ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش پىسخىكىسى ھەققى

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش پىسخىكىسى ھەققىدە



(سۈرەييە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى)

سۈرەييە يۈسۈپ، گۈلبانۇ ئابدۇۋەلى





      ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا  نىسبەتەن نۆۋەتتىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە. ئەمەلىيەتتە قارشىلىشىش پىسخىكىسى نورمال روھى ھالەت بولسىمۇ، لېكىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىز قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ياش- ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلىدىغان قارشىلىشىش پىسخىكىسىىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ئاتا- ئانىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:

        بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى دېگىنىمىز: كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولۇش، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل پىسخىكىلىق ھالەتنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. قارشىلىشىش پىسخىكىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت شۇنداقلا، مۇشۇ ياش مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە بولىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىچە پىسخىك ئالاھىدىلىك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك ئالاھىدىلىكى 《ئۆتكۈنچى مەزگىل 》 دە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، چوڭلارنىڭ يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ ھەم   ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى《كىچىك بالا》 ئورنىدا كۆرۈپ باشقۇرۇشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىدىكى《خاسلىق》 نى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەيئىلەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ياكى شۇنداق بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىشىش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ-دە، تۈرلۈك ۋاستە، ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، 《ئۆزى》 بىلەن سىرتقى مۇھىت ئۆزئارا  باراۋەر بولالايدىغان ئورۇننى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى ساغلام بولمىغان روھىي ھالەت دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ (قارشىلىشىش پىسخىكىسى) نىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاغلاردا بەكلا نورمالسىز بولىدۇ. ئۇ بىنورمال روھىي ھالەتتىن پەرقلەنسىمۇ، بىراق  ئۇنىڭدا  بىنورمال روھىي ھالەتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.

         ياشلىق مەزگىلى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالىقىلىق مەزگىل. پىسخىلوگىيەدە 9 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلنى ياشلىق مەزگىلى، 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى شۇنداقلا قارشىلىشش ۋە سەزگۈرلۈك پىسخىكىسى روشەن ئىپادىلىنىدىغان مەزگىل دەپ قارايدۇ.

     ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ ۋە جەمئيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىدا دائىم ئاتا-ئانا بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولىدۇ، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا مۇستەقىللىق ئىدىيەسى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھەرخىل ئىش-ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارشىلىشىش ھالىتى شەكىللىنىپ، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئىدىيەسى كۈچىيىدۇ شۇنداقلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش، پىكىر قىلىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېڭى ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپ ئۆزىدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.

  ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:

1. ئاتا-ئانىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى 《كىچىك بالا 》 ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، مۇشۇ دەۋردىكى بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكى بالىلاردا ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.

  2. ئاتا-ئانىلارنىڭ تونۇشىدىكى خاتالىق. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، بالىلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپماستىن، ئەكسىچە بالىلىرىغا تەن جازاسى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارغا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئارىسىدا ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.

  3. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، پەقەت بالىلىرىغا نۇرغۇن قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ بېرىپ ئۇلارنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بالىلار ئائىلىنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلالماي، ئۇلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش روھىي ھالىتىدە بولىدۇ.

  4. ئوقۇتقۇچىلاردىكى نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار قارشىلىشىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەي، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە سەل قارايدۇ. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىدىغان، تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان پاسسىپ كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. قارشىلىشىش پىسىخىكىسى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە جىسمانى جەھەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردە گۇمانخور، جاھىل، باشقىلارغا ئارىلاشقۇسى كەلمەسلىكتەك ناچار خارەكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قارشىلىشىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

   1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتلىق جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش لازىم. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىماستىن، ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بالىغا كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.

  2. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا، ئۇلارغا ھۆرمەت  قىلىشى، غورۇرىغا تەگمەسلىكى، ئادىل، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بالىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،ئۇلارغا تېخمۇ مېھىر- مۇھەببەت بېرىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

3. بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۈچلۈك ئىپادىلەنگەندە، مەسىلەن: ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەرگە نىسبەتەن ئاتا- ئانىلار ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك ھەمدە دەرھال مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؛ شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا يەنە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش مۇمكىن.

4. ئائىلە مۇھىتى بالىلاردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا ئائىلە مۇكەممەللىكى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھەدىسىلا كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ بالىلارنىڭ ئالدا جەڭگە-جىدەل قىلىشماي،ئەكسىچە بالىغا ئوبدان ئۈلگە بولۇپ بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر-بىرىگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت بېرىش، ئۆز كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، پىسخىك قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.

6 . بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ ياكى يات جىنىسلىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يات جىنىسلىق(قىز ياكى ئوغۇل)ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بالىنى قورقۇتۇش ياكى كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى بالىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيە بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بالىغا ئىشىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدى ئالغىلى، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە روھى ئۇزۇق بەرگىلى بولىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