ئوزۇقلۇق تالقىنى-بالىلار ناشتىلىق رېتسىپى

مەن دۇكاندا بۇ قېتىم تەييارلىغان ئۆلچەم بويچە تونۇشتۇرىمەن، قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئاز-كۆپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
ياڭاق مېغىزى: 500 گىرام
ئاقلانغان بادام مېغىزى: بىر كلوگىرام
ئاقلانغان ئۈرۈك مېغىزى: بىر كىلوگىرام
ئۇرۇقسىز ئاپتاۋى ئۈزۈم: بىر كىلوگىرام
قۇرۇق پۇشۇرۇلغان نوقۇت تالقىنى: ئىككى كىلوگىرام
قورۇلغان كۈنجۈت : ئىككى كلوگىرام
خېمىرىغا ياڭاق مېيى، سىيادان، زېرە سىلىپ شور تونۇردا سىڭدۇرۇپ پۇشۇرۇلغان نان :
(ياڭاق مېيى 300 مىللىگىرام. زېرە، سىيادان 100گىرامدىن)
نان ئىككى يىرىم كىلوگىرام.
شىكەر: بىر كىلوگىرام
بەدىنى ئاجىز، ئورۇق، يېتىلىشى ئاستا، تامىقى ئاز، زىھنى قۇۋۋىتى ئاجىز، چېچى شالاڭ، جانسىز ، تولا يۆتىلىپ ، زۇكام بولىدىغان بالىلار-ئۆسمۈرلەرگە ۋە قۇۋۋەت ئاجىزلاشقان ياشانغانلارغا ئوبدان ئوزۇق بولىدۇ.
بالىلار كۈندە بىر-ئىككى قوشۇقىن بىر قېتىم. چوڭلار ئىككى-ئۈچ قوشۇقتىن كۈندە ئىككى قېتىم قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
ئەگەر ئۈچەي ئاجىز بولۇپ چوڭ تەرىتى كۆپ كىلىدىغان، تەرىتى قاتمايدىغان ئەھۋاللار بولسا يۇقۇردىكى خۇرۇچلار 500 گىرام ئەتراپىدا جىگدە تالقىنى قوشۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ئۈچەينى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن كىلىپ چىققان يېتىلىشنىڭ ئاجىز، ئەزالارنىڭ كۈچسىز بولىشى، ئورۇقلاپ كېتىش دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئوبدان ئوزۇق بولىدۇ.
(قەۋزىيەت بولۇپ ئىچى تولا قېتىپ قالىدىغانلار بىرەر قوشۇق يانتاق ھەسەلى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ)
يۇقۇردىكى رېتسىپ بويچە تەييارلاپ ئېستىمال قىلىشقا شارائىتىڭىز بولمىسا 80خالتا دۇكىنىغا تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ. دۇكىنىمىزدا تەييارلانغان يۇقۇردىكى ناشتىلىق ئوزۇقنىڭ 500 گىرامى: 50 يۈئەن.

(ياڭاق مېيىنىڭ كالتىسىي تولۇقلاش، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۆڭەك زىچلىقىنى ساقلاش، چاچنى جانلاندۇرۇش، ياشانغانلاردىكى مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ، دىۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ قېرىشنى كىچىكتۈرۈش رولى بار. قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىگە جۇلا بىرىپ گۈزەللەشتۈرىدۇ.
100 مىللىگىرام ياڭاق مېيىنىڭ باھاسى 48 يۈئەن.)

yangaq-meyi

 

چوڭلار ئۈچۈن ناشتىلىق رېتسىپ

كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئەتتىگىنى بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەي ناشتىسىز ياكى بىرەر بۇردا نان بىلەنلا چۈشلۈك تاماققا ئۇلىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەتىگەندە ئوزۇقلۇقى مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشنىڭ ئومومىي بەدەن سالامەتلىكى بولۇپمۇ مېڭە ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلىكى ھەققىدە ئىلگىر يوللىغان تېمىلاردا يېتەرلىك بايان قىلىنغان بولغاچقا ‹‹ئالدىراش›› لار ئۈچۈن بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تەييار بولىدىغان، تېخنىكا -ھۈنەر تەلەپ قىلمايدىغان ، ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىغان مول ئوزۇقلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ناشتىلىق ھەققىدە بولىدۇ. بۇ -رامىزاندا زوھۇرلۇق ئۈچۈن تاماق ئىتىشكە ۋاقىت، شارائىتى يار بەرمەيدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئوبدان ئوزۇقلۇق بولىدۇ.
مەن ئائىلىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىرىدارلىرىمغا تەۋسىيە قىلغىنىمدەك ھەر خىل مېغىزلارنى ئېزىپ تالقانلاپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ‹‹سوقماق›› تەييارلاپ بەردىم. بۇمۇ بىر ئاز بولدى، لىكىن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇلغان مېغىزلارنى بەزىلەر كۆڭۈلگە تېگىدىكەن دەپ ئادەتلىنەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ناشتىلىق بىلەن باغلانغان ، ھەم مېزىلىك ھەم يېيىشلىك بولغان مېغىز تالقىنى تەييارلىدۇق.

