ئۆلۈكلەرنىڭ تېرىكلەرنى يېنىغا تارتىشى…

خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر سىرلىق گەپلەر بار. ئۇزۇن كېسەل تارتىپ، دوختۇرغا بارسا كېسەل تاپالمايدىغان، ھېچقانداق ئامال تاپالماي داخان-پىرخونلارغا بارسا ئۆلۈپ كەتكەن تۇققىنىڭلارنىڭ گۆرىنى ئىچىپ بېقىڭلار دەپ كۆرسەتمە بىرىدىكەن. ئەگەر گۆردىكى جەسەت تېخى تولۇق چىرىپ كەتمىگەن بولسا بىر بولسا كىپىنىنى يېۋالىدىكەن، يەنە بىر بولسا قولى مەيدىسىگە چىقىۋالغان ياكى پۇتى مايماق دېگەندەك ئەھۋالدا بولىدىكەن، كىپىننى يەۋالغان بولسا تارتىپ چىقىرىدىكەن، قول-پۇتى مايماق بولسا تۈزلەپ قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئۇزۇن ۋاقىت كېسەل بولغان تۇققىنى ساقىيارمىش. ئۆلگەن ئادەمنىڭ تېرىك ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنچە ئېغىر بىتاب قىلىپ قويالىشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ. بۇ ھەم مومكىن ئەمەس بىر ئىش. لىكىن ئەھۋال شۇنداق بولىشىغا قارىماي نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىشقا ئىشىنىدۇ. ئانامنىڭ يېراق بىر تۇققىنىنىڭ قىزى ساقسىز بولۇپ قىلىپ يېتىپ قاپتۇ، دوختۇرغا ئاپارسا كېسەل تاپالماپتۇ، قىز تاماقمۇ يېمەيدىكەن، كۈندىن كۈنگە جۈدەپ بىر تېرە-بىر ئۇستخان بولۇپ قاپتۇ. شۇ ئارىدا بىرسى يېقىندا ئۆلۈپ كەتكەن تاغىسىنىڭ بۇ قىزغا بەك ئامراق ئىكەنلىكىنى، شۇ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ بۇ قىزنى چاقىرۋاتقان بولىشى ئىھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ گۆرنى ئىچىپ قاراپ بىقىش تەكلىۋىنى بىرىپتۇ. باشقا ئامال بولمىغاندىن كىيىن تۇققانلىرى قەۋرىستانلىققا بىرىپ ھىلىقى قىزنىڭ تاغىسىنىڭ گۆرىنى ئىچىپتۇ. گۆر ئىچىدىكى پۇراق سەل تارقىغاندىن كىيىن ئىچىگە كىرىپ قارىسا جەسەت كىپىنىنى يېۋالغان ئىكەن. نوچىراقىدىن بىرسى جەسەتنىڭ مەيدىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ كۈچەپ كىپەنلىكنى تارتىپتۇ، خىلى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ جەسەتنىڭ ئاغىزىدىن كىپەنلىكنى تولۇق تارتىپ چىقىپ گۆرنىڭ ئېغىزنى ئىتىپ ئۆيگە قايتىشىپتۇ. قارىسا ھىلىقى بىتاپ قىز قورسىقىم ئىچىپ كەتتى، نان يەيتىم دەپ يىغلاپ ئولتۇرغانمىش، شۇنىڭ بىلەن كىيىن ئۇ قىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتىكەن. بۇنداق ئىشلارنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم. بۇنى خەلق ئارىسدا <<ئۆلگەنلەرنىڭ تېرىكلەرنى يېنىغا تارتىشى>> دەپ ئاتايدىكەن. ئۆلگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئامراق كىشىسىنى يېنىغا تارتامىش

