لاچىندانە تەركىبلىك ئالاھىدە چاي دورا رېتسىپلىرى

تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن(بىرزات)

ﺑﯘ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻻﭼﯩﻨﺪﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ <<ﻻﭼﯩﻨﺪﺍﻧﻪ>> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﺎﻱ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ

(ﻻﭼﯩﻨﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯧﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯘﻳﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ).

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺷﺒﯘﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﮬﻪﺯﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ، ﻳﻪﻝ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺵ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯩﺴﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺵ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ،ﮬﻪﺯﯨﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﭘﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.



 

ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ – ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻡ، ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺑﻪﻙ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﭼﺎﻱ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻗﻰ ﮔﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺳﯩﺮﻛﻪﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺳﺎﻧﺠﯩﻘﻰ ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭ: ﺳﯩﺮﻻﻧﻜﺎ، ﮬﯩﻨﺪﻭﻧﯧﺰﻳﻪ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.

ﭘﯘﺭﺍﻗﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ:

xiao dou kou

小豆蔻

ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ: cardamom



ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ: 1 -2 ﮔﯩﺮﺍﻡ.

ﻻﭼﯩﻨﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺋﯚﭘﻜﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﻛﻪﺗﯩﺮﺍ، ﺗﺎﺑﺎﺷﯩﺮ

لاچىندانە ئادەتتە چايخانىلارنىڭ ئاساسلىق ئېسىل چاي خۇرۇچلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندە لاچىندانە تەركىبلىك بىر نەچچە خىل چاي رېتسىپى تونۇشتۇرىلىدۇ:

1.لاچىندانە، زېرە، جۇۋۋىنە، پىننە، يالپۇز، بەدىيان 10گىرامدىن ئىلىپ چالا سوقۇپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازاننى قىززىتىپ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ئىشتەينى ئاچىدۇ.

2.ئاچىندانە، رۇمبەدىيەن، ئارپابەدىيان، يالپۇز، زاراڭزا چېچىگىدىن 10 گىرامدىن ئىلىپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازان ئۈچەيدىكى يەلنى تارقىتىدۇ، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ. ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ.

3. بىرزات بۇرادەرلەر چايلىقى

ﺯﻩﭘﻪ 5 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻗﻪﻟﻪﻣﭙﯘﺭ 5 ﮔﯩﺮﺍﻡ، لاﭽﯩﻨﺪﺍﻧﻪ ﮬﯩﻨﺪﻯ 30 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻝ 10 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﺑﯘﻏﺎ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻯ 5 ﮔﯩﺮﺍﻡ، قارا رەيھان 10گىرام، ئىپار – ئۇۋاق دانچىسىدىن بىرەر تال بولسا كۇپايە .

ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ: ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﮬﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﻥ-ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺭﻩﻙ-ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ. (ھەر خىل چاي، ئولتۇرۇشلاردا دەملەپ ئىچىشكە ئالاھىدە ماس كىلىدۇ)

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﻪ: ﺑﯘ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﺩﻩﻣﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻧﺎﯞﺍﺕ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﻮﺗﺘﺎ 2-3 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯧﺠﻪﺯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﻩﻙ. بالىلار ۋە ھامىلدار ئاياللار ئىچىشكە بولمايدۇ.

4.لاچىندانە، گۈلدارچىن 20گىرامدىن، قىزىلگۈل 15گىرام، رۇمبەدىيان، جۇۋۋىنە، قەلەمپۇر، ئاپلىسىن پوستى، سازەج ھىندى 10گىرامدىن، سۇمبۇل 10 گىرام ئىلىپ چالا سوقتۇرۇپ چايلىق ئورنىدا دەملەپ ئىچىلىدۇ. ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5.لاچىندانە، پىلپىل، زەنجىۋىل، بەدىيان، رۇمبەدىيان، كەرەپشى ئۇرۇقى، دارچىن، قىزىلگۈل 10گىرامدىن، گۈلدارچىن 20گىرام ئىلىپ چالا سوقۇپ دەملەپ قىنىقراق دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدىن بولغان ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      mamat423

      4.لاچىندانە، گۈلدارچىن 20گىرامدىن، قىزىلگۈل 15گىرام، رۇمبەدىيان، جۇۋۋىنە، قەلەمپۇر، ئاپلىسىن پوستى، سازەج ھىندى 10گىرامدىن، سۇمبۇل 10 گىرام ئىلىپ چالا سوقتۇرۇپ چايلىق ئورنىدا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
      بۇ چاينى بالياتقۇدا زىدە بار،ئادىتى قالايمىقان كىلىدىغان ئاياللار دەملەپ ئىچسە بولامدۇ؟[face08]

    • #2
      laile

      我越來越胖了 能不能喝減肥藥品喝了會不會影響到我以後的生育

    • #3
      wutunay

      مەن بىرزات ئەپەندىمدىن سۇئال سورماىچى ئىدىم لىكىن قەيەرگە يىزىشىمىمنى بىلەلمىدىم دوسلارنىڭ ماڭا دەپ بىرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
      رەھمەت

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...