تاماقتىن كېيىن «يۈز قەدەم مېڭىش» بەزىلەرگە ماس كەلمەيدۇ

2012-01-08_131202-0.jpg

ھاياتلىق لىنيىسى خەۋىرى: كونىلاردا:«تاماقتىن كېيىن 100 قەدەم ماڭساڭ، 99 ياشقا كىرىسەن» دەيدىغان سۆ بار. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىشنى ئادەت قىلغان. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىش ياخشى ئادەت بولسىمۇ ئەمما بارلىق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدىكەن، قېرىلار تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىشقا ماس كەلمەيدىكەن.
شىئەن شەھەرلىك جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىدىكى رېن دوختۇر تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىشنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئادەتتە ھەرىكىتى ئاز، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان، نىسبەتەن سېمىز، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى، ئاشقازان، ئۈچەي ھەزم قىلىش سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. رېن دوختۇر:«ئەمما قېرىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغانلىقتىن، تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىشقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن. قېرىلار تاماق يېگەندىن كېيىن يېمەكلىكلەر ئاشقان ئۈچەيدە توپلىنىدىغان بولغاچقا، ھەزىم قىلىشقا نىسبەتەن كۆپ قان سۇيۇقلىقىنىڭ ياردىمى كېتىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا پىيادە ماڭسا، بىر قىسىم قان سۇيۇقلىقى تۆۋەنكى مۈچىلەرگە كېتىپ، ئاشقان ۋە ئۈچەيگە قان تەمىنلەش كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسىلى بار قېرىلار تاماقتىن كېيىنلا پىيادە يول يۈرمەسلىكى كېرەك، تاماقتىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشى كېرەك. رېن دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قېرىلارنىڭ قان بېسىمى تاماقتىن كېيىن تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىدىكەن، تاماقتىن كېيىن پىيادە يول ماڭىدىغان بولسا يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت-قوللار ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن، ھەتتا ھوشسىزلىنىپ يىقىلىش خەۋپى كېلىپ چىقدىكەن. رېن دوختۇر:«بۇنىڭدىن سىرت، ئاشقازىنى تۆۋەنلىگەن، يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان بىمارلارمۇ تاماقتىن كېيىن پىيادە يول يۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. ئالدى بىلەن بىر پەس ئارام ئېلىپ ئاندىن پىيادە سەيلە قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ» دېگەن.

نەپرەت تەرجىمە قىلدى


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