80خالتا پاراڭلىرى (13)

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

ھەر قىتىم ناۋايخانىغا نان ئالغىلى بارغاندا تونۇردىن قومۇرۋاتقان قىززىق نانلارنى سۇلياۋ خالتىلارغا سىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ بىئارام بولۇپ قالىمەن، ئەسلىدە ناۋايلار سۇلياۋ خالتىنىڭ ئورنىغا پاكىز قەغەزگە ئوراپ بەرگەن بولسا ئوبدان بولاتتى. ناۋايلار ئۇنداق قىلالمىغاندىكىن ئىستىمالچىلار بولسىمۇ بىر چارىسىنى قىلسا- ئۆيدىن بۆز خالتا، داستخان، كىچىك سېۋەت دېگەندەك نان ئىلىشقا ئەپلىك نەرسىلەرنى ئالغاچ كەلسە ئوبدان بولاتتى دەپ كېتىمەن. مەنمۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزۈم ئويلىغان چارىلەرنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ بۇنىڭ ئىنتايىن تەخىرسىز بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ جىددىيلىشىپ قالىمەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامىرىكا تېببى جەمىيىتى «راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى» ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكىلاتىدا سۇلياۋ قاچا، سۇلياۋ خالتىلارنىڭ قىززىق تاماقلارنى ئالغاندىن كىيىن يەنى سۇلياۋ قىززىتىلسا راك پەيدا قىلغۇچى 52 خىل زەھەرلىك ماددا قويۇپ بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

بازاردىن نان، ئۆپكە-ھېسىپ، بېلىق، توخۇ، پاچاق ۋە باشقا قورۇما تاماقلارنى سۇلياۋ خالتىلارغا قاچىلاپ ئىلىپ مېڭىش ئىنتايىن بىر نۇرمال ئىشقا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە شۇ يېمەكلىك ساتقۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىشلەتكەن خۇرۇچلىرىنىڭ پاكىز، زىيانسىز بولىشى، تەمىنىڭ ئوبدانلىقى دېگەنلەرگە ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل بۆلەلىگەن بولساقمۇ سۇلياۋ خالتا، سۇلياۋ قاچىلارغا قىززىق تاماقلارنى ئالغاندىن كىيىنكى خەتىرى دىققىتىمىزنى تارتالمىدى.
نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا موھىت ئاسراش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دېگەندەك مەسىلىلەردە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بازارلاردا سۇلياۋ خالتىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە چەكلىمە قويىدىكەن، بۇندىن كىيىن سۇلياۋ خالتا ئىشلەتمەي لاتا سومكا ئالىدىكەنمىز دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرگەندە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولمىغاندەك ئىدى. يەنى سۇلياۋ خالتا قولاي تۇرسا ، نېمە دەپ چەكلەيدىغاندۇ دەيدىغان خاتا قاراشنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، موھىت بۇلغىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەر دۆلەت كۆڭۈل بۆلسىلا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئەمەلىيىتىمىزگە ئايلاندۇرىدىغان موھىم ئىشلاردىن ئىدى.

ئىلگىركى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئائىلىرىدە بۆز يېپتا توقۇلىدىغان تاغارلارغا ئاشلىقلارنى؛ قاپاقلارغا ئۆسۈملۈك ياغلىرىنى؛ كوزا، خۇمۇر، كۈبلەرگە ھەسەل، سۈت، قېتىق، سېرىق مايلارنى، ئىچىملىك سۇلىرىنى؛ سېۋەتلەردە ھەر خىل ھۆل-قۇرۇق مېۋىلەرنى قاچىلاپ، ساقلاپ ئىستىمال قىلىپ كەپتىكەن. تونۇرغا نان ياقسا ئاۋۋال داستخاننى ئىچىپ سىلىپ ناننى سەل سوۋۇتۇپ، نەملىكىنى قاچۇرغاندىن كىيىن ئاندىن دەستلەپ تىزىپ داستخانغا يۆگەپ ساقلاپ يەيتتى.

دۇكىنىمىزدىن ھەسەل، گۈلقەنت ئالىدىغان بەزى خىرىدارلىرىمىز ئۆيلىرىدىن سىرلىق كورا، ئەينەك قاچىلارنى ئىلىپ كىلىدىغانلار بار. بۇنداق خىرىدارلىرىمغا زوقىم كىلىدۇ. بەزى خىرىدارلىرىم ئەينەك قۇتىنىڭ پۇلىسى قىممەترەك بولسىمۇ شۇنىڭغا قاچىلاپ بەرسىلە دەيدىغانلار بار. يىراققىراق ئىلىپ كېتىدىغانلارغا ئامال يوق سۇلياۋ قۇتىلارغا ئىلىپ بىرىمىز، لىكىن ئۆيگە بارغاندا ئەينەك قاچا ياكى سىرلىق كورا، پۇلات قاچىلارغا يۆتكىۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇندىن باشقا چاي، زەپە، باشقا دورا-دەرمەكلەرنىمۇ ئىمكان بار سۇلياۋ خالتا ياكى قۇتىلاردا ساقلىماي تۆمۈر قۇتا، قەغەز ئورالما، ئەينەك شىشىلەردە ساقلاپ ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئائىلە كىشىلىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزدۇر. «ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» … تېنىمىز ساق، روھىمىز سۈزۈك بولسۇن دېسەك يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن، قاچىلاپ ساقلايدىغان ئورالمىلارغىچە كۆڭۈل بۆلگىنىمىز تۈزۈك. 80خالتا پاراڭلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تەشەككۈرلەر!


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...