بەل ئاغرىقىدىن قانداق قۇتۇلدۇم

ئىمىنجان ئاۋۇت

   مەن بەل ئاغرىقىنىڭ ئازابىنى 10 يىلدىن ئارتۇق تارتىپ، ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ، كۆرۈنمىگەن دوختۇر، تىۋىپلار، ئىچمىگەن دورىلىرىم قالمىدى. لېكىن يەنىلا كېسىلىمدە ياخشىلىنىش بولمىدى.
1993-يىل يازدا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن تۇرپاندىن پوسكامغا كەلگەن بىر مويسىپىت كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ باشقىلارنىڭ يۆلىشى بىلەن ئاران مېڭىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ ئەھۋال سوراپ قالدى. كېسەللىك ئەھۋالىمنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزى ئىشلەتكەن مۇنداق بىر رېتسىپنى ئېيتىپ بەردى.
رېتسىپ
خۇرۇچلىرى: ياڭاق مېغىزى بىر كىلوگرام، بادام مېغىزى بىر كىلوگرام، ئۇرۇقسىز قىزىل كىشمىش (يەرلىكتە قىزىل ئاپتابى ئۈزۈم دېيىلىدىكەن) بىر كىلوگرام، ھەسەل بىر كىلوگرام، توخۇ تۇخۇمى 15 دانە، لىمون ئالتە گرام.
تەييارلىنىشى: ياڭاق ۋە بادام مېغىزلىرىنى ئايرىپ، بادام مېغىزىنى بىر كېچە قايناقسۇغا چىلاپ، تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن ياڭاق، بادام مېغىزى ۋە قىزىل كىشمىشنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ تالقانلايمىز. تۇخۇمنى سۇدا ئۇزۇنراق پىشۇرۇپ، سېرىقىنى ئېلىپ، سىم ئەلگەكنى دۈم قويۇپ (تېگىگە لىگەن قويۇپ)، يەڭگىل سۈرۈپ تالقانلايمىز، ئاندىن ھەسەلنى قۇيۇپ، پەس ئوتتا قىزدۇرۇپ كۆپۈكىنى ئالىمىز.
ياسىلىشى: كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلنىڭ ئۈستىگە لىموننى، ئاندىن ياڭاق، بادام مېغىزى ۋە ئۈزۈم تالقىنىنى سېلىپ كەپكۈر بىلەن تېز- تېز ئۆرۈپ، پەس ئوتتا بەش مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز، ئاندىن ئوتنى تېخىمۇ ئاستىلىتىپ تۇخۇم سېرىقى تالقىنىنى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بولۇپلا ئوتنى ئۆچۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن دورا تەييارلانغان بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: ھەركۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قوشۇقتىن (20 گرام ئەتراپىدا) ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىپالىق رولى: پۈتۈن بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. مىڭە، يۈرەك، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ قايتىدىن ياشارتىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇپ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنتۇغاقلىق، باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى، ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىكى، ئۆپكە ياللۇغى، جىگەر، تال ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دورىنى قائىدە بويىچە ياساپ، قەرەللىك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدە خۇددى كونا ماشىنىغا يېڭى ماتور ئالماشتۇرغاندەك كۈچ- قۇۋۋەت پەيدا قىلىدۇ. (تەجرىبىدىن ئۆتكەن)
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 1) خۇرۇچلار ۋە دورا ياساش، ئىستېمال قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قاچا- قۇمۇچلار چوقۇم قۇرۇق بولۇشى لازىم. 2) ياسىلىپ تەييارلانغان دورا جەزمەن سىرلىق قاچىغا ياكى ئېغىزى يوغان شىشىلەرگە ئېلىنىپ بىر ئاز سوۋۇغاندىن كېيىن، ئاغزى مەھكەم ئېتىپ ساقلىنىدۇ. 3) دورا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئەر- خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىكى، يۇيۇنماسلىقى، سوغۇق سۇ ۋە سوغۇقلىقى زىيادە بولغان ھەمدە توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى، پۇت- قولىنى ئىمكانقەدەر ئىسسىق سۇدا يۇيۇشى لازىم.
مەن ياسىغان دورىنى ئاشۇ تەلەپ بويىچە ئۈچ ئاي ئۈزمەي ئىچكەندىن كېيىن، بەل ۋە پۇت- قولۇمدىكى ئاغرىقلار ئاستا- ئاستا يېنىكلەپ، خېلىلا ياخشىلانغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئىككىنچى قېتىم خۇرۇچنىڭ مىقدارىنى 500 گرام قىلىپ داۋاملىق ئىچكەندىن كېيىن، بەل ئاغرىقى، پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىشىپ سىرقىراپ ئاغرىشلار پۈتۈنلەي يوقىلىپ، بارغانسېرى يەڭگىللىشىپ، تېتىكلىشىپ قالدىم. بەل ئاغرىقى (بەل چۇقۇقى) كېسەللىكىدىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلدىم ۋە ھازىرغىچە قايتا قوزغىلىپمۇ باقمىدى.
شۇڭا بۇ رېتسىپنى ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمىز ئۈچۈن خالىسانە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان «پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلى ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.

ئاپتۇر: پوسكام ناھىيىلىك پارتكوم ئورگىنىدا
«پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلى 2006- يىل 2- سانىدىن ئېلىندى.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...