80خالتا دۇكىنى يېقىندا 3-قېتىملىق كۆچۈشنى تامام ئەتتى. بالدۇرقى ئىككىسى ئىجارە دۇكانلار بولۇپ ئىجارىنىڭ قالايمىقان ئۆستۆرلىشى سەۋەبلىك مۇقىم بولماي قالغان ئىدى. مانا ئەمدى 2-قەۋەتتىن بولسىمۇ سېتىۋالغان دۇكاندا خاتىرجەم ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولغاي!
ئەمدى ، مۇشۇ شەھەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ تورغا ئۇچۇر يېزىپ مەسلەھەت سورىغان تورداشلىرىمىزنى ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش ئىمكانىيتى بولغان ئىشخانامغا تەكلىپ قىلىمەن. بىر پىيالە قىززىق چىيىمىز ياكى بىر ئىستاكان مۇزدەك شەربەتلىرىمىز بوسۇغىمىزدىن ئاتلىغان ئىكەنسىز سىزگە بەرگەن ھاردۇق سۈيىمىز بولىدۇ. خۇدا خالىسا دۇكىنىمىزغا كىرگەن ھەر بىر مىھمانلىرىمىز ئۈچۈن شۇنداق ئازادە كەيپىيات بىرەرمىز دېگەن ئۈمۈدىمىز بار. تور بېتىمىزگە كىرگەن مىھمانلىرىمىزغا قىززىق چاي، مۇزدەك شەربەتلىرىمىز بولمىسىمۇ سەمىمى كۆڭلىمىز ھەم گۈزەل تىلەكلىرىمىز بار. تورداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز! تورداشلارغا رەھمەت!
80خالتا كېرەك ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك ھەسەل دۇكىنى كەڭ خىرىدار مىھمانلىرىمىزغا ئازادە موھىت يارىتىپ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787 ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
سودا-سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:
6222023012009503303 麦麦吐尔逊祖农
يېزا ئامانەت قەزر كوپراتىپ نۇمۇرى:
8609070001020100654442 麦麦吐尔逊.祖农
دۇكاندەكلا دۇكان بوپتۇ بۇ. مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر… مانا مۇنداق پاكىزە ئاچسىمۇ بىر چىرايلىق يارىشىدىكەنغۇ؟ پۇل تېپىپ خەجلەشنى بىلمەيدىغان ئادەملەرنىزە
2010/10/21
بۇبارەك بولسۇن بىرزات ھەكىم ،خۇدايىم بۇيرىسا كىلەر قېتىم مەملىكەتكە بارغان چېغىمدا سىلنىڭ بۇ يېڭى دۇكانلىرىغا چوقۇم قەدەم تەشرىپ قىلىمەن . بۇ دۇكاندا ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن كىسەل – بىمارلىرىمىزنىڭ دەردىگە يىتىشلىرىنى ئۈمۈت قىلىمەن . مىنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرىم جاۋاپسىز قالدى ، يېڭى دۇكاندىن جاۋاپ يېزىپ مىنى خوشال قىلغايلا …..
2010/10/22
مان انانېزېمغا ادەتلىنىپ قالغىلى 3يىل بولغان
2010/11/30
يېڭى دۇكانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن ، دۇكان شۇنداق پاكىزە ھەم رەتلىك ئىكەن ، كىرگەن كىشىنىڭمۇ روھى كۆتۈرۈلۈپ قالغۇدەك ، ئىشلىرىغا بەركەت تىلەيمەن!
2011/01/04
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىرزات ئەپەندى:
ماڭا قارا چۈمۈلە مېيىنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
2011/01/05
يىڭى دۇكانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن………..(80 خالتا) دىگەن ئەسلى دۇكاننىڭ نامى ئەمەسمىدى ؟(كېرەك) دەپ ئۆزگىرىپ قاپتۇغۇ؟
2011/01/05
دورىلارنى چەتئەللەرگىچە ئەۋەتكىلى بولماسمۇ ، پۇتۇن خىراجەتنى بىزچىقارساق ؟
2011/01/06
دورىلارنى چەتئەللەرگىمۇ يوللىغىلى بولماسمۇ ؟ خىراجەتنى بىزچىقارساق ؟؟
2011/01/06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ سىلىدىن سورايدىعان سۇئالىم بار ئىدى. سۇئال سوراش سەھىپىسى يوققۇ؟مۇشۇ يەردە سوراۋەرسەم بولامدۇ؟
[reply=Birzat,2011-01-13 10:01 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سۇئال سوراش دەپتىرى بۈگۈن ئىچىۋېتىلدى. باش بەتنىڭ ئۈستىدىكى سول تەرپتە. شۇ يەرگە كىرىپ سۇئال سورىسىڭىز بولىدۇ.[/reply]
2011/01/08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! يېڭى يىلدا يېڭى قەدەم ، بارچە دىلغا يېڭى مەلھەم بۇلۇشىنى تىلەيمەن .