ئۆلدى دېگەن گۇمان بىلەن يەرلىكىدە قويۇپ قىلىش، كىيىن تېرىكلەرنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قەۋرىنى ئاچسا كىپەنلىرىنى يىرتىپ ، توپىلارنى تاتىلاپ دېگۈدەك ھالەتتە تۇرۇپتۇ دەيدىغان گەپلەرمۇ ئانچە مۇنچە بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن گۆردىكى ئادەم راستىنلا ئۆلگەن ياكى خاتا كۆمۈپ تاشلانغان بولسۇن، ئۇنىڭ سېرتتىكى تېرىك ئادەملەرگە تەسىر قىلالىشى، چۈشىگە كىرىپ بىئارام قىلىشى نېمە سەۋەپتىن بولىشى مومكىن؟ … ئۆلگەن ئادەم بىلەن تېرىكلەرنىڭ رېشتىنى باغلاپ تۇرىدىغان بىرەر يوشۇرۇن سىر بارمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋالدا دىنىمىزنىڭ ھۆكمى نېمە؟ باشقا سەۋەبلەرنى قىلىپ ھېچقانداق چارىسى بولمىغاندا تۇققانلىرىنىڭ گۆرىنى ئىچىپ بىقىش ئەقىدىگە خىلاپ كىلەمدۇ؟…………… 

بۇ ھەقتە ئىزدىنىش تورىدا بولۇنغان پاراڭلار:

yigana0998:

بىرزات ئەپەندى سىز ئۇ تۇققىنىڭىزنى ھەقسىز داۋالاپ قويغان بولسىڭىز گۆرنىمۇ ئىچىپ ئولتۇرماس بولغىيتتى.( چاقچاق) بۇخىلدىكى پاراڭلارنى كىچىك چاغلىرىمدا ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالاتتىم. مانا ئۇزۇن بولدى ئاڭلىمىغان ھازىر سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. قىنى باشقىلار نىمە دەركىن؟!!!.

Bilig:

مەن ئەكسەنچە ئادەم ئۆلگەندىن كىيىنمۇ مېڭىسى ئۆلمەسمىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن.

بۇ ھەقتە ئىلمىي ئاڭلىنىدىغان سەپسەتىدىن بىرنى ئويدۇرۇپ چىقىرايمۇ؟

مۇنداق:

دولقۇن دىگەن نەرسىنى بىلىسىلەر، شۇ دولقۇن ئېنىرگىيە ۋە ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ۋاستىسى.

ئادەم مېڭىسى ھەر ۋاقىت بەلگىلىك چاستوتا بەلۋېغىدىكى ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى ( فوتونلار) تارقىتىپ تۇرىدۇ( مىنىڭ نۇردىگەن نىمە دىگەن تېمامغا قارالسۇن)

نۇر ۋە دولقۇن ھەققىدىكى تەجىربىلەردە Peak يەنى (رىزونانسلىق) چوققا نوختا ھىساپقا ئېلىنىدۇ… ۋە مۇناسىۋەتلىك سان سىفىرلاردىن سىتاتىستىكىلىق يەكۈن چىقىرىلىدۇ…

ئادەم مېڭىسى تارقىتىدىغان مۇشۇنداق پىك نوختىلار مىڭە ئالاھىدە، شىددەت ۋە تۇيۇقسىز،… پىكىر قىلغاندا يۈز بىرىدۇ ، Noise يەنى شاۋقۇنغا قارىغاندا كۈچىنىشى يۇقىرى دولقۇنلار تارقىلىدۇ…

بو دولقۇنلار باشقا بىر مېڭە ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ لىكىن چاستوتىسى ئوخشاش بولىشى كىرەك.

بالىغا بىر ئىش بولسا ئانىنىڭ كۆڭلى تۇيۇش مۇشۇنىڭدىن بولسا كىرەك.

كۇۋانت فىزىكىسى، مېڭە ئېلىمى،…

تېلفۇندا قۇلايسىزكەن، مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي.

oygak2005:

بىلگنىڭ ماۋۇ گەپنىڭ ئاساسى باردەك تۇرىدۇ !!!كومپىيوتۇردا يىزىڭە  تازا ئىلمى قىلىپ بۇنى !!!

Bilig:

بۇ ھەقتە بىر نەرسە بىلمەيمەن، لىكىن ئاز تولا بىلىمگە تايىنىپ مۇشۇنداق پەرەز قىلىپ باقساق بولىدۇ.

ھېلقى <<ئەسلى كود>> دىگەن كىنو بارغۇ؟ شۇنىڭدا ئۆلگەن ئادەمنىڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، پروگرامما يېزىپ ئالدىن ئالا بومبىنىڭ بار يېرىنى تېپىۋالىدىغان…

كۇۋانت فىزىكىسى ۋە مېڭە  ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئىگە بولساق بىر نەرسىلەرنى پەرەز قىلالىشىمىز ياكى بايقىيالىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى مېڭە نېرۋىنلاردىن، نېرۋىنلار ھۈجەيرىلەردىن، مولىكولىلاردىن ۋە ئاتوملاردىن تەركىپ تاپىدۇ… ئاتوملار قوزغۇلۇش، ئۆزگۈرۈش جەريانلىرىدا  ھەر ۋاقىت فوتونلارنى تارقىتىپ ياكى قوبۇل قىلىپ تۇرىدۇ. يەنى مېڭىدە يۈز بەرگەن رىئاكسىيەلەردە دولقۇن تارقىلىپ تۇرىدۇ.  

