مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بويۇملارنى ساتىمەن

يىلدا 1-ئايدا سوغۇق بەك بولىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېغىزىدا بۇ يىل سوغۇق بەك بولغانلىقى قىززىق تېما ئىكەن.

ئوغۇللىرىم يەسلىگە بارمىغان پۇرسەتتە سەمەنگە چىقىپ چوڭلار بىلەن 2-3 كۈن تۇرۇپ كىرەيلى دەپ چىقىپ قاپتىكەنمىز، مەن شۇ يەردە چوڭ بولمىغاندەك يىزىدا سوغۇقنىڭ بەك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغاندەك ھەيران قالدىم، تاھارەت ئالغىلى چىقىپ كىرگۈچە سوغۇق ۋەھشىي چاقىدىكەن ئەمەسما. مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمغۇ نەچچە ۋاقىتتىن ئوت يېقىلمىغان بولغاچقا يېرىم كىچىگىچە مەشتە گۈرۈلدەك ئوت كۆيگەن بولسىمۇ ئوت ئۆچىشىگە ئۆي سوۋۇپ مۇزلاپ كېتىپتۇ، سوغۇقتىن ئويغىنىپ كېتىپتىمەن، باللىرىم تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ، لىكىن يوتقاندىن چىقىپ قالغان قوللىرىنى تۇتۇپ باقسام مۇزدەكلا، خوتۇننى ئويغۇتۇپ يۈرمەي ئۆزۈم پالاقشىپ يۈرۈپ مەشكە ئوتنى قايتىدىن يېقىپ ئۆينى ئىسسىتتىم. مۇشۇ تەرىقىدە 3 كۈن تۇرۇپ ئاخىرى، ۋاي ئانا سوغۇق سەل ياماندەك تۇردۇ بۇ يىل، بىزگە ئىجازەت بىرىڭلار، بولسا سىلەرمۇ بىز بىلەن بىزنىڭكىگە بىرىڭلار، قەھرىتان قىشنى بىزنىڭكىدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ چىقارسىلەر دېسەم، ئانام كۈلۈپ: يىلدا قىشتا مۇشۇنداق سوغۇق بولىدۇ بالام، ھىلىمۇ بىز نەچچە يىلدىن مۇزلاپ قالماپتىمىز، ئۇنچىۋالا چىدىماسلىق قىلما دەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ گەپ سەل ئۇزۇراپ كەتتى. ئەمدى مەن دېمەكچى بولغىنىم، مۇشۇ سوغۇقتا كېسەللىك ئازابىدا قىينىلىۋاتقان، ئىقتىساددىن قىسىلىپ كېسەلنى داۋالاشتا قولى قىسقا كىلىپ قالغانلارغا ئازدۇر كۆپتۇر بىر ئىش قىلىپ بىرەيمۇ يا دەپ ئويلاپ قالدىم. كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرىدە بولىشى مومكىن، 80خالتا بلوگىم 2012-يىللىق نادىر بلوگلارنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ماددىي بويۇملاردىن: مۇكاپات بۇيۇملىرى: 1800 يۈەن قىممىتىدىكى ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى)، مۇئەللىم شىركىتى بازارغا سالغان 795 يۈەن قىممىتىدىكى iBilig M8 ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى، قاتارلىقلارنى ئىھتىياجى بار تورداشلارغا سىتىپ ئەيساجاننىڭ بىر سوم پىلانى كارتىسى ئارقىلىق ياكى مىيۇزىكفان مۇراجىئەت چىقارغان كۆيۈك بىمارى قىزغا ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولىۋاتىمەن.

يۇقۇردىكى ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى)، ۋە مۇئەللىم شىركىتى بازارغا سالغان  iBilig M8 ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى، قاتارلىقلارغا ئىھتىياجى بار تورداشلار بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلاشسا مالنى يەتكۈزۈپ بەرسەم بولىدۇ. ئىككىلىسىنى بىراقلا سېتىۋالىدىغانلار بولسا يېرىم باھادا، ئايرىم – ئايرىم سېتىۋالىدىغانلار بولسا 40% ئىتىۋار باھادا ساتىمەن. ئەگەر سېتىۋالىدىغانلار تالىشىپ قالسا پۇل قوشۇپ ئالسا بولىدۇ. ساۋابقا شىرىك بولىدۇ.

بۇ تېمىنى ھازىر 80خالتا بلوگى، ئىزدىنىش تورى، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى قاتارلىقلارغا يوللاشتىن مەقسەت ئاشۇ مۇكاپات بويۇملىرىنى سىتىش ئارقىلىق ئاجىزلارغا ئاز بولسىمۇ مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش، يەنە بىرسى 2012-يىللىق بلوگ باھالاش پائالىيىتىنى قوللىغان شىركەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشتۇر.

قېنى يۇقۇردىكى مەھسۇلاتلارغا ئىھتىياجى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىز:

مۇھەممەتتۇرسۇن  13565662787


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      خۇشخۇي

      ئۆز نەپسىدىن كېچىپ باشقىلارنى ئويلاش،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ بېرىدۇر.ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي قېرندىشىم!

    • #2
      خۇشخۇي

      ئۆز نەپسىدىن كېچىپ باشقىلارنى ئويلاش،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ بېرىدۇر.ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي قېرندىشىم!

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...