سىز بۇلارغا ھەق تۆلەپ باققانمۇ؟

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقسىز بولىدۇ. كىشىلەر بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدۇ.

قۇياش نۇرى ھەقسىز - ھاياتلىق قۇياش نۇردىن  ئايرىلالمايدۇ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچكىم قۇياش نۇرى ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.

ھاۋا ھەقسىز- ئۆلۈم ئالدىدا سەكراتقا چۈشۈپ بىر-نەچچە قېتىم نەپەسلىنىشكە زار كىشىلەر ھاۋانىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بەكرەك ھېس قىلالىسا كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ كىشى ئاللىقاچان شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتىنى بىزگە سۆزلەپ بىرىشتىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ. ۋاھالەنكى ھاياتلىق ئالىمىدە ئەلمىساقتىن بىرى ياشاپ كىلىۋاتقان ئادەملەرھاۋا ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.

مىھرىبانلىق ھەقسىز - ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز مىھرىبانلىقىغا نائىل بولىدۇ. ھېچقانداق بىر ئاتا-ئانا بالىسىغا << سەن بىزگە پۇل بەرسەڭ، بىز ساڭا مىھرىبان بولىمىز>> دېمەيدۇ.

دوستلۇق ھەقسىز – يالغۇزلۇق ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئېغىر كۈنلەرگە قالغان چېغىڭىزدا سىزگە تەسەللى بەرگەن، ياردەم قىلغان ئادەمنىڭ دوستلۇقى چىن ۋە سەمىمى بولىدۇ.

مۇھەببەت ھەقسىز - سىزنى ھەر ۋاقىت سېغىنىدىغان، سىزگە ھەر ۋاقىت سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق تىلەيدىغان، بەختىڭىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئادەمنىڭ مۇھەببىتى چەكسىز ۋە ھەقسىز بولىدۇ.

نىشان ھەقسىز بولىدۇ – مەيلى پۇلدار ياكى نامرات بولۇڭ سىز خالىسىڭىزلا ئۆزىڭىزگە نىشان تىكلىيەلەيسىز. نىشانىڭىز ئۇلۇغ ياكى ئادەتتىكىچە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەلەيسىز.

ئىتقاد، ئىرادە، ئۈمۈد، ھايا قاتارلىقلارمۇ ھەقسىز – ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى، ئۇنى قىلىشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭغا ئىرىشەلەيسىز. مەيىن شامال، سىم-سىم يامغۇر، ئايدىڭ كېچە، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، كۆك ئاسمان ھەقسىزبولىدۇ. ئۇنىڭغا بېقىشنى خالىسىڭىزلا سىز ئۇنىڭدىن تەبىئەتنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇلار سىزنىڭ باشقىلار تارتىپ ئالالمايدىغان ۋە دەخلى-تەرۈز قىلالمايدىغان بايلىقلىرىڭىزدۇر. بۇلارنى ئەستايدىل بىر ئويلىنىپ كۆرگىنىڭىزدە تەڭرىتائالانىڭ بارچە جاندارلارغا نەقەدەر ئادىل ۋە مىھرىبان ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتىسىز.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      Yuksel

      بازار قانۇنىيىتى بويىچە ھەقسىز نەرسىلەرنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ ياكى بولمايدۇ. خۇددىي شۇنىڭدەك، جاپا چەكمىگەن ئاشىق مۇھەببەتنىڭ قەدرىنى بىلمەس، زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس دېگەندەك، كۈنىمىزدىكى ئىنسانلار سىلى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ھەقسىز نېمەتلەرنىڭ قەدرىنى بىلىپ كېتەلمەيۋاتىمىز ….

    • #2
      Light

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،.،.،
      ئادەمنى تەپەككۇرغا ئۈندەيدىغان يازما ئىكەن.
      http://murkabir.w56.enkj.com/

    • #3
      kainam

      بۇرۇنقى چاغلاردا چوڭلار نەپەسلىنىش پۇلى دەپ بىرخىل باجنىمۇ تاپشۇرۇپتىكەنتۇق . ھاۋا ھەقسىز دېگەننى ئوقۇپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى . [face51]
      [reply=Birzat,2011-01-04 11:12 AM]قايسى زامانلار بولغىيتتى شۇ؟؟؟[/reply]

    • #4
      Pasiban

      شۇنچە چىرايلىق، شۇنچە مۇكەممەل پەرزەنتلەرنى ئاللاھ بىزگە سوۋغات سۈپىتىدە ھەقسىز ئاتا قىلىدىكەن. بۇ بەلكى ئەڭ كاتتا ھەقسىز نېئمەت بولسا كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەقسىز سوۋغاتلارنىڭ قەدرىنى بىلىپ چۈشۈنۈپ يېتىشىمىزگە ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن…

    • #5
      KOSOVaLi

      ئىسپىرما بالدۇر كىتىش دېگەن قانداق بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟

    • #6
      yzdan

      ياخشى تېما ئىكەن[face01]

    • #7
      baywatqa

      ھەقىقەتەن ياخشىكەن بەك خۇش بولدۇم رەخمەت سىزگە

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...