  ھىساپتا مېڭىدە يۈز بەرگەن خېمىيلىك رىياكسىيەلەرنىڭ ھەممىسى مىكرو جەھەتتىن شۇ زەررىچىلەرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىشىشى، ھەرىكىتى ۋە ئۆلۈپ تىرىلىش جەريانلىرى بىلەن مۇناسىبەتلىك بولغان قانۇنىيەتلىق جەرىيان بولۇپ، مەلۇم خىل ئۆزگىرىش مەلۇم خىل مېڭە رىئاكسىيسىگە ۋەكىللىك قىلسا ئۇ مەلۇم بىر ئوي ۋە تەسەۋۋۇر ياكى سىنارىيە بولۇپ تۇيىلىدۇ.

لىكىن روھ بىلەن مېڭىنىڭ، روھ بىلەن يۈرەكنىڭ ۋە يۈرەك بىلەن مېڭىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى ياكى پەرقى باردۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. <<ئادەم بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ ئۇ بولسىمۇ يۈرەك>>. بۇ يەردىكى يۈرەكنىڭ روھ بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ؟ يەنە << روھىنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يىتىدۇ>> دىگەندىكى روھ پاكلىقى نىمىگە قارىتىلغان؟ پىسخىكا روھ ئېلىمى دىيىلىدۇ ھالبۇكى، پىسخىكىنى پۈتۈنلەي ماددي جەھەتتىن مېڭە فونكىسسىيسىگە باغلاپ ئىزاھلايدۇ ھەم ھازىرقى پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسىمۇ شۇ يەنى مېڭىنىڭ قالايمىقانلىشىشى  brain disorder  دەپ ئاتايدىكەن. تېمىدىن چەتنەپ كەتتى… لىكىن مۇشۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئۆگەنگىم بار.

kuyaxoghli:

ئۆلۈم ئۈچ باسقۇچ بولىدۇ. ئاۋالقىسى نەپەستىن قىلىش. ئىككىنچىسى يۈرەك سوقۇشتىن توختاش.ئۈچىنچىسى بولسا چوڭ مىڭە ئۆلۈش. كۆپىنچە كېشىلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندا بىرىنچى ياكى ئىككىنچى باسقۇچنى ئاساس قىلىدۇ. لېكىن يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ مەلوم مەزگىل ئۆتكەندە ئاندىن مىڭە ھەركەتتىن توختايدۇ. شۇڭا يۈرەك سۇقۇشتىن توختاپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوزغاتقۇچ بىلەن يۈرەك سۇقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىسە، قان ئايلىنىش ئەسلىگە كېلىدۇ ئاندىن نەپەسلىنىش ئەسلىگە كېلىپ مىڭىگە ئۇزۇقلۇق ۋە ئوكسىگىن تەمىنلەش ئەسلىگە كېلىپ ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

hezret2011:

ئۆلۈم ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرى توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىملار ئۆلۈمنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىپ چۈشەندۈرىدۇ، پىزىئولوگىيلىك ئۆلۈم ۋە پىسخولوگىيلىك ئۆلۈم.

فىزىئولوگىيلىك ئۆلۈم دېگەنلىك ئۆلگۈچىنىڭ يۈرىكى ھەرىكەتتىن توختىغاندىن كېيىن بەدىنىدە نورمال قان ئايلىنىش يوقالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا بەدەن ھەرىكەتتىن توختايدۇ. لېكىن چوڭ مېڭە ھەرىكەتتىن توختىمايدۇ. پىسخولوگىيلىك ئۆلۈم بولسا چوڭ مېڭە ئۈزۈل- كېسىل ھەرىكەتتىن توختىغاندىن كېيىن تولۇق ئۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.

