سوغۇقنى ھېس قىلاي دېگەنلەر ماۋۇ كىنونى كۆرۈڭلار The Revenant

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

تەۋەككۇلچىلىك ھايات كارتىنلىرى، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كىنولارنى كۆرۈشمۇ بىر ھەۋىسىم بولۇپ يېقىندا كۆرگەن بىر كىنونى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلغۇم كىلىپ قالدى. ئارام كۈنىڭلارغا ئازىراق زوق بىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

kino
كىنو ئىسمى: The Revenant
ئاساسلىق روللاردا : Tom Hardy, Domhnall Gleeson, Leonardo DiCaprio
ئېلان قىلغان ۋاقىتى : 2015
IMDB نۇمۇرى : 8.7
دولەت تەۋەلىك : ئامېرىكا
لىئوناردۇ دىكاپرىئو Leonardo DiCaprio باش رولدا چىققان. بۇ كىنونىڭ ۋەقەلىكى راست بولغان ئىشلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ ئىنساننىڭ نەقەدەر چىدامچانلىقى، جېنى تەندىن چىقمىسىلا ئۆلۈپ قالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىكەن. 
باش قەھرىمان كىنونىڭ باشتىن-ئاخىر قار-جۇدۇن، ۋەھشىي سوغۇقتا جۇل-جۇل نىپىز كېيىملەر بىلەن گاھى ئورمانلىقلاردا گاھى دەريادا ئۈزۈپ رول ئوينايدۇ. ئەتراپتىكى سوغۇق موھىتنى كۆرۈپ باش رولدىكى ئارتىسقا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ. ئىسسىق ئولتۇرۇپ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتا دۈشمىنىدىن قېچىپ دەريادا ئۈزگەننى كۆرۈشمۇ ئاجايىپلا بىر ئىش ئىكەن. تەنلىرىمىز شۈركىنىدىكەن. ئېيىق بىلەن ئېلىشىپ بەدىنى قىيما-چىيما بولۇپ كېتىدۇ. قورساقلىرى تېشىلىپ، بەدىنىدىكى گۆشلەر ساڭگىلاپ قالغان، بەزى يەرلىرىنىڭ سۆڭىكى كۆرۈنۈپ قالغان، ئېغىزىغا سۇ قۇيسا قورسىقىغا كىرمەي بوغۇزىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەن….ھەمرالىرى ئۇنى ئۆلۈپ كېتىشى مومكىن دەپ قارايدۇ. جاپالىق شارائىتتا ھەمراھلىرى باش قەھرىماننىڭ ئۆلەمىجان تېنىنى زەمبىلگە سىلىپ دەريالاردىن كىچىدۇ، تاغلارغا يامىشىدۇ. ئاخىرىدا بەزىلەر بۇنى ئۆلتۈرۈپ ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلماقچى بولىشىدۇ. لىكىن بۇ ئارىدا ئۆلتۈرۋېتىمىز، ئۆلتۈرۋەتمەيمىز دېيىشىپ تالاش-تارتىش بولۇپ بەزىلەر ئۆلىدۇ. ئاخىرىدا ھايات قالغان دادا-بالا ئىككىسى باش قەھرىماننى ئاشۇ سوغۇق ئورمانلىقتا تېرىك كۆمۈۋەتمەكچى بولغان ئورەككە تاشلاپ قويۇپ كېتىشىدۇ. جان دېگەن تاتلىق چېغىۋا…ھەمراھلىرى كۆتۈرۈپ يۈرگەندە كۆزىنى ئاچماي ياتقان ئادەم، ھېچقانداق تايانچىسى قالمىغان، گېلىغىچە تۇپراققا كۆمۈلگەن ھالىتىدە ياشاش ئىستىكى ئويغىنىپ قىلىپ مىدىراپ يۈرۈپ بولسىمۇ ئورەكتىن چىقىپ، ئۆمۈلەپ يۈرۈپ ھەمراھلىرى تاشلاپ قويۇپ كەتكەن يۈك-تاقىلار ئارىسىدىن ھىلىقى ئېيىقنىڭ تېرىسىنى تېپىپ يالىڭاچ بەدىنىگە كېيىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېلتىزلىرىنى يەپ، ئۇسساپ كەتسە دەريا ئىزدەپ، قورسىقى ئاچسا يەنە شۇ مۇزدەك سۇغا كىرىپ بېلىق تۇتۇپ خام يەپ جان سالايدۇ. قارلىق تاغدا ئىندىيانلارنىڭ ئېتىنى ئوغۇرلاپ قاچىدۇ.  تېز قاچىمەن دەپ ئات بىلەن چۇڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۆزى قارىغاي دەرىخىگە ئىلىنىشىپ قىلىپ يەنە ئۆلمەيدۇ، لىكىن ئات ئۆلىدۇ. مۇزلۇق، سوغۇقتا، يارىسى ساقايمىغان تەۋەككۇلچى  Hugh Glass ئاتنىڭ قارنىنى يېرىپ ئۈچەي-قېرىنلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ئارشاڭدەك ھور چىقىپ تۇرغان ئاتنىڭ قارنىغا كىرىپ ياتىدۇ. كىنونىڭ بۇ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرىۋاتقۇچە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تېنىنى سوغۇق ئىلىپ ئاجىزلاپ كەتكەنلەرنى ئىسسىق تېرىگە ئىلىپ داۋالىغانلىقى كۆڭۈل ئىكرانىمىزدىن ئۆتىدىكەن. (80خالتا بلوگىمىزدا بۇ ھەقتە ھەپتە بۇرۇن بىر تېما يوللانغان ئىدى. ) ئاخىرىدا باش قەھرىمان Hugh Glass ۋەھىمە، سوغۇق، بەدىنىدىكى ئېغىر يارا ئازابى دېگەنلەرنى يېڭىپ ئۆزىگە ساداقەتسىزلىك قىلغانلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ.