چىنىگە نان سالىسىز، ئۈستىگە بىر-ئىككى قوشۇق كەلگۈدەك تالقان سىلىپ ئۈستىدىن قايناقسۇ ياكى قاينىتىلغان سۈت قۇيىسىز، يېنىك قوچۇپ بىر ئاز ھورى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن بىر-ئىككى قوشۇق ھەسەل سالىسىز. ۋاھ، ئىشتىھانى ئاچقۇدەك مەزىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلغاندا ناشتا قىلماي تۇرۇپمۇ پۇت-قوللىرىڭىزغا قۇۋۋەت تولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىسىز. خووووش ، ئەمدى رېتسىپنى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرايمۇ؟!!!

ALMONDS

مەن دۇكاندا بۇ قېتىم تەييارلىغان ئۆلچەم بويچە تونۇشتۇرىمەن، قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئاز-كۆپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
پىستە مېغىزى 500 گىرام . قورۇلغان، پوستى سارغۇچراق كەلگەن يېڭى پىستە ئەڭ ياخشىسى. يۇيۇپ ئاقارتىلغان پىستىلەر بولمايدۇ.

Mixed Nuts

201675-120G31KP268

9885883_191251720001_2

 

ياڭاق مېغىزى ،
بادام مېغىزى،
ئۈرۈك مېغىزى،
پىندۇق مېغىزى بىر كىلوگىرامدىن. ئۈرۈك مېغىزى بىلەن بادام مېغىزىنى قايناقسۇغا چىلاپ 15 مىنۇت دۈملىگەپ ئاقلايمىز. ئۇندىن كىيىن پاكىز داكا ئۈستىگە يېيىپ چاڭ قوندۇرماي بىر-ئىككى كۈن قۇرىتىمىز. پىندۇقنىڭ پوستى بەك قاتتىق بولغاچقا چاقماق تەس. بىز بۇ قېتىم تۈركىيەدىن ۋاكئۇم ھالەتتە كىرگۈزۈلگەن پىندۇق مېغىزىدىن ئىشلەتتۇق.
ئۇرۇقسىز قىزىل ئاپتاۋى ئۈزۈم بىر كىلو.
كۈنجۈت بىر كىلوگىرام. قۇرۇق ساپلىقتا يەلپۈپ تۇرۇپ يەڭگىل قورۇيمىز.
نوقۇت: 1.5 كىلوگىرام. قۇرۇق قازان، ياكى ساپلىقتا يەڭگىل قورۇپ چالا پۇشۇرىۋالىمىز . ئۇندىن كىيىن ئۇندەك تالقان قىلىمىز.
خۇرۇچلار تەييار بولغاندىن كىيىن چوڭ قاچىدا تەكشى ئارىلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئېزىش ماشىنىسىغا سىلىپ تالقان قىلىمىز. دىققەت قىلىدىغان ئىش: چوڭراق، ئىلغارراق ماشىنىدا ئەزمىسەك تەكشى تالقانلانماي ئانچە-مۇنچە مونەكلىشىۋالىدۇ.
ئەگەر يۇقۇردىكى تەپسىلات، جەريانلارغا شارائىت يار بەرمەي ۋاقتىڭىز چىقماي قالسا بىزگە ھاۋالە قىلسىڭىز ، يۇقۇردا دېيىلگەندەك تۈجۈبىلەپ پاكىز تەييارلاپ بىرىمىز. يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.
ئادرىسىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ جامەنىڭ نور بېشى تەرەپ يان ئىشىكى ئۇدۇلى 2-قەۋەتتىكى بىرزات 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، ھەسەل دۇكىنى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
تېلفۇن: 0998-2820877
13565662787
باھاسى: بىر كىلوگىرام 100 يۈئەن.
بۇنى ئادەتتىكى نۇرمال ئوزۇقلۇق، يېمەكلىك دەپ ئىستىمال قىلىدىغان قۇرۇق مېۋە، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى دېگەندەك خۇرۇچلار.
قوشۇلغان خۇرۇچلارنىڭ تېبابەت كىتابلىرىدا ئېيتىلغانلىرىغا كۆرە تەسىرى جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا بۇ تالقان ئومومىي بەدەنگە ئوزۇق-قۇۋۋەت بولۇش، زىھنى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئاقسىل، كالتىسىي تولۇقلاپ ماغدۇر پەيدا قىلىش، پەي-مۇسكۇللارغا قۇۋۋەت بىرىش، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىش، تېرىگە جۇلا بىرىش، سېمىرتىش، يىلىك تولۇقلاش، قان كۆپەيتىش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئەگەر ئەكىس تەسىرى بار دەپ قارالسا بىر قېتىمدا كۆپرەك ئېستىمال قلىنسا ئاشقازان-ئۈچەيدە يەل پەيدا قىلىشى مومكىن. مەن تەمىگە خۇشتار بولۇپ تاماق قوشىقىدا 3 قوشۇق سىلىپ ئىچسەم يەلنى سەل كۆپەيتىۋەتكەندەك تەسىر بەردى. (بەدەندىكى قۇۋۋەت يەلدىن كىلىدۇ دەپ قويىدىكەن چوڭلار).
ئادەتتە تاماق قوشۇقىدا ئىككى قوشۇق ئىچىپ بەرسەم نۇرمال، باشقىلارغىمۇ يېقىپ قاپتۇ. ئادەتتە چوڭلارغا ئىككى قوشۇق، بالىلارغا بىر قوشۇق ياكى ئازىراق بەرسەك مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلار يانتاق ھەسىلى سىلىپ ئىچىپ بىرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن ناشتىلىق قۇۋۋەت تالقىنى تەييارلىغاندا ئاپتاۋى ئۈزۈم سالمىغان ياخشى.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...