مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
بۇ تېما ”80خالتا پاراڭلىرى (6)“ دېگەن تېمىنىڭ داۋامى بولۇپ بۇ تېمىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى مەزكۇر تېمىنى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قارا بېسىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم:
1.كۈچلۈك، ساغلام روھ يېتىلدۈرۈش؛ نۇرمال پىسخىكىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ساغلام پىكىرلىك، روھىي ئۈستۈن ئەل-ئاغىينىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ ئۆتۈش، ئەھلى ئىلىم، ھايات تەجىربىلىرى مول كىشىلەرنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش. بويتاق بولسا ھاياتقا قىزغىن، تېتىك، روھىي كۆتۈرەڭگۈ بىرەر قىز بىلەن بېشىنى ئوڭشىۋېلىش {:92:} كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇش، ساياھەت قىلىش، ھاياتنىڭ قىممىتىنى، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىش. ئادەم بالىسىنىڭ كائىناتتىكى بارچە جانلىقلاردىن ئۈستۈن، شەرەپلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش. «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ».
2.تۇرمۇش، ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى تەرتىپكە سېلىش. كەچلىرى ئىمكان بار يەڭگىل، سېڭىشلىق تاماقلىنىش. نېشە ياكى باشقا زەھەرلىك، خۇمار قىلغۇچى ناركوتىكلاردىن يىراق تۇرۇش. ئانانىزىم دېگەنگە ئوخشاش نېرۋا ئەسەبلەرنى ئاجىزلىتىپ تەشۋىش، قورقۇنچاقلىق پەيدا قىلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش، بەدەن، كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاش، پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بارماقلارنى ئۇۋۇلاپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى بار. يېتىش قىياپىتى جەھەتتە، ئەگەر ئادەتلىنەلىسە ئوڭدا ياتسا ياخشى، بولمىغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىپ روھىغا ئارام بىرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ ئۇخلاپ قالسا بولىدۇ.
3.ئەگەر يۇقۇرقىدەك چارىلەرنى كۆرۈپمۇ ياخشىلىنىش بولمىسا ياتاق ئورنىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. روھىڭىزغا ئوزۇق، ئىشەنچ، خاتىرجەملىك ئاتا قىلالايدۇ دەپ قارىغان سۆزلەرنى زىكىر قىلىپ ئوقۇپ بەرسىمۇ پىسخىكا نۇرمالسىزلىقى سەۋەبىدىن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولغان تولا قارا بېسىشلارغا ئۈنۈمى بولىشى مومكىن. ئۇندىن باشقا سىزنى قارا باستۇرۇپ پاراكەندە قىلىۋاتقان ئەھۋال قانداق سەۋەبلەر ياكى نەرسىلەر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنچىۋالا ئاجىز، بوزەك ئەمەسلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ! سۆزلىگەندە ئاۋازىڭىز ئىمكان بار تىترەپ چىقمىسۇن! سۆزلىرىڭىز بەك پاساھەتلىك چىقمىسىمۇ مەيلى، ئەمما كۈچلۈك ئۇرغۇ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ تولۇق ئىپادىسىنى تاپسۇن! ئىمكان بار چىڭ، ياڭراق ئاۋازدا روھىڭىزنى سىلكىگۈدەك كۈچلۈك سۆزلەڭ!
4.بۇ خىل ئەھۋالدا سىھرگەر، داخانلارغا بىرىپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئائىلە جەمەتىڭلاردىكى پاراسەتلىك، كۆرگەن-بىلگىنى كۆپرەك، داناراق كىشىلەرنىڭ مەسلەھىتىنى ئالغان ياخشى.
5. نېرۋىنى ياخشىلاش، بەدەن قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن ئۇستىقۇددۇس شەربىتى، ئەبرىشىم شەربىتى، رەيھان جەۋھىرى دېگەندەك قاننى جانلاندۇرۇپ يۈرەك، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، نۇرمالسىز سەۋدانى تازىلاپ خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى، روھقا قۇۋۋەت بەرگۈچى، ئارام بەرگۈچى دورا-دەرمەكلەرنى تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ مەسلەھىتى بويچە ئىستىمال قىلىپ بىرىش، زەپە، رەيھان، قىزىلگۈل، لاچىندانە دېگەندەك خۇرۇچلار بىلەن مۇناسىپ چاي تەڭشەپ ئىچىپ بىرىش كېرەك. تېۋىپ مۇۋاپىق كۆرسە لوڭقا قويۇش، مۇۋاپىق قان ئىلىشنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ.