جان ئوت، جان ئەر…

ئائىلىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئانچە-مۇنچە كىلىشەلمەيدىغان تەرەپلىرى بولۇپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئەر ياكى ئايال بولمايدۇ. ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئانچە-مۇنچە ئەيىپ نۇقسانلىرىمىز بولىدۇ. قىز بالا ئېرىدىن قېيداپ ئۆيگە يامانلاپ كەلسە كۈئوغۇلنىڭ تەڭ تىللىشىپ بەرمەي چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇلۇق ئىكەن. كۈيئوغۇلنىڭ ئانچىكى نۇقسانلىرىنى دەپ قىز بالىغا گەپ ئۈگۈتۈپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالساق ياكى ئولتۇرغۇزىۋالساق بىر بولسا قىز بالا ئاتا-ئانىسىنى خىجىل قىلدۇرۇپ ئېرىنىڭكىگە قېچىپ بىرىۋالىدۇ، بىر بولسا قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ.

مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن.

ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئاكا-سېڭىل تۇرمۇشلىرىنى جاپادا قامداپ ھەر ھالدا سالامەت چوڭ بوپتۇ. بۇلار بىر-بىرىگە كۆيۈملۈك ئامراق قىرىنداشلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى بويىغا يېتىپ قوشنا يېزىغا ياتلىق بولۇپ كېتىپتۇ. قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاكىسى ئامراق سىڭلىسىنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن بارسا ئەر-خوتۇن ئىككىسى سوقۇشىۋاتقان، ئەر ھەدەپ سىڭلىسىنى ئۇرۇۋاتقاننىڭ نەق ئۈستىگە كىلىپ قىلىپ ئاچچىقىغا پايلىماي سىڭلىسىنى ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ياندۇرۇپ ئىلىپ كەپتۇ. بۇلار يولدا كەلگۈچە بەك توڭۇپ كەتكەن بولغاچقا ئوتۇن يېغىپ سىڭلىسىغا ئوت قالاپ بىرىپ يەنە ئوتۇن تەرگىلى كىتىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا سىڭلىسى ئوتقا قاقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىتىپ ، بىلەك-پاچاقلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ – ۋايييي ئە، ئوتتەك ئە، جان ئوت، جان ئە داۋاتقانمىش…شۇنىڭ بىلەن ئاكىسى نۇمۇس قىلىپ كېتىپ سىېڭلىسىنى يەنە ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ئاپىرىپ قويغان ئىكەن.

شۇڭا <<ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم ياخشى ئىكەن>>، << خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە>> يەنى قوپالراق ئېيتقاندا خوتۇن كىشى ئەرسىز بولغىنىدىن گۆرگە كىرىۋالغىنى ياخشى دېگەندەك گەپلەر بىكارغا چىقمىغان چېغى.

ئايال كىشى پاراسەتلىك بولسا ئەرنىڭ ناچىرى يوقمىكى دەيمەن. ئۆزى خالاپ تەككەن ئەرنىڭ يامان گېپىنى ئاتا-ئانىسىغا، ئاداشلىرىغا توشۇپ يۈرۈيدىغان چوكانلار ھۇشيار بولمىسا تۇرمۇشىنى ھاڭغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. باشقىلارمۇ ئكز تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قالايمىقان ئارىلاشمىغىنى تۈزۈك ئىكەن. بولمىسا ئا يېتىمدەك ئۆزى ئوسال بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. جان ئوت، جان ئەر دېگەن ھېكايىنى بايان قىلىپ بىرىمەن دەپ ئەتتىگەندە تاققا-تۇققا سۆزلەپ قويدۇم.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      tumarise

      ھەكىمنىڭ تاققا- تۇققا پارىڭىنىڭ داۋامى: يېقىندا بىر ئاكىمىزنىڭ تەنتەك ئايالى ھەدىسىنىڭ گېپىگە كىرىپ ئوماق بىر پەرزەنتىنى يىتىم قىلىپ بىر ئوبدان ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. يەڭگىمىز ئارقىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ يېنىشىۋېلىش ئويى بارلىقىنى دېگەن ئىكەن، ئاكىمىز ئازماس بەندە بولماس، بوپتىلا بالامنىڭ ئانىسى، يەنە كېلىپ نەچچە يىل مەن بىلەن بىر ئۆينى تۇتتى شۇنىڭ يۈزىنى بولسىمۇ قىلاي…. دەپ يېنىشىپ قالدى. ھەكىمنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى بەرھەق! ئايال كىشى پاراسەتلىك، ئەقىللىق، غەرەز ئۇقىدىغان، سۆيۈملۈك بولسا ئەرمۇ سىرتقا قاراپ قالمايدۇ ھەم ناچار بولۇپمۇ كەتمەيدۇ. ئەر- ئايال دەپ ئاتىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەن ئىكەن ئايال كىشى ھەر ئىشتا سوغۇق قان، ئىنچىكە بولۇش زۆرۈر. تويدىن بۇرۇن چىقمىغان مىجەز خۇلۇقلار بەلكىم تويدىن كيىن چىقىشى مۈمكىن، لېكىن بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكۈلۈكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سەۋر- ئەقىل بولسا ھەرقانچە يامان خۇلۇق بولسىمۇ يىلتىزىدىن كېسىپ تاشلىيالايمىز! …….. گەپنىڭ پوسكاللىسى ئايال كىشى ئۆزىگە چوقۇم پۇختا بولىشى كېرەك. ئەرلىرىمىزنىڭ «ناچار» بولۇپ كېتىشىنى، سىرتتىكى توشقانلارغا كۆز تىكىپ يۈرىشىنى، كەيىپ- ساپاغا بېرىلىشىنى كىمدىن كۆرىمىز؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىزدىن كۆرسەك توغرا دەپ ئويلايمەن… بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە قىز- ئاياللار تېخىمۇ ئەقىللىقرەك بولمىساق بولمايدۇ.

    • #2

    • #3
      شاۋقۇن

      بۇ ناھايىتى قىسقا، ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوقىرى يازمىكەن، ئەرلەر ئەردەك بولالىسا، ئاياللار ئايالدەك بولالىسا تۇرمۇشتا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان نىمە ئىش بولاتتى….

    • #4

    • #5
      owqi312

      بۇ يازمىنى ئوقۇپ ئالدىنقى يىلى ناھىيەرىمىزدە يۈز بەرگەن بىر پاجىئە ئىسىمگە كىلىپ قالدى .

      ئامبولاتورىيەمنىڭ يېنىدا ئۈزىنىڭ ھويلىسىنى مىھمانخانا قىلىپ ئاچقان كىچىك بىر مىھمانخانا بار ئىدى . ياتىقى پاكىز ھەم ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن يېزدىن كەلگەنلەر مۇشۇ ياتاققا چۈشەتتى سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى .
      بىر كۈنى ئەتىگەندە كەلسەم مىھمانخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇنلىغان كىشلەر ھەم ساقچىلار توپلىشىپ كىتىپتۇ مەنمۇ قىزىقىپ نىمە بولغاندۇ دەپ بارسام تەخمىنەن 23-25 ياشلاردا بار بىر ئايال ئۈزىنى ۋە بالىسىنى زەھەرلەپ ئۈلىۋاپتۇ بىچارە نارسىدە 1 ياشقا ئاران توشقان ئوغۇل بالا ئىكەن . بۇنى ئاڭلاپ ئىچىم شۇنداق سىرىلىپ كەتتى بىچارە ئۈزى ئۈلىۋالغاننى ئاز دەپ نىمە دەپ بالىسىنىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ دەپ كەچكىچە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ئىدىيەمدىن ئۆتمەي گاراڭ بۇلۇپ يۈردۈم .
      كىيىن ئاڭلىسام ئۇ ئايال ئىرى بىلەن شۇنداق ئىناق ئۈتىدىكەن . لىكىن ئۇ ئايالنىڭ ئانىسى كىچكىنە ئىشلارغا قىزىنى ياندۇرۇپ ئەكىلىۋېلىپ ئىرىنىڭ ئۈيىگە بارغىلى قويماپتۇ . بىچارە ئانىسىغا شۇنچە يالۋۇرسىمۇ ئۇنماپتۇ ئىرىنىڭ ئۈيىگە بېرىۋالسا ئۇرۇپ ياندۇرۇپ ئەكىلىپ ئۇ ئۆيگە بارساڭ ئۈلىۋالىمەن دەپ قىزغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىكەن كىيىن ئەر بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ سوغوقچىلىق چۈشكەن چېغى شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئاخىرى چىدىماي ئۈيىدىن چىقىپ كىتىپ ھېلىقى مىھمانخانىغا چۈشۈپتۇ ۋە ئۇدۇلدىكى ئاشخانىدىن تاماق يەپ چايغا چاشقان دۇرىسى سېلىپ ئىچكەننى ئاز دەپ بالىنىڭ سوسكىسىغا چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغىمۇ چاشقان دارىسى سېلىپ بالىغا ئىچكۈزۈپتۇ ۋە ياتاققا كىلىپ كېچىچە جان بىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھېلىقى ئانىغا ئاۋۇ يارىماس ئەرگە ۋە ئاشۇ بىچارە نارسىدىنى بولسىمۇ يۇرۇق دۇنيادا ياشىغىلى قويماي ئۈزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتكەن ئەقىلسىز ئايالغا ئاچچىقىم كىلىپ نەچچە كۈنگىچە گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەي ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .

    • #6

    • #7
      birgul

      بىر ئائىلىنى مۇكەممەل ، تېخمۇ ئىللىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئاياللارلا ئەمەس ئەرلەرمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك . ئايالىغا كۆيىنىشى ، چۈشىنىشى ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ھالىغا يىتىشى ھەمدە ئايالى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ كۈچلۈك ، ھەم ئەڭ ئىشەنچىلىك يۈلەنچۈك بولالايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرىشى كېرك .

      يەنە بىر گەپ ، بىرزات ھەكىمنىڭ ھىچكىم بىلمەيدىغان ھەم ئاڭلاپ باقمىغان يەنە قانداق يۇمۇرلۇق ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك قوش بىسلىق < < ھىكايە >> لىرى باردۇ ؟

    • #8

    • #9
      entil

      [face06]

    • #10
      entil

      [face06]

    • #11
      rana0

      مەن بۇ

    • #12
      rana0

      مەن بۇ

    • #13
      rana0

      مەن بۇلارنى كۆرۈپ رازى بولدۇم.

    • #14
      rana0

      مەن بۇلارنى كۆرۈپ رازى بولدۇم.

    • #15
      sawap

      ئەر نى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن دىگەن گەپ ياخشى ئېيتىلغانىكەن دە ………..

    • #16

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...