چوڭلارنىڭ <<كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ >> دېگەن سۆزى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىزاجغا مۇۋاپىق، ھالال، پاكىز بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندىن باشقا چىش پاكىزلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىش چوتكىسى بولمىغان ئىلگىركى زامانلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاك ئىشلىتىپ ئۈممەتلىرىگە موھىم سۈننەت قىلىپ قالدۇرغان. چىش چوتكىلاش، چىشنى پاكىز تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقان نۇرغۇن سۆزلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرىنى كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاساسەن بىلىدۇ.
1. مىسۋاك ئىشلىتىش ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنى خۇش قىلىدۇ.
2.ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.
مىسۋاك ـ «سالۋادورا پېرسكا» دەپ ئاتىلىدىغان «ئىراك» دەرىخىنىڭ ياش نوتىسدىن كېسىپ ئېلىنىدىغان ھۆل ياغاچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياغاچتىن بىر غېرىچ مىقدارىدا كېسىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى 1 ياكى 2 سانتىمېتىر ئۇچلاپ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قوللىنىلىدۇ. مىسۋاك سۇدا يۇمشىغاندىن كېيىن خۇددى چىش چوتكىسىدەك پۇرشىلىق ھالغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيە قىلغان مىسۋاك دەل بۇ دەرەخنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ دەرەخ شەرقىي ئافرىقىدىن، ھىندىستانغىچە بولغان مەملىكەتلەردىن چىقىدۇ. تولۇق ۋە توغرا سۆزلەشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان چىشلارنى ئاسراش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئېغىزدا چىشلار تولۇق بولمىغاندا پسخولوگىيىلىك سەلبىياتلارمۇ كۆرىلىدۇ. چىشلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى چىشلارنىڭ ئارىلىقىدا تاماقنىڭ قالدۇقلىرىدىن توپلانغان باكتېرىيەلەردۇر. ئېغىز، چىش ۋە چىشلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۆشلەرنى باكتېرىيەلەردىن ساقلاش ئۈچۈن چىش چوتكىسىنى قوللىنىش ئەھمىيەتلىكتۇر. بىراق چىش چوتكىسى بىلەن ئىشلىتىلىدىغان چىش پاستىلىرى (ياگولار) نورمالدىن ئارتۇق تەملىك بولغاچقا، ئۇ، ئېغىز تەمىنى بۇزىدۇ. ئەمما مىسۋاك ئۆزىنىڭ نورمال پۇرىقى ۋە ياخشى تەمى بىلەن ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئېغىزنىڭ تەمىنى بۇزمايدۇ. شۇڭا چىش چوتكىسىدىن مىسۋاكنىڭ ئەھمىيىتى كۆپتۇر دەپتۇ.
ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە مىسۋاك ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ئىدىم، لىكىن سەل ئەپسىز ھېس قىلىپ يەنە چىش چوتكىسىغا ئۆتىۋالدىم، چاتاق بولغىنى مۇسۇلمانلارغا ماس كەلگۈدەك ھەم پاكىز ھەم چىشنى ھەقىقى تۈردە ئاسرىيالىغۇدەك چىش پاستىسى تاپماق سەل تەس بولدى. 2000-يىللىرى تۈركىيەنىڭ چىش پاستىسىلىرىنى ئىشلىتىپ يۈردۈم، بۇ ھەر ھالدا خەنزۇچە ماركىدىكى چىش پاستىسىلىرىدىن كۆپ ياخشى ئىدى. شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چىش پاستىلىرى بىر-بىرلەپ بازارغا كىرىشكە باشلىدى، بىر قانچە ئۇيغۇرچە ماركىلىق چىش پاستىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم، لىكىن مىسۋاك ئىشلەتكەندىكى ياكى تۈركنىڭ پاستىسلىرىنى ئىشلەتكەندىكىدەك ھېس قىلالمىدىم. بىر مەزگىللەردە ئەمۋاينىڭ تىجارەتچلىرى ئارقامغا كىرىۋېلىپ بەكلا ئاۋارە قىلىپ كەتتى، ئىچىم ئاغرىپ بىر تال چىش پاستىسىنى ئىلىپ ئىشلەتكەن بولدۇم. بۇمۇ بەك ياراپ كەتمىدى. ئۇندىن كىيىن بىرسى <<ئىپار>> نىڭ چىش پاستىسىنى تەۋسىيە قىلىپ قالدى. ئىشلىتىپ كۆرىۋىدىم، ئۇنىڭ پۇرىقى، چىشنى پاكىز تازىلىشى ماڭا ياراپ قالدى. مانا 3-4 يىلدىن بىرى <<ئىپار>> شىركىتىنىڭ چىش پاستىسىغا كۆنۈپ قالدىم. ئاڭلىسام بۇلار ئۆزلىرى ياسارمىش. ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چىش پاستىلىرىغا بولغان ياراتماسلىق قارىشىم ئۆزگەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى <<ئىپار>> شىركىتىنىڭ چىش پاستىسىدا <<ئىپار>> دېگەن ماركىدىن باشقا ھەممە خەتلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس. بەلكىم بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى ئۇيغۇر رايۇنىدا ئىچىشنى ئويلىمىغان بولىشى مومكىن.
چىش پاستىسى تاللاشتا نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك، ھازىر قايسى ماركىدىكى چىش پاستىلىرى ياخشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدۇ دېگەندەكلەر ھەققىدە تورداشلارنىڭ قاراشلىرىنى بىلىپ باقاي دەپ ئۇيەر-بۇيەردىن سۆز ئىچىپ ئولتۇردۇم. ئېيتىڭلارچۇ تورداشلار، سىلەر ھازىر قايسى ماركىدىكى چىش پاستىسى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟
مەن سۇلتان زاۋۇتىنىڭ < سۆيۈنچە> چىش پاستىلىرىنى ئىشلىتپ كۆنۈپ قاپتىمەن ، ئۇ چىش پاستىلىرى شۇنداق تەملىككى تاس قالىمەن ئۇنى يەۋەتكىلى ،
ھە راس بىرزات ئەپەندىم ، مىنىڭ چىشىم بەك قانايدۇ ، چىشىمنى چوتكىلىغان ۋاقىتتىغۇ ۋەھشى قانايدۇ ، ئادەتتە قاتتىقراق نەرسە يىسەممۇ قانايدۇ ، ۋىتامىن س كەم ئوخشايدۇ دەپ تولۇقلاپ باقتىم ، سۇت ئىچىپ باقتىم ، چىش پاستىلىرىمنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم ، يەنىلا ئوخشاش، مەندە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئىدى ، شۇ سەۋەبدىنمىكى دىسەم تىخى، سىلىچە بۇ قانداق ئەھۋالدۇ؟؟؟
[reply=Birzat,2012-02-22 01:06 PM]چىش مىلىكى ياللۇقى سەۋەبىدىن بولغان چىش قاناش ئەھۋالىغا : زەمچە، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، پىل-پىل ، ئانار پوستى قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئېغىزنى غار-غار قىلىپ بەرسە بولىدۇ. ئەگەر جىگەر خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن چىش قاناش ئەھۋالى بولسا < <ئەرقى شوخلا>>، < < دىنار شەربىتى>>، < <ئاپتاۋى قىزىل گۈلقەنت>>، < <ئەنجىباھار شەربىتى>> قاتارلىقلار مەنپەئەت قىلىدۇ.[/reply]
2012/02/19

