يۇقۇرى قان بېسىم ۋە مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىككە مەنپەئەتلىك يىمەكلىكلە

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  بىرزات ئەپەندى.ياخشىمۇسىز.

ئانامنىڭ قان بېسمى  يۇقىرى،  مېڭىگە قان  يىتىشمەيدىكەن،شۇڭا مېڭىنى  قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەردىن قايسىلارنى ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ؟ مۇشۇنىڭغا قارىتا  تەكلىپ  پىكىرلىرىڭىز  بولسا  ئايىمىغايسڭز.

بولسا  تىزرەك  جاۋاپ  بىرىۋەتسىڭىز.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان، ياقىدىغان يېمەكلىكلەردىن:

كەرەپشە (چىڭسەي) – كەرەپشىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، تېنىچلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى بار.

سامساق – ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئاچ قورساققا شىكەر بىلەن سىركە (ياكى ئاچچىقسۇ) گە چىلىغان سامساقتىن 1~2 چىش يەپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. (گېمىروي كېسىلى بارلار كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك)

پەمىدۇر – پەمىدۇرنىڭ قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش قاتارلىق تەسىرلىرى بار.

ئۆسۈملۈك مايلىرى – كىچا مېيى، زاراڭزا مېيى، پۇرچاق مېيى

مور – يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلاردا نۆكچە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش رولى بار.

ئاچچىقسۇ (ياكى سىركە)سىركە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلارنى ئاسراش قاتارلىق رولى بار.

ھەسەل – كۈندە ئەتتىگىنى بىر قوشۇق ھەسەلنى ئىلىمان قايناق سۇدا ئىرىتىپ ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچىشنى ئادەت قىلسا يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باشپىياز، سەۋزە ، تاۋۇز ، ئالما،ئاپلىسىن، تۇرۇپ، پالەك، چىلان قاتارلىقلار يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىشغا ماس كىلىدىغان يېمەكلىكلىرىدۇر.

مېڭىنى قۇۋۋەتلەشكە :

يۇقۇرى قان بېسىمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ كۆرسەتمە بىرەي:

1.لاچىندانە، گاۋزىبان، ئۇستىقۇددۇس، قىزىلگۈل، سۇمبۇل، پىننە، ياڭاق پاسىلى، بەدىيان، زەپە قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ چايلىق تەڭشەپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە يۈرەك-مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. بۇ چايلىقنى زىيادە چارچايدىغان، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغانلار ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى.

2.ئانار سۈيى، ئەنجۈر، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، پىستە مېغىزى، ئۈرۈك مېغىزى ۋە باشقا يۆل مېۋىلەر.

3.ئۇچار قۇش گۆشلىرى مېڭىنى ئالاھىدە قۇۋۋەتلەيدۇ، لىكىن كۆپ ئىستىمال قىلىنسا يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىغا زەرەر قىلىشى مومكىن.

4.ھەسەل – جىگدە ھەسىلى، بادام چېچىگى ھەسىلى …قاتارلىقلار مېڭىگە قۇۋۋەت بىرىدۇ.

تامام


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      wolqan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم ،ئاللانىڭ رەھمەتلىرى بولسۇن !
      مەندە يىقىنقى يىللاردىن بىرى باش ئېسىلىپ ئاغىرىيدىغان ئەھۋال كورۇلۋاتىدۇ . 31ياش.ئىككى پەرزەنتىم بار .توي قىلغىلى بەش يىل بولدى .ئاساسلىقى : جىنسى تۇرمۇشتىن يۇيۇنۇپ 2-3 سائەتتىن كىيىن ؛ يەنە بەزىدە قىتىق ،غورا ۋە شۇنڭدەك سوغۇق تەبئەتلىك (مىۋە ،ئىچىملىك ) نى زىيادە ئىستمال قىلغاندا كورۇلىدۇ
      دوختۇرخانىدا قان بىسىمنى ئولچەتسەم ئادەتتە 70-75ـــــــ110-115 بولۇپ چىقىدۇ .مەخسۇس تەكشۇرتۇش قىلىپ باقمىدىم ، ئەمما ھىس قىلىشىمچە مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك دەپ قارايمەن .توي قىلىپ 4ئايدىن كىيىن بىرلا قىتىمدا 400مىللىيگىرام قان تەقدىم قىلغان .ئاساسلىقى شۇنىڭدىن كىيىن ئاغىرشنى سەزدىم .ئاغىرغان ۋاقىتلاردا بىرنەچچە توخۇ تۇخۇمىنى ژىلىتىپ ئىچىپ بەرسەم ،ياكى ئۇخلاپ ئارام ئالسام ،ياكى توپ ئوينىسام 30-50 مىنۇتلاردىن كىيىن ئاستا -ئاستا ياخشىلىنىپ قالدۇ .
      يەنە بىرى ،يىقىندىن بىرى ئۇنۇتقاق بولۇپ قالدىم .ئادەتتە پىكىرقىلىۋىتىپ زىھنىم چىچىلدىغان،سۆزلەۋەتىپ گىپىمنىڭ داۋامنى ئۇنتۇپ قالدىغان ، باشقىلار گىپىمنى بولىۋەتسە گىپىمنى تاپالمايدىغان ، نەرسە- كىرەك سىتىۋالماقچى بولۇپ بازارغاچىقىپ نىمە سىتۋالغىلى چىققىنىمنى ئۇنتۇپ قىلىپ ئويدىن باشلاپ قايتا ئويلاپ ئاندىن ئاندىن ئىسىمگە ئالىدىغان ،4-5خىل نەرسە سېتىۋالماقچى بولسام بىر نەچچىسىنى ئۇنتۇپ قىلىپ لازىم بولغاندا ئاندىن يەنە قايتىدىن سىتۋالىدىغان ھالەت كورۇلۋاتىدۇ.
      [b]سۇئال :[/b] بۇ ئىككى خىل ئەھۋال بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ تىبابەتتە قانداق دىئاگىنوز قويۇلىدۇ ؟مەخسۇس داۋالىنىش كىرەكمۇ ؟ئائىلىدە داۋالاشقا توغىرا كەلسە نىمىلەرگە مۇراجەت قىلنىدۇ،نىمىلەردىن پەرھىز قىلنىدۇ؟ تەپسىلى چۈشەنچە بىرىشلىرىنى كۈتىمەن .ئاللا ئەجىرلىنىڭ ساۋابىنى زىيادە قىلغاي!رەھمەت

    • #2
      amina0997

      ھورمەتلىك بېرزات ئەپەندىم ياىشىمۇ سىز مەن بۇ يىل21 ياشتا تېخى ياتلىق بولمىغان مىنىڭ كوكسۇم بەك كىچىك تەرەققى قىلماي ۋاتىدۇ بۇ بىرەر كىسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ مەسلىھەت كورسەتكەن بولسىڭىز سىزنى ئاۋارە قىلدىم كەچۇرىڭ

    • #3
      amina0997

      ئە سەلامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىلە مىللى تىبابەتتە يېتىلمىگەن كوكسىنى چوڭايتىدىغان ئامال بارمۇ ئامال بولسا كورسەتمە بەرسىڭىز

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...