ئاغرىق ئازابىنى بىر تارتىپ قويدۇم

بېقىنىمنى بىر كىم چىمداۋاتقاندەك كارۋاتتىن يۇلقۇنۇپلا ئويغۇنۇپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن. چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق ئوڭ يان بېقىنىمنى كۆيدۈرۋاتقاندەك ، ھىلى بىر كەمدە گال پىچاقتا غىداپ يۈرۈپ كېسىۋاتقاندەك بولۇپ پۈكۈلۈپ تولغىشىپ كەتتىم. قورسىقىم ئېسىلىپ، ئاغزىم قۇرۇپ، كۆڭلۈم ئىلىشىپ تۇرىدۇ. ئاغرىۋاتقان ئورۇن ۋە باشقا ئالامەتلەردىن كاللامغا دەررۈ كەلگىنى – << سوقۇر ئۈچىيىمدىن چاتاق چىقتىمۇ نېمە>> دېگەن خىيال بولدى. ھاجەتخانىغا كىرىپ بىر ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم، قورسىقىم سەل بوشىغاندەك بولدى. ئارقىدىن كۆڭلۈم ئىلىشىپ ئازغىنە سۇ ياندۇردۇم، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم سەل ئىچىلغاندەك بولۇپ ئاغرىقمۇ بوشىغاندەك قىلدى. كۈندۈزى بۇلاقسۇغا چىقىپ كىرىمىز دەپ سەل چارچاپ قاپتىكەنمەن. كارۋاتقا چىقىپ يېتىپ يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئالاھىزەل بىرەر سائەت ئۇخلىغان بولسام كېرەك، تاتلىق ئۇيقۇ ئۈستىگە ئالدىنقىسىدىنمۇ دەھشەت بولغان بىر ئاغرىق بېقىنىمغا ئۈسسۈپلا كىردى. پۈكلۈنۈپ كەتتىم، يۇمۇلاۋاتىمەن، بېشىمدىن سۇ قۇيغاندەك تەرلەۋاتىمەن، ھىلى ئۇ ئۆيگە چىقىمەن، ھىلى بۇ ئۆيگە كىرىمەن، ھاجەتخانىغا كىرىپ باقىمەن، كارۋاتتا يۇمۇلاپ باقتىم، كارۋاتتىن ئۆزۈمنى تاشلاپ پولدا يۇمۇلاپ باقتىم، ھېچ ئاغرىق پەسلەيدىغاندەك ئەمەس. قورسىقىم ئېسىلىپ كۆڭلۈم ئىلىشىپلا تۇرىدۇ، ئازىراق قىزتىپتىمەن. بۇ ئالامەتلەرگە قاراپ سوقۇر ئۈچەيگە جەزىم قىلدىم، لىكىن بۆرەك ئەتراپىمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىغانغا قاراپ بۆرەكتە سۇ ، ياكى تاش سۈيدۈك يولىغا كەپلىشىپ ئاغرىتىۋاتامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. مەن خىلى كىچىك، بىر كۈنى مەھەللىمىزدە بىر قوشنىمىزنىڭ تويىدا ئويناۋاتسام دادام قولىدا ئىشارەت قىلىپ چاقىرتىپ قالدى. قارىسام دادام سەل مۈكچىيىپ قاپتۇ، رەڭگىدە قان دىدارى يوق سارغىيىپ كېتىپتۇ. بىرىپلا دادامنى قولتۇقلىۋالدىم، ئۇنىڭغىچە شۇ يەردىكى بىرسىنىڭ تېلفۇننى ئىشلىتىپ ماشىنا چاقىردۇق. ماشىنا كىلىپ ئىشىكنى ئىچىشىمغا دادام ئىچىگە كىرىپلا ئۆزىنى تاشلىۋەتتى، ئېغىر تىنىدۇ، ئىنجىقلايدۇ، ئاغرىق دەستىدىن تولغۇشۇپ كىتىشلىرىگە قاراپ دادامغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، شۇنچە بەردەم ئادەم شۇنچە ئاغرىپ كەتكۈدەك نېمە كېسەل بولۇپ قالغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ كۆزلىرىمدىنمۇ ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى. پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتۈپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىردۇق. جىددىي بۆلۈمدە بۆرەكتە سۇ بولىشى مومكىن دېگەن پەرەز بىلەن ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ ئاخىرىدا ئاغرىق سەۋەبىنى ئىنىق تاپالماي ياتاققا ئالدى…..