مەن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ < <سانىنو>> ماركىلىق چىش پاستىسىنى ئىشلەتكەن ئىىدىم . ئەمما تازا ياققاندەك ھىس قىلمىدىم . چۈنكى چىش مىلىكلىرىم ھەر چوتكىلىغاندا بەكمۇ قانايتى . بۇنى چىش پاستىسىدىن كۆرۈپ يۈرسەم ، ئەسلىدە چىش پاستىسىدا كۆپمۇ گۇناھ يوقكەن. 3-4 ئاي بولدى ، چىش مىلىكلىرىمنى مەخسۇس داۋالاتتىم . خۇداغا مىڭ شۈكرى ، ھازىر شۇنداق شىددەت بىلەن چوتكىلاپ باقساممۇ ھەرگىز قانىمايدۇ .ھازىر تۈركىيەنىڭ مەخسۇس چىش مىلىكلىرىنى ئاسرايدىغان چىش پاستىللىرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
2012/02/20

ئەسسالامۇەلەيكۇم بېر زات ئەپەندى : ھەر قېتىم نامازغا تاھارەت ئالغۇچە چوقۇم سۈزۇك سۇ ئىشلىتىش پەرزمۇ؟ بولۇپمۇ ئىستىنجا قىلغۇچە ، مەندە ئاق خۇن كۆپىيىپ قالدى ، خىزمىتىم سەل ئالدىراش ،ئايرىم ئىسسىقلىق دورا قىلاي دىسەم ئەپسىز ،مەن توي قىلمىدىم ،چوڭلاردىن سورسام سۇ سوغۇق ،ئىسسىق سۇدا تاھارەت ئالسىمۇ ئوخشاشلا سوغۇق ئېلىپ كېتىدىغان گەپ شۇ سەۋەپتىن دەيدۇ ،< ئاللاھ بەندىلىرىگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ>دىگەننى ھەممىمىز بىلمىز ، دىمەكچى بولغىنىم :ھەر قېتىم ئىستىنجا قىلغاندا مىللىي تىبابەتنىڭ دورا سۇيىدە ئىستىنجا قىلسام بولارمۇ؟
[reply=Birzat,2012-02-22 01:01 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىسسىقلىق دورىنى قاينىتىپ كۈندە كەچتە تۆۋەن تەرەپلىرىنى ھوردىتىپ ئۇندىن كىيىن سۇ تېرىنى كۆيدۈرمىگىدەك بولغاندا چىلىنىپ يۇيۇپ بەرسىلىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ سوغۇقتىن ئاق خۇن كۆپ كىلىشكە مەنپەئىتى بار، ھەم جىنسىي يولنى ئىسسىق، پاكىز تۇتۇپ بىرىدۇ.
ئاياللار قاينىتىپ جىنسىي ئەزانى يۇيۇپ، ھوردىلىپ بەرسە بولىدىغان دورا دەرمەكلەر: قەلەمپۇر، خۇلۇنجان، قوۋزاقدارچىن، كاۋاۋىچىن، ئانار پوستى ياكى ئانار چېچىگى…قاتارلىقلار. ئەگەر ياللۇق، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار قوشۇلۇپ كەلسە مامىرانچىنى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
مېنىڭ بىلىشىمچە تاھارەت ئالىدىغان سۇغا قويۇلىدىغان تەلەپ: رەڭگى، تەمى، پۇرىقى ئۆزگەرمىگەن ساپ سۇ بولىشى كېرەك. ئىسسىقلىق دورا قاينىتىپ ئومومىي بەدەننى يۇيۇنىدىغانلار يۇيۇنۇپ بولۇپ ساپ سۇ بىلەن بەدىننى چايقىۋەتسە بولىدۇ.[/reply]
2012/02/22

بۇ چ چ نى قاچىلۋالسىلا بوپتىكەن 1979504966

man sz bilan kurxay degan idim dukkingz ga barsam szni tapkili bolamdu hapa bolmsgz1207853512degan qqini kitwalsgz

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ؟
مىنڭ چىشىم ئۇزۇن بولدى ھەرقانداق سوغۇق نەرسىنى يىيەلمەيمەن، سۇغۇق نەرسە تەگكەن ھامان شۇنداق ئاغرىپ كىتىدۇ، ھازىر چىشىم بەك سەزگۈر بوپ كەتتى ، شامال تاتىپ ئاغرىيدۇ، ئازراق غىچىرلىغان ئاۋازنى ئاڭلىسام چىشىم زىڭلداپ كىتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق چارە قوللانسام بۇلىدۇ ؟ قايسى دۇرىنى يىسەم بۇلىدۇ؟ بىر يول كۆرسەتسىلە ،ئاللا رازى بولسۇن !
2012/02/23

مەن ئۆزۈم بىر تىجارەتچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇ مەھسۇلاتلارغا نىسپەتەنمۇ ئانچە مۇنچە تونۇشقا ئىگە . ھازىرغىچە چىققان ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چىش پاستىلىرىنىڭ ئىچىدە ھەقىقى ئىشەنچىلىكى پەقەت سۇلتان زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن چىننۇرى (سۆيۈنچە دىگەندەك) ماركىسىدىكى چىش پاسلىتىلىر دۇر . قالغا سەردار پەردارلىرىنىڭ ھەممىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلىنىدۇ .
2012/02/27

مەن ئەزەلدىن مىسۋاك چىش پاستىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن
2012/03/04

مەن پاكىستاننىڭ مىسۋاك ماركىلىق چىش پاستىسىنى ئىشلىتىمەن. خىلى بولۇپ قالىدۇ. لىكىن بەك ياخشى دەپ كەتكىلىمۇ بولىمايدۇ. شۇ ئىشەنچىلىك دەپلام ئىشلىتىۋاتىمەن.
2012/03/06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم!
ئاڭلىسام مۇشۇ ئاشخانىلاردا ۋە ناۋايخانىلاردا ئىشىلتىدىغان بەزى چوتكىلارنىڭ قىلى چوشقىنىڭ تۈكىدىن ياسىلدىكەن، لېكىن بەزى ناۋايلار دىققەت قىلماي ئىشىلتىۋىردىكەن. ماۋۇ چىش چوتكىسىنىڭ قىلى قانداق ماتىرياللاردىن ئىشلىنىدىغاندۇ؟
سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!
2012/04/08

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !مەن بۇ ئىكاسلارنى كۈرىۋىتىپ جىگەر ياللۇغى توغرىسىدىكى پاراڭنى ئاڭلىدىم .مەن دەل مۇشۇ توغرىسىدا سىلىدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم .
يولدىشىم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولغىلى ئون يىلدىن ئاشتى .كېسەللىك ئەھۋالى باشتىن ئاخىرى ئوخشاشلا يەنە شۇ جايىدا(شىياۋسەنياڭ).بۇ كېسەللىككە زادى دەۋا يوقمۇ ؟ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرى مەنپەت قىلامدۇ ؟نىمىلەردىن پەرىز تۇتىش كېرەك ؟بىر مەسلىھەت بەرسىلە بوپتىكەن ؟
2012/04/14

مەن سەردار چىش پاستىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.
2012/04/24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھازىرمۇ ھەقىقى مىسۋاكنى تاپقىلى بۇلارمۇ
2012/04/26

مەن ھدىسنىڭ روھى بويىچە مىسۋاكنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆردۈم . چىش مىلىكى ياللۇغى بەكلا ئېغىر ئىدى .دايىم قانايتى. ھازىر مىسۋاكنى ئىشلىتىپ ، بۇ كىسەللىكتىن قۇتۇلدۇم. ينىلا مىسۋك ياخشى.
2012/04/28

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر…مىنىڭ چىشلىرىم ئۇۋۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ، ئۇۋۇلۇپ ھازىر ئون نەچچە تاللا چىشىم ساق قالدى،سەۋەبىنى بىلەلمىدىم، مەسلەھەت بەرگەن بولسڭىز،،،،،
2012/05/17

ماڭا يەنىلا «ئىپار» چىش پاستىسى يارايدۇ !
2012/05/20

سەئۇدى دىن كىرگۈزۈلگەن مىسۋاك چىش پاستىسى ياخشىكەن،سىناپ كۈرۈڭ.
2012/06/04

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئىپار چىش پاستىسىنى قەشقەرنىڭ نەرىدىن ئالغىلى بولىدۇ ؟
2012/06/13

چىش مىلىكى ياللۇقى سەۋەبىدىن بولغان چىش قاناش ئەھۋالىغا ،چىن نۇرى يەنى سۈيۈنچە ماركىلق ھەرەيىلمى چىش پاستسنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار.مەن ئىشلىتىپ ھەقىقەتەن ئۈنۈمنى كۆردۈم.
2012/06/16

بىر گېزىتتىن كۆرگەن قايسى گېزىتلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ. چىش پاستىسىنى ئىشلەتكەندە بىر خىل چىش پاستىسىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمەستىن باشقا خىل چىش پاستىلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ تۇرۇش كېرەككەن. چۈنكى بىر خىل چىش پاستىسىنى ئىشلىتىۋەرگەندە ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلارنىڭ شۇ چىش پاستىسىدىكى چىشنى ئاسرايدىغان خىمىيىلىك ماددىلىرىغا قارىتا قارشىلىق كۈچى ئېشىپ بارىدىكەن. يەنە چىش چوتكىسىنىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 ئايدا بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەككەن. چەتئەلدىكى بىر قېتىملىق تەكشۈرلۈشتە تازلىق ئۆيىدىكى تەرەت قاچىسى، قول يۇيىدىغان يەر، سافانىڭ تېگى، چىش چوتكىسى… قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىپ ئۆلچىگەندە چىش چوتكىسىدىكى مىكروب ئەڭ كۆپ بولغان.
2012/06/19

assalamu alaykum yah xi mu siz ?siz di as li hat alay di gan ?~!!!!!!
2012/06/24

مەن ھەرخىل چىش پاستىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن، چىش پاستىسى تاللاشتىكى ئۇسۇلۇم، چىش پاستىسىنىڭ كەينىدىكى رەڭ كاتاكچىسىگە قارايمەن، يېشىل بولغانلىرىنى تاللاپ سېتىۋالىمەن. ئادەتتە يېشىل، كۆك، قىزىل، قارا تۆت خىل رەڭلىك بولىدۇ، (مايسىمان گىرىم بويۇملىرىدىمۇ ئوخشاش)، بۇ رەڭ ئۇنىڭ ئىشلىنىش ئۇسۇلىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. قارا ، قىزىل رەڭلىك بولغانلىرىنى ئىشلەتمەڭ!
2015/03/23