[reply=Birzat,2011-01-13 10:00 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۆپ رەھمەت![/reply]
2011/01/08
دۇكىنىڭىزنى بەك چىرايلىق ياسىۋاپسىز ،بۇرۇنقىدىن كۆپ ئۆزگىرىپتۇ ، مىنىڭ شاگىرت بولغۇم كىلىۋاتىدۇ ، ھى ھى ھى ،قەشقەرگە بارغاندا چۇقۇم كىرىپ ئۈتىمەن ، تورداشلار ئۈچۈن جاپا چەكتىڭىز ، رەھمەت
[reply=Birzat,2011-01-13 10:00 PM]قارشى ئالىمەن. [/reply]
2011/01/13
ئانانىزىم دىگەن نىمە ئۇ؟ بۇ سۆز بىلۇگدىكى بىر قانچە يەردە تەكرارلانغان بولسىمۇ مەنىسىنى (دىمەكچى ئەر-ئاياللاردا يۈز بىرىدىغان قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ) پەقەتلا چۈشەندىم. بىرزات ئەپەندىم ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزچۇ!!!
2011/01/16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم : يىڭى دۇكىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، بەرىكەت تىلەيمەن. ئاللاھ نەسىپ قىلسا قەشقەرگە بىرىپ قالسام چوقۇم دۇكىنىڭىزنى زىيارەت قىلىمەن.
2011/01/18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم : يىڭى دۇكىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، بەرىكەت تىلەيمەن. قەشقەرگە بىرىپ قالسام چوقۇم دۇكىنىڭىزنى زىيارەت قىلىمەن.
2011/01/18
ئەسسىالامۇئەلەيكوم بىرزەت ئەپەندىم:مەن بىر يېڭى ئەزا ،مەن بۇ بىلۇگنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن .بۇندىن كىيىن ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
2011/01/26
قارسام خالتا يوق ساپلا قۇتىكەنغۇ؟ ………[face02]
مۇبارەك بولسۇن . شۇنداق چىرايلىق دۇكان ئېچىۋاپسىز.
2011/04/15
ئەسساكامۇ ئەلەيكۇم ! بىرزات ئەپەندىم دۇكانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن ! بەكچىرايلىق ياسىۋاپلا
2011/06/23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ،مەن بىر يىلنىڭ ياقى مۇنداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمەن ،مەن توي قىلغىلى 3 يىل بولدى، بالام 1ياش 10 ئاي بولدى ،بالام تۇغۇلغاندا 4كىلو 200گىرام تۇغۇلغان شۇڭىمىكىن ھازىرغىچە تازا ئەسلىمگە كېلەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن . يولدىشىم ماڭا يۈز تۇرانە دېيەلمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى سىزىپ تۇرۋاتىمەن . بەزى گەپلەرنى سىزگە تازا ئوچۇق دېيەلمىدىم ،چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .بەزى بالاياتقۇنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەن بولساممۇ ئۈنىمى تازا ياخشى بولمىدى ،مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرۇپ قالارمەنمۇ دېگەن ئەندىشە مىنى بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرمەكتە ،ئەمما 80خالتا دۇكىنىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن مەندە ئازراق ئۈمىد تۇغۇلدى .ماڭا ياردەم قىلالاسىزمۇ ؟
2011/07/19
ئەسسالامۇئەلەيكۈم : مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)ئۇستام باراي دىسەم ئارلىقىمىزيىراق ئىكەن بانكا كارتىلىرىغا پۇل سېلىپ بەرسەم ماڭا كىتەرلىك دورا ماتىرياللارۋە ئىنچىكە تەپسىلى بولغان دىققەت قىلىدىغان كۈتۈنىدىغان يەيدىغان ئىچىدىغان دىگەندەك تەپسىلى رىتسىپ قاتارلىقلارنى پوشتىدىن ئىۋەتىپ بىرەرلەرسىزمۇ؟
مەن بىريىل ئىلگىرى بۈرەكتە 2سانتېرتاش باردەپ体外碎石تېخنىكىسى بىلەن پاپپاكىز چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدىم يېقىندا پۇتۈن بەدىنىمنى تەكشۈرتۈپ چىقتىم تاش يوقكەن ئازراق 脂肪肝,血脂高دىگەندەك ئەھۋاللار بارئكەن
مەن تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش ئىشلىرىنى تاشلىغىلى3يىل بولدى ھېلقىدەك ناچار ئادەتلەر يوق بىراق كىچىكىمدىن بۆرۈكۈم سەل ئاجىز مەن 10يېشىمغىچە سىيىپ ياتاتتىم كىيىن ئۆزلىگىدىن ئاستا-ئاستاقالدى تاھازىرغاقەدەرسىيىپ بولغاندىنكىيىن ئازراق سىيگۈم باردەك ھىسقىلىمەن بەزىدە راسلا ئازراق سىيىمەن بۇتوغۇرلۇق ھېچقانداق داۋالىنىش قىلىپ باقمىدۇق مۇھىم مەسىلە شۇكى مەن توي قىلىپ بىرئۇماق پەرزەنىتلىك بولغان بولساممۇ ئايالىم بىلەن مۇناسىۋەتتە ياكى ئۈزەمنى ياكى ئايالىمنى رازى قىلىلمىدىم ھازىر ئەھۋال ئېغىرلىشىپ ئايالىم بىلەن ھەپتىدە بىرقېتىم مۇناسىۋەتتە بۇلىدىغان ۋاختى تولىمۇ قىسقا بۇلىدىغان بىركىچىدە 2~3قېتىم كىچىك تارەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم داۋاسىنى قىلغايلا.
يېشىم:33ئېغىرلىغىم:80كىلو:بويۇم:175سانتا.تىزرەك جاۋابىنى بەرگەن بولسىلامەخپىيەت ئۈچۈن تىلفون نومۇرۇمنى تىلفونلىرىغائۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويدۇم ئالاقىلاشساق بولاتتى
2012/01/25