ياڭاق مېيىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى

yangaq meyi

دۇكىنىمىزدا بۇ يىلقى يېڭى ياڭاقتىن تارتىلغان ياڭاق مېيى سېتىلىدۇ.
بۇ يىلقى يېڭى ياڭاقتىن تۈجۈبىلەپ تەييارلانغان بولۇپ بىر پۇراشتىلا ياڭاق ھىدىنى ھېس قىلالايسىز. ياڭاق مېيىنى بىۋاستە ئىچىشكىمۇ، سوغۇق سەي(سالات) لەرگە، سۈت، قېتىق، ھەسەل، مېۋە سۈيىلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ. تەمى يېقىشلىق، كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ.
باھاسى: 50 يۈئەن
مىقدارى: 100 مىللىلېتىر
دۇكان ئادرىسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
ھېيتگاھ جامە نوربېشى تەرەپ يان ئىشىگى ئۇدۇلى 2-قەۋەتتىكى 80خالتا بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت چاي، ھەسەل دۇكىنى
0998-2820877
13565662787
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن

ياڭاق ،بادام، مۇقاتىل،ئورمان ياڭىقى (پىندۇق) دۇنيا بويىچە « تۆت چوڭ قاتتىق پوستلىق مېۋە » دەپ ئاتىلىدۇ. ياڭاقنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ، شۇڭا ئۇ « ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مېۋىسى » دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ياڭاق تەركىبىدە ب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن ئې ھەمدە سېلېن ، كالىي ، تۆمۈر ، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
ياڭاقنى جىگەر ،بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، بەل- پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، پەي – بۇلجۇڭ گۆش ئاغرىش، چىش بوشاپ قېلىش، چاچ – ساقال بالدۇر ئاقىرىش، ئۆپكە كىسىلى تۈپەيلىدىن يۆتىلىش، كىچىك تەرەت سوغۇق كېلىش، پات – پات سىيىش، ئاياللاردىكى ھەيز ۋە ئاق خۇن كۆپ كېلىش،قاتارلىقلار.
دائىم ياڭاق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە خولېستېرولنى ئۆرلىۋەتمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۈچەينىڭ خولېستېرولنى شۈمۈرۇشىنى ئازايتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئارتېرىيە قېتىشىش ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ياڭاق ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىۋېلىشىغا شىپا بولىدۇ ھەمدە بۆرەكنى سېمىرتىدۇ.
ياڭاقنىڭ تېرىنى سىلىقلاش، چاچ – ساقالنى قارايتىش رولى بار.
ياڭاقنىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۇرۇپ، مەنىينى تۇتۇش، ئۆپكىنى ئىللىتىپ، دېمى سىقىلىشنى توختىتىش رولى بار بولۇپ ،بۆرەك زەئىپلىشىش، پات – پات سىيىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا ناھايىتى ئوبدان داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ.
ياڭاق ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى توسىدۇ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

ياڭاق مېيىنىڭ تەركىبى:

ئوزۇقلۇق قىممىتى مول ،تەملىك، ماي كىسلاتاسى تەركىبى ئانا سۈتىگە يىقىن. ئاسان ھەزىم بولۇپ شۈمۈرلىدۇ. باللارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش دەۋرى، ئاياللار ھامىلدارلىق دەۋرى ۋە تۇغۇتتىن كىيىن سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىدە يۇقۇرى دەرجىلىك ساغلاملىق يىمەكلىك مىيى ھىساپلىنىدۇ، تەركىبىدە تەبىئى بولغان ۋىتامىن ئا ، ۋىتامىن د قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.

پايدىلىق رولى
1. بەدەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش. يىتەرلىك ئىسسىقلىق ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىشتا ئىستىمال قىلسا ئۈششۈك سوغۇقنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار.
2.تىرىنى يۇمران قىلىش . شۈمۈرۈلىشى تىز، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ۋە يۇمرانلىقىنى كۇچەيتىش رولى بار.
3.گۈزەللەشتۈرۇش ۋە ئوزۇقلاندۇرۇش . يۈز تىرىسىدىكى قورۇقلارنى يۇقۇتۇش ۋە تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش رولى بار.
4. چاچنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئاسراش رولى بار. ياڭاق مىيىنى كۆپ ئىستىمال قىلسا بالىلارنىڭ چىچىنىڭ قارىيشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.
5. مېڭىنى ساغلام قىلىش ۋە ئوزۇقلاندۇرۇش. ياڭاق مىيىدا خولېستېرول يوق. ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى كۈچلۈك ،قان تۇمۇرلاردىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى كىرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش رولى بار. قان تازلايدۇ. چوڭ مىڭىنى يېڭى قان سۇيۇقلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
6. يۈرەك،مېڭە قان تومۇر كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار. ئارتېرىيەدە قان ئۇيۇپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، يۇقىرى قان بىسىم ، يۈرەك كىسەللىكى، يۈرەك زەئىپلىشىش ، بۆرەك زەئىپلىشىش ، مېڭە قاناش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە توسۇش رولى بار.
7.ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىنىڭ خىزمىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش رولى بار. ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
8.سۆڭەك سىستىمىسىغا قارىتا كالتىسىي تولۇقلاش رولى بار. سۆڭەكنىڭ ئۆسۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۆڭەك زىچلىقىنى ساقلايدۇ.
9.بۆرەك ، جىگەر ،مەزى بىزى قاتارلىق ئەزالارنى ئاسرايدۇ.

ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى :-
1. سەھەردە ئاچ قورساق بىۋاستە ئىستىمال قلسا ئەڭ ياخشى.
2.سوغۇق سەيلەر: تەرخەمەك قاتارلىق سوغۇق سەي تۈرىگە ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
3. ئىچىملىكلەرگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش: سۈت ، قېتىق ، ھەسەل ، سالات ،مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:-
ئاچ قورساق يېڭى ئىستىمال قىلغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 گىرامدىن كۆپ بولماسلىقى ،ھەر قېتىم ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ھىم ئىتىش سالقىن سوغۇق ئورۇندا ساقلاش ، بىۋاستە كۇن نۇرى چۇشمەيدىغان ئورۇنغا قويۇش ،ئىغىزنى ئىچىپ 2 ئاي ئىچىدە ئىستېمال قىلىپ بولۇش كىرەك .


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...