[align=center][img]http://t0.gstatic.com/images?q=tbn:uFs8XtI6wTGWDM::&t=1&usg=__-Nv_BfqPv7LcM8AZ6kiuO8-mZpc=[/img][/align]فىرانسىيەلىك بىر ئاناتومىيە ئالىمى ئادەم تىنى ۋە كىشىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك بىر گۇرۇپپا قىزىقارلىق رەقەملەرنى توپلىعان . ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسنىڭ پوستلاق قەۋىتىنى كىرىپ ، قاتلاملىرىنى تۈزلەپ سىرىسا ، قىلىنلىقى ئۈچ مېللىمىتىر ، كۆلىمى 90*60 كىۋادرات سانتمىتىر بولغان بولاق پىرەنىككە ئېرىشكىلى بولىدىكەن . ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1424 گرام ، قېرىغاندا بولسا 1395 گرام كېلىدىكەن ، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىق رېكورتى 2049 گرام ئىكەن . توققۇز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېنوزاۋورنىڭ چوڭ مېڭىسى پەقەت ياڭاق چوڭلۇقىدا بولۇپ ، ئېغىرلىقى 70 گرام كېلىدىكەن .
ئادەم نېرۋا سىستىمىسىنىڭ −سېگنال يەتكۈزۈش سۈرئىتى سائىتىگە 288 كىلومىتىرغا يېتىدىكەن . قېرىلىق مەزگىلىگە بارغاندا سۈرئىتى % 15 ئاستىلايدىكەن .
ئادەم تىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى توققۇز سانتىمىتىز ، ئېغىرلىقى 50 گرام كېلىدىكەن . تىل 17 تال مۇسكۇلدىن تەركىب تاپىدىكەن ، شۇڭا ئۇ ناھايىتى ھەرىكەتچان بولىدىكەن .
ياش چوڭايغانسىرى قۇلاق ئۇزىرايدىكەن . ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 يىلدا قۇلاق 2.2 مىللىمىتىر ئۇزىرايدىكەن . ئادەمدە 1 – 3 مىليۇن تال چاچ بولىدىكەن . ئەرلەر ساتىراچخانىغا قەرەللىك بارسا، ئۆمرىدە چۈشۈرۈۋەتكەن چېچى تۇققۇز مېتىردىن 10 مېتىرغىچە بولىدىكەن .
ئادەملەر 75 -80 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرسە ، يۈرىكى 3 مىليارد قېتىم سوقىدىكەن ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 300 گرام كېلىدىغان يۈرەك ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 200 مىڭ كىلومىتىر بولغان قان تۇمۇر سېستىمىسى ئارقىلىق قاننى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن .
ئاياللار پۈتۈن ئۆمرىدە 25 توننا يېمەكلىك يەيدىكەن ، 37 مىڭ لېتىر ئۇسسۇلۇق ئىچىدىكەن . ئەرلەر بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە 22 توننا يېمەكلىك يەيدىكەن ، 33 مىڭ لېتىر سۇ ئىچىدىكەن. ئاياللارنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يېگىنىنىڭ ئەرلەرگە قارىغانداكۆپ بولۇشىغا ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن بولغانلىقى سەۋەب بولغان ، ئاياللارنىڭ يىغلاش قېتىم سانى ئەرلەرنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن ، نەتىجىدە ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەرلەرگە قارىغاندا يەتتە يىل ئۇزىرايدىكەن .
كۆكيال تور خاتىرىسى