بوغۇم ياللۇقى
مەندە سول پۇت باشمالتاق پۇتۇم ئششىپ ،ئاغىرىپ پەقەت ئارام بەرمىدى.بىر ئايچە بولدى. تەكشۇرتسەم بوغۇم ياللۇغى دەيدۇ.  شۇڭا سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن . قانداق داۋالانسام ئۇنۇملۇك بولىدۇ. مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەخمەت ،ئاللا ئىشلىىرىڭزىنى ئوڭۇشلۇق قلىسۇن.
بوغۇم ياللۇقى ئاساسلىقى سوغۇق تېگىش، بوغۇملارنىڭ زەخمىلىنىشى، ئوزۇقلۇق ۋە باشقا تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچار بولىشى دېگەندەك سەۋەبلەردىن بوغۇملارنىڭ توقۇلمىلار ھەركىتى توسالغۇغا ئۇچراش، سوغۇق ۋە يۆلچىلىك كۈنلەردە كېچىلىرى بەكرەك ئاغرىش، بوغۇملار ئىششىش، بەدەن ئورۇقلاش دېگەندەك ئالامەتلەر يۈز بېرىشى مومكىن. بۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە مىزاج ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مەتبۇخى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان، ھەسەل سۈيى، ماددىتىل ھايات، ھەببى ئازاراقى دېگەندەك دورىلاردىن ماس كىلىدىغاننى تاللاپ ئىشلىتىپ بىرىدۇ. سوغۇق يەللىك، ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇلۇپ سېڭىشلىق، قۇۋۋەتلىق غىزالىنىش بۇيرىلىدۇ. سىرتىدىن سۆرۈنجان مېيى، قۇستە مېيى دېگەندەك مايلاردا مايلاپ بىرىلىدۇ.

بۇ ھەقتە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايلاردىكى تېبابەت شىپاخانىلاردا تېۋىپ-دوختۇرغا كۆرىنىپ شۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە داۋالانسىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      bodak001

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياخشىمۇ سىز. سزنى يەنە ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم. مەن دوختۇرغا كۆرۇنسەم ،شامالدارىش .痛风دىگەن كسەل دەيدۇ. بوغۇم ياللۇغى ئەمەسكەن ، بۇ كىسەلگە قارتا قانداق داۋالىنىش كىرەك ، بۇ قانداق كىسەل .قانداق ئالدىنى ئالىمەن .

    • #2
      spanka

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم . ئايالىم قايسى كۈنى يېرىم كېچىدە نەپەس ئالالماي دېمى سىقىلىپ قېينىلىپ كەتتى ،ئاندىن پەقەتلا نەپەس لىنەلمىدى .بىر ھازادىن كېيىن نەپىسى ئەسلىگە كەلدى . كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى ، بۇئەھۋال 5مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتى . بۇرۇنمۇ بىر قېتىم
      بولغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان ئىدى. مەن بەك قورقۇپ كەتتىم ، بۇزادى قانداق كېسەل بىرمەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    • #3
      maysam

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بالام بۇ يىل 4ياشقا كىردى.دائىم كەچلىرى پۇتۇم ئاغرىدى دەيدۇ.دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ بوغۇم ياللۇغى ۋە رىمماتىزىمغا قارتا تەكشۇرتسەم ساق،بىر ئاز سوغۇق ئوتۇپ كىتىپۇ،تۇخۇم يىغىدا ياغلاپ بەرسىلە دىدى.شۇ بويىنچە قىلدىم.ئەمدى كۇندۇزلىرى پۇتۇم ئاغرىدى دەيدىغان بولدى.باشقا دوختۇرخانىغا ئاپپارسام كالتىسى كەم ئىكەن دىدى.سوڭەك شۇرپىسى قىلدىم.كالتىسى يىگۇزدۇم.بىرەر-ئىككى .ئاي ئاغرىدى دىمىدى.لىكىن بۇ ھەپتە يىرىم كىچە ئۇخلىماي پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ،سىلاپ قويغىن دەيدىغان بولىۋالدى.بۇنىڭ زادى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.ئىغىر كورمەي دەپ بەرگەن بولسىلا.سوز قالدۇرۇش دەپتىرى تاقالغان ئىكەن.ئامال يوق مۇشۇ يەرگە يازدىم.

    • #4
      xograt

      مۈرە ئەتراپى ياللۇغى قول پەيلىرىنىڭ تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامد؟

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...