ئاخىرقى بىر قۇتا كولا…

كولا ئىچىپ باقمىغىلى خىلى ۋاقىت بولغان ئىدى. بۈگۈن كەچقۇرۇن مايلىقراق تاماق يەپ قىلىپ كۆڭلۈم مۇزدەك كولا تارتىپ قالدى. ئايلىنىپ كەلگەچ دۇكاندا بىردەم ئولتۇرۇپ كىلەي دەپ سىرتقا چىقىپ كوچا دوقمۇشىدىن بىر قۇتا پەپسى كولا سېتىۋىلىپ خەقلەرنىڭ، بولۇپمۇ مەن كولا ئىچىشتىن پەرھىز بۇيرۇيدىغان خىرىدارلىرىمنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قولۇمدىكى كولانى يوشۇرۇپراق كېتىۋاتسام 30 ياشلارغا بارماي تۇرۇپلا دىئابىت كېسىلى بولۇپ قالغان كونا خىرىدارىم ئۇچراپ ئەھۋال سورىغاچ يولۇمنى توستى. <<ئاپلا>>، دېدىم ئىچىمدە.

ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېقىنقى سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىرەر قۇر بايان قىلىپ، بەزى سورايدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن. ھەممە سۆزلىرىگە لايىقىدا جاۋاپ بىرىپ مېڭىشقا ئالدىراۋاتسام قولۇمدىكى كۆرسەتمەسلىككە تىرىشىپ يوشۇرۇۋاتقان كولانى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، – ھەكىم، ما كولانى ئىچمىسىلە دەيمە، سىلى ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئاسرىمىسىلا سەت تۇردۇ. مانا، مەن بۇ قەنت كېسىلىنى مۇشۇ كولانى جىق ئىچىپ تاپتىم ئەمەسما!… بىر نەرسە دەپ ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولغۇچە ئۇ كىشى خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. كېتىۋاتقان ئۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ بىر قانچە دەقىق مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم.

ئىلگرىمۇ بىر قانچە قېتىم كولا ئىچىشنى تاشلىغان ئىدىم. بۇندىن 6 يىللار بۇرۇن كولانى ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قوياتتىم. بىر كۈنى كەچقۇرۇن تورخانىدا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بىر قۇتا كولانى ئىچىۋەتتىم. ئۆيگە قايتىپ كىلىپ يېتىپ كۆزۈم سەل -پەل ئۇيقۇغا بارغاندەك قىلغان كىچىك تەرىتىم زەھەردەك قىستاپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. ھاجەتكە چىقىپ ئىشنى تۈگۈتۈپ كىرىپ ئورنۇمغا يېتىپ يەنە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلنىشاي دېگەندە يەنە تەرەت قىستاپ كەتتى. ۋاي، ئاللا نېمە كۈنگە قالدىم مەن، دەپ ئۆزۈمگە غۇدۇراپ ھاجەتخانىغا چاپتىم. شۇ تەرىقىدە 8-10قېتىم بارغاندىمەن . بەلكىم، كەچقۇرۇن شامالداپ سوغۇقتا شۇنداق بولغاندۇ ياكى كولا قالايمىقان قىلغاندۇ، يېرىم سائەتتە بىر قېتىمدىن دېگۈدەك ھاجەتخانىغا قاتراپ بىر كېچە بىسەرەمجان بولغاندىن كىيىن ئەتىسى شور تۇزدا دوۋسۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، باچكا شورپىسى قاينىتىپ ئىچىپ يۈرۈپ ياخشى بولۇپ نەق ئىككى يىل كولا دېگەننى ئىچىپمۇ باقمىغان شۇ ئىش سەۋەبلىك كولا ئىچىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

بۇ قېتىم ماۋۇ ياشلا تۇرۇپ دىئابىت بولۇپ قالغان بالىنىڭ<<ھەكىم، مەن مۇشۇ كولانى تولا ئىچىپ تاپقان قەنت كېسىلىنى>> دېگەن سۆزلىرى يەنە بىر قېتىم سەل قۇرقۇتتى.

ھەيييي، شەيتان ئازدۇرۋاتىدۇ مېنى. مۇشۇ بىر قۇتىنى ئىچىۋالاي…ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قالسۇن…

 بۇندىن كىيىن يەنە مايلىق، ئاچچىقراق تاماقتىن كىيىن مۇزدەك ئىچسەم راھەت بولىدىغان كېچىككىنە يېرىنى دەپ سالامەتلىكىمگە زىيان ئۇرۇدىغان خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىۋەرسەم بولماس، ياش جىنىمنى ئاسراي، تاماق سېڭدۈردىغانغا پىننە، يالپۇزلار بىلەن قىززىق چاي دەملەپ ئىچەي دەپ ئىچىمدە ئۆزۈمگە نەسىھەت قىلغاچ كولانى تېخىمۇ بەكرەك يوشۇرۇپ يولۇمغا ماڭدىم.

يازما ئىگىسى: بىرزات

 

مەنبە: 80خالتا بلوگى www.80halta.com

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      bilikal

      [face05] مەنمۇ ئىچمەيمەن بۇ نەرسىنى ھازىر . يۇرۇڭقاشىنىڭ مىنرال سۇيىگە كۆنۇپ كەتتىم.

    • #2
      ELEBAG

      مەن ئەزەلىدىن كۇلائىچمەيمەن… ئەمىد تىخىموئىچمەيمەن

    • #3
      qisaskar

      مۇشۇ كولا پىپسى دېگەننى ئىچمىگىلى قانداقتۇر 7 يىلدىن ئېشىپتۇ. كولا توغرىسىدا گەپ ئاڭلىساملا بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالىدۇ. بۇندىن 10 بۇرۇن بىر ئاغىنەمنىڭ كولا توغرىسىدا دەپ بەرگەن گىپى ھېلىھەم قۇلىقىمى تۈيىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، بىر كۈنى ياز كۈنى ئىدى، ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا قىزىپ كىتىپتۇ ۋە كۆڭلى كولا تارتىپتۇ دە، شۇنىڭ بىلەن 500 گراملىق كولادىن بىر قۇتا ئىچىپتۇ، 2 نى ئىچىپتۇ، يەنىلا ئىچكىسى كىلىپ ئۈچىنچىسىنىمۇ ئىچىپ تۈگىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىپن يېتىپتۇ، ئۇ ئايالى بىلەن بىرگە بۇلۇشنى نىيەت قىلىپتۇ، لېكىن كولا ئەكسىچە تەسىر قىلىپ ئايالى ئالدىدا يەرگە قاراپ ئايالىدىن ئەيىپلىنىپتۇ. مانا ئىنسانلار داڭلىشىپ ئىچىشكەن كولانىڭ ئاقىۋىتى.

    • #4

      كولا نى ئازراق ئىچسىلە ھەكىم.

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...