فىزىئولوگىيلىك ئۆلۈم يۈز بەرگەندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىلگىچە چوڭ مېڭىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى داۋاملىشىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە چوڭ مېڭىمۇ ھەرىكەتتىن تولۇق توختايدىغاندىن كېيىنكى پىسخولوگىيلىك ئۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەك: فىزىئولوگىيلىك ئۆلۈمنى ساخاتا ئۆلۈم ياكى تولۇق بولمىغان ئۆلۈم، پىسخولوگىيلىك ئۆلۈم ھەقىقىي ئۆلۈم ياكى تولۇق بولغان ئۆلۈم دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۆلۈم ئوتتۇرىسدا تۇرغان ۋاقىتتا ئۆلگۈچىنىڭ تۇيغۇسىدا يۈز بېرىدىغان ھەر خىل سىرلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ۋە تۇيغۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالىملار خاتىرلەپ ماڭغان ۋە ئىنچىكە تەھلىللەرنى يۈرگۈزگەن.

ikbalem:

بۇ ھەقىقەتەن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسەممۇ لېكىن شۇنى دېگۈم كېلىپ قالدى.

قەشقەر تەرەپلەردە مېيىتنى قانچە بالدۇر يەرلىكىدە قويسا شۇنچە ياخشى دەپ، بەدىنى سوۋۇماستىنلا يەرلىكتە قويىۋىتىدىكەن.

مەن بۇ خىل ئالدىراپ يەرلىكتە قويۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىزچىل بىلەلمىدىم؟ يۇقىرىقى قاراشلارغا ئاساسلانغاندىمۇ مېيىتنى بىرەر كۈن ساقلاپ يەرلىكىدە قويسىمۇ بولىدىكەنغۇ دەپ قالدىم.

مېنىڭچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئەھۋاللارنىڭ سەۋەبى يەنى چۈش، كېسەللىك دېگەندەكلەرنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانسا ، يەرلىكنى ئېچىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماس، شۇنداقلا ئادەم ھەقىقىي ئۆلگەندىن كېيىن يەرلىككە قويۇلسا،

كېپەنلىكىنى چىشلەپ قالىدىغان، ئولتۇرۇپ قالىدىغان … دېگەندەك ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرمەس.

بۇ تېما ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلىنىپ، سەۋەبى ئېنىقلىنىش بىلەن بىللە مېيىتنى يەرلىكتە قويۇش توغرىسىدا ئەقەللىي يەكۈن چىقىرىلسا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولاركەن. 

sanobar:

مۇشۇنىڭغا يېقىنراق بىر ئىش ئېسىمگە كەپ قالدى ، بىزنىڭ مەھەللىدە بىر خەنزۇ بار ئىدى ، ئالغان مۇئاشى ئۆزىگە يېتىپ ئاشسىمۇ شۇ قەدەر پىخسىق ئىدى ، ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىگە سۇ پۇلى تۆلىمەسلىك ئۈچۈن ئۆستەڭدىن سۇ ئەكىرىپ ئىچىپ ، توك پۇلى تۆلىمەسلىك ئۈچۈن شام ئىشلىتەتتىكەن . ئۆمرىدە بىر قېتىم تويمۇ قىلماپتىكەن .

قەھرىتان قىش كۈنى ، ئۈچ كۈنگىچە ئىشقا چىقماپتۇ ، خوشنىلىرىمۇ ئىسمىنى توۋلاپ ئۆيىدىن سادا ئاڭلىيالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن دادام بىر ئاغىينىسى بىلەن ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىپ قارىسا ئىس ئېلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ .

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دادامنىڭ ئاغىينىسى يۈز – كۆزى قوقاق بېسىپ كەتكەن ھالەتتە دادامنى ئىزدەپ كىرىپتۇ ، ۋاي نېمە بولدۇڭ دېسە ، ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدە بىر نەچچە تال سەرەڭگە تۇرۇپتىكەن ، لازىم بوپ قالار دەپ بىرنى ئېلىپ ساپتىكەنمەن ، نەچچە كۈندىن بېرى : سەرەڭگەمنى بېرىۋەت ، سەرەڭگەمنى بېرىۋەت دەپ چۈشۈمدىن چىقمايۋاتىدۇ دەپتۇ .

