بىرزات چايلىقلىرى (1)

بۇرۇن ياللۇقى چېيى: زوپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، گاۋزىبان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشە باھار ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بۇرۇن ياللۇقىدىكى بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن ئۇچى قىزىرىش، چۈشكۈرۈش، تولا زۇكام بولۇش قاتارلىقلاردا مەنپەئىتى بولىدۇ.

 ھازىرقى بازار باھاسى-  ھەر 100 گىرامى : 20 كوي تەييار بولىشى مومكىن.

ئۆت ياللۇقى چېيى: كاسىنە يېلتىزى، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي يېلتىزى، گاۋزىبان، ئەنگۈر شىپا، كاكىنەچ، يالپۇز،  پىننە، لاچىندانە، ئوغرىتېكەن، چىڭسەي ئۇرۇقى 10 گىرامدىن؛ سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىل گۈل، زېرىق قاتارلىقلاردىن 5 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ. بۇ چايلىقنى داۋاملىق ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئىچىپ بەرسە ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق مىجەزدىكى ئۆت خالتا ياللۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.

 بازار باھاسى: ھەر 100گىرامى 20 يۈئەن تەييار بولىشى مومكىن.



زېققە چايلىقى: خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام ئىلىپ چايلاپ تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قايناتقان چايغا ئىككى قوشۇق قىزىل گۈلقەنت سىلىپ ئىچىلىدۇ.  زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.

تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما ، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلاردا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت بىرىدۇ.

بىر نۇسقا چايلىق رېتسىپى – 45 يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.

سۈت كۆپەيتىش چايلىقى: سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، ئارپا بەدىيان، سېرىق چېچەك، زېرە قاتارلىقلار 10 گىرامدىن. قورۇغان نۇقۇت تالقىنى ئىككى قوشۇق، ياڭاق ئىككى دانە.

نوقۇت ، ياڭاق تالقانلىرىنى بىر چىنىگە سىلىپ باشقا خۇرۇچلاردا تەييارلىنىپ دەملەنگەن قىززىق چاينى ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. (قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ)

سۈتى ئاز تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىچىپ بەرسە قۇۋۋەت بولىدۇ، سۈتىنى تېز كۆپەيتىدۇ. سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىۋىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

300 گىرامى 40 كوي ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.

ئەتتىگىنى ئېغىز پۇراپ قېلىشقا پايدىلىق چايلىق: لاچىندانە، يالپۇز، پىننە، جىگدە چېچىگى، قەلەمپۇر، زىرە، ئاپلىسىن پوستى، ئاقمۇچ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ بۇزۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، ئۆت خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بولىدىغان ئېغىز پۇراشقا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100گىرامى: 20يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن

قەۋزىيەت چايلىقى: يالپۇز، سانا، ئارپا بەدىيان، زاراڭزا چېچىگى، لاچىندانە. چاي دەملەپ سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن بىر پىيالە چايغا بىر قوشۇق يانتاق ھەسىلى سىلىپ ئىچىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. داۋاملىق ئىچىشنى ئادەت قىلسا ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100گىرام چايلىق 20 يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.



ئىشتەي ئىچىش چايلىقى:
زېرە، جۇۋۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان، قەلەمپۇر. چاي دەملەپ بىر پىيالىغا بىر قوشۇق بىھى شەربىتى قۇيۇپ ئىچسە ئاشقازاننى ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئىچىپ قورساقنى ئاچۇرىدۇ. تاماق سىڭدۈردۇ.

سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100 گىرام چايلىق 12 يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.

 

  مەزى بېزى ياللۇقى چايلىقى: ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە، شاھتەررە، كاسىنە 15 گىرامدىن، نلوپەر، كاكىنەچ، چۆپىجىن، ئەنگۈر شىپا 30 گىرامدىن، بەدىيان، بەدىيان يېلتىزى، چىڭسەي ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلار 10 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش، تامچىلاش، بىسىمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدىغان بولۇپ ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىشنى پەسەيتىش خۇسۇسىيەتلىرى بار.

ھازىرقى بازاردا سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان بىر نۇسقا چايلىق 20يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.

دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چايلىقلار:

 

 1.رېتسىپ: سۆئلەپ مىسىرى30 گىرام، شاقاقۇل 30 گىرام، قىزىلگۈل6 گىرام، ياڭاق مېغىزى 60 گىرام، ئادەمگىياھ 6 گىرام.

ياڭاق مېغىزىنى ئايرىم تالقان قىلىۋېلىپ ، قالغان خۇرۇچلاردىن چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ھەر قېتىملىق چايغا ياڭاق مېغىز تالقىنىدىن بىر قوشۇقتىن سىلىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.

تەبئىتى: قۇرۇق ئىسسق.

قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. دىئابىد بىمارلىرىنىڭ ۋە باشقا بەدىنى ئاجىزلاپ قالغانلارنىڭ دەملەپ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.

2.رېتسىپ: سۆئلەپ، شاقاقۇل، قىزىلگۈل، ياڭاق پاسىلى 10 گىرامدىن، بادىرەنجى بۇيا، ئۇستىقۇددۇس30گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىلىدۇ.

تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق

سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، بكرەكنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ھازىرقى بازاردا سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان بىر نۇسقا چايلىق 35 يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.

بۇ چايلىق نۇسقىلار ئۆزىمىز ئۇزۇن يىللاردىن ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن نۇسقىلار بولغاچقا ھەر بىر رېتسىپتا 2-3 خىل خۇرۇچنى يوشۇرۇپ قويدۇق. ئىھتىياجلىقلار لازىم قىلسا ئايرىم يوللاپ بىرىلىدۇ. زاكاس قىلغۇچىلار بولسا چايلىقلارنى تەييارلاپ رېتسىپقا قىستۇرۇپ قويغان باھادا ئەۋەتىپ بىرىمىز.

بىرزات


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      نۇرگۇل

      ھۆرمەتلىك بىرزات ؛ مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ ئوقۇرمىنى ، بالام 5ئايلىق بولدى ، سۈتۈم بەك ئاز، مەن سىزنىڭ چايلىقلىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزۈمگە شىپا تاپقاندەك بولدۇم . سىز تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ دەپسىز، ماڭا ئوخشاش بالىسى 5ئايلىق بولغانلارغىمۇ پايدىسى بولامدۇ؟ مىنىڭ سۈتۈممۇ قىرىق كۈن ئىچىدە كۆپ ئىدى، كىيىن بارا-بارا ئازلاپ كەتتى . بالامنىڭ سۈتكە تويمىغان ھالىتىگە قارىسام كۆڭلۈم بەك يىرىم بولىدۇ، ماڭا مەسلىھەت بەرسىڭىز .رەھمەت .

    • #2
      rawab

      ھۆرمەتللك، برزات ئەفەندى. مەندە بۇرۇن ياللۇغى بار . ئىدى . نەچچە يىل بۇلدى . بۇ كىسەل مىنى بەك بىئارام قل كىتباردۇ، يېقىندىن بىرى سەل ئېغىرلىش قالدى ، سىزنىڭ بۇرۇن ياللۇغى چېيڭىزنى توردىن كۈرۈب ئىشلتىب بېقىش نىيتدە بۇ تورغا ئەزا بۇلۇب كىردىم . ھەققەتەن مەنبەت قىلب قالسا ئىشلتىب كۈرۈب باقسام بۇلاتتى. قانداق سېتۋالمەن. ماڭا جااۋاب بەرسىڭىز.

    • #3
      ziba88

      مەن ئوت ياللۇغى چېيىدىن ئالاي دىگەن قانداق سېتىۋالىمەن؟

    • #4
      ظاينذر

      هذرمةتلصك بصرزات ظةپةندص ؛مةندة رصظاكسصية خاراكتصرلصك بذرذن ياللذغص بار ظصدص سصلةرنصث بذرذن ياللذغص چايلصقصدصن سصتصؤالاي دصگةن قانداق سصتصؤالصمةن ،بذچاينص هامصلدار ظاياللار ظصچسصمذ بولامدذ؟ ماثا مةسلصهةت بةرسصثصز ،رةهمةت.

    • #5
      semi

      مەن ئوت ياللۇغى چېيىدىن ئالاي دىگەن ،ھامىلدارلاغا زىيان قىلامدۇ؟

    • #6
      گۈلمىرە

      ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى، بىلوگىڭىزدا بىر قانچە چايلىق توغرىسىدا قىممەتلىك رېتسىپلار بار ئىدى، مەسىلەن بۇرادەرلەر چېيى، ئايەم چېيى، مېھمان چېيى دىگەندەك، ھازىر بۇ ئۇچۇرلار يوك تۇرىدۇ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز، مۇۋھپىق كورسىڭىز چ چ رىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز، 32945393

    • #7
      گۈلمىرە

      [quote=گۈلمىرە]ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى، بىلوگىڭىزدا بىر قانچە چايلىق توغرىسىدا قىممەتلىك رېتسىپلار بار ئىدى، مەسىلەن بۇرادەرلەر چېيى، ئايەم چېيى، مېھمان چېيى دىگەندەك، ھازىر بۇ ئۇچۇرلار يوك تۇرىدۇ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز، مۇۋھپىق كورسىڭىز چ چ رىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز، 32945393[/quote]

    • #8
      Arafat

      ئەسسالام ئەلەيكۇم، بىرزات تاغا،
      سىزدىن ئازتولا مەسلىھەت سورغاش مەھسۇلاتلاردىن ئالاي دېگەنتىم،لېكېن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلەمدىم، چچ رىم 348181794 ئاللاھ خوش بوسۇن بېرزات تاغا، سىز بىلەن ھەمسۆھبەت بوغدەك پۇرسەت بەرسىڭىز.

    • #9
      abdu052

      مەن بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دورىسىنى ئالاي دىگەن ، قانداق سېتىۋالىمەن ؟

    • #10
      rabigul

      مەن بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دورىسىنى ئالاي دىگەن ، قانداق سېتىۋالىمەن ؟

    • #11
      RABIGUL

      ؛مةندة رصظاكسصية خاراكتصرلصك بذرذن ياللذغص بار ظصدص سصلةرنصث بذرذن ياللذغص چايلصقصدصن سصتصؤالاي دصگةن قانداق سصتصؤالصمةن؟

    • #12
      ozbeg

      مەن سۈت كۆپەيتىش چايلىقىدىن سېتىۋالاي دېگەن، ئۈرۈمچىدىن قانداق سېتىۋالىمەن؟

    • #13
      911

      jijigar ketixixtin kilip qikkan kosakka su quxux kisiliga manpaat kilidigan doringizni tawsiya kilgan bolsingiz,alla sizga rahmat kilsun

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...