باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە نەشىنىڭ ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچسە يۇقۇرى قان بىسىمنى چۈشۈرىدۇ دەيدۇ. بىرزات ئۇستامدىن سوراپ باقسام، نەشە ئۇرۇقى بىلەن قان بېسىمنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ قان بىسىمغا يەنە قانداق نەرسىلەر پايدا قىلىدۇ؟
قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان نەرسە كۆپ ، لىكىن قان بېسىم دېگەن بىر قېتىم چۈشۈرۈپ قويغانغا جايىدا جىم تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا قان بېسىمنى تىزگىنلەشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بولۇشى، دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەنلەرنى تەرتىپلىك ئىلىپ بىرىش كېرەك. كەندىر يوپۇرمىقى ۋە ئۇرىقىنىڭ قان بېسىمىنى مۇئەييەن چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار. لىكىن بۇنى ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىپ ئىچكىلى بولمايدۇ. نېرۋا سىستېمىسىغا باشقا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن. قان بىسىمغا دورا ئىچىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە رېتسىپلىق دورا ئىچىپ بىرىشى كېرەك. قان بىسىمىنى چۈشۈرىدىغان ئادەتتە ئىستىمال قىلسا بولىدىغان، ئۆزى ئەرزان، تېپىشقا ئاسان نەرسىلەردىن لىمون (تىلىپ قايناق سۇغا سىلىپ ئىلىدۇ)، قوناق ساقىلى (چاي دەملەپ ئىچىدۇ)، كەرەپشە (چىڭسەي)، پەمىدۇر، تۇرۇپ، قارا ئۈرۈك، گىلاس، تاۋۇز، ھەسەل، چىلان، قېتىق قاتارلىقلار.
يۇقۇرى قان بىسىم بىمارلىرى دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى: يۇقۇرى قان بىسىم كۆپ ھاللاردا تۇراقسىز بولۇپ يۇقۇرى ھالەتنى ساقلاۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا بېسىم چۈشۈپ ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا ساقلانغان ئەڭ زور خاتا قاراش شۇكى سوغۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قان بىسىمنى چۈشۈرىدۇ، يۇقۇرى قان بىسىمغا پايدىلىق دەپ قاراپ كۆپلەپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىدىغان ۋە ياكى بۆرەك زەئىپلىشىپ كاردىن چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يۇقۇرى قان بىسىمنى داۋالاشتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىلىپ تۇرۇشى، قەرەللىك تەكشۈرتۈش قىلىپ تۇرۇشى، ئوزۇقلىنىشتا ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە سوغۇقلۇق قوغلىشىپ قۇۋۋەتلىك غىزالىنىشتىن ئۆزىنى تارتماسلىقى، مىزاجغا مۇناسىپ تەڭشەپ ئىستىمال قىلىپ بىرىشى كېرەك.
______________ بىرزات
ھازىر يۇقۇرى قان بىسىم كېسىلى بولغانلار ھەر بىر ئائىلىدىن دېگۈدەك تېپىلىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە يۇقۇرى قان بىسىم كېسەللىكى ئىنتايىن ياشلىشىپ ماڭماقتا. شۇڭا تورداشلار بۇ تېمىدا يۇقۇرى قان بىسىم كېسەللىكىنى ئائىلىدە كۈتۈش توغرىسىدا ئۆز-ئارا تەجىربە بايان قىلىشساق دەيمەن.
بىرزات ئەپەندى، قېرى چىلان دەرىخىنىڭ پوستىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە پايدىسى ئىنتايىن ياخشىكەن، دورىلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغىنى يوق ئىكەن.
قۇدىمىزنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ چىلىنى يوق، دادام چىلان دەرىخمىزنىڭ پوستىدىن بېرىۋىدى (ئانام قىشتا توڭلاپ قالىدۇ، ئازراق بەر دەپ تۇرسىمۇ[face03])، قاينىتىپ ئىچىپ تېزلا ياخشى بوپ كەتتى، بىزنىڭ يۇرتتا قان بېسىمغا ئادەتتە موشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ….
2012/01/21

بۇ مەسلىھەت راستلا شونداق بولسا بەك ياخشى دۇرا ئىكەن بىراق بىزنىڭ يۇرۇتتا نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تېرىغان چىلان بار تىنى تېخى كىچىك ئىدى ،ئايالىمنىڭ قان بېسىمى بارتى قوزاق باغلىغان چىلان دەرىخنى تېپىشقا ئالدىراپ قالدىم.قايەرلەردە باردۇ؟
2013/01/15