شاكىلات ۋە ئاياللار-بالىلار ساغلاملىقى

ھامىلدار ئاياللارنىڭ ياخشى يېمەكلىكى – شاكىلات
شاكىلاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ  ، تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى يېتەرلىك ، ئۇ بەدەنگە ناھايتى تېز سۈمۈرىلىدۇ . ھەر 100گرام شاكىلات تەركىبىدە 50 گرام ئەتراپىدا كاربون سۇ بىرىكمىسى ، 30 گىرام ماي ، 15 گرامدىن يۇقىرى ئاقسىل بار بولۇپ ، سىنىك ، تۆمۈر ، كالتىسىي ۋە ۋىتامىن B2 قاتارلىقلارمۇ بىر قەدەر مول ئىكەن . سۈمۈرۈلۈش سۇرئىتى تۇخۇمنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى ئىكەن ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار تۇغۇتتىن ئىلگىرى ئىككى ، ئۈچ تال شاكىلات يېسە ، بوشىنىش جەريانىدا كۆپلىگەن ئىسسىقلىق ۋە ئېنىرگىيىگە ئېرىشىپ ، تۇغۇتى بىخەتەر ۋە ئاسان بولىدىكەن.
Sweet-Yummy-Chocolate-chocolate-34691317-1366-768

يەنە بەزىلەر شاكىلات ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ دەپ قاراپ تۆۋەندىكى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ:
شاكىلات-مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى, ئاياللار ئىزچىل ھالدا شاكىلات بىلەن جىنسىي ئاڭ، جىنسىي ھەرىكەتنى رومانتىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.
چۈنكى شاكىلات ئىستىمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ۋە جىنسىي جەھەتتىن قانائەتلىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولىدۇ. جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن ئاياللار شاكىلات يېگەندىن كىيىن ھېسياتچان بولۇپ كېتىدۇ.
ئىتالىيەلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۇزاق مۇددەت شاكىلات ئىستېمال قىلغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ئارزۇسى، جىنسىي ھېسيات ۋە جىنسىيەت ھەققىدىكى قانائەتلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى بولىدىكەن. ئىتالىينىڭ مىلاندىكى تەتقىقاتچى خادىملار 163 نەپەر ئايالنىڭ شاكىلات ئىستېمال قىلىشى بىلەن جىنسىي ھەرىكىتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان. بۇ تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، ھەر كۈنى شاكىلات يەيدىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى شاكىلات يېمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا زىيادە يۇقۇرى بولىدىكەن. شاكىلات ئاياللارنىڭ جىنسىي ئالاھىدىلىكىدە ئاكتىپ فىزئولوگىيلىك رول ئوينايدىكەن. جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن ئاياللاردا شاكىلات يېگەندىن كېيىن روشەن جىنسىي ئىنتىلىش پەيدا بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، شاكىلات ئادەمنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىكەن. شاكىلات تەركىبىدىكى تىرىپتامىن قان پىلازمىسىنىڭ بىرىكىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىلار بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، شاكىلات تەركىبدىكى فېنىل ئاتسېتامىدنىڭ شەيدا قىلغۇچى دورا دېگەن نامى بولۇپ ، ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ ، جىنسىي ھەۋىسىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرىدىكەن.

شاكىلاتنى كۆپ يېسە ئادەمنى سەمىرتىۋېتىدۇ دەيدىغان قاراش بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاكىلاتنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ بۇنىڭ قايسىسى ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىلىدىغان شاكىلات خۇمار دوستلارنىڭ شاكىلات ھەققىدىكى ھېس قىلغانلىرىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمۈد قىلىمىز!
مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شاكىلات بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ، بۇ ئاللىقاچان دەلىللەنگەن ھەقىقەت، ئەمما شاكىلاتنى تاللاش ۋە يىيىش ئۇسۇلى خاتا بولسا، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئورۇقلاش مەقسىتى بارلار مۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: شاكىلاتنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى ئۇنىڭدىكى كوففېئېنغا باغلىق، كوففئېىن كۆپ ۋە شېكەر مىقدارى ئاز شاكىلات ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ، شۇڭا كوففئېىن مىقدارى %75 تىن يۇقىرى شاكىلاتنى تاللىغان ياخشى، ئەمما شاكىلاتنىڭ ئېنىرگىيەسى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ يىمىگەن تۈزۈك.
مۇتەخەسىسىلەر مۇنداق دىيىشتى: 100 گرام شاكىلاتتا توققۇز گرام يىمەكلىك تالاسى بار، شۇڭا شاكىلات ئادەمدە تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، شاكىلات تاتلىق بولغاچقا، ئۇنى يەپ بولغاندىن كېيىن قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە، تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ ۋە ئېغىزدىكى شاكىلات پۇرىقى يوقىلىپ، شاكىلاتنى كۆپ يەۋېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

زىلالەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
مەن شاكىلات يىيىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈمەن. مىنىڭچە( شاكىلات يېگەندىن كىيىن ھېسياتچان بولۇپ كېتىدۇ)دىگەندىن كۆرە،(ئادەمنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ) دىگەن توغىرا دەپ قارايمەن. مەن ھەممە خىلدىكى ھەممە ماركىدىكى شاكىلاتلارنى تېتىپ باقتىم.بۇرۇنقى شاكىلات تەملىرى ھازىر يوق. بۇرۇنقىلىرىنىڭ تەمى سەل قۇيۇقراق، بىرخىل ياخشى ئىدى. لېكىن ھازىرقى شاكىلاتلارنىڭ تەمى تاتلىق، سەل جىقراق يەپ سالسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاينىدۇ. بۇرۇنقىدەك تەمدىكى شاكىلاتلار يوق بۇلۇپ كەتتى.

The boy eats a zephyr

شاكىلاتنىڭ بالىلارنىڭ كېچىسى سېيىپ يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
شاكىلاتنىڭ كۆپ خىل ساغلاملىق ئىقتىدارى بايقالغان بولسىمۇ، ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان بەزىبىر يېتەرسىزلىك تەرىپىنىمۇ بايقىغان، شاكىلات بالىلارنىڭ تېنىگە رېئاكسىيە بېرىدىغان بولۇپ، دوۋساق كۆپۈپ سىغىمچانلىقى ئازىيىش، دوۋساقنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار قاتتىق ئۇخلاپ قېلىپ، ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا ئۇيقۇلۇقتا ئورنىغا سىيىپ قويۇش كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن.
شۇڭا بالىلارغا شاكىلاتنى ئازراق يېگۈزۈش، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى شاكىلات بەرمەسلىك كېرەك.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...