بېيجىڭ ‹ زوئەن › دۇختۇرخانىسى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىنى بىر خىل يېڭى تېخنىكا بىلەن داۋالاپ ، ئۆمرىنى ئۈچ يىلچە ئۇزارتقان . ئۇلار ھەر خىل تىپتىكى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىدىن 1000نى داۋالىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ %87.8 ىنىڭ ئۆمرى ئۈچ يىل ئۇزارغان .
+ گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا ، يىڭنە سانجىپ داغلاپ داۋالاش يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلمىگەن بىلەن ، ھەرىكەتتىكى چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن .
+ ئىگىلىنىشىچە ، بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان جانغا زامىن 2 – چوڭ راك كېسىلى بولۇپ ، ئاياللار HPV تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىپ تۇرسا
بۇ خىل راك كېسىلىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدىكەن . بۇ راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاتسا %95 تىن كۆپرەكى ساقىيىپ كېتىدىكەن .
+ ئامرىكىدىكى ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ ، ئۆپكىنى قايتىدىن يېتىلدۈرۈش ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتىشتى .
+ سۇلۇ يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك غىزالىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى ئىكەن ، ساپ سۇلۇ يۈرەككە پايدىلىق ئىكەن .
+ ئاچچىق كاۋىنىڭ بەدەندىكى خەيرىي خىلىتلارنى تازىلاش ، چارچاشنى تۈگىتىش ، يۈرەكنى ياشارتىپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، بۆرەكنى كۈچەيتىپ ، ماغدۇر بېرىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، ئۇنىڭ سۈيى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن .