باللىرىم بىلەن ئۆتكۈزگەن يۇمۇرلۇق ئاخشام

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

كەچلىرى بالىلارغا ھېكايە ئېيتىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىش، بىلىش، چۈشۈنۈش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىشى مومكىن. كىتابتىكى ھىكايىنى شۇ پېتى ئوقۇپ بەرگەندىن كۆرە كىتابتىكى ھېكايە، قىزىقارلىق مەزمۇنلارنى بالىلار تىلىغا ئايلاندۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈۋىلىپ ئېيتىپ بەرسىڭىز، ھېكايە ئېيتىۋېتىپ ئانچە-مۇنچە بالىڭىزدىن سۇئال سوراپ قويسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. يۇمۇر-لەتىپە، قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بىرىشنى دەپ تۇرۇۋالسا چوقۇم بالىلارنى كۈلدۈرەلىگۈدەك بىرەر نەرسە ئېيتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوغۇللىرىم قىزىقارلىق لەتىپە ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى.
- قايسى لەتىپىنى ئېيتىپ بىرەي؟
- بىز ئاڭلاپ باقمىغان، كۈلدۈرەلەيدىغان يۇمۇر.
- بولىدۇ، لەتىپە ئېيتساممۇ ئېيتاي، لىكىن لەتىپە تۈگىگەندە كۈلۈشىڭلار كېرەك. ئوكەيمۇ؟
- ماقۇل دادا.
- بىر كۈنى پادىشاھ ئەپەندىمنى كاتتا سارىيىغا مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. ئەپەندىم پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ماشىنىسىغا مېنىپ بارماقچى بوپتۇ.
- چىك ئا…دادا! ئەپەندىم ئىشەككە مېنىدىغان تۇرسا؟!!!
- ھە توغرا. مەن خاتا دەپ ساپتىمەن. ئەپەندىم ئېشىگىنى مېنىپ پادىشاھنىڭ سارىيىغا بىرىپتۇ. ئېشىگىنى پادىشاھنىڭ ئات ئېغىلىنىڭ يېنىغا باغلاپتۇ. كەچتە زىياپەت باشلىنىپ يەپ-ئىچىش، كۈلكە-چاقچاق، يۇمۇر-لەتىپە قىزىقچىلىقلار باشلىنىپ كېتىپتۇ. ھە دېگەندە پادىشاھنى ئەپەندىم يېڭىۋاپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا چىدىماسلىق قىلىپ بىر ھىيلە ئويلاپ تېپىپتۇ. كەچتە زىياپەتتىكىلەرنىڭ ئۇيقۇسى كىلىپ مۈگىدىگىلى تۇرغاندا پادىشاھ چاپارمەنلىرىدىن بىرگە ئەپەندىمنىڭ ئېشىگىنىڭ كالپۇكلىرىنى چاندۇرماستىن كېسىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ.
كېچىسى ئەپەندىمنىڭ تەرىتى قىستاپ ھاجەتخانىغا چىققاچ ئېشىكىگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ قارىسا ئېشەك ئەپەندىمگە قاراپ ھېجىيىپ تۇرغۇدەك. يېقىنراق كىلىپ قاراپتىكەن. ئەسلىدە بىرسى ئەپەندىمنىڭ ئېشىكىنىڭ كالپۇكىنى كېسىۋېتىپتىكەن ئەمەسمۇ. ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندىم بۇ ئىشنى پادىشاھنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بېشىنى قاشلاپ كاللىسىنى ئىشلىتىپتۇ. ئويلاۋېتىپ بىر ئەقىل تېپىپتۇ.
- دادو، ئەپەندىممۇ پادىشاھنىڭ ئېتىنىڭ لېۋىنى كېسىپتىما؟
- ياق، ئوغلۇم. ئەپەندىم پادىشاھنىڭ ئامراق ئېتىنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىپ تاشلاپتۇ. ئاندىن چاندۇرماي كىرىپ يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ئەمدى سىلەرمۇ ئۇخلىساڭلار بولامدىكىن؟!!
- چىك ئا ، دادا…قىززىق ئەمەسكەن. مۇشۇنداقلا تۈگىدىما؟
- بوپتۇ، ئاخىرىنىمۇ ئېيتىۋېتەي. ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋەتسە قانداق بولۇپ قالىدۇ؟
- بەك جىق قان چىكىتەمىكى…
- قەيىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ دېمەكچى؟
- ئۇ ۋاقىتتا قاراڭغۇ تۇرسا…
- چىك ئا… قۇيرۇقىنى كېسىۋەتسە تېزەكلەيدىغان يېرى كۆرۈنۈپ قالمامدۇ دەيمە؟!!!
- ۋاي راس، قوڭى كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. ھى ھى
- ئىشەكنىڭ كالپۇكىنى كېسىۋەتسىچۇ؟
- بەك جىق قان چىكىتىدۇ…قان ئاغزىغا كىرىپ كېتىدۇ…ھە راست، چىشى كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
- چىشى كۆرۈنۈپ قالسا قانداق كۆرۈنىدۇ؟ ھېجايغاندەك كۆرۈنمەمدا؟
- ۋوي راس. لىكىن ئىشەكمۇ كۈلەمدا؟
- كالپۇكى بولمىغاندىكىن، چىشلىرى كۆرۈنۈپ كۈلگەندەك ھېجايغاق بولۇپ قالغان گەپ.
- خوش، ئەمدى لەتىپىنىڭ ئاخىرىغا قۇلاق سىلىڭلا، ھىلى كۈلىدىغان يېرىگە كەلگەندە كۈلمەي تۇرۇۋالساڭلار. باشقا ھېكايە ئېيتىپ بەرمەيمەن. ئەپەندىم يېنىغا ئېسىۋالغان ئۇستىرىدەك ئۆتكۈر پىچىقىنى غىلاپتىن چىقىرىپ ، پادىشاھنىڭ ئېتىنىڭ قۇيرۇقىنى چاندۇرماستىن كېسىپ تاشلىغاندىن كىيىن كىرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
ئەتىسى سەھەردە – تېخى بەك يۇرۇقمۇ چۈشمىگەن بىر ۋاقىتتا پادىشاھ ئەپەندىم بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى جاڭگاللىققا توشقان تۇتقىلى مېڭىپتۇ. پادىشاھ ئامراق ئېتىنى مېنىپ ئالدىدا، ئەپەندىم ئارقىدا ماڭغان ئىكەن. پادىشاھ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئەپەندىمگە قاراپ، ئەپەندىم، ئېشىكىگىزگە ئەتىگەندە بىرەر خۇشاللىق بارمۇ نېمە؟ ھەجەپ كۈلۈپ، ھېجىيىپ كېتىپتىيا؟ دەپ سوراپتۇ. ئەپەندىم پادىشاھقا ئېتىنىڭ قۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئالىيلىرى، ئاتلىرىنىڭ قوڭى ئىچىلىپ قاپتىكەن، ئېشىكىم شۇنىڭغا كۈلىۋاتىدۇ، دەپتۇ.
بالىلار كۈلمەي جىممىدە. – ھەي، لەتىپە تۈگىدى، قىزىقارلىق ئەمەسمىكەن، كۈلمەمسىلەر؟
- ھە راس شۇ، قىززىق ئىكەن. لىكىن… ئاپو، تېز بولە بىزنى قىچىقلىيە، دادام ئېيتقان لەتىپىگە كۈلىۋالايلى.
ئاۋۇ لەتىپىدىن بەكەرەك ماۋۇ گۇيلارنىڭ ‹‹ ئاپو، تېز بولە، بىزنى قىچىقلاپ كۈلدۈرە›› دېگەن گېپى يۇمۇر تۇيۇلۇپ خانىم بىلەن كۈلۈشۈپ كېتىپتىمىز.
باللارنى قىچىقلاپ كۈلدۈرۈپ، بىزمۇ كۈلۈشۈپ ئەمدى ئۇخلايلىمۇ باللا، دېسەم ھېچ ئۇخلايدىغاندەك ئەمەس. دادو، يەنە بىر ھېكايە ئېيتىپ بىرە، پادىشاھ بىلەن ئەپەندىمنىڭ لەتىپىسىغۇ قىززىق ئىكەن، لىكىن ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋەتسە بەك ئاغرىيدىغاندۇ؟ …
- ھە… بوپتۇ. گالۋاڭ بالىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بىرەي. بۇ بالىنى ئابدۇكېرەم ئابلىز دەپ تۇرىلى.

يىراق بىر يۇرتتا قولى ئوچۇق، سېخى بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ يۇرتقا باشقا بىر يۇرتتىن ئۈچ دىۋانە كىلىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ قورساقلىرى ئاچ، كېيىملىرى يېرتىلىپ كەتكەن بىچارىلەر ئىكەن. باي ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزۇپ ساۋاپ ئېلىۋالاي دەپ ئۇلارنى ئۆيسىگە باشلاپ ئېكىرىپ بېلىق پۇشۇرۇپ بېرىپتۇ.
قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن بۇ بىچارىلەر ئالدىغا كەلگەن بېلىقنى بىسمىللا دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ماچىلداپ يەپ كېتىپتۇ.
- دادو ئۇ ئاچقاغانلار بىلىقنىڭ قىلتىرىقنى ئارىماپتىما؟… قىلتىرىقى يوق بىلىقمىكەن يا؟
- ۋاي ئوغلۇم، ئۇ ئادەملەرنىڭ قورسىقى بەك ئىچىپ كېتىپ، چىداپ تۇرالماي قىلتىرىققىمۇ دېققەت قىلماي تېز يەپ ھەممىسىنىڭ گېلىغا قىلتىرىق تۇرۇپ قىلىپ تىنالماي ئۆلۈپ قاپتۇ. ئادەملەرنىڭ ھەر قانچە قورسىقى ئىچىپ كەتسىمۇ ئاچكۆز بولماسلىقى كېرەك ئىكەن. بولمىسا قانداق بولىدىكەن؟
- ئادەم ئاچكۆز بولسا گېلىغا قىلتىرىق تۇرۇپ قىلىپ ئۆلۈپ قالىدىكەن. ۋاي بىچارىلەر.
— شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ دىۋانە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ھىلىقى باي ناھايىتى ئازابلىنىپتۇ. ساۋاب تاپىمەن دەپ بۇلارنىڭ جىنىغا زامىن بوپتىمەن. بۇلارغا بېلىق پۇشۇرۇپ بەرمەي پولۇ ياكى لەغمەن ئېتىپ بەرگەن بولساق بوپتىكەن ئەسلى دەپ پۇشايمان قىپتۇ. لىكىن پايدىسى بولماپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ باي شۇ مەھەللىدە بىكارتەلەت بىر گالۋاڭ، كاللىسىنىڭ ئازىراق سۈيى بار بىر ئادەمنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ھىلىقى دىۋانىلەردىن بىرىنىڭ ئۆلىكىنى كۆرسىتىپ ، ماۋۇ مېنىڭ چوڭ دادام ئىدى. ئۇ ھازىر ئۆلۈپ كەتتى. سەن ئاپىرىپ كۆمۈۋەتكەن دەپتۇ. ئۇ گالۋاڭ جەسەتنى تاغارغا سىلىپ يۈدۈپ ئۆيدىن چىقىپتۇ. بىر يەرنى كولاپ كۆمۈپ قويۇپ ئۆيكە كەلسە ھويلىدا يەنە بىر ئۆلۈك ياتقۇدەك. باي گالۋاڭغا، چوڭ دادام سەندىن بۇرۇن يىنىپ كەپتۇ. بۇ قېتىم سەل چۇڭقۇرراق كولاپ كۆمىۋەتكىن، بولمىسا يەنە كىلىۋالمىسۇن دەپ جىكىلەپتۇ. ھىلىقى گالۋاڭ بۇ قېتىم تازا چۇڭقۇر كولاپ كۆمۈپتۇ. قايتىپ كىلىپ قارىسا ‹‹باينىڭ چوڭ دادىسى›› يەنە ھويلىدا ياتقۇدەك. ئاچچىقى كىلىپ، ھەجەپ يامان ئادەمكەنسە، شۇنچە چۇڭقۇر كولاپ كۆمىۋەتسەممۇ يەنە يېنىپ كەپسىيا، دەپ قايتىدىن تاغارغا سىلىپ يۈدۈپ دەرياغا تاشلىۋەتمەكچى بولۇپ ئىلىپ مېڭىپتۇ. دەريا بويىغا ئىلىپ بېرىپ ئۆلۈكنى ئېگىز يەردىن بىر تاشلاپتىكەن. شۇ ۋاقىتتا دەريا بويىدا يۈز-كۆزىنى يۇيۇۋاتقان بىر ئادەمنىڭ ئالدىغىلا چۈشۈپتۇ. ئۆلۈكنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئۇ ئادەم، ۋايجان دەپ ۋارقىرغىنىچە يۈگۈرۈپ قېچىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھىلىقى گالۋاڭ، ئۇ ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بىرىپ تاش بىلەن ئۇرۇپ يېقىتىپ قايتىدىن دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئۆيگە قايتىپ بىرىپ بايغا: باي ئاكا، سىلىنىڭ چوڭ دادىلىرى ھەجەپ يامان ئادەم ئىكەن، دەرياغا تاشلىۋەتسەممۇ يانا قىچىپ چىقىپتى، تاش بىلەن بېشىنى مىجىۋېتىپ قايتىدىن دەريانىڭ چۇڭقۇر يېرىگە تاشىلىۋېتىپ يېنىپ كەلدىم. دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىنى قايغۇرۇپتۇ. ئۆزىنىڭ بىخەستىلىكىدىن ئۇچ ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان بولسا، مانا ئەمدى، بۇ گالۋاڭنى ئىشقا سىلىپ يەنە بىر ئادەمنىڭمۇ جىنىغا زامىن بولغانلىقىدىن بەك ئازابلىنىپتۇ.
بالىلار بۇ چۆچەكنى ھەم كۈلۈپ ھەم كۆڭلى يىرىم بولۇپ ئاڭلىدى. بۇ چۆچەكتىكى گالۋاڭنىڭ رولىدا ئابدۇكېرەم ئابلىز رول ئىلىپ ئىشلىگەن بىر كىنونى كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا ئۇ گالۋاڭنى ئابدۇكېرەم ئابلىز دەپ ئاتاپ ئۇنىڭ گەپچىلىكىنى دوراپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرسەم باللارغا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى.
بۇ ھېكايىنى ئېيتىپ بولۇپ ئۆزۈم تازا ياخشى ھېس قىلمىدىم. ئاندىن ئۇلارنى ئۇيقۇغا دەۋەت قىلدىم. لىكىن چوڭ ئوغلۇم يەنىلا ئۇخلايدىغاندەك ئەمەس. ئاندىن گېپنوزچىلارنى دوراپ ئالقىنىم بىلەن كۆزىنى يۇمدۇرۇپ، – كۆزۈڭنى يۇم، ئۆزۈڭنى چىرايلىق بىر يايلاقتا ھېس قىل، ئەتراپتا نېمىلەرنى كۆردۈڭ، دەپ سوراپ چاقچاق قىلدىم. بۇ ئويۇن ئۇنىڭغا ئالدىدا ئېيتقان لەتىپە-چۆچەكلەردىن بەكەرەك قىززىق ھەم ئۆزگىچە تۇيۇلدى. چىراق ئۆچۈرۈلگەن، ئۇيقۇسىرىغان مېڭىسى بىلەن تەسەۋۋۇرلىرى قانات قېقىپ كەتتى ئوغلۇمنىڭ. – قوزىچاقلانى كۆردۈم. يۇمشاق ئوت-چۆپلەرنى يەۋىتىپتۇ. يىراقراق يەردە موزايلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئانىسىنى ئېمىۋېتىپتۇ. …
دادا. دادا…باشتىن كىلەيلى، سەن يانا سورا، مەن جاۋاب بىرەي.
- كۆزۈڭنى يۇم، نېمىنى كۆردۈڭ؟
- مەن ھازىر پەزىۋاتتا ئويناۋېتىپتىمەن. پۇتۇم يالاڭئاياق، توپا يول ئىكەن. قېرى مومام كەلدى. ئابدۇراھمان ئادىشىممۇ بار ئىكەن. ئۇ ئادىشىم، ئېرىقتا قۇمچاق بار، تۇتۇپ ئوينايلى دەپتى، بىللە قۇمچاق تۇتۇۋاتىمىز ھازىر.
…….
- كۆزۈڭنى يۇم، نېمىنى كۆردۈڭ؟
- مەن ھازىر بىر راكىتا كۆردۈم، راكىتانىڭ ئارقىسىدا ئوت باكەن. راكىتا ئۇچۇپ كېتىۋاتىدۇ.
- راكىتانىڭ ئىچىدە نېمىنى كۆردۈڭ؟
- راكىتانىڭ ئىچىدە ‹‹مەن بىر ئەبلەخ›› بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا بەك جىق كونۇپكىلار بار ئىكەن. ئۇ ئادەم قەھۋەنى بىر ئوتلاپ قويۇپ كونۇپكىلارنى بېسىپ سېرىقچاقلار بىلەن ئوينىغىلى مېڭىپتۇ…
- ئەمدى نېمىنى كۆردۈڭ؟
- ئەمدى ئۇ راكىتادىن چۈشۈپ ئۆيسىدە پىرەنىك ساتىدىغان قىزلارغا ھىكايە ئېيتىۋېتىپتۇ… ئەمدى ئۇخلايمە دادا…
007


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...