شۇنىڭ بىلەن دادام خەقتىن ئىزدەپ – سوراپ ئاغىينىسىنى ئۇنىڭ قەبرىسىگە باشلاپ بېرىپتۇ ، ئاغىينىسى ئالغان سەرەڭگىنى قويۇپ قويۇپتىكەن ، شۇ كۈندىن باشلاپ چۈشىگە كىرمەپتۇ .

tashadem:

تور دېگەنمۇ قىززىق دۇنيا … مەن يوق ھەركىم ھەرنېمە دەپ يۈرسە قانداق چېدىغىلى بولىدۇ…. شۇڭا مەنمۇ ئازراق گە پ قىلىپ قوياي ھە.

بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئائىلىدىن 3 ئاي ئىچىدىلا تۆت ئادەم ئۆلۈپ كېتىپتۇ ، ئاخىرىشۇ ئۆيدىكىلەردىن بىرى پالانىخچام سەل ئىچى يامانراق ئايال ئېدى، كىپىنىنى چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ، بالىلار ياش كېتىۋاتىدۇ بىر قاراپ باقساق دەپتۇ دادامنىڭ تاغىسىغا، بىركۈنى كەچقۇرۇن تۆت بەش ئادەم ئايدىڭدا بېرىپ قەبرىنى ئىچىپ قارىسا راس دېگەندەك كىپىنىنى چىشلەپ زوڭ ئولتۇرغىدەك، شۇنىڭ بىلەن تاغام كىپەننى چىقىرىپ پۇتىنى تۈزلىسە يەنە يىغىلىۋاپتۇ، يەنە تۈزلىسە يەنە يىغىلۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قوزۇق ۋە ئارغامچە ئەكىلىپ قوۇقنى قېقىپ، پۇتىنى تۈزلەپ باغلاپ، ئورنىدىن قوپسا كۆينەكنىڭ پىشىدىن بىر نېمە تارتقاندەك بوپتۇ، يەنە قوپسا يەنە تارتىپتىكەن تاغام ۋايجان…….. پالانىخان مېنى تۇتىۋالدى ۋارقىراپ كۆينەكنى سېلىپ يالىڭاچ يۈەرەپ چىقسا ھەممىسى ئۆلە تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ. تاغام سەل نېرىغا بىرىپ ئويلاپ قاپتۇ، (ئۇزامانلاردا چوڭلار ئۇزۇن پەلتۇغا ئوخشاش كۆينەك كېيىدىغان بولغاچقا) قوزۇقنى كۆينەكنىڭ پىشىغا قېقىپ سالدىممۇ يا دەپ، قايتا بېرىپ قارىسا ئولتۇرۇپ قوزۇق قاققاندا كۆينەكنىڭ پىشىنى قوشۇپ قىقىۋىتىپكەن ئەسلىدە. رەھمەتلىك ياش ۋاقىتلىرىدا كارۋان بېشى بولۇپ كەشمىر، بومبايلارغىچە بېرىپتىكەنتۇق، بەك قىززىق پاراڭ قىلىدىغان ئادەم ئېدى….

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      wiros

      ئەڭ ئاخىرقىسى بەك قىززىق يۇمۇركەن [face02]

    • #2
      wiros

      ئەڭ ئاخىرقىسى بەك قىززىق يۇمۇركەن [face02]

    • #3
      nakix

      tashadem:
      نىڭ يازمىسىنى مەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم ھەم كۇلدىم ھەم مىنىمۇ سۇر باسقان ئىدى

    • #4
      nakix

      tashadem:
      نىڭ يازمىسىنى مەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم ھەم كۇلدىم ھەم مىنىمۇ سۇر باسقان ئىدى

    • #5
      bilsebir

      ۋاي نېمانداق قورقۇنۇچلۇق

    • #6
      bilsebir

      ۋاي نېمانداق قورقۇنۇچلۇق

    • #7
      kuyaxoghli

      kuyaxoghli سىزچە ئۈلۈپ بولغان ئادەممۇ تىرىلەمدۇ توغرا سىزنىڭ سۈزىگىزنىڭمۇ ئاساسى بار مېڭە ئادەمنىڭ پۇتۇن ئەزاسىغا بۇيرۇق بەرگۇچى ئەڭ قابىل قوماندان لىكىن ئەسكىرى يوق قوماندان ھەر قانچە كۇچلۇك بولسىمۇ مىنىڭچە غەلبە قىلالمايدۇ.شۇڭا مىنىڭچە نەپەس بىلەن يۇرەك توختىسا مېڭىمۇ ئۇلۇپ كىتىدۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان پىل ۋاكومگا چىكسا قانداق بولار؟

    • #8

    • #9
      otturhal

      سىلەر ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلاردىن بولماڭلار . ئۇ يەردە دۇنيادىكىدەك ئورنىدىن تۇرۇپ تىرىلمىگەن بىلەن خۇددى سىز چۈشىڭىزدە قىينالسىڭىز يېنىڭىزدىكى كىشى قاراپ تۇرۇپ بىلمىگەندەك ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا قويۇلغان سۇئال جازالارنى بىز كۆرمەيمىز ئۆزى بىلىدۇ . لېكىن بەزىلىرىڭلار بۇنى چاقچاق قىلىۋاپسىلەر . بۇنى گۇناھقا شىرىك بولماسلىق ئۈچۈن ھەقىقىي تەقۋادار ئۆلىما ئالىملاردىن سورىغان تۈزۈك . ئاللاھ بىزنى ئاخىرەتكەت ئىشەنمەي ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلۋالماسلىقىمىز ئۈچۈن چۈش كۆرىدىغان ھالەتنى ياراتتى .

    • #10

    • #11
      RABBIM

      مەنچە قېرىنداشلار رەببىمز ئاللاتاللاغا شىرىك كەلتۈرمەيلى بۇئىشلارنى ئاللا بىلگۈچىدۇر

    • #12
      RABBIM

      مەنچە قېرىنداشلار رەببىمز ئاللاتاللاغا شىرىك كەلتۈرمەيلى بۇئىشلارنى ئاللا بىلگۈچىدۇر

    • #13
      Yultuzi

      ئاۋۋال مەن تۇنجى قېتىم دەسسىگەن بۇ 80خالتا بلوگىنى قۇتلۇقلايمەن ، ئۆز پىكىرىمگە كەلسەم بۇلارنى ئوقۇپ راستلا ھەيران قالدىم ، ئارىمىزدىمۇ جىققۇ ئۇنداق گەپلەر ، پالانچى گۆردە ياتالماي ئۆيىگە كېتىپتۇدەك ، پالانچى چۈشىدە ھاممىسىنى يېۋېتىپتۇدەك دېگەندەك ، لېكىن مەن بىر ئىشىنىدىغىنىم ئىنسانىيەتتە بىر خىل روھى دۇنيا مەۋجۇد . ھەممە ئادەم ئۆز دۇنياسىدىلا ياشايدۇ ، باشقىلار بىر ئارتىس .

    • #14

    • #15
      sarag

      مەن بۇتوربەتكە تۇنجى مىھمان ، بىراق مىھمانمۇ تەكلىپ بىرىدۇ شۇنداقمۇ؟
      ناھايتى كەڭرى ئاسمان ،بىپايان زىمىن،مۇنبەت تۇپراق،سىز ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقان ساپ ھاۋا ،ۋەبارلىق مەۋجۇداتلار سىزۋە بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ، ئىنسانلارغىلا بوي سۇندۇرۇلغان . سىز تۇلىمۇ ئەقىللىق
      سىزچۆللەرگە كۈچەت تىكىپ قۇمنىمۇ بويسۇندۇردىڭىز، ئالەم كىمىسى ياساپ تاشقى دۇنيانىمۇ كۆردىڭىز،
      شۇنداق تۇرۇپ [ نىمىشقا ] ئۆلۈمنى بويسۇندۇرالمىغانسىز؟ قېرىندىشىم بۇنداق دىسەم خاپا بۇلىشىڭىز ئىنىق
      بىراق سىزمۇ ئەقىل ئىگىسى بولغاندىكىن بىر[ ئىلاھى] كۈچنىڭ بارلىقىنىمۇ مۇلاھىزە قىلىپ كۇرۇڭ!!!
      [face33]