پولدا يۇمۇلاپ يۈرۈپ دادامنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئاغرىق بىلەن قىينىلىپ پۈكلىنىپ كېتىشلىرى يادىمغا يەتتى. ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز، ئۆزۈمگە بىرەر دورا قىلىپ بېقىشقىمۇ ماجالىم يوق، يامان يېرى ئەگەر سوقۇر ئۈچەيدىن چاتاق چىققان بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا بارمىسام ئۈچەي تىشىلىپ كېتىش مومكىنچىلىكىمۇ بار. ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ئىنىمغا تېلفۇن قىلدىم. ئۆيدە ساقلاپ بولالماي كىيىملىرىمنى تەستە كىيىپ بىنادىن پەسكە چۈشكەچ تۇردۇم، قېرى ئادەمدەك مۈكچىيىپ قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ قورۇنىڭ ئالدىغا بارغاچ تۇردۇم. ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقىدا ماشىنا بەك ئۇزۇندا كەلگەندەك بىلىنىپ كەتتى، ئىنىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ قورۇ ئالدىغا كىلىشىگە ئىشىكنى ئىچىپلا ئۆزۈمنى ئىچىگە تاشلىۋەتتىم، ۋېلايەتلىك 1-دوختۇرخانا جىددىي بۆلۈمگە كىرسەك ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن پۇت قويغۇدەك يەر يوق. كارىدوردىلا يېتىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ كۆپلىگى…دوختۇرلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ماڭا قارار كۆزى يوق، ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىپ ئىنجىقلاپ كېتىۋاتىمەن، ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم، ئىنىم يۆلەپ تۇرغان ئىدى، بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ئۇمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتتى بولغاي دوختۇرنى چاقىرتىپتى سەل ساقلىسۇن دەپتۇ. مېنى بىر قانچە قېتىم چايان چىقىۋالغاندا ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن دۇنيادا مۇشۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئاغرىق يوقتۇ دەپتىكەنمەن، چايان چاققاندىكى ئاغرىق ماۋۇ ئاغرىقنىڭ << قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۈدەك>>. راھەت ياشىغان كۈنلۈرۈم يادىمغا يەتتى، 10 يىللىق راھەت بىر قانچە مىنۇتلۇق ئاغرىق ئازابىغا پايلىمايۋاتاتتى، ئۆلۈم يادىمغا يەتتى، سەكرات ئالدىدىكى جان چىققۇچە بولغان بىر قانچە دەقىقىدىكى ئازابتا ، ئىنسان ھاياتىدىكى بارلىق راھەتلىرنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىدۇ دەپ كىتابلاردا ئوقىغاندەك قىلغان ئىدىم. مەن تېخى سەكراتقا چۈشمەي تۇرۇپ بۇنچە ئاغرىق كۆرسەم گۆر ئازابى، دەۋزەخ ئازابى دېگەنلەرنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغلىلى بولمايدىكەن دېگەنلەر خىيالىمدىن ئۆتۈپ دەۋزەختىن پاناھ تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلدىم. شۇ ئارىلىقتا 2-3 ئۈچ ئېغىر كېسەللەر جىددىي بۆلىمدىلا جان ئۈزگەن ئوخشايدۇ. قۇلىقىمغا يىغا ئاۋازلىرى كىرىپ تۇرۇۋاتاتتى، ئاغرىق قىلچە بوشاپ قالماي جىنىمنى << ئىكەك>> لەۋاتاتتى. ئىنجىقلاپ يۈرۈپ دوختۇرنى يەنە چاقىردىم، دوختۇر مېنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ تەكشۈرگىلى تۇردى، دوختۇر قىزچاق بۆرەكتە تاش بولىشى مومكىن دېدى، مەن سوقۇر ئۈچەيمىدۇ دېيشىۋاتساق يەنە بىر خەنزۇ دوختۇر كىلىپ سول بۆرىكىمگە ئۇرۋىدى بەك ئاغرىپ كەتمىدى، ھىلىقى ئاغرىۋاتقان تەرەپتىكى بۆرەككە چىكىپ ئۇرىۋېدى ئاغرىقنى قوچۇۋەتكەندەك كۈچىيىپ ئاغرىپ كەتتى، ۋاي بولدى، ئاغرىپ كەتتى دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. بۆرەكتە تاش ياكى سۇ بار، قان ئىلىپ سوقۇر ئۈچەينىمۇ تەكشۈرتۈپ باقىلى دېدى. تەكشۈرۈش ئۆيىگە چىقىپ قان بىرىپ بولغاندىن كىيىن بۆرەكنى كۆرىدىغان ئۆيى باشقا بىنادا ئىكەن، ماڭغۇدەك ماجالىم يوق، چاقلىققا كارۋاتتا ياتتىم، ئىنىم ئىتتىرىپ ئىلىپ باردى. بۇ كېچىدە ب تېپلىق ئاپاراتتا تەكشۈرتىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك، ئىشلەيدىغان خىنىم ئويغۇنۇپ ئىش ئورنىغا كىلىپ بولغۇچە خىلى ۋاقىت ئۆتتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سوقۇر ئۈچەيدە مەسىلە يوق، بۆرەكتە ئازىراق سۇ يىغىلىۋاپتۇ دەپ چىقتى. جىددىي بۆلۈمدىكىلەر بۆرەك -سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلىمىگە يېزىپ بىرىپتۇ. ئۇ بۆلۈمنى ئىزدەپ تېپىپ باردۇق، دوختۇر ماڭا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ئىنىمنىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئىلىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى، تەكشۈرۈش سۈرئىتى خىلى تېز بولسىمۇ تېخىچە بىرەر ئاغرىق توختىتىش چارىسى قىلمىغىنىغا ئاچچىقىم كىلىپ توۋلاپ كەتتىم، <<دوختۇر، ماڭا ئاغرىق توختىتىدىغانغا بىرەر تال كاسا ئوكۇلى بولسىمۇ ئۇرۇپ قويسىلا، ۋاي بەك ئاغرىپ كەتتى>> … دوختۇر ئاغرىق توختىتىدىغانغا كاسا ئوكۇلى، سۈيدۈك يولىنى كېڭەيتىدىغان باشقا ئوكۇللارنى يېزىپ بىرىپ ئىنىمغا ، ئاكاڭلىنى تونۇيمەن، ماۋۇ ئوكۇللارنى ئېسىپ بولغاندىن كىيىن ئاغرىق توختايدۇ، ئۇندىن كىيىن باشقىسىغا ئاكاڭلا ئۆزى دورا قىلالايدۇ، ياتاقتا يېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپتۇ. ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ يەنە جىددىي بۆلۈمگە باردۇق، ئۇ يەردە پەقەت كاسا ئوكۇلىنى ئۇرۇپ قويالايمەن، باشقىسىنى ئامبۇلاتورىيە ئىشقا چۈشكەندە شۇ يەردە ئاستۇرساڭلا بولىدۇ دەپ، <<چۇمادو>> نىڭ كاسا ئوكۇلىنى ئۇرۇپ يېرىم سائەتتە ئاغرىق سەل توختايدۇ دېدى. يېرىم سائەتمۇ پۈكلىنىپ، ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ساقلاپ باقتىم ئاغرىق ھېچ پەسلەيدىغاندەك ئەمەس، سەھەر سائەت 6 بوپتۇ، ئامبۇلاتورىيە ئىشقا چۈشۈشكە خىلى ۋاقىت بار، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئوكۇللارنى ئىلىپ داۋا دوختۇرخانىسىغا بىرىپ ئاستۇردۇم، دوختۇردىن تونۇشۇڭ بولسا ئادەمگە خىلى كۆڭۈل بۆلۈپ ھەركىتىنى چاققان قىلىدىكەن، دوختۇرخانىغا كىرىپ بولغۇچە كارۋاتقا جايلاشتۇرۇپ ئوكۇلنى ئىسىپ بولدى، ئاغرىقنى تىزرەك توختىدىغانغا يەنە بىر قانچە كاسا ئوكۇل ئۇرىۋەتتى، يىرىم سائەتلەردىن سەل ئۆتكەندىن كىيىن جىنىم ئاز-تولا ئارام ئالغاندەك بولۇپ ، ئۇف، ئاللاھقا شۈكۈر دېدىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىنلەرگىچە ئوكۇلمۇ چۈشۈپ بولدى، ئاغرىقمۇ قويۇپ بەردى. دوختۇر پارچىلانغان تاش سۈيدۈك يولىدا بولىشى مومكىن، دوختۇرخانىدا 3-
4 كۈن ياتاملا دېۋىدى، يەنە ئاغرىپ كەتسە كىرەمىز دەپ قايتىپ چىقتۇق. شۇ بىر كۈنى گىلىمدىن غىزامۇ ئۆتمىدى، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئىلىپ ياتتىم، دۇكانغا تېلفۇن قىلىپ قوغۇن يېغى، ئارپا بەدىيان، قوناق ساقىلى، بەرشىشا دېگەن دورىلارنى ئەكەلدۈرۈپ قويۇپ ئانام ئەتكەن ئۈگرىنى ئىچىپ بولۇپ ناماز شامغا تاھارەت ئالاي دەپ تۇرسام ئاغرىق يەنە تۇتقىلى تۇردى. ئانام چىرايىمغا قاراپلا ئاغرىقنىڭ يەنە باشلانغانلىقىنى بىلىپ قالدى، بالام، بايا دوختۇرخانىدىن چىقمايلى دېسەم ئۇنىماي ئۆيگە كەلگىڭ كىلىپ كەتتى، يەنە بارايلىمۇ دېۋىدى، ياق توختا، ئەمدى مەن ئۆزۈم دورا قىلىمەن دەپ بەرشىشەدىن مىغىزدەك چوڭلۇقتا يەپ ئارقىدىن قوناق ساقىلى، ئارپا بەدىيانلارنى قاينىتىپ چاي قىلىپ ئىچىپ بەردىم، بەرشىشەنىڭ تەسىرىدە كۈچىيىپ ئاغرىۋاتقان ئاغرىق يىرىم سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا قويۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كىيىن قوغۇن يېغىدا تاماق ئەتكۈزۈپ يەپ، قوناق ساقىلى ، ئارپا بەدىيانلاردا چاي دەملەپ ئىچىپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ تۇردۇم، ھىلىقدەك كۈچلۈك ئاغرىق تۇتاي دېسە بەرشىشەنى يەپ قويدۇم. ھازىر ئاغرىق ئاساسەن تۇتمىدى، بەلكىم سۈۇدۈك يولىدىكى قۇمسىمان تاش، بۆرەكتىكى يېغىلىپ قالغان سۇ تۈگەپ قالغان بولىشى مومكىن. بۇ يەرلىك چارىلەرنى يەنە بىرەر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن دوختۇرخانىدا بۆرەكتىكى سۇنى تەكشۈرتىۋېتىپو ئۇندىن كىيىن بىرەر ئاي ئەتراپىدە جاۋارىش زەرئۇنىي يەپ بىرىشنى پىلان قىلدىم، مەقسەت، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش ، قايتا تاش پەيدا بولۇش، سۇ يېغىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈندۇر. ئۆزۈمدىكى ئالامەتلەردىن ھېس قىلىشىمچە بۇ خىل ئەھۋالدا ئاغرىقنى قوزغايدىغان ئامىللار:

كالا گۆشىدە قورۇلغان ئاچچىق-چۈچۈك خورداق، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، تۇخۇم، قەھۋە قاتارلىقلارنىڭ ئاغرىق قوزغاش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى ئىكەن.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      Yuksel

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەر!
      ساقسىز بولۇپ قالغانلىرىدىن خەۋەرسىز قاپتىمىز. يازمىلىرىنى ئوقۇپ كۆڭلىمىز سەللىمازا پەسكويغا چۈشتى. ئاللاھ ھەممەيلەننى سالامەت قىلسۇن! بولۇپمۇ سىلىگە ئوخشاش ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتقان ھەكىملەرگە كۆز تەگمىسۇن! ئامىن.
      [reply=Birzat,2012-02-09 08:08 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دۇئايى تىلەكلىرىگە كۆپ ھەشقاللا بۇرادەر! سىلىگىمۇ ساقلىق يار بولغاي![/reply]

    • #2
      Yuksel

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەر!
      ساقسىز بولۇپ قالغانلىرىدىن خەۋەرسىز قاپتىمىز. يازمىلىرىنى ئوقۇپ كۆڭلىمىز سەللىمازا پەسكويغا چۈشتى. ئاللاھ ھەممەيلەننى سالامەت قىلسۇن! بولۇپمۇ سىلىگە ئوخشاش ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتقان ھەكىملەرگە كۆز تەگمىسۇن! ئامىن.
      [reply=Birzat,2012-02-09 08:08 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دۇئايى تىلەكلىرىگە كۆپ ھەشقاللا بۇرادەر! سىلىگىمۇ ساقلىق يار بولغاي![/reply]

    • #3
      birgul

      مىجەزلىرى يوق بولۇپ قاپتۇ . يازمىللىرىنى ئوقۇپ بىزدەك ئۆزلىرىگە ئىھتىياجلىق بىمارلار ئۈچۈن ئەندىشىلەندىم . خۇداغا مىڭ شۈكرى ياخشى بوپ كىتىپلا …سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم ، ئەزىز تەنلىرىنى ئاسرىغايلا! ھە راست ، ئۆزلىرى ئاغرىق تارتقان كۈنى يەڭگىمىز يوقمىدى ؟ يالغۇزلۇق شۇنداق چاغدا بەكرەك ئېغىر كىلىدۇ .
      [reply=Birzat,2012-02-09 08:15 PM]ئىنسانچىلىقتا ئانچە – مۇنچە ئاغرىق-سىلاق بولۇپ تۇردىكەنمىز. ئاغرىق بولمىسا ساقلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەي قالىدىغان ئىش ئىكەن. ساقلىقنى قەدىرلەش تۇيغۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپ بۇ ئىشلارنى جىجاپ قويدۇم. خانىم تۇغۇتلۇق بولۇپ ئانىسىنىڭكىدىن تېخى كىلىپ بولالمىغان سەۋەب شۇ كۈنى يالغۇز بولۇپ قالغان ئىدىم. رەھمەت.[/reply]

    • #4
      birgul

      مىجەزلىرى يوق بولۇپ قاپتۇ . يازمىللىرىنى ئوقۇپ بىزدەك ئۆزلىرىگە ئىھتىياجلىق بىمارلار ئۈچۈن ئەندىشىلەندىم . خۇداغا مىڭ شۈكرى ياخشى بوپ كىتىپلا …سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم ، ئەزىز تەنلىرىنى ئاسرىغايلا! ھە راست ، ئۆزلىرى ئاغرىق تارتقان كۈنى يەڭگىمىز يوقمىدى ؟ يالغۇزلۇق شۇنداق چاغدا بەكرەك ئېغىر كىلىدۇ .
      [reply=Birzat,2012-02-09 08:15 PM]ئىنسانچىلىقتا ئانچە – مۇنچە ئاغرىق-سىلاق بولۇپ تۇردىكەنمىز. ئاغرىق بولمىسا ساقلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەي قالىدىغان ئىش ئىكەن. ساقلىقنى قەدىرلەش تۇيغۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپ بۇ ئىشلارنى جىجاپ قويدۇم. خانىم تۇغۇتلۇق بولۇپ ئانىسىنىڭكىدىن تېخى كىلىپ بولالمىغان سەۋەب شۇ كۈنى يالغۇز بولۇپ قالغان ئىدىم. رەھمەت.[/reply]

    • #5
      birgul

      مۇبارەك بولسۇن ئۇستام ،ئاللاھ ئۆزلىرىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىسىل نىمەتلىرىدىن يەنە بىر پەرزەنت ئاتا قىپتۇ.

      كەچۈرگەيلا تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئال سورايدىغان بوپ قالدىم . بىلوگدا ، تۇغۇتىن كىينكى ئادەت قالايمىقانلىشىش توغرىسىدا بىرەر تىما كۆرمىدىم . يوقمۇ يا مەن تاپالمىدىممۇ بىلەلمىدىم . كوت كوت دا سوراي دەپ بىر قانچە قېتىم خەت يازسام ئالدىراش بولسىلا كېرەك پاراڭلىشالمىدۇق. شۇ مەزمۇن توغرۇلۇق بىرەر تىما يولاپ بەرسىلە بوپتىكەن ، مالال قىلىدىغان بولدۇم .

    • #6
      birgul

      مۇبارەك بولسۇن ئۇستام ،ئاللاھ ئۆزلىرىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىسىل نىمەتلىرىدىن يەنە بىر پەرزەنت ئاتا قىپتۇ.

      كەچۈرگەيلا تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئال سورايدىغان بوپ قالدىم . بىلوگدا ، تۇغۇتىن كىينكى ئادەت قالايمىقانلىشىش توغرىسىدا بىرەر تىما كۆرمىدىم . يوقمۇ يا مەن تاپالمىدىممۇ بىلەلمىدىم . كوت كوت دا سوراي دەپ بىر قانچە قېتىم خەت يازسام ئالدىراش بولسىلا كېرەك پاراڭلىشالمىدۇق. شۇ مەزمۇن توغرۇلۇق بىرەر تىما يولاپ بەرسىلە بوپتىكەن ، مالال قىلىدىغان بولدۇم .

    • #7
      dilpare

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ، سىزدىن سۇنۇق ، سۆڭەك كىسەللىرى توغۇرلۇق
      مەسلىھەت سوراش ئويۇم بار ئىدى ، سىزنىڭ چچ نومۇرىڭىزنى تاپالمىدىم ،
      سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشسام بولىدۇ ؟

    • #8
      dilpare

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ، سىزدىن سۇنۇق ، سۆڭەك كىسەللىرى توغۇرلۇق
      مەسلىھەت سوراش ئويۇم بار ئىدى ، سىزنىڭ چچ نومۇرىڭىزنى تاپالمىدىم ،
      سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشسام بولىدۇ ؟

    • #9
      ئوغۇز

      ئاللاھ تەنلىرىگە شىپاھلىق بەرسۇن!

    • #10
      ئوغۇز

      ئاللاھ تەنلىرىگە شىپاھلىق بەرسۇن!

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...