<<مەن قانداق قىلسام يولدۇشۇمنى ئۆزۈمگە قارىتالايمەن>>؟

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار! مەن توي قىلغىلى ئىككى يىلچە بولدى. بىراق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئەمەس.يولدۇشۇم تۇرمۇشقا نىسبەتەن قىزغىن ئەمەس،، مىنى ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ، ھەر ئىككىلىمىز خىزمەتچى. ئەتىگىنى خوشلاشساق يىرىم كىچىدە ئاران كۆرۈشەلەيمىز. كۈندۈزى ئېسىغىمۇ كەلمەيمەن. يىرىم كىچىدە كىرىپ خۇددى ھايۋانلاردەك ھە رىكەتلىرى بىلەن خوتۇن قىلىشنىلا بىلىدۇ.ئەركىلىتىش، سۆيۈش دىگەنلەردە مەن قانائەت ھاسىل قىلالمايمەن. مىنىڭ ھېسسىياتىمنىڭ كەلگەن كەلمىگىنى بىلەن كارى يوق. راست گەپنى دىسەم ئىككى يىلدىن بىرى قانچە قېتىم ھەقىقى ھېسسىياتلىنىپ، ھۇزۇرلانغىنىمنى بىلمەيمەن…شۇ سەۋەپلەردىنمۇ ياكى ياكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقمۇ تا ھازىرغىچە بالىلىق بولالمىدۇق. ئاجىرشىپ كىتەيلى دىسەم تىخى قوشۇلمايدۇ.. ئەمما مىنى ھەقىقى خوتۇن قىلىشنى تىخى بىلمەيدۇ. ئەگەر پىسخۇلۇگىيەدە ئاز تولا بىلىمى بارلار بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار بوپتىكەن… مەن قانداق قىلسام يولدۇشۇمنى ئۆزۈمگە قارىتالايمەن؟ قانداق قىلسام ئىناق ئائىلە قۇرالايمەن؟

[color=Navy]پىسخولوگىيە ھەم مۇرەككەپ تۇرمۇش مەسىللىرى ھەمدە جىنسىيەت پىسخىكا بىلىملىرىگە پىششىق، تۇرمۇش تەجىربىسى مول بولغان، جاۋاب بىرىشىنى خالايدىغان تورداشلار بولسا بلوگىمىزنىڭ <<تۇرمۇش>> سەھىپىسىگە يوللانغان سۇئاللارغا ئىنكاس قاتناشتۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
]2011-01-20_093254-0.jpg

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      bolak

      مەن سىزگە بىر تەكلىپ بېرەي ئۈنۈمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، ھەركۈنى سەھەر تورۇپ ئىككى سائەت گىرىم قىلىڭ ! چىرايلىق ياسنىڭ ! يولدىشىڭىز بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ناشتىلىق تەييار قىلىپ ئۆزىڭىز ناشتا قىلىپ يولدىشىڭىز بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ئامالبار گەپ قىلماڭ ، ئۇنىڭ بىلەن ھېچ مۇناسىۋېتىڭىز يوقتەك بىپەرۋا مۇامىلىدە بولۇڭ ، ئۆيگە كەچ بېرىڭ ، ئانىڭىزنىڭ ياكى دوسلېرىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىڭ ، يولدىشىڭىز سوراپ قالسا تۈگىمەس سورۇننىڭ گىپىنى قىلىپ بېرىڭ . ئايدا بىرە ئىككى قېتىم يولدىشىڭىزغا بىلدۈرمەي سېرتتا قونۇپ قېلىڭ ، ئۆزىڭىزدە يولدىشىڭىزغا قارىتا ئۆزگىرىش بولغانلىقنى ھېس قىلدۇرۇڭ . كونىلاردا :< قوغلاشقاندىن قاچ ، قاشقاننى قوغلاش > دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ .
      [reply=Birzat,2011-01-21 08:08 PM]سىز يولنىڭ تەتۈرىنى كۆرسىتىۋاتامسىز- قانداق؟[/reply]

    • #2
      سىز

      ئەرلەر كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ،سىز ئۇلارنى ئالدشنى شۇنداقلا گوللاشنى ئۇگۇنىۋېلىڭ .چىرايلىق ياسىنىپ يۇرۇڭ ،يولدىشىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى بىلىڭ شۇنداق بولغاندا سۆزلەشكىدەك تېما چىقىدۇ.مېنىڭ يولدىشىمۇ بۇرۇن شۇنداق ئىدى بۇ توغرۇلۇق مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تېڭىرقاش ئىچىدە نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغان،سىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ،ھەرقانداق ئشتا ئېغىر-بېسىق بۇلۇڭ،يولدىشىڭىزغا ئەركىلەشنى ئۇگۇنىۋېلىڭ،ئۆي ئىچىدىمۇ چىرايلىق يۇرۇڭ.بىر كۇندە ئاز دىگەندىمۇ 4-5 قېتىم تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇڭ،شۇنداق قىلغاندا بۇ ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز،

    • #3
      xukur

      ئۇستىدىكى تۇردىشىمىز دىگەن دەك قىلسىڭىز ..ئۇزۇنغا بارماي يۇلدىشىڭىزدىن ئايرىلىپ قىلشڭڭىز مۇمكىن.

    • #4
      YAMAN007

      توۋا، بۇ ئەمدى قانداق يول كۆرسىتىش بوپكەتتى، ئەرلىك ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سىرتتا قونۇپ قالسا سىزچە توغرمۇ؟

    • #5
      sama

      سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋال مېنىڭچە كۆپ قىسىم ياشلاردا مەۋجۇت، ئەمما ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ خالاس. يۇقۇرقى توردىشىمىز دىگەندەك، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭ، يولدىشىڭىزغا كۆپىرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، كۈندۈزلېرى تېلفون قىلسىڭىز، ئاخشاملېرى ئېرىڭىز قايتىپ كېلىپ، سىز بىلەن بىللە بولماقچى بولغاندا ياكى كەچلىك تاماقتىن كېتىن بىر كۈنلۈك ئىشلار ياكى يېقىندا ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېرىڭىزدىن مەسلىھەت سوراپ، پاراڭلىشىپ كۆپرەك چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىڭ، گەپ ئارلىقىدا ئېرىڭىزغا ئاستا-ئاستا يېقىنچىلىق قىلىپ بېرىڭ، ئەركىلەڭ….ئېرىڭىز بۇنداق ئەھۋالدا سىزنى ئەركىلىتىشى، سىزنىمۇ رازىلىق ھېس قىلدۇرۇشى تۇرغانلا گەپ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەرگىز ئېرىڭىزغا يالغان سۆزلىمەڭ، بولۇپمۇ يوشۇرۇن سىرىتتا قونۇپ قالىدىغا ئىشنى قىلماڭ، بولمىسا مەڭگۈلۈك ۋىجدان ئازابى ئىچىدە قالىسىز، چۈنكى بەندە كۆرمىگەن بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
      قىسقىسى : چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭ، كۆپىرەك پىكىرلىشىڭ، ئېرىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئەركىلەشنى ۋە يېقىنچىلىق قىلىشنى بىلىڭ!
      ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە بەخىت، كېچىلىك تۇرمۇشىڭىزغا خوشاللىق تىلەيمەن!

    • #6
      la

      بۇ قانداق مەسلەھەت . بۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كوپ .بۇلۇپمۇ " ئايدا بىرە ئىككى قېتىم يولدىشىڭىزغا بىلدۈرمەي سېرتتا قونۇپ قېلىڭ ،"نىڭ زىيىنىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . بەلكى ئازاپنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .ھەزەر ئەيلەڭ .

    • #7
      ahmatjan158

      مىنىڭ ئايلىم 7يىل بۇرۇن تۇغۇش جەريانىدا ئوپراتسىيە قىلىنغان ھازىرقىچە ھامىلدار بولمىدى تەشكۇرتسەم توشۇش نەيچىسى بۇغۇلغان دەيدۇ قانداق قىلسام بولىدۇ

    • #8
      kashighar

      بۇ يەرگىمۇ كۇپۇرلۇقنى تەرغىپ قىلدىغان بۇزۇن كىشلەر كىرىپ بوپتۇغۇ؟
      ئەرنىڭ قولدىكى ئايالنى تالادا قونۇپ قېلىشقا كۈشكۈرىتكىچە ئاچا-سىڭلىڭىزنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىڭ~!
      مەزلۇم كىشى بېشىغا كۈن چۈشۈپ توغرا نىيەتتە مەسلەھەت سوراۋاتسا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ كۆرسەتكەن تەدبىرلىرنى ئۆرگىلەي…….
      ھېسيات مەسلىسى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك……
      زامان تەرەققىي قىلغانسىرى خانىم-قىزلىرىمىز چىرايلىق مودا يۈرۈيدىغان بۇلۇشۇپ كەتتى. ئەر كىشى گۈزەل قىزلارغا ھېرىسمەن كىلىدۇ. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈرۈش-تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئېرىڭىز ھەۋەس قىلغۇدەك ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ.
      بىللە بولغاندا ئۇدۇللا ئىش باشلىماي سىز ئاكتىپلىق بىلەن قۇچاقلاش، سۆيۈش، ئەركىلەش قىلىقلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ…. ئەسكەرتىش، ھەركەتلىرىڭىز مۇۋاپىق بولسۇن، چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىش گۇمان ۋە ئىشەنچىسىزلىك پەيدا قىلىدۇ.
      بالا ئېلىش ئىشىدا ئەردىن چىققان ئۇرۇق بىلەن ئايالدىن چىقىۋاتقان تۇخۇم بىلەن دەل ۋاختىدا ئۇچراشسا ئاندىن پەرزەنىتلىك بولغىلى بولىدۇ.
      سىزدىن تۇخۇم چىقىشتىن بۇرۇن ئېرىڭىزدىن مەنى چىقىپ كەتسە بالىلىق بۇلالمايسىلەر… يولدىشىڭىزنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئاسان چىقىپ كىتىدۇ، مۇناسىۋەت ۋاقتى قانچىلىك دىگەنلەر سىزگە ئايان بولغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەت باشلاشتىن بۇرۇن سىز بۇرۇنراق ھىسياتلانغاچ تۇرۇپ، مەنى تىز چىقىپ كەتمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىۋەتنى قىسقا ۋاقىت توختىتىپ مەنى چىقىرۋەتمەي قايتىدىن مۇناسىۋەت قىلسىڭىز سىزمۇ ھۇزۇر ئالايسىز، بالىلىقمۇ بۇلالايسىلەر….

    • #9
      axikim

      نىمانداق قالايمىقان بۇ يەر

    • #10
      ئەزىيزە

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى نىمە دەپ تاقىلىپ قالدى؟ قاچان ئېچىلار؟

    • #11
      nawayi

      سىز مەسىلىنىڭ تەرەققى قىلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ ئۆزىڭىزدىكىسىنى ياخشراق ئويلىنىڭ. (چۈنكى بۇ يەردە دىگەن گەپلەرنى ئېرىڭىز ئەمەس، سىز كۆرىسىز، شۇڭا سىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەەپلەرنى دىيىشكە تۇغرا كەلدى.) ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى تەمىنى تېتىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
      سىزنىڭ دىگەن سۆزلىرىڭىزدىن قارىغاندا ، جىنسىي تۇرمۇشتا قانائەت ھاسىل قىلماي، بىزار بولغان روھىي كەيپىياتتا بولۇپ قاپسىز. ئەر-خۇتۇملۇق جىنسىي تۇرمۇشلا ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپ ھالقىلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، سىز ئەڭ مۇھىم ئورۇندا قۇيۇپ ئۆزىڭىزدىن ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ، گۈزەللىككلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ. گۈزەللىك دىسە، تاشقى كۆرىنىشىڭىزنىلا ئاسا قىلىۋالماڭ، توي قىلىپ بىر ئويدە ئۆتكەن كىشىگە سىزنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىڭىزدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلىرىڭىز(مەسىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ تققانلىرىغا قارىغاندا ، ئېرىڭىزنىڭ تۇققانلىرىغا بەكرەك كەڭ قۇساق بولۇڭ)، سىپايىلىقىڭىز، مۇلايىم ئاياللارغا خاس نازاكىتىڭىز، ئۇنىڭغا بولغان كۈيۈمىڭىز يەنى ئۇنىڭ دىلىنى ئېرىتىپ مۇھەببىتىڭىزلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرىستىدىغان ئىپادىلىرىڭىزدۇر. ئەكسىچە ئۇنى ياخشى كۆردۈم دەپ ھە دىسە ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، قۇپال تاپا-تەنە سۆزلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز، ھۆرمەت قىلمايدىغان ئىپادىلىرىڭىز بولۇپ تەكرارلانسا ئەر كىشى بىزارلىق ھىس قىلىدۇ، باشقا ئاياللار سىزدىن ياخشىدەك ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىپ ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشى بىلەن مېھرى مۇببەەتتە سۇسلۇق ھاسىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
      يەنە تۇغۇش تۇغماسلىق ئىشىدا ئۆزىڭىزگە روھىي بېسىم قىلىۋاپسىز، شۇنداق بولسا ھامىلدار بولىشىڭىزغا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ. يەنە شۇ نەرسىنىمۇ ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ئايال كىشى ھېيىز ئېيىنىڭ 14-كۈنلىرى تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ، 2 كۈندىن 3 كۈنگىچە ساقلايدۇ. سىفىرمىدىكى ئۇرۇقمۇ 2 كۈن ئەتراپىدا ھايات كەچۈرىدۇ شۇ جەرياندا تۇخۇم بىلەن ئۇچاشسا تۇخۇم ئىچىگە بىر ئۇرۇق كىرىپ ئاندىن بالا ياتقۇغا مۇقىملىشىپ ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلدار بولغان بولىدۇ.
      ئىشىم چىقىپ ،ۋاقىت قىستاپ قالدى ، كېيىن داھامىنى…

    • #12
      muzart01

      bolak نىڭ[ئايدا بىرە ئىككى قېتىم يولدىشىڭىزغا بىلدۈرمەي سېرتتا قونۇپ قېلىڭ]بۇنداق قلسىڭىز ئۈيۇڭىز100 پىرسەن بۇزۇلۇدۇ كۇنۇپكا تاقتىسى بۇزۇلۇپ نورمال يازغىلى بولمىدى كەچۇرۇڭلار.

    • #13
      maraz

      ( بولاق ) ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك قىلسىڭىز ئىشىنىمەنكى بىر ئايغا قالماي ئېرىڭىز سىزنى قويۋىتىدۇ . ئېرىڭىز سىز تۇتقان ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەندەك ھېسياتقاب كېلىپ قالغان بولسا بەلكىم ئېرىڭىز سىزنى قويۋىتىشكە سەۋەپ ئىزدەپ يۈرگەن بولىشى مۇمكىن .ئېھتىياتچان بولۇڭ

    • #14
      hawaskar0000

      [quote=bolak]مەن سىزگە بىر تەكلىپ بېرەي ئۈنۈمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، ھەركۈنى سەھەر تورۇپ ئىككى سائەت گىرىم قىلىڭ ! چىرايلىق ياسنىڭ ! يولدىشىڭىز بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ناشتىلىق تەييار قىلىپ ئۆزىڭىز ناشتا قىلىپ يولدىشىڭىز بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ئامالبار گەپ قىلماڭ ، ئۇنىڭ بىلەن ھېچ مۇناسىۋېتىڭىز يوقتەك بىپەرۋا مۇامىلىدە بولۇڭ ، ئۆيگە كەچ بېرىڭ ، ئانىڭىزنىڭ ياكى دوسلېرىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىڭ ، يولدىشىڭىز سوراپ قالسا تۈگىمەس سورۇننىڭ گىپىنى قىلىپ بېرىڭ . ئايدا بىرە ئىككى قېتىم يولدىشىڭىزغا بىلدۈرمەي سېرتتا قونۇپ قېلىڭ ، ئۆزىڭىزدە يولدىشىڭىزغا قارىتا ئۆزگىرىش بولغانلىقنى ھېس قىلدۇرۇڭ . كونىلاردا :< قوغلاشقاندىن قاچ ، قاشقاننى قوغلاش > دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ .

      Birzat نىڭ 2011-01-21 08:08 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
      سىز يولنىڭ تەتۈرىنى كۆرسىتىۋاتامسىز- قانداق؟[/quote]
      سىنىڭ خوتىنىڭ باارمۇ يوقمۇ؟ سىنىڭ خوتىنىڭمۇ بىرەر قىتىم سىرىتتا قونۇپ باققان ئوخشىمامدۇ؟

    • #15
      alifvp622

      1> ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تىلغۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ . مەسىلەن ، بۈگۈن مەن ئىشخانىدا بەك زىرىكتىم، سىزنى كۆرگۈم كەلدى ، بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنراق قايتىپ مىنى مىھمان قىلىڭە، قايىتقاندا ماڭا شاكىلات ئالغاچ كىلىڭ ،بۈگۈن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟……. دىگەندەك بۇ ئارقىلىق ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇردىغانلىقىڭىزنى ،ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ئەرلەر مۇشۇنداق ئۇماق ، ئەركە ئايالى بولۇشىنى رەت قىلمايدىغۇ دەيمەن . [face01] چىداپ مۇشۇ ئىشنى 15كۈن داۋاملاشتۇرالىسىڭىز يولدىشىڭىزمۇ سىزگە تىلغۇن قىلىپ ، ئەھۋالىڭىزنى سوراشنى ، سىزگە كۈيۈنۈشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈگىنۋالالايدۇ.
      2> يولدىشىڭىزنىڭ ئىشتىن كىلىپ ياكى بىكار بولغان دەم ئىلىش كۈنلىرىدە نىمە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ قىززىقىشىغا ئورتاقلىشىڭ مەسىلەن : ئەگەر يولدىشىڭىز تور ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرسە سىز ياخشى كۆرمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشۇپ بىرىڭ ، شۇنداق قىززىققان قىياپەتتە بولسۇن، ئەگەر ئۇرۇش كىنولىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرسە سىزگە پۇرسەتنىڭ كەلگىنى شۇ تىلىۋىزۇرنى قويۇپ قويۇپ، يانپاشلاپ يىتىپ كىنو كۆرۈڭلار ، كىنو خۇشياقمىسا ساھىپجامال ھىيلىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، كىنو دىگەننى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ئەمما قىزغىن ھىسىياتنى خالىغان چاغدا تاپقىلى بولمايدۇ دەپ بىقىڭلار ئەركەكلەر شۇنداقمۇ؟؟ مىنىڭچە ھەر قانداق ئەر كىشى بۇنداق ئەھۋالدا قايسسىنى تاللاشنى ئۇبدان بىلىدۇ.
      3> قىسىقىسى ، باشقىلاردىن قانداق مۇئامىلىگە ئىرىشمەكچى بولسىڭىز ، سىز باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز كىرەك، شۇندىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز . بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەرلەرنى ئۆزىڭىزگە رام قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ، يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ئۇماق خانىش بولۇشنى بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك . سىناپ بىقىڭ رازى بولۇپ قالىسىز……

    • #16
      ئەركان1

      قارىغانداbolak تېخى توي قىلمىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا ئۇنداق دىمىگەن بولاتتى، bolakنىڭ دىگىنىدەك قىلسىڭىز بەختسىز تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ موللىشىدۇ، ئاخىرىدا ئاجرىشىپ كېتىسىلەر، مېنىڭچە سىز ئاجرىشىشنى خالىمايسىزغۇ دەيمەن. سىز يولدىشىڭىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كېلىڭ، ئويلىغىنىنى ئويلاڭ، قىزىققىنىغا قىزىقىڭ، قالغىنىغا يۇقۇرىدا بىرنەچچە تورداش ياخشى تەكلىپ بېرىپتۇ.

    • #17
      古丽

      مەن سزگە بېر مەسلھەت برەي؛ يولدشڭزگە ئاجىرشىپ كېتەيلى دىسڭىز قوشۇلمگنې سىزنى سۈيدۈ دىگەنلىك بۇ نىكاھڭلەنى داۋامللشتۇرۇشتا ؟ۈمۈت بار دېگەنلك ھەرگز بەل قۇيۋەتمەڭ سز خۇددى ھايۋانلاردەك دەپسز دىمەك يولدشڭز ناھايتى ھېسياتچان كىشكەن بۇنداق ۋاقتا يولدىشىڭىزنڭ بوينفا چىڭ ئېسلېپ تۇرۇپ< قەدىرلىكم سىزنى سۈيمەن ،ئاستراق > دەڭ .شۇنداقلا خىجىل بولماي ئۈزىڭزدىكى ئاغرىش ،خوشال بۇلا لماسلق ئەھۋالنى يولدىشڭزغا ئەركىلەپ تۇرۇپ ئېيتىڭ .بىلىۋىلىڭكى ئىرىگە ئەركىلەشنى بىلمەيدغان ئاياللار بىر ئۇمۇر ئۇزنى بەختلك ھىس قىلالمايدۇ. قالغانلىرىنى باشقا تۇرداشلار دەپ بۇپتۇ مىنىڭ ئويلىغنمۇ ئاساسى جەھەتىن ئۇلار بىلەن ئوخشاش .سىز بۇ ئۇسۇلارنى ئىشلەتكەندىن كىيىن تۇرمۇشڭزدا قانداق ئۈزگىرشلەر بولدى بەكمۇ بىلگىم بار .

    • #18
      古丽

      مەن سزگە بېر مەسلھەت برەي؛ يقوشۇلمگنې سىزنى سۈيدۈ ولدشڭزگە ئاجىرشىپ كېتەيلى دىسڭىز دىگەنلىك بۇ نىكاھڭلەنى داۋامللشتۇرۇشتا ؟ۈمۈت بار دېگەنلك ھەرگز بەل قۇيۋەتمەڭ سز خۇددى ھايۋانلاردەك دەپسز دىمەك يولدشڭز ناھايتى ھېسياتچان كىشكەن بۇنداق ۋاقتا يولدىشىڭىزنڭ بوينفا چىڭ ئېسلېپ تۇرۇپ< قەدىرلىكم سىزنى سۈيمەن ،ئاستراق > دەڭ .شۇنداقلا خىجىل بولماي ئۈزىڭزدىكى ئاغرىش ،خوشال بۇلا لماسلق ئەھۋالنى يولدىشڭزغا ئەركىلەپ تۇرۇپ ئېيتىڭ .بىلىۋىلىڭكى ئىرىگە ئەركىلەشنى بىلمەيدغان ئاياللار بىر ئۇمۇر ئۇزنى بەختلك ھىس قىلالمايدۇ. قالغانلىرىنى باشقا تۇرداشلار دەپ بۇپتۇ مىنىڭ ئويلىغنمۇ ئاساسى جەھەتىن ئۇلار بىلەن ئوخشاش .سىز بۇ ئۇسۇلارنى ئىشلەتكەندىن كىيىن تۇرمۇشڭزدا قانداق ئۈزگىرشلەر بولدى بەكمۇ بىلگىم بار .

    • #19
      huma

      ياخشىمۇ سىزلەر ئەزىز دوستلار،،، بىر قانچە كۈندىن بىرى سەل ئالدىراش بولۇپ تورغا چىقالمىدىم،، سىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن. بەزى تورداشلار يولدىشىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا قىزىقىڭ دەپتۇ. لىكىن مىنىڭ ئىرىم كىنۇغا ئەمەس، كەپتەر، توخۇغا قىزىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە يولدۇشۇمغا كۈندە نەچچە ۋاق تېلفۇن قىلىمەن. ئەمما ئۇ مىنى بىرەر قېتىممۇ ئەسلەپ قويمايدۇ. يولدۇشۇم ئۆيگە كىرگۈچە كىچە11:30-12:00ھەتتا2:00 بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا نازلىق بىقىپ ئەركىلىشىم مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى مەنمۇ خىزمەت ئىشلەيمەن. ئىدارىدا چارچاپ كىتىمەن. ياسانسام(ئو!!!) دەپ قويىدۇ شۇ.

    • #20
      ehsan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئازراق ئۇقۇدۇم، مېنىڭ سىزگە دېمەكچى بولغىنىم: ئۆزۈڭ بىلگەننى خانغا بەرمە!
      سىز دىنغا ئىشىنەمسىز؟ بۇنداق دېسەم نېمىلەرنى دەيدىغاندۇ، ئەلبەتتە ئىشىنىمەن، دېيىشىڭىز مۇمكىن! مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ھەقىقىي ئىشىنەمسىز؟ ئىسلامدىكى بەش پەرزنى ئادا قىلامسىز؟ دېمەكچى… سىز بەختلىك ئائىلە قۇرىمەن دەيدىكەنسىز، ئۆزىڭىز ۋە ئېرىڭىزگە اللەتىن مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئىناق ئائىلە تىلەڭ! ئەۋرەتلىرىڭىزنى يوشۇرۇپ، گىرىمنى ئازراق قىلىڭ! شۇندىلا اللە خالىسا مەقسىدىڭىزگە يېتەلەيسىز، ئىنشاھ اللە!…

    • #21
      amdi520

      ئەسسالاممۇ – ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز بېرزات ئەپەندىم مەن ئەمدىلا 19 ياشقا كىردىم .لىكىن مەندە بىر خىل كىسەل باردەكلا ھىس قىلىمەن .نىمىشكىنتاڭ بەك بالدۇر مەنى چىقىپ كىتىدۇ .مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن!مۇشۇنداق بولىۋەرسە مەن كىيىن بالىلىق بولالمامدىم ؟؟؟؟

    • #22
      puhra

      ئازغىنە گەپ بىلەن مەخسەت نىشانىنى ئېپادىلىمەي ئۆزىنىنڭ يولدىشڭنى توردالشلارغا ئەسكى كۆسىتىپ نىمە جاۋاپقا ئېرىشمەكچىكىنا؟ ئۆزى بېر ھىسياتچان مەخلۇق بولغاندىن كىيىن تىرىشچانلىق كۆرسەتسا بولىدۇ ئەمەسمۇ ،ئۆزىنى بېر ھايۋان بىلەن بېر ياستۇققا باش قويدۇم دەپ ئويلسا قانداقمۇ ئۆزبەختىنى ياپالىسۇن.
      بەزى تورداشلىرىمېز تەپ-تاتىنماي قالايمىقان ،خۇددى ئۇ دۇشمىندەكلا تەكلىپ بىرىپتۇ .
      ئايال كىشى دىگەن ئەركىشىنىڭ بېر ئەزاسى. شۇنداق بولغاندىكىن ،ئايال كىشى بولغان خەق يولدىشىدىكى خاتالىقنى تۈزۈتىشىگە ياردەم بىرىشى كىرەك .ئاياللار ئۆز ئېپپەت نۇمۇسى بىلەن گۈزەل.
      ئەمدە ئېشىنچىلىك ئائېلىدىكى كىچىككىنە ئېشنى بېر تەرەپ قېلالمىغان ئادەم ،توي قىلىپ نىمە كەپتۇ

    • #23
      puhra

      ئازغىنە گەپ بىلەن مەخسەت نىشانىنى ئېپادىلىمەي ئۆزىنىنڭ يولدىشڭنى توردالشلارغا ئەسكى كۆسىتىپ نىمە جاۋاپقا ئېرىشمەكچىكىنا؟ ئۆزى بېر ھىسياتچان مەخلۇق بولغاندىن كىيىن تىرىشچانلىق كۆرسەتسا بولىدۇ ئەمەسمۇ ،ئۆزىنى بېر ھايۋان بىلەن بېر ياستۇققا باش قويدۇم دەپ ئويلسا قانداقمۇ ئۆزبەختىنى تاپالىسۇن.
      بەزى تورداشلىرىمېز تەپ-تاتىنماي قالايمىقان ،خۇددى ئۇ دۇشمىندەكلا تەكلىپ بىرىپتۇ .
      ئايال كىشى دىگەن ئەركىشىنىڭ بېر ئەزاسى. شۇنداق بولغاندىكىن ،ئايال كىشى بولغان خەق يولدىشىدىكى خاتالىقنى تۈزۈتىشىگە ياردەم بىرىشى كىرەك .
      ئەمدە ئېشىنچىلىك ئائېلىدىكى كىچىككىنە ئېشنى بېر تەرەپ قېلالمىغان ئادەم ،توي قىلىپ نىمە كەپتۇ. ئاياللار ئۆز ئېپپەت نۇمۇسى بىلەن گۈزەل

    • #24
      healh

      ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن.

    • #25
      kaxgar

      ياخشىمۇسىز ؟ يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ،بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدۇ .مىنىڭچە سىز تىخى ئىرىڭىزنى تولۇق چۈشەنمەپسىز ،ئىرىڭىز كۈندە نىمىنى ئويلايدۇ ،ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى بىسىمى قايسى تەرەپلەردە ،كۆڭلىدە قانداق تۈگۈن بار ،ئەتگەندىن كەچكىچە سىرىتتا "نىمە ئۈچۈن"" نىمە ئىش "قىلىدۇ ،،،،،قاتارلىقلارنى تولۇق ئىگەللەپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتۇڭ ،بەلكىم سىز يولدىشىڭىزنى خاتا ئەيىبلەۋاتقانسىز ،ھەقىقەتەن سىز بىلەن كارى بولماي تاپقاننى سىرىتتا بۇزۇپ چىچىپ يۈرگەن بولسا ئۇنىڭ ھۆكىمى باشقا ،لىكىن ئۇنداق ئىشلار بولماي سىزگە نىسبەتەن ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى دىگەن قاراش شەكىللەنگەن بولسا مەسىلە سىزدە بولىشى مومىكىن .
      تەكلىۋىم :ئىرىڭىزغا ماسلىشىشنى ئۈگىنىڭ.مىنىڭ بۇيەردە دەۋاتقىنىم تۇرمۇش ،خىزمەت ئوي پىكىر،قىزىقىش ۋەھاكازالار.شۇندىلا ئىشلىرىڭىز يۈرشۈپ كىتىشى مومكىن .تالادا قونۇش ،ياسىنىش ،گىرىم قىلىش ،ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقتەك تەدبىرلەر ئۆيۈڭلارنى بۇزۇپ قويىدۇكى ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدۇ .

    • #26
      jawlan123

      ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تىلغۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ . مەسىلەن ، بۈگۈن مەن ئىشخانىدا بەك زىرىكتىم، سىزنى كۆرگۈم كەلدى ، بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنراق قايتىپ مىنى مىھمان قىلىڭە، قايىتقاندا ماڭا شاكىلات ئالغاچ كىلىڭ ،بۈگۈن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟……. دىگەندەك بۇ ئارقىلىق ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇردىغانلىقىڭىزنى ،ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ئەرلەر مۇشۇنداق ئۇماق ، ئەركە ئايالى بولۇشىنى رەت قىلمايدىغۇ دەيمەن . چىداپ مۇشۇ ئىشنى 15كۈن داۋاملاشتۇرالىسىڭىز يولدىشىڭىزمۇ سىزگە تىلغۇن قىلىپ ، ئەھۋالىڭىزنى سوراشنى ، سىزگە كۈيۈنۈشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈگىنۋالالايدۇ.

    • #27
      jappar

      يچۋېرتيۇ

    • #28
      umak

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
      سىلەرنىڭ بۇخانىمغا يولىغان جاۋابلىرىڭلارنى ئۇقۇدۇم . ئۇمۇ بىر ئىنساندۇ . ( ئاشۇ خانىمنىڭ دىگەنلىرى راستلام بولسا) قانداق ئادەم شۇنچىۋالا بىسىمغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئۇ ئەرگە تىگىپ قالغىنى گۇناھمۇ ئەمدى؟ ئىنسان غا ياشلىق بىر قىتىملا كىلىدۇ ئەمەسمۇ بۇ بىر قىتىملىق پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇپ ،ئۆزىنىلا ئويلاپ يۈرسە ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ گۇناھكار بۇلىدۇ. ئايالىنى ئا ھۇ زار يىغلىتىپ ،پۇشايمان قىلدۇردۇ. ئۇمۇ ئادەم ،بۇمۇ ئادەم ئىكىلىسى ئوخشاش ،ئۇنىڭ ئايالىنى خۇرلاشقا ھىچقانداق ئاساسى يوق . ئۇ ئادەمۇ تور كۆرۈپ ئۆزىدىكى خاتالىقىنى تۈزتىشى كىرەك . بولمىسا ئاجرىشىپ كىتىش كىرەك .بۇنداق ئىشقا بەرداشلىق بىرىش بەك قىيىن .

    • #29
      huma

      تورداشلارنىڭ مىنىڭ مىنىڭ يوللانمامغا نىسبەتەن يازغان ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئەمما مەن يولدۇشۇمنى رەسۋا قىلماقچى ئەمەس. مەن ئۇنى بەك ياخشى كۈرىمەن. شۇڭا چىداپ ئۆي تۇتۇپ كىتىۋاتىمەن. مەن يولدۇشۇمغا كۈندە ئەركىلەيمەن. ئەمما ئۇ ئەركىلەشلىرىمنى ئانچە پىسەنتىگە ئىلىپ كەتمەيدۇ. ئىدارىدا ئولتۇرۇپ تېلفۇنمۇ قىلىمەن. پاراڭلىشىىش ۋاقتىمىز پەقەت بىر نەچچە سىكۇنىتلا. بىللە تاماق يەيلى دەيمەن، بىراق جاۋاپسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتىغۇ ھەقىقەتەن ئالدىراش. ئەمما مەن ئويلايمەن:بىر تۇرمۇشلۇق بولغان ئادەم خوتۇن بىلەن خىزمەتنى ئايرىۋىلىشى كىرەك. خىزمەت بىلەنلا بولۇپ كىتىدۇ. ياكى ئاغىنلىرىدىن ئاشمايدۇ. مەن ئۆيدە يالغۇز ئۇنىڭ كىلىشىنى ساقلاپلا ئۆتىمەن. ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا خىزمەت، ئاغىنلىرىدىن باشقا يەنە مەنمۇ بارغۇ؟

    • #30
      阿孜古丽

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم :مەن سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ، مەن توي قىلغىلى يېرىم يىل بولاي دىدى ،تېخى بويۇمدا قالمىدى،مەندە ھەيىز ئاغىرتپ كېلىدۇ ،ئاق خۇنمۇ نورمال ئەمەس (بۇرۇنمۇ شۇندق ئىدىم ).دوختۇرغا تەكشۇرتسەم بالياتقۇ ياللۇغى دەيدۇ .تىۋىپقا تومۇرۇمنى تۇتقۇزسام پۈتۈن بەدەننى ،بالياتقۇنى ھۆللۈك قاپلاپ كېتىپتۇ ھەم شۇسەۋەپلىك سەمىرىش ھالىتىگە يۈزلىنۋېتىپسىزدەيدۇ ،بۇنداق كېتىۋەرسە بالا ئالالمايسىلەر دەپ نەچچەخىل دوراھەم ھوردىنىش دورىسى بېرىپ داۋاملىق ھوردىنىپ،ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىشىمنى ئېيتتى .باشقىلارنىڭ دىيىىشىچە ئاياللار جىق ھوردانسا تۇغماس بۇلۇپ قالىدۇ دەيدۇ.مەن زادى قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم .خاپا بولماي ماڭا ياخشىراق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟

    • #31
      urumqi

      توۋا قىلدىم ،ھەي ئىنسانلار بەلكىم يۇقارقى تېما ئىنكاسلارنى سىلەر ئويدە بولمىغاغ چاغلاردا بالىلىرىڭلار قىزىقىپ ئوقۇۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن . مۇشۇنىڭدەك گەپلەرنى ئوچۇق ئاشكارا دېيىشكە نومۇس قىلمىدىڭلارمۇ؟قېنى بىزدىكى ھايا؟ قېنى بىزدىكى نومۇس؟
      ھازىر ھەر بىر ئويدە دىگۈدەك بىردىن كومپىيوتېر بار تۇرسا قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىدىن غەم يىمىدىڭلەرمۇ؟< سۈيۈملۈكۈم سىزنى سۈيىمەن ،ئاستىراق ،ئاغرىپ كەتتى ؛قۇچاقلاڭ سۈيۈڭ يېتىڭ ئىڭراڭ>نىمە گەپلەر بۇ؟؟؟ بىر ياش ئەۋلاتلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىشىمىز كېرەك .
      ئۇ ئايال بۇ يەردە مەسلىھەت سورىغۇچە،يېقىن دوستلىرىدىن ،خىزمەتداشلىرىدىن ،ئاچا-سىڭىللىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدىغۇ. ياكى كىتابلاردىن ئاز تولا بىرەر نەرسە كۆرسىمۇ بولىدىغۇ؟

      مەن سىلەردىن ئۆتۈنەي!ئەمدى بۇ يەرگە قالايماقان گەپلەرنى يازمىساڭلار ، ئەگەر ياردەم قىلىمىز دېسەڭلار ئۇ ئايالنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا بىۋاستە ئەۋەتىپ بېرىڭلار.
      كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ،چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

    • #32
      layla

      مىنڭچە سىز تۇرمۇشنى تولۇق چۇشۇنىدىكەنسىز سىز ھىسىياتنى ھوزۇرنى چۇشەنگەنسىز ئۇنۇڭغمۇ ھوزۇرلۇنۇشنڭ قانداق بولدىغانلىقنى چۇشەندۇرۇڭ .كوپىرەك كويۇنۇڭ .چۇنكى دۇنيادا غەمخورلۇقنى كويۇنۇشنى رەت قىلىدىغان ئادەم يوق…

    • #33
      مۆلجەرى

      كونىلاردا خەققە مەسلھەت سال ،ئۆزەڭنىڭ بىلگىننى قىل دىگەن ھىكىمەتلىك سۈز بار .قالغىننى ئۆزىڭىز بىلىڭ

    • #34
      yeriltax

      چاۋاك بىرقولدىن چىقمايدۇ،مەسىلىنى ئاۋال ،ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، تۇزۇتۇڭ ،غەلبە ئالدىڭىزدا

    • #35
      togirak

      مەنچە 古力 خانقىز بىلەن 622 ئەپەندىنىڭ دىگىنى ئەڭ توغىرا ،شۇنى قىلسىڭىز ئۈنۈم دىگەن شۇ .

    • #36
      togirak

      مەنچە 古力 خانقىز بىلەن 622 ئەپەندىنىڭ دىگىنى ئەڭ توغىرا ،شۇنى قىلسىڭىز ئۈنۈم دىگەن شۇ .

    • #37
      سەبدەگۈل

      يولدىشىم قىلغان ئىشىمدىن پەقەت رازى بولمايدۇ، ئۇنى قانچە خۇش قىلاي دىسەممۇ ، يەنە قىلغان ئىشلىرىمدىن ئۇنداق-مۇنداق قۇسۇر تاپىدۇ، ئۆتكۈزۈۋەتسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى زىغىرلاپ كىتىدۇ، مەندىن قۇسۇر تاپقانسىرى ئۆزۈمنى قۇيارغا يەر تاپالماي قالىمەن، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم؟

    • #38

    • #39
      kulkiz

      ئادەمدە .ئازىراق ھايا بولغانغا يەتمەيدۇ.ئايال كىشى چۇقۇم ئاياللىق نازاكىتى بىلەن ياشىشى لازىم. بۇ مىنىڭ شەخسى كۇز قارىشىم.

    • #40
      kulkiz

      ئادەمدە .ئازىراق ھايا بولغانغا يەتمەيدۇ.ئايال كىشى چۇقۇم ئاياللىق نازاكىتى بىلەن ياشىشى لازىم. بۇ مىنىڭ شەخسى كۇز قارىشىم.

    • #41
      سۈمەييە

      ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر، كىم يازغاننى بىلمەيدۇ دەپلا تورغا قالايمىقان نەرسىلەرنى يىزېپ يۈرسھەڭلار نۇمۇس قىلمامسىلەر، پەزىلەتلىك ئاياللار ئەر خوتۇنچىلىق ئىشلىرىنى بۇنداق دھۋراڭ قىلىپ يۈرمەيدۇ.ئەجەبا سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا سىلەرمەسلىخەت سورىغىدەك ئاياللار يوكمۇ؟. ھايا قىلىڭلار ،ئۇيغۇر ئانىلىرى ھايا قىلىڭلار !

    • #42

    • #43
      دەرزەر

      مەن بىر يېڭى ئەزا ىولساممۇ ئازراخ ئاخساكاللىق قىلىپ قويىدىغان بولدۇم . گەرچە توي قىلغىنىمغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، مەنمۇ بىر ئائىلىنى چىشىنىغان قىزمەن. بەزىلەرگە شۇنى دىگۈم كېلىۋاتىدۇ، نىمىشكە باشقىلارنى ئەيىپلەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ نىمە ھەققىمىز بار؟! سىلەر دىگەنلەرنى ئۇلار بىلمەمدە، بىز ھەممىمىز ئۇىغۇر ئەلۋەتتە چىشىنىسىلەر ،بىزدە ساددىلىق بىلەن شۇنداق ئالىلىگە ئائىت ئىشلارنى باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىسