زېققا بىمارلىرى ئۈچۈن – چامغۇر شورپىسى

ھەر خىل ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇق-غىزانى مىزاجى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس تەڭشەش ئىنتايىن موھىم بولۇپ دورا ئارقىلىق داۋالاشقا يانداشتۇرىلىدۇ. بەزى كېسەللەر ھەتتا تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تۈزۈپ بەرگەن رېتسىپلىق غىزالىرىنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ سەللىمازا شىپا تېپىشى مومكىن. بۇ خىل داۋالاش ئەندىزىسى ھازىرقى دۇنيادا ئەمدىلەتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ <<ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋاش>> نامىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقى مىڭ يىللار بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتلاردىن بىزلەرنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرىپ كەلگەن. بۇ خىل ئوزۇقلۇق-تاماق رېسالىلىرى بىلەن داۋالىنىشقا ماس كىلىدىغانلار ئاساسلىقى بەدەن ئاجىزلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك جاھىل كېسەللىكلەردىن قان ئازلىق، ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار يېتىشمەسلىكتىن بولغان ئورۇقلاپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاشقازان ياللۇقى، زېققە، دىئابىت، يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، مەزى بېزى ياللۇقى، بۆرەك سوغۇش، بۆرەك ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، بەل-بوغۇم ئۇستىخان ئاغرىقلىرى دېگەندەكلەردە دورا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنسا داۋالىنىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.  ئۇندىن باشقا زۇكام، قىززىتما، قوقاق، ئىچ سۈرۈش، يۆتەل، قۇسۇش، كۆڭۈل ئىلىشىش دېگەندەك ئۇششاق سانىلىدىغان كېسەللىكلەردىمۇ غىزا رېتسىپلىرى بىلەن كۈتۈنسا تېزلا ياخشى بولۇپ كىتىشىمۇ مومكىن. بىرزات ئۇستام بۇندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇناسىپ بولغان تاماق-غىزا رېتسىپلىرى بىلەن تورداشلارنى بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن تۇنجى قەدەمدە زېققە بىمارلىرى ئۈچۈن – چامغۇر شورپىسى تونۇشتۇرىلىدۇ.

چامغۇر شورپىسى

ياش پاقلان گۆشىدىن 300 گىرام، يۇمشاق پىشىدىغان چامغۇر 300 گىرام، سۇغا 8 سائەت چىلانغان نوقۇت بىر پىيالە، قاقىلە بىر تال، گۈرۈچ ئوتتۇرا پىيالا، شوخلا يىرىم تال، تۇز، ئاقمۇچ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا سىلىنىدۇ.

تاماقنى ئىتىش ئۇسۇلى:

1.ئاۋۋال گوشنى چالا پۇشۇرىۋېلىپ سۈزۈپ ئىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. 2. نوقۇت، چامغۇرنى گۆشنىڭ شورپىسىغا سىلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىپ ئاندىن گۈرۈچنى سالىمىز. 3.گۈرۈچ ئىتىلىپ پىشقاندا توغراپ تەييارلانغان گۆشنى سىلىپ تۇز، ئاقمۇچ، قاقىلە سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.

بۇ غىزا رېتسىپىنىڭ خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى پارقىرتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئۆپكىنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتى بار. بۇ شورپا زېققە بىمارلىرىنىڭ دائىملىق ئوزۇقلىقى قىلىنسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

ھېكايەت: نامراتنىڭ گۆشى-چامغۇر

يۆتەلنىڭ ئېسىل رېتسىپى <<ﺳﯘﭘﯘﭘﻰ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ>>

80خالتا رېتسىپى-شىپايى نەپەس قايناتمىسى

كەپتەر شورپىسىنى تاييارلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلى قايسىدۇ؟

ﭼﺎﻣﻐﯘﺭنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ (شىپالىق گېياھلار)


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      jalalidin

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم .

    • #2
      jalalidin

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم .

    • #3
      sweet

      assalamu alaykum…maga bir zikkiga manpaat kildigan addi ritsiptin birni dap barsigiz boptikan …….rahmat

    • #4
      sweet

      assalamu alaykum…maga bir zikkiga manpaat kildigan addi ritsiptin birni dap barsigiz boptikan …….rahmat

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...