1.رېتسىپ:
خۇرۇچلىرى:
سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، ئارپا بەدىيان، سېرىق چېچەك، زېرە قاتارلىقلار 10 گىرامدىن.
قورۇغان نۇقۇت تالقىنى ئىككى قوشۇق، ياڭاق ئىككى دانە.
نوقۇت ، ياڭاق تالقانلىرىنى بىر چىنىگە سىلىپ باشقا خۇرۇچلاردا تەييارلىنىپ دەملەنگەن قىززىق چاينى ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. (قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ)
سۈتى ئاز تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىچىپ بەرسە قۇۋۋەت بولىدۇ، سۈتىنى تېز كۆپەيتىدۇ. سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىۋىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
- 80خالتا دۇكان رېتسىپى
___________________________________________
2.رېتسىپ:
سەۋزە، پىياز، چامغۇر، لوبۇ ئۇرۇقى، سېرىق چېچەك، ئارپا بەدىيانلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بىلەن باراۋەر نوقۇتنى قورۇپ سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى بۇنىڭ 15 گىرامىنى ئىستاكان كالا سۈتىگە قوشۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ ناھايتى تېزلا سۈتنى كۆپەيتىدۇ.
- تۇردى مۇھەممەت ئاخۇن رېتسىپى
مەن يەنە بىر خىلىنى يوللاپ قوياي ، ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن .
ماتىريالى : سۇمېيى 50 گىرام ، پىياز 20 گىرام ، ئۇششاق بىلىق (ئادەتتە بىر كىلوغا 5-6سى ئولتۇرىدۇ ) قارنىنى ئېلىپ، يۇيۇپ تەييارلايمىز .
ئېتىش ئۇسۇلى :قازانغا يىرىم چۇمۇچ ماي قۇيۇپ قىزدۇرۇپ ، تۇغرالغان پىيازنى تاشلايمىز ، پىياز سارغىيىپ (پىياز باغارا )بولغاندا قازانغا ئككى چۇمۇچ سۇ قۇيىمىز ، ئاندىن بىلىقىنى سالىمىز ،بىلىق چۆكۇشكىچە سۇ قۇيۇپ تىز ئوتتا بىر قاينىتىمىز ، قازان قاينىغان ھامان ئوتنى پەسەيتىپ ، سۇس ئوتتا قانىتىپ پۇشۇرىمىز ، قازاننىڭ سۇيى ئازلاپ شورپا بىر چىنە ئەتراپىدا قالغاندائېلىپ قىززىقىدا ئستىمال قىلىمىز .ھە راس ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ئازراق تۇز سالىمىز .
2011/01/11
سذت تارقئتئشنئث ظذسذلئن دةپ بةرسةثلار بولاتئ
2011/06/16
سۈتۈم ئاز قالغاندا بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ باقارمەن . ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بولۇپ رەھمەت دەي ھە ……[face05]
2011/08/10