نىكاھ بوسۇغۇسىدىكى قىزلارنىڭ بەزىبىر سۇئاللىرى

2032690590_11716678_embarrassed_woman_xlarge
سۇئال:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سىلەرنىڭ 80خالتا تىبابەت تورىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم، مەن سىزدىن بىر سۇئال سوراي دىگەن ئىدىم ، مۇمكىن بولسا جاۋاپسىز قالدۇرمىغان بولسىڭىز ، سىزدىن كۆپ تەشەككۇر بولار ئىدىم، مەن مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە توي قىلماقچى ئىدىم ، بىز توي خېتىنىمۇ ئېلىپ بولغان ئىدۇق، يىگىتىم مەندىن بىرگە بۇلۇشنى ئۆتۈنۈپ كېتىپ بارىدۇ ، مەن قارىشلىق قىلسام ئارىمىزدا سەل سوغاقچىلىق پەيدا بۇلۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، يەنە بىرسى مىنىڭ توي قىلىپ بىر نەچچە ئايغىچە بالىلىق بولغۇم يوق ئىدى،قانداق قىلسام بولىدۇ ، ( بىر قېتىم بالنىستا يېتىپ قالغاندا دوختۇر مىنىڭ بالياتقۇمنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى، تۇغۇت چەكلەش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسەم كىيىن بالىلىق بۇلۇشقا تەسىر يىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى ) ، باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۇكۇل ئۇردۇسا تەسىرى ياخشى دەيدۇ ، مەن قانداق قىلسام بۇلار ؟ سۇئاللىرىم بەك قالايمىقان بۇلۇپ كەتتى ، شۇنداق بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا .

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىلەرنىڭ توي خېتى ئېلىپ بولغانلىقىڭلارنىڭ ئۆزى ھالال نىكاھلانغان ھىساپلانمايدۇ. توي خېتى سىزنىڭ ئۇ كىشى بىلەن توي قىلغانلىقىڭىزنىڭ قانۇنى ئاساسى بولغان بولسا نىكاھلىنىش بىزنىڭ 1000 يىللاردىن بېرىقى دىنى ئىتىقادىمىز، ئۆرپ _ئادىتىمىزدۇر. نىكاھلانماي تۇرۇپ ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىمەن ؟ نىمە قىلىمەن؟ دەپ ئۇرۇۋاتقان ئاھ زارلىرى كۆز ئالدىمىزدا كەڭرى تۇرۇپتۇ. شۇڭا يەنىلا تەكىتلەيدىغىنىمىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ! ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىزنى تاكى شۇ توي كىچىسىگىچە قەدىرلەپ، ئاۋايلاپ ساقلاڭ! ئۇنىڭ ھەرقانداق ئۆتۈنىشىنى چىرايلىقچە ھەل قىلىڭ، مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ بىلەن توي كۈنىگىچە كۆپ ئۇچراشماڭ! ئۇنىڭ سىزگە نىسبەتەن شۇنداق قالايمىقان خىياللارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەڭ! ئەگەر ئۇ راسلا سىزنى قەدىرلىسە، سۆيسە شۇ كۈنگىچە سەبرى قىلىدۇ. 10 كۈن ئۇنچە كۆپ ۋاقىت ئەمەسقۇ؟ ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدرى بولمايدىغانلىقى ئېنىق! ھالال نىكاھلاپ ئالمىغان قىزنىڭ ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىشقا ھەرقانداق بىرسىنىڭ ھەققى يوق! گەرچە ئۇ سىزنىڭ توي قلماقچى بولغان توي خەت ئېلىپ بولغان كەلگۈسى ئىرىڭىز بولسىمۇ؟!
سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزنىڭ كىچىك ئىكەنلىكى ئېبىق ئايرىلغان بولسا مېنىڭچە بالىلىق بولالىشىڭىزمۇ ئانچە ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى كۆرۈش تازا ياخشى بولمايدۇ. ناۋادا ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا يەنىلا بۇ خىيالنى تاشلاڭ.

سۇئال:
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز !
مەن تولۇق ئورتىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى ماڭا ھەيىز كەلمىگىنى 5 ئايدەك بولۇپ قالدى بۇ قانداق ئەھۋالدۇ ؟ سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم باتتى بىز سىنىپتا دايىم توي كېچىسنىڭ گىپىنى قىلىپ ئولتۇرىمىز، بۇ نۇرمالمۇ؟ يا بىز بالدۇر يىتىلىپ كەتتىقمۇ ؟ توي كىچىسى شۇنداق قورقۇنۇشلۇقمۇ؟

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ھەيز تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبى خىلمۇ خىل بولىدۇ. ھەر خىل نېرۋا، روھىي ئامىللار، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق، جنسي يول پۈتەيلىك، بالياتقۇ مىزاجىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئىشىپ كېتىش، قان تومۇرلاردا توسۇلۇش، قان قويۇلۇش دېگەندەك. شۇڭا ھەيز تۇتۇلۇشنى داۋالىغاندا سەۋەبچى ئامىللارغا قارىتا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
17-18 ياشلارغا كىرگە قىزلار ئۈچۈن توي كېچىسىنىڭ پارىڭىنى قىلىش ئۇنچە بىنۇرمال ھادىسە دېگىلى بولمايدۇ. لىكىن سورۇنۇڭلاردا يولدىن چىققان چوڭ قىزلار بولسا بۇنداق پاراڭدىن يىراق تۇرغىنىڭىز ئەبزەل!
جىنسىيەت بىلىملىرىنى شۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلىۋالغاننىڭ كىيىنكى تۇرمۇشقا، ۋە سالامەتلىككە بولغان پايدىسى كۆپ.
توي كېچىسى قىزلار زىيادە قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمىسا ، مۇۋاپىق پەيتلەردە يولدىشىغا تولۇق ماسلاشسىلا قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى تويدىن بۇرۇن قىزلىق ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتۇر!

سۇئال:
دوختۇر ياخشىمۇ سىز؟ مەن تۇي قىلىش ئالدىدا تۇرمەن، مەن بەكلا ھىسياتچان، ئەگەر تۇي كېچىسى مەن يولدىشىمغا ماسلاشسام ئۇ خاتاچۇشۇنۇپ قالارمۇ؟
جاۋاب:
ھېسياتى كۈچلۈك بولۇش ئەيىپ ئىش ئەمەس. ئەكسىچە ئۇنى ئەدەپ، شەرمىي-ھايا بىلەن زىننەتلىگەندە ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىپ شۇ سەۋەبلىك نىكاھنىڭ تۇنجى كۈنى ئەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىشى مومكىن. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، يېگىتلەرنىڭ بېشىنى قاتۇردىغىنىمۇ قىزلارنىڭ توي كۈنى ئاخشىمى قېتىپ، بەزدەك تۇرۋىلىشىدۇر. تەشەببۇسكارلىق، تارتىنچاقلىق دېگەنلەرنى نۇرمال، ئۆز يولىدا ئىلىپ بارالىسىڭىزلا ئارتۇقچە ئەنسىرشىڭىز ھاجەتسىز!
سىزگە بەخىت تىلەيمەن!

سۇئال:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم. مەن مۇشۇ ئايدا توي قىلماقچى ئىدىم. سەل ئەنسىرەپ قالدىم. ئاپام ماڭا بۈگۈن چۈشۈنۈكسىز بىر ئىشنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. مەن پەقەتلا قۇبۇل قىلالمايۋاتىمەن…
ئاپامنىڭ دىيىشىچە مېنى جۈمە كۈنى توغۇپتىكەن. شۇڭا مېنى قىز چىقمايسەن. يولدىشىڭغا بۇ ئىشنى يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئەسكەرتىپ قوي دەيدۇ. مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم. شۇڭا قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى مۇشۇ تور ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلاي دەپ بۇ پىكىرنى يوللىدىم. سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم < جۈمە كۈنى توغۇلغان قىزلارنىڭ قىز چىقماسلىقى توغرىسىدا بۇلۇپ، سىزنىڭ ماڭا تەپشىلىي چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ پەقەتلا ئىلمى ئاساسى يوق خۇراپىي قاراش، خالاس. ئەگەر قىزلىق پەردە ئوبدان ئاسرالمىسا باشقا كۈنلىرى تۇغۇلغانلارمۇ توي كۈنىسى قىز چىقماي قالىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن سىزدىن بىر سوئال سورىماقچى ئىدىم!
مېنىڭ توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان يىگىتىم بېر ئىدى! ئۇ مېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ! مەنمۇ شۇ!
لېكىن يېقىندىن بېرى ئۇ ماڭا سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈم بار دەپ تۇرۋالدى! مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغىم بار! لېكىن ئۇ ئىش بولغاندىن كېيىن تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا زىيان يېتىشىدىن بەكلا قورقىمەن! سىزنىڭ ماڭا مەسلەھەت بېرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن!
رەخمەت!

جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدىر_ قىممىتى بولمايدۇ، ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى ھەققىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى .. چەككەن كۈلپەتلىرى … ۋە خىلمۇ خىل ئالدامچىلىقلار بىلەن توي كىچىسنى ئۆتكۈزۈپ جەمىيەتتە ئومۇميۈزلۈك قىز – ئاياللارنىڭ قەدىرسىز ، ئېتىبارسىز ھالەتكە قالدۇرۇپ قويغان مىساللار ئەتراپىمىزدا بەكمۇ كۆپ. شۇڭا سىزنىڭ يىنىكلىك بىلەن بۇ ئىشقا يول قويماسلىقىڭىزنى، ئوزىڭىزنى قەدىرلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئىپپەتلىك قىز _ ئاياللاردىن بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ئاتالمىش يىگىتىڭىزنىڭ ئۇ خىلدىكى تەلەپنى سىزگە قويۇشى ئەمەلىيەتتە سىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، قەدىرلىمىگەنلىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنى خورلىغانلىق دەپ قارايمەن. ھەرگىز يەڭگىللىك قىلماسسىز.
ئەي يىگىت ! ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قىز، سىز ئىپپىتىگە قول سۇنماقچى بولغان ئاشۇ قىز سىزنىڭ بىزنىڭ ئاچا سىڭلىمىز، ھەم كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانىسى.. كەلگۈسىنىڭ ئانىسىنى قەدىرلەڭ. قىزنىڭ ئىپپىتىگە قول سۇنۇشقا سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق!

________ مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...