    • #16

    • #17
      nakix

      كىچىگمدە ئاڭلىغان بىر ئىش زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ، داداملارنىڭ قوشنا ئىدارىدائىشلەيدىغان بىر خەنزۇ ئاخشىمى ئۇخلاپ قالغانچە ئەتىسى ئورىدىن تۇرماپتۇ ئۈيىدىكىلەرچۇشكىچە ساخلىسىمۇ ئويغانماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دۇختۇرخانىغا ئاپارسا دۇختۇرلار بۇ خەنزۇنى ئۈلۈپ قاپتۇ دەپ دىئاگنۇز قۇيۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ خەنزۇنى ئىككى ئۇيغۇر ياغاچچى ئۇستامنى چاقىرىپ ئۈلۈك ساندۇغى ياسىتىپ شۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ دەپىن قىپتۇ . ئەمما ئۇلار بۇ خەنزۇنى دەپىن قىلار چاغدا ئۈلۈك ساندۇغىنىڭ ئىچىگە ئۈلۈكنى يىڭى كىيىم كەيدۈرۈپ قۇلىغا داڭلىق سائەت تاقاپ ئاندىن يېنىغا بىر نەچچە يۈئەن پۇل سېلىپ قويغانلىغىنى كۇرۇپ ساندۇقنىڭ ئېغىزىنى مىخلاپ بىرىپتۇ. ئۇيىللاردا خەلىقنىڭ تۇرمۇشى نامرات بولغاچقا بۇ ياغاچچى ئۇستاملارنىڭ كۈزى بۇ مال دۇنيالارغا قىزىرىپتۇ ئۇ خەنزۇنى دەپىن قىلغان كۈنى كەچ ھېلىقى ئىككى ياغاچچى ئۇستام ھېلىقى سائەت بىلەن پۇلنى ئېلىۋېلىش ئۇچۇن خەنزۇ قەبرىستانلىققا بېرىپ ساندۇقنى كولاپ ئېچىپ ئېغىزىنى ئاچسا ئۇخەنزۇ ساندۇق ئىچىدە ئىڭراۋاتقۇدەك شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرىال قەبرىستانلىقتىن قېچىپ ئۈيىگە بېرىپتۇ. ھەم خاتىرجەم بۇلۇشالماي ئەھۋالنى يېزىلىق ىۈكۈمەتكە بېرىپ دەپتۇ.بۇ ئەھۋالى ئۇققان ئۇرۇغ تۇققانلىرى بېرىپ قارىسا ئۇ خەنزۇ ساق تۇرغۇدەك شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇشاللىقتا ھېلىقى " ئۆلگەن ئادەم " نى ئۈيىگە قايتۇرۇپ كىتش بىلەن بىرگە بۇ ئەھۋالنى ھۈكۈمەت ئۇرۇنلىرىغا مەلەم قىپتۇ.بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ھۈكۈمەت ئۇرۇنلىرى ھېلىقى" كىپەن ئوغرىللىرى " نى جازالىماستىن بەلكى ئادەم قۇتقازغان دىگەن نام بىلەن مۇكاپاتلاپ پۈتۈن نەھىيە بۇيىچە ئۇلاردىن ئۈگۈنۈش دولقۇنى قوزغىغان ئىكەن. مەن ئارىدىن نەچچە يىل ئۈتۈپ كېتىپ بۇ ناھىيىگە بارغان ۋاختىمدا بىرنەچچە چوڭ ئادەمدىن بۇ ئىشنىڭ راس ياكى يالغانلىغىنى سورۇسام ئۇلار بۇ ۋەقە ناھىيىمىزدە راسلا يۇز بەرگەن دەپ ماڭا سۆزلەپ بەردى.

    • #18

    • #19
      burut

      بىز ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن راستىن تىرىلىشىگە شەرتسىز ئىشىنىشىمىز كىرەك (بۇ ئەلبەتتە ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھقا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن).لىكىن بۇندىن كىيىن يەنە قايتا ئۆلەمدۇ؟ ئۆلگەن ئادەم قىيامەتكىچە راستتىنلا تېرىلمىسە ئۇنداقتا كىپەنلىگىنى يەۋىلىش ھەم گۆرىدە ئولتۇرىۋىلىشنى قانداق چۈشۈنۈش كىرەك. ئويلىغانلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار ياكى يۇقارقى ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر بولسا تېخى ياخشى ئەمىلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرغا قويۇڭلار

    • #20

    • #21
      نۇرنىسا

      مةنمذ ظاثلىغان بذنداق ظىشلارنى…

    • #22
      نۇرنىسا

      مةنمذ ظاثلىغان بذنداق ظىشلارنى…

    • #23
      baykux12

      ئەسس الامۇئەلەيكۇم ياخشې مۇسېز بېرزاتئەپەندېم مېنېڭ سۇئالېم باتې مەسلەھەت بەرگەن بولسېلا رەخمەت مەن بۇرۇن 7 8 يېل ئەتراپېدا ئانانېزېم بېلەن شۇغۇللۇنۇپ قالغانكەنمە زېينېنې ئىەمدې كورۋاتمەن زەكرېمنېڭ تۇۋې ئېنچېكە ئۇۋې توم ئوتتورسې بەلدەڭ بوپ قالدې ئەمما ئالەت قېتشې 1 جې قېتېملېقې ئېنتايېن ياخشې ئەمما كېيېن يوق بۇنېڭدېن سەل كوڭلېم يېرېم سۇيدۇكتە ھچقانداق ئوزگېرېش يوق ئاندېن ئۇتېغاق ئوزەم ھازېر 30 ياش سېزگە رەخمەت

    • #24

    • #25
      n

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
      ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!

    • #26
      n

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
      ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!

    • #27
      ARKIZADA

      مەنمۇ خېلى ئاڭلىغان بۇنداق گەپلەرنى ماڭا خۇددى ھىكايە ئاڭلىغاندەكلا بىلىنىدۇ[face02]

    • #28
      ARKIZADA

      مەنمۇ خېلى ئاڭلىغان بۇنداق گەپلەرنى ماڭا خۇددى ھىكايە ئاڭلىغاندەكلا بىلىنىدۇ[face02]

    • #29
      tusun

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
      ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!

    • #30
      tusun

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
      ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!

    • #31
      muslim630

      ئەسسلام ئەلەيكۇم قېرىنداشلار … قەيامەت كۈنېنى كۆپىنچىمىز بلىمىمىزغۇ دەيمەن ، يەنى قىيامەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ . بىرى چوڭ قىيامەت يەنە بىرسى كىچىك قىيامەت دەپ . ئىنسان قەبرىگە قويۇلغاندىن باشلەپلا بىز بايا دىگەن كىچىك قىيامىتى باشلانغان بولىدۇ . يەنى بۇ ھاياتى دۇنيادا قىلغان ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرى توغۇرلۇق ھىساپ بىرىدۇ . ئاندىن قەبرە ئازابىمۇ بار قىرىنداشلار ! بايامقى كىرىنداشلىرىمىز دەپ ئۆتكەن كېپىنىنى چىشلىۋاپتۇ ، ئولتۇرۇپ قاپتۇ دىگەن گەپلەر شۇ ئىنسان ھاياتى دۇنيادا قىلغان گۇناھ ئىشلىرى ئۈچۈن قىينالغان بۇلىشى ئېنىق . بىز بۇنى بىلمەيمىز لىكىن بۇ تۇغۇرلۇق ئايات ۋە ھەدىسلەر كۆپ . شۇڭا دەيمە قىرىنداشلىرىم ھەممىمىز شۇ نىڭدەك ئۆلۈپ كىتىمىز . .. لىكىن قاچان ؟ بۇنى پەقەت بىزنى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھ ئېگىمىزلا بىلىدۇ ! سىز بەلكىم ھازىر ياكى ھېلى ۋە ياكى ئەتە ۋە ئۈگۈن نەچچە ھەپتە ۋە ياكى نەچچە ئاي ۋە ياكى نەچچە يىلدىن كىيىن ئۈلۈپ كىتىشىڭىز مۇمكىن . ھەممىمىز بىلىمىز قىرىنداشلار ئارىمىزدىن قىرىلارمۇ كىتىۋاتىدۇ ياشلاررمۇ شۇ ! شۇڭا مەن دىمەكچى قىرىنداشلار ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىۋالايلى ياخشى ئىش قىلىۋالايلى بىر بىرىمىزنى ھەققە چاقىرىپ ئەنە شۇ ھەممىمىز بىلىدىغان ۋە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئاجىز كىلىدىغان شۇ گۈزەلنىڭمۇ گۈزەل بولغان جەننەتكە بىللە كىرىشكە بۈگۈندىن باشلاپ ، ياق ھازىىردىن باشلاپ ئالغا ! ! ! ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇستەھكەم ئىمان ۋە شۇ ئىمان ئۈستىدە ماڭغۇدەك جاسارەت ئاتا قىلسۇن . ۋە بىزنى قەبرە ئازابىدىن ۋە دەۋزاق ئازابىدىن ساقلىسۇن ۋە شۇ مەرھەمەتلىك گۈزەل بولغان جەننەتكە كىرگىلى نىسىپ ئەيلىسۇن … ئامىن

    • #32

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...