تەبئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ سوغۇقتىن بولغان بارلىق ساقسىزلىققا، قۇۋۋەتسىزلىككە ، جىنسىي ئاجىزلىققا ، بەل-پۇتنىڭ ئاغرىشى، ئېغىرلىشىشىغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. بۇ دورىنى ئادەتتە ھۆل-سوغۇق موھىتتا ئىشلەيدىغان، بەدىنىدە ھۆل سوغۇقلۇق ئىشىپ كەتكەن كىشىلەر كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئومۇمىي بەدەن ھارارىتىنى ياخشى قىلىپ بۆرەك ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، سوغۇقتىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەردىن ئومومىي بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

 ئەگەر مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولغان كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا باش ئاغرىش دېگەندەك ئەكىس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مومكىن.

 

ھەسەلنى كۆپ ئىستىمال قىلسىلىرى زېيىنى يوق. 15 كۈن ئەتراپىدا بىرەر كىلو ھەسەل ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق. ھەر خىل ئوزۇقلۇق ۋىتامىن ۋە مىنىرال ماددىلارنى تولۇقلاشقا ياردەم بىرىدۇ.ئىشەنچلىك ساپ ھەسەل ئىستىمال قىلىش ئادىتىنى يېتۈلدۈرگەندە تېرىنى سۈزۈك، نۇرلۇق قىلىدۇ. بەدەننىڭ ئېممۇنىت ئىقتىدارى كۈچەيتىدۇ. جىگەر، ئۈچەيلەردىكى زەھەرلەرنى تازىلايدۇ. قان -تومۇرلارنى ئاسرايدۇ. ئاشقازان، بۆرەك، ئۆپكە دېگەندەك رەئقس ئەزالىرىدىكى ئاجىزلىقنى تۈگىتىدۇ. ھەسەل ئىستىمال قىلغاندا ھەسەل ھەرىسى بېقىلىدىغان چېچەك تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاللاپ ئىستىمال قىلىنسا ھەسەلنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئوبدان كۆرەلەيدۇ.

مەسىلەن: ئاشقازان، بۆرەك، بالياتقۇ سوۋۇپ كەتكەن سوغۇق مىزاج كىشىلەر جىگدە چېچەك ھەسىلى ئىستىمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشىراق.

سوزۇلما خاراكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇقى ۋە شۇ سەۋەبتىن بولغان مەنىي تىز كېتىش، روھىي كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق، ئۇيقۇسىزلىق، چاچقۇنلىق، ئادەت قالايمىقان بولۇش، قەنت كېسىلى، ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك – مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ئوزۇقلۇق -قۇۋۋەتلەرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى، سۈمۈرلىشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللاردا دورىلىق چېچەك ئالىي ھەسىلى ئوبدان ئۈنۈم قىلىدۇ. بۇ ھەسەل مەخسۇس ھەر خىل جۇڭيى تېبابىتى قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ ئۆستۈردىغان مەيداندا ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ يېغىۋىلىنغان. ھەسەللەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى 80خالتا دۇكىنىمىزدىكى ھەسەل ئىلانىنى چىكىپ كۆرۈۋالغايسىز: www.80halta.com/article/174.htm

80خالتا


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      sergerdan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟

      ئۆزلىرىدىن بىر مەسلىھەت سۇراي دىگەن ، بەزىدە يۈرىكىم تىز -تىز سېلىپ كىتىدۇ ،ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولىمەن، بەزىدە كۆكرەك ئەتراپىم قىزىپ يۈرىكىم تىز سالغاندەك ھىس قىلىمەن .دوختۇردا تەكشۈتسەم بىچاۋدا تەكشۈرۈپ يۈرەك ناھايىتى ئىسسپ كىتىپتۇ ھەرىكەت ئاستا ، باشقا مەسىلە يوق دىدى . مەن ئەنسىرەپ باش دوختۇرنى ئىزدىسەم سەن بۇرۇن نەپەس سىقىلىش كىسىلى (چىگويەن) ياكى تاجىسىمان يۈرەك قېتىش كىسىلى (冠心病) بولغانمۇ دەپ سورىدى .ياق دىسەم .يۈرىكىڭنىڭ سول تەرىپى سەل يوغىنىۋاپتۇ دەيدۇ . بىر تىۋىپقا كۈرۈنسەم يۈرەكنى ئىسسىق قاپلاپ كىتىپتۇ دەيدۇ . سوەوق بىرنەرسە يىسەم شۇنداق راھەت ھېس قىلىمەن ،كاۋاپ ،پولو دىگەندەك نەرسىلەرنى يىسەم يەنە بىئارام بولىمەن ،ئەرقى گۈل بىلەن ئەرقى سەندەل ئىستىمال قلسام ئۈنۈمىي ياخشى بولغان ،ئۇنىڭغا قۇشۇپ ئانار ،بىھى ،ئەبرىشىم شەربىتى ياخشى ئۈنۈم بەرگەندەك بولدى ، ھازىر قۇرسى خېمىرى سەندەل بىلەن داۋائى مىشكى مۆتىدىلنى ئىستىمال قىلسام ياخشىلىنىش بولدى .

      مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز

      ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن ،تىنىڭىزنى ساق ،ئائىلىڭىزنى تىنىچ -ئامان قىلسۇن

    • #2
      ظةبةيدذللا

      مىنىڭ بالامنىڭ داۋاملىق قىزىتىدىغان ئەھۋالى بار ،بۇنىڭغا قانداق دورا قىلسام بولىدۇ؟ مەسلەھەت بەر
      گەن بولساڭلار!!!

    • #3
      sergerdan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مىنىڭ مىجەزىم تازا ياخشى ئەمەس .سۇغۇق تەلەيمەن .بەدىنىم مۇزدەك .ھەم ئەۋرىتىممۇ سۇغۇق .جىنسى ئىختىدايىممۇ ياخشى ئەمەس ،مەن قانداق قىلسام بۇلار .ماڭا بىر تەكلىپ بەيگەن بولسىلا .
      مەن قانداق دورىلاينى يىسەم بۇلىدۇ

    • #4
      byHan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم:
      مەن مۇنداق بىر ھادىسە ئۈستىدە تەھلىل بىلەن يۈرگىلى كۆپ بولدى. ئۆزلىرىدىن مەسلەھەت سۇراشنى توغرا تاپتىم. مىنىڭ قىرىندىشم(ئاكام) ئۇزاق مەزگىل ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ھاراق خۇمار(ھاراقكەش)بۇلۇپ قالدى ۋە ھەممە تەرەپتىن(يۈز ئابرۇي، سالامەتلىك، رۇھى ساغلاملىق، ۋە ئىقتىساد) نۇرغۇن زىيان تارىتتى. ھازىر ئۇنى ھاراق ئىچىشتىن تۇسۇشقا ئامال تاپالمىدۇق. ئۆزىمۇ ھاراق تاشلاشقا خىلى تىرىشقان بولدى-يۇ لىكىن، بىرمەزگىل (بەزىدە بىرئىككى ئاي، بەزىدە بىر ئىككى ھەپتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىرەر يىل…) ئۆتكەندىن كىيىن يەنە ئىچىشكە بىرىلىپ كەتتى. ئاساسلىقى پىۋا ئىچىدۇ.
      ئاساسلىق ئەھۋالى: يېشى:45 ياش. ئىككى پەرزەنتى بار. ئائىلە ئىقىتسادى ھازىرچە ياخشى (باشقىلارغا مۇھتاج ئەمەس200مىڭغا كۇچى يىتىدۇ).
      مىزاجى: مىنىڭ ھىس قىلىشىمدا ھۆل سۇغۇق بولسا كىرەك(شۇنداق بولمىغاندىمۇ ئىچكەن پىۋىسى شۇنىڭغا ئۆزگەرتىپ بولدى)
      شەخسى دىئاگىنۇزۇم: ھاراق خۇمارلىق بەدەننىڭ ئىسپىرىتقا كۈنىشى ۋە ئىسپىرىتقا ئىھتىياج پەيدا قىلىشىدىن كىلىپ چىققان جىسمانىي كىسەل بۇلىشى مۇمكىن.
      غەيرى دىئاگۇنىزىم: ھاراق تەركىبىدىكى ئسىپرىت نىرۋا پائالىيىتىگە نۇرمالسىز كونتىرول يۈرگۈزگەن بۇلىىشى شۇ سەۋەپتىن رۇھى ياكى نىرۋا كىسەل ھادىسسى كۈرۈلگەن بۇلىشى مۇمكىن.
      ئىلتىماس: ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە ياكى غەرىپ تىبابىتىدە بولسۇن مۇشۇ ھالەتكە دىئاگۇنىز قۇيۇلغان ئەھۋال بارمۇ؟ ئۈنۈملۈك رىتىسىپى ياكى دااۋالاش ئۇسسۇلى بارمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن مۇھتاج. ناۋادا ئۆزلىرى ئىزدىنىپ بىقىشنى خالىسىلىرى بىز(بىر جەمەت ۋەئائلىسى) ئۈچۈن ئالاھىدە ياردەم قىلغان بۇلاتتىلە. ھەم ساۋاپىلىق خىزمەت قىغان بۇلاتتىلە. داۋالىنىش چىقىمى ھەرقاچان تەييار.
      ناۋادا ئىزدىنىپ بىقىشنى ھەم تەپسىلى پاراڭلىشىپ بىقىشنى خالىسىلىرى تىلفونىمنى بىرقىتىم سايرىتىۋەتسىلىرى مەن سىلىنى ئىزلەيمەن. دۇكانلىرىنى بىلىمەن.(بىر نەچچە رەت كىرگەن )
      مۇستەقىل تىما قىلىپ يېزىشنى بىلەلمەي ئىنكاس سۈپتىدە يوللدىم.
      تىلفون نومىرىم:13279868848

    • #5
      subhana

      مىنڭ يۇلدشىم ئەسلى زىقا كىسلى ئىدى .ئالدنقى يىلى ئۇرۇمچگە بىرىپ تەكشۇرۇسەك،ئوپكە تىبىركلوز كىسلى چىقىپ قالدى .بىر مەزگىل داۋالنىپ ،دورارنى .ئىلىپ قايتىپ كەلگەن خىلى ياخشى بۇلۇپ قالغان ،بۇ بىر مەزگىل بولدى يەنە يوتلىپ ،.ئورۇقلاپ كىتۋاتدۇ.بۇنىڭ ياخشى داۋاسى بارمدۇ ،پىكىر بەرسەڭلار . بىزنىڭ بالمىز بۇ يىل 6ياشقا كىردى .بۇ كىسەك باللارغا يۇقىپ قالارمۇ.

    • #6
      subhana

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ،دۇختۇر ياخشمۇسىز ؟سىزدن بىر مەسھلەت سۇراي دىگەن.
      مىنڭ يۇلدشىم ئەسلى زىىقا كىسلى ئىدى. بۇلتۇر ئۇرۇمچىگە بىرپ تەكشۇرۇتسەك ئوپكە تىبركلوز كسلمۇ چىقىپ قالدى.بىر مەزگىل داۋالنىپ، دۇرا ئىلپ قايتقان خىل ياخشى بۇلۇپ قالغان .بىر مەزگىل بولدى يەنە يوتلىپ ،ئۇرۇقلاپ كىتۋاتدۇ.بۇنىڭغا ئامال بارمدۇ ؟ مەسلھەت بەرسڭىز،ئاۋارە قىلدم.

    • #7
      ablimit0997

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى!مىنىڭ دادامنىڭ جاھىل خاراكتىرلىك تېرە كېسىلى بۇلۇپ (ئاق كېسەل) 20نەچچە يىل بولدى 10يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەردىن ئۇيغۇر تىبابەت دۇرلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ يىگەن ئىدى گەرچە كېسىلى تەلتۈكۈس ساقايمىغان بولسىمۇ لېكىن كېڭىيىپ كەتمگەن ئىدى،يېقىندىن بۇيان ئاق كېسەلنىڭ دائىرسى كېڭىيىشكە باشلىدى.بۇ كېسەلنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە تەلتۈكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بۇلامدۇ؟ساقايتقىلى بولسا بۇنداق دۇرۇلار سىلەرنىڭ دۇكاندا بارمۇ؟

    • #8
      adil0997

      ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ، ياخشىمۇ سىز ؟ مۇنداق بىر ئىش توغرىسىدا سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم : بەدەننىڭ مەلۇم قىسىمى تۇيۇقسىز كۆكىرىپ قېلىش بىرەر كىسەللىكنىڭ بىشارىتىمۇ ؟ مىنىڭ يۇتام تەخمىنەن 10 كۈننىڭ ئالدىدا تەڭگە پۇل چوڭلىقىدا كۆكىرىپ قالدى ، باسسا ئاغىرىيدۇ ، بىرەر ھەپتىدىن كىيىن ئاستا – ئاستا يۇقىلىپ كەتتى ، ئارقىدىن يەنە بىر يۇتام كۆكىرىپ قالدى ، بۇ بىرەر كىسەللىكنىڭ ئالامىتىمىدۇ ؟ ناۋادا شۇنداق بۇلسا داۋاسى بارمۇ ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    • #9
      قصرصنداش

      ظةسسالامذ-ظةلةيكذم! مةن بصريصل ظاؤؤال ‹ظانانصزصم› توغرصسصدصكص ياخشص سأزلةرنص كأرگةنتصم. إة ظاللانصث ظصلتصپصاتصص بصلةن ظذ ظصشنص توختاتتصم . يصقصندا توي قصلماقچص ظصدصم بصراق ‹ظانانصزصم› سةإةپلصك بولسا كصرةك زةكصرصم بةك كصچصك بصلصنصدذ…….. تويدصن ظةندصشة قصلصدصغان بولؤپ قالدصم ……. ظاللا مةندصن ظذ ظصشنص كأتؤرإةتتص مصث-مصث شذكرصلةر ظيتصمةن! إة سصلصگة ظاللا ظصگةم كأپ رةخمةت ظاتا قصلسذن! يةنة شذنداق خصجصللصق بصلةن بصر ‹زةكةرنص› ظةسلصگة كةلتؤردصغان ‹چوثايتصدصغان› دورا بولسا ظصشلصتصپ غةمدصن خالاس بولؤپ بةخصتلصك ظاظصلة قذرؤإالسام ؟ شؤنداق دورا بولذپ قالسا مةن سصلصنص ظأزذم ظصزدصسةم بولاتتص!!!!!!!!

    • #10
      tatlik2

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىر زات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟
      بەدىنىدە زىيادە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن توي قىلمىغان قىزلار قۇمغا كۆمۈلگەندە بەل تەرەپنى كۆمسە بولامدۇ؟ ھۆللۈك ئېشىپ كىتىش سەۋەبلىك كىلىپ چىققان بۆرەك ئاجىزلاشنى ، ۋە ھۆللۈك ئېشىپ كىتىش سەۋەبلىك كىلىپ چىقىدىغان باشقا كىسەللىكلەرنى قانداق داۋالاش مۇمكىن؟
      رەخمەت ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

    • #11
      مەۋلان

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم:
      ئوغلۇم بۇ يىل 7ياشقا كىردى.ئادەتتە جىسمانى ھەم روھى جەھەتتىن ھىچقانداق كىسىلى يوق.باللار باغچىسىدا ئىزچىل نەتىجىسى ياخشى بۇلۇپ كەلدى.رەسىم سىزىش،ئۇسۇل ئويناش،تىلىۋۇزۇر كۈرۈشكە بەك ئامراق.لىكىن ئۇسۇل ئوينىغاندا ياكى بەزىدە گەپ قىلغاندا قىز بالىغا ئوخشاش ھەركەتلەرنى قىلىدۇ.ئادەتتىمۇ قىز باللار بىلەن بىللە ئويناشقا ھەمدە قىزلارنىڭ رەسىمىنى سىزىشقا ئامراق.كىچىك ۋاقتىدا بىزنىڭ بىنادا پەقەت ئىككىلا ئۇغۇل قىزلار كۆپ بۇلۇپ دائىم بىرگە ئوينايتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىم بەك ئالراش بولغاچ تولىراق ئانىسى بىلەن بىللە بۇلاتتى.مەنمۇ بۇ ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بولمەپتىمەن.ئوغلۇمدىكى بۇ ئىشلارنى قانداق قلسام تۈزۈتەلەيمەن.ئۇ ئاشۇنداق غەيرى مىجەزلىك بۇلۇپ قالارمۇ؟بۇنىڭ قانداق داۋاسى بار؟

    • #12
      bimarman

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟

      مىنىڭ ئاغزىم بەك بۇرايدۇ ئادەتتە چىشىمنى چوتكىلىپ1سائەت بۇلا بولمايلان يەنە پۇراپ كىتىدۇ كۈندە 3-4قېتىم چوتكىلايمەن ،يەنە تېخى ئاغزىمنىڭ ئىچىگە چېچىرقان(چورىسى ئاق ئوتتىرى ئاق نەرسە) بەك تولاچىقىدۇ مۇشىنىڭغا بىر ئامال بارمىدۇ بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىلابۇپتىكەن. رەھمەت

    • #13
      NURSIMA

      مىنىڭ ئاغزىم بەك بۇرايدۇ ئادەتتە چىشىمنى چوتكىلاپ1سائەت بۇلا بولمايلا يەنە پۇراپ كىتىدۇ ،مۇشىنىڭغا بىر ئامال بارمىدۇ مەسلەھەت بەرگەن بولسىلابۇپتىكەن،

    • #14
      zohra1

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟

      مەن بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم.توي قىلغىلى 4 يىل بولدى.مەندە تۇنجى بالامنى تۇغقاندىن تارتىپ جىنسىي ھىسيات بارا-بارا سۇسلاپ كەتتى. بەزى ئىسسىغلىق دورىلارنى يىگەنتىم بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتتى.مەن بالىنىڭ چوڭى بولغاچقا ئىسسىغلىق دورىلار خىل كەلمەيدىكەن.شۇڭا قانداق قىلسام بۇلا؟ماڭا مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر يول كورسەتكەن بولسىڭىز.
      ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن ،تىنىڭىزنى ساق ،ئائىلىڭىزنى تىنىچ -ئامان قىلسۇن

    • #15
      zohra1

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟

      مەن سىز دىن يەنە بىر ئش توغرىلىق مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم. مەن بالامنى ئەمچەكتىن ئارىغاندىن كىيىن مىنىڭ كۆكسۈم كىچىكلەپلا كەتتى. دوختۇر دورىسى ئىشلىتىپ باقاي دىگەن لىكىن يولدۇشۇم خەتىرى بار دەپ ئىشلەتكىلى قويمىدى.شۇڭا خەتىرى يوق ئۈنۈمى تىز كۆرۈلىدىغان تىببىي دورىلاردىن بارمىدۇ؟ ياكى باشقا ئۈنۈملۈك چارە بارمىدۇ؟ئۈنۈمى قانچە تىز كۈرەلسە شۇنچە ياخشىدى.ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.يولدۇشۇمنىڭ ئالدىدا بەك ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدىم.

    • #16
      bilmas

      سۇ چىچەك (ئاقىنام) نىڭ داۋاسى بارمۇ ؟
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
      2ھەپتىدىن بىرى 6 ئايلىق قىزىمنى بەدىنىگە سۇ چىچەك چىقىپ بەدىنىنىڭ ھەممە يىرىگە تاراپ كەتتى .ئۇنىڭ شەكلى – چوڭلىرى قۇناقتەك كىلىدۇ ، كىچىكلىرى بىر نەرسە رىئاكىسيە قىلىغاندەك قۇرساق ۋە دۇمبە قىسملىرىغا قۇمدەك چىقىپ كەتتى . ئۇ جاي بەك قىچىشسا كىرەك ، كىيىملىرنى سالدۇرۇپ بولغىچە قىزىم توختىماي قاشلاشقا ئۇرۇندۇ ، ئەمما بىز قۇلىدىن تۇتىۋالىمىز .
      ناھيىلىك دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارساق ،ئۇيەردىكى دوختۇرلار بىزدىن سۇراۋاتىدۇ « نىمىدۇ بۇ ؟ » دەپ . مىللى شىپاخانىغا ئىلىپ بارساق ، ئۇلار« سۇ چىچەك (ئاقنام ) ئىكەن ، ئاشى لوۋىي نىڭ سىقمىقىنى سۈركەڭلار» دەپ شۇ سىقماقنىلا بەردى . ئۇنى سۇركىسەكمۇ ئازراق پايدىسى بولغاندەك ئەمەس .
      شۇنىڭ بىلەن پىشقەدەم دوختۇرلارنى ئىزلىسەك ئۇلار بىرنەچچە دۇرا بىلەن سىقماقنى ئارلاشتۇرۇپ قىپقىزىل رەڭلىك بىر دۇرا ياساپ بەردى ، ئۇنىڭمۇ ئۇنىمى بولمىدى .
      بەزىلەر يود سۆركەۋىرىڭلار دىدى شۇنىڭ بىلەن يود ئىشلەتتۇق . ئەمما ياخشلىنش يوق . بەدىندىن پۇتىلىرىغا ۋە يۇزىلىرىگە تارقاي دەۋاتىدۇ .
      شۇنىڭدىن بىرى قىزىمنى يۇيۇندۇرۇشتىنمۇ ئەنسىرىدۇق ، كيىملىرىنى كۇندە بىر يەڭگۇشلەپ شۇ يودىنى سۇرۇپ ئىچىمىزنى ئىچىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز .
      شۇڭا سىلەردىن ئۇتۇنۇپ سۇرايدىغىنم بۇ كىسەلنىڭ ئۇنۇملۇك داۋالاش ئۇسۇلى بارمىدۇ ؟
      قانداق قىلىسام قىزىمنى بۇ كىسەلنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالايمەن .
      جاۋابىڭلارنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۇتىمەن .

    • #17
      alqondi

      ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز . مەندە ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغىغى بايقالغىلى 5يىل بولغان . دەسلەپتە دوختۇرخانىدا ئاشقازان ئەينىكى بىلەن تەكشۈرتكەندە ئاشقازان يارىسى دەپ چىقارغان . ھەمدە ئىزچىل دورا قىلىپ خېلى ياخشىلىنىش بولۇپ ئاغرىمايدىغان بولغان ئىدى . ئامما يېقىندىن بۇيان ئەتتىگەندە ئۇيخانغاندا ئومومەن قورسىقىم ئاشقاندا گېلىم ئاچچىق بولۇۇدىغان بوپ قالدى ، بەزىدە تاماقنى سىڭدۈرەلمەي ئازراق يېنىپمۇ كېتىدۇ . لېكىن ئاشقازىنىم ئاغرىمايدۇ . بۇنىڭغا بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز رەھمەت ! مەن ھازىر گۇاڭجۇدا تۇرىۋاتىمەن ئاساسلىق گۆرۈچ تاماقنى كۆپرەك يەيمەن .

    • #18
      كولتىكىن

      ياخشىمۇسىز مەن يىكىن دىن بۇ يان كو ڭلۇم ئىلىشىدىۈان كۇسكۇم كىلىدىۈان بوپ قالدىم ، پۇت قولدا جان يوق ،ئاشقازىنىمدىن چاتاق چىققاندەك .تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز . رەھمەت

    • #19
      dlxat

      ظةسسالامذ-ظةلةيكذم! مةن بصريصل ظاؤؤال ‹ظانانصزصم› توغرصسصدصكص ياخشص سأزلةرنص كأرگةنتصم. إة ظاللانصث ظصلتصپصاتصص بصلةن ظذ ظصشنص توختاتتصم . يصقصندا توي قصلماقچص ظصدصم بصراق ‹ظانانصزصم› سةإةپلصك بولسا كصرةك زةكصرصم بةك كصچصك بصلصنصدذ…….. تويدصن ظةندصشة قصلصدصغان بولؤپ قالدصم ……. ظاللا مةندصن ظذ ظصشنص كأتؤرإةتتص مصث-مصث شذكرصلةر ظيتصمةن! إة سصلصگة ظاللا ظصگةم كأپ رةخمةت ظاتا قصلسذن! يةنة شذنداق خصجصللصق بصلةن بصر ‹زةكةرنص› ظةسلصگة كةلتؤردصغان ‹چوثايتصدصغان› دورا بولسا ظصشلصتصپ غةمدصن خالاس بولؤپ بةخصتلصك ظاظصلة قذرؤإالسام ؟ شؤنداق دورا بولذپ قالسا مةن سصلصنص ظأزذم ظصزدصسةم بولاتتص!!!!!!!!

    • #20
      xamal625

      دادامنىڭ دىئابت كىسىلىگە گىرىپتار بولغىلى 8يىل،يوقىرى قان بېسىم كىسىلىگە گىرىپتار بولغىلى 6 يىل بولغان ئىدى.ئىلگىرى بۇ كىسەللەرگە قارىتا ئىزچىل دورا يەپ كەلگەن.بۇلتۇر كۈزدىن باشلاپ تاماق ھەزىم قىلىشى ئانچە ياخشى بولماي ،دوختورغا كۆرسەتسەك، CT قاتارلىق تەكشۈرۈش ئاپاراتلىرىدا تەكشۈرۈپ،ئاشقازان ھەرىكىتى ئاستىلاپ كېتىپتۇ دەپ دىئاگونىز قويغان.ئاشقازاننى كۆزىتىش ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشكە دادام پەقەت قوشۇلمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل داۋالاتساق خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغان ئىدى.دىئابت كىسىلىگە قارىتا دورا يېيىشنى توختۇتۇپ ،ئىنسولىن ئۇرغۇزغان ئىدۇق.بۇ قېتىم كۆكرەك ياللۇغى،ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق كىسەللەر بىلەن شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرىستى قارىمىقىدىكى 1-دوختورخانىدا داۋالاتقان.CT قاتارلىق بارلىق تەكشۈرۈش ئاپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىدە تەكشۈرۈرۈپ ئاشقازاندا ئۆسمە بۇلىشى مۇمكىن دەپ دىئاگونىز قويدى،ھەمدە ئاشقازان تەكشۈرۈش ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشكە بۇيرىدى،ئاخىرى دادامغا نەسىھەت قىلىپ يۈرۈپ تەكشۈرتۈشكە ئۇناتتۇق.تەكشۈرۈشتە ئاشقازان ئىچىدىكى ئازراق قاناش ئەھۋالى كۆرۈلگەن تۆت ئۇرۇندىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى.تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بۇلىشى مۇمكىن دەپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىين ،دادامغا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيىتماي،ئاشقازاندىكى يارا چوڭكەن،يارا بولغان قىسىمنى ئېلىۋەتمىسە بولمايدىكەن دەپ ئۇقتۇرۇپ ئۇنى ئوپراتسىيسە قىلىشقا ئۇناتتۇق.لىكىن ئوپراتسىيە جەريانىدا ئۆسمىنىڭ دائىرىسى چوڭ چىقىپ قالغانلىقتىن پۈتۈن ئاشقازاننى ۋە ئۆتنى ئېلىۋىتىشكە توغراكەلدى.ئۆسمىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راكنىڭ 3-باسقۇچى،ياللۇغ خاراكتىرلىق ئۆسمە دەپ چىقتى.بۇنىڭغا قارىتا چۇقۇم ئوپراتسىيەدىن كىيىن ئاز دىگەندە ئالتە باسقۇچلۇق خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بارمىسا بولمايدىكەن.بولمىسا قايتا قوزغىلىش نىسپىتى يوقىرى دەيدۇ . ئاڭلىشىمىزچە خىمىيەلىك داۋالاشتا بىمارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ ،بەك ئاغرىتارمىش.بەزىلەر بىر-ئېككى باسقۇچ داۋالىنىپلا ئاغرىققا چىدىماي توختۇتۇپ قويارمىش. دادام بۇ يىل 63 ياشتا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يوقىرىدا دىگەندەك باشقا كىسەللىرىمۇبار،زادى خىمىيەلىك داۋالىتىش كىرەكمۇ ياكى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاتسىمۇ ئۈنىمى بۇلامدۇ ؟بۇنى پەقەت بىلەلمىدۇق.
      مەسلىھەت كۆرسىتىشىڭىزنى ئۆتىنىمىز.

    • #21
      mmm

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
      سىزدىن بىر سوئال سورسام جاۋابى چىقمىدى . مەن پەقەت دوختۇرغىلا ئېيتقىلى بولىدىغان سەۋەپلەر بىلەن ، ئۇزۇن مۇددەت پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىمنى چەكلىۋەتمەكچى ئىدىم ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇنىڭغا دورا بارمۇ مەن 35ياش

    • #22
      taxqi410

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ياخشمۇسىز سىلدىن سورايدىغان بىر سۇئالىم بارئىدى .
      مىنىڭ كۆرۇش قۇۋىتىم بەكلا تۇۋەنلەپ كەتتى،بەزى چاغلاردا كۆزنىڭ ئىچىگە سالىدىغان يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىۋاتامەن،ئزۇزۇن مۇددەت تاقىسام قانچىلىك كۆزگە زىيىنى بولىدۇ؟ مۇنتىزىم كۆز كىسەللەك دوختۇرغانىسىدن ئالغان ،ياردەم قالغان بولسىڭىز،،،،رەھمەت،

    • #23
      qarak18

      ئەسلامۇ ئەلەيكۇم . بىرزات ئەپەندى . مەن بۇيىل21ياشقاكىردىم مەن توي قىلغىلى 5 ئاي بولدى . ئايالىم بىلەن بىريەرگە كىلش بىلەنلا مەندىن مەنىى ئەمەس لىكىن بىرخىل سۈيۈقلۇق ئازمقداردا چىقىپ كىتىدۇ . بۇ سىلنىڭ چە نورمال مۇ ياكى مەن دە بىرەر كىسەلىك ئالامتىمۇ ئەگەر شۇنداق بولسا ئىغىر كۆرمەي ماڭا بۇتوغۇرلۇق مەسلھەت بىرشلىرنى ئۈمۈت قىلمەن . رەخمەت

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...