1 . ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە جىنسىي قۇشۇلۇشنى ئادا قىلىشتا ئەر _ خوتۇنلارنىڭ بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئىشلىرىنى مۇكەممەل بىلىش ۋە تۇلۇق ئىگىلەش ئىنتايىن زۈرۈر .
ــــــــــــ خەلىپە ئۆمەر
2 . بارلىق ھاياتلىق مەسىلىلىرى ئىچىدە ھاياتلىقنى مەڭگۈ ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرىكەت ۋە جەريانلارنى بىلىشتەك مۇھىم ئىش بولمىسا كىرەك .
ــــــــــــ كارمىل موكلېر
3 . ئەگەر بىر ئەركەك نىكاھ ئىشىغا ئۆز خىزمىتىگە قاراتقان زىھنىي كۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىنىلا سەرپ قىلسا ، ئۇنداقتا نۇرغۇن ئائىلىلەر بەختلىك ئائىلە بولغان بولاتتى .
ــــــــــــ روبېرت خاس
5. ئۇ مۇھەببىتىمدە ھەرگىز شەھۋەت يوق ، دەپ تۇرۇۋەرسە ، مەڭگۈ شەھۋەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ .
ـــــــــ << قىشتىكى چۆچەك >>
6. ئەڭ مۇھىمى كۈيۈنۈش ۋە ھالىغا يىتىش ، جىنسىي ھەۋەس بىر شاش ئات . ئۇنى باشقۇرۇشنى بىلىشىڭ كىرەك . ئاللاھ ساڭا ئالىيجاناپ ، كەڭ كۆڭۈل – كۆكسى ئاتا قىلغان بولسا ، بۈگۈن ئەپلەشتۈرەلمىسەڭ ئەتە قىل ياكى ئۆگۈن قىل .
ــــــ خەلىپە ئۆمەر
7 شەھۋەت جىنايەت ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە . ئۇ ھاياتلىققا بولغان تىۋىنىش ، ئۇ خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلغان سوۋغىتى ، ئۇ خۇددى باھار ۋە يازنىڭ غۇر – غۇر شامىلى . بىز ناھايىتى سەگەك كۆڭۈل بىلەن ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭدىن لەززەت ئېلىشىمىز كىرەك . پىشىپ يىتىلگەن بارلىق ساغلام ئەر – ئاياللار ئۇنىڭغا تەشنا ۋە مۇھتاج .
ــــ گۇستاۋ فېرىنسون
8 . ئىشق ئوتىنىڭ بالاسىدىن توي قىلمىغۇچە قۇتۇلغىلى بولماس .
<<<................مەكتۇبلىرى >>>
9 . جانلىق پىكىر قىلالايدىغان ، خارەكتىرى مۇلايىم ئاياللار ئۆزىنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى قانداق قىلغاندا ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . ئالايلۇق ، ئۇلار ئۆزىنى چۈشىنىدۇ ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ ، كەمچىلىكىنىمۇ چۈشىنىدۇ . بۇ ناھايىتى قەدىرلىنىشكە تىگىشلىك ئىش ، شۇنداقلا ئاسان قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس .
ـــــــ جولس خولد
10 . ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە سەل قارايدىغان ئەھۋال ئەرلەردە شۇ قەدەر ئۇمۇميۈزلۈككى ، بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بىر تۇرۇپ ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ .
ـــــ كارمېل موكرا
11. بۇ بىر مۇكەممەل داستان . ئاۋۋال ئۇنىڭدا بىر خىل ئارزۇ – ئىستەك ئويغىتىشىڭ ، ئاندىن ئۇنى ئاسرىشىڭ ، پەرۋىش قىلىشىڭ ، ئۇنى ئېچىلدۇرۇشۇڭ ، غىدىقلىشىڭ ، ئاخىرى ئۇنى قانائەتلەندۈرۈشۈڭ كىرەك .
ــــــــــ بالزاك
12 . پەقەت نىكاھ ئارقىلىقلا ئاياللار ئەرلەرنىڭ ياردىمىدە مۇكەممەللىشىدۇ ۋە تولىدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ مۇكەممەللىكى ئەرلەر بىلەن ئايالارنىڭ قۇشۇلىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن .
ـــــــ خىپېر
13 . كۆڭۈل خوش قىل ، مۇكەممەل قىل .
ــــــــــ سىپېنوسا
14 . پاك ، لاتاپەتلىك ئايال ھەم ئۆز نۆۋىتىدە جىنسىي ھاياجىنى ئۇرغۇپ تۇرغان ئايال بولالايدۇ .
ــــــــــ بالزاك
15 . مۇھەببەت داۋامىدا خۇشاللىق كۈيىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر نازۇك تەرىپىنى چۇقۇم ھوشيارلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىش كىرەك ، ئاندىن ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ ، ئۇنى ئۆزگىچە پەرقلىق شەكىل بىلەن ئىپادە قىلىش كىرەك . بۇ پۈتۈنلەي ئەرنىڭ ھۈنىرىگە باغلىق .
ئەگەر ئەر -ئاياللار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت بولمىسا ، بۇ ھۈنەرمۇ ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ . لىكىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ئېرىتىش ، ئەيلەش ھەرگىز ئەخلاقسىز ، شاللاق ھەركەت بولماسلىق كىرەك .
ـــــــ بالزاك .
16. بەختلىك نىكاھ ئۆز – ئارا كۈيۈشكەنلەرنىڭ .
ــــ سىتار خانىم
17 . نىكاھ دىگەن نىمە ؟ ئۇ ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەخسەت ، ھەركەت ۋە تەجرىبىدىن ئىبارەت . نىكاھتىكى ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك خوتۇن كىشىنىڭ تارتىدىغان جاپاسى ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ مەڭ
گۈ قانائەت تاپمايدىغان ئارمان ئىچىدە ياشىشى . ئاخىرىدا ئىرىنىڭ زېرىكىشى تۈپەيلى تۇرمۇشتا ىۇددى تۇل خۇتۇندەك غېرىپسىنىپ قېلىشى .
ئېرىنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىدىغان زادى نىمىدۇ ھە ؟
ئۇلارغا دەسلەپكى بىرىككەن كۈنلەرگە يېڭىۋاشتىن قايتىش نىسىپ بولسا بۇ شۇ چاغدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقنى تەڭ تارتىشقان بولماسمىدى ؟ ! ئۇ شۇنداق قىلاتتى ، پۈتۈنلەي ئۆزىنى كۆزلىگەن ھالدا ئېرىنىڭ دەردىنى ، غەم – ئەندىشىسىنى تەڭ تارتىشىپ بىرەتتى ، ئارمىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولاتتى ، مۇشۇ ئارقىلىق يۈرىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئېرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولاتتى . ئەگەر ئىككىسىنىڭ دەردى ئورتاق ، ئازابىمۇ ئورتاق بولسا ، شۇ ئېغىرچىلىقلارمۇ بىر – بىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆتۈپ كەتمەسمىدى !؟ ئورتاق دەرد- ئەلەم ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشىدىكەن . دەرد – ئەلەمنى تەڭ تارتىشمۇ مۇھەببەتنىڭ يەنە يېڭىدىن تۇغۇلۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن .
ــــ جۇلس مېشلېر
18 . ئايال ھامان ئېرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ، ئەر ئايالنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ .
ـــــــــــــ بالزاك
19 . مۇھەببەتتە ئىسسىق ئەمەس ، سۇغۇق ئەمەس ، ھالال ئەمەس ، ھارام ئەمەس بولىۋېلىشقا ئورۇن يوق . ئەر ئايالىنى ھۈكۈمرانلىق تۇيغۇسى بىلەن قۇچاقلىماسلىقى كىرەك ؛ ئۇنداق قىلسا ، ھەرگىزمۇ ئايالىنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە نائىل بولالمايدۇ . پەقەت ئۇنىڭ بىزار بولۇشىنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاياللاردا بىزارلىق ئۇلىنىپلا كىلىدىغان نەرسە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
ــــ مىچېلېد
20 . زېمىندىكى ھايۋانات ،
ئاسماندىكى قۇش_قانات ،
دېڭىزدىكى بېلىقلار ،
جاھاندىكى مەخلۇقات ،
جۈپتى بىلەن ئۆز -ئارا
بولۇشاركەن قول _ قانات .
نە ئۈچۈنكى بىر مەنلا
يارالغانمەن يالغۇزلا .
نە جۈپتۈم يوق ، نە خوشلۇق ،
نە قىلاي مەن ، ئەي ئاللاھ!
__ ياكوپ كېتىس
پايدىلانغان كىتاب ‹‹نىكاھ ۋە جىنسىي تۇرمۇش››