* تېرىگە ئېلىش ئۇسۇلى:
ئاياللار تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇدا خۇن توختاپ قېلىش، ئۇمۇرتقىلىرى ئاجراش ، زەخمىلىنىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ . بۇ خىل كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن دورا ئىچىشتىن باشقا تېرىگە ئېلىپ داۋالىغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش ، نېرۋىنى روھلاندۇرۇش ، بەدەننى جاللاندۇرۇش ، ئاغرىقنى توختۇتۇش ، زەخمىلەنگەن ، سۇنغان ، ئاجراپ كەتكەن ئورۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋە شۇ ئورۇندا توختاپ قالغان قان ، زەردابنى تارتىش خۇسۇسىيتى بار . تېرىگە ئېلىشتا ھامىلدار ئايال بوشىنىپ 20 كۈن بولغاندا تېرىگە ئېلىندۇ . بۇنىڭدا تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقان ساغلام قوي ياكى ئۆچكە ئۆلتۈرلۈپ ، تېرىسى تىز سۈرئەتتە ئاجرىتىلىدۇ . ئاقمۇچ ، قارمۇچ ، ئاپىبەدىيان ، ئەمەن ئۇرۇقى ، زەنچىۋىل، قۇۋزاق داچىن ، سېرىق چېچەك ئۇرىقى ، مۇزا ، قەلەمپۇر ، پىلپىل قاتارلىق ئىسىقلىققا مايىل دورا – دەرمەكلەرنى يۇمشاق سوقۇپ ، تېرە يۈزىگە تەكشى سېپىلىدۇ . ئاندىن تۇغۇتلۇق ئايال يالىڭاچلىنىپ ئىسسىق تېرىگە ئېلىنىپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇلدۇ . ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا تېرىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەم تاشقى سەۋەبلىك مۇسكۇل ، سۈڭەكلىرى زەخمىلەنگەن ، كۆك چۈشكەن ، ئىششىغان بىمارلارنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش مەقسىتىگە يەتكەن . تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تېرىگە ئېلىنىپ سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمىيلىكىگە ئىگە بولۇپ ، ساپ ، تەبئىي داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي تېما: [url=./page_1875.html]./page_1875.html[/url]


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...