بىرزات دۇكىنىدىكى ھەسەل، گۈلقەنت ئۇچۇرلىرى

 

_______________________________________________________________

ھەسەل دېگەننى زاۋۇتتا ئىشلىگىلى بولمىغاندىكىن ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ ھەسەل يېغىدىغان ئىش ئىكەن. ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە خىلى ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. ھەسەل مىقدارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بازارغا تېز ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇنداق ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ساقلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ.

ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.

<< بىرزات چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى>>دا ھەسەل ھەرىسى ئۆزى تەبئىي گۈل-چېچەكلەردەن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان، ئادەملەرنىڭ <<قولى >> تەگمىگەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدە ياخشى پىشىپ چىققان ئېسىل ھەسەللەر بار. ھەر ۋاقىت ساغلاملىقىڭىزنى ئاسىراپ، چىرايىڭىزنى نۇرلۇق، روھىڭىزنى تېتىك تۇتۇشنى خالىسىڭىز ئىشەنچلىك ساپ ھەسەللىرىمىزدىن ئىچىپ قويۇڭ! يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.

  دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن يېغىۋېلىنغان ئالىي ھەسەل:

ئومومىي بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان كىشىلەر: بۆرەك، نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىش، ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىشتىن بولغان ئادەت مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلار؛ زېققە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار، ئېممۇنېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئاسان زۇكامداپ قالىدىغان، ئاسان چارچايدىغان ؛ مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتىغاقلىق قاتارلىقلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. جۈملىدىن تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. 

 ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 80 يۈئەن

ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلى:

بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجىربىمىزدىن قارىغاندا جېگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ ئاساسلىقى بۆرەك، ئاشقازان، بالياتقۇ سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان ئاجىزلىقلار، نېرۋا ئاجىزلىقى ، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. (بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ) ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 70 يۈئەن

يانتاق چېچىگى ھەسىلى:

ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان -ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىش، زەھەر تازىلاش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، گېمىروي(بوۋاسىر) غا مەنپەئەت قىلىش، چىراينى سۈزۈش، ئىچكى ئاجرالمىلار توسۇلۇش سەۋەبلىك ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ. ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 60 يۈئەن

بىرزات ئاپتابى قىزىلگۈل گۈلقەنتى

قىزىلگۈلقەنتنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئۆزىدە ھەم دورىلىق خۇسۇسىيەت ھەم ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيەتنى تەڭ ھازىرلىغان. قىزىلگۈلقەنت خەلقىمىزگە شۇ قەدەر تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەنكى ھەر بىر ئائىللەردە ئۆزلىرى تەييارلاپ، كۈزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك تەپتىدە تۈجۈبىلەپ پۇشۇرۇپ ساغلاملاقنى ئاسىراشتىكى ئۆزگىچە دورىلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە ساقلاپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن.
ئاپتابى قىزىلگۈلقەنتنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى :
بالىلارنىڭ ياخشى يېمەكلىكى- ئىشتىھاسىزلىق، كالتىسىي كەملىك، قان ئازلىق، يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىقلاردا؛
ئاياللارنىڭ موھىم ئوزۇقلىق ھەمراھى – يۈرەك-مېڭىنى كۈچلەندۈرۈپ روھىي كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەر خىل زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش قاتارلىقلارغا؛
ياشانغانلاردىكى كالتىسىي كەملىك، ئۆپكە تېبوركوليۇز، يۆتەل، ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك-مېڭە ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلاردا قىزىلگۈلقەنت ھەسەلگە ئوخشاشلا موھىم دورىلىق يىمەكلىكتۇر. گۈلقەنتنى يەنە قورساق ئاغرىپ قالغاندا، ئىچى سۈرۈپ قالغاندا يەپ بەرسىڭىز تىزلا ياخشى ئۈنۈم كۆرىسىز.
ھازىر بازار ئىھتىياجىنى قوغلۇشۇپ گۈلقەنتلەرنىڭ سۈپىتىگە تولۇق ئەھمىيەت بىرىلمەيدىغان ئەھۋاللار ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت. قىزىلگۈلقەنتنى تەييارلاشتا قىزىلگۈل بىلەن شىكەرنى ئېزىش ماشىنىسىدا ئارىلاشتۇرۇپلا تۈنكە تۇڭلارغا قاچىلاپ ئامبارغا بېسىپ قويۇپ سىتىلىدۇ. بۇ گۈلقەنتلەر كۈن نۇرىدا قىزتىلىپ ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر ئارىلاشتۇرۇپ پۇشۇرۇلىشتىن ئىبارەت جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزمەيدۇ. بۇنداق قىلسا تەنەرق، ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ.
شۇڭا بىز گۈلقەنت ئىستىمال قىلغۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز. گۈلقەنت سىتىۋالغاندا ئاپتاپتا تولۇق پىشقان، ئېغىزغا سىلىپ بولغۇچە ئىرىپ كېتىدىغاندىن سىتىۋالغايسىلەر. ئەگەر بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا گۈلقەنتنى ئەينەك شىشىگە قاچىلاپ ئاپتاپتا 1-2 ئاي تۇرغۇزۇپ ، 3-4 كۈندە بىر قوچۇپ ئوبدان پۇشۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ!
دۇكىنىمىزدىكى گۈلقەنت باھاسى:
قەشقەرنىڭ يەرلىك قىزىلگۈلىدە تەييارلىنىپ ئاپتاپتا ئۇزۇن ۋاقىت ئوبدان پۇشۇرۇلغان ئالىي دەرىجىلىك قىزىلگۈلقەنت: ھەر كىلوگىرامى 45 يۈئەن:

مەنزىلىمىز:بىرزات  چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى

قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787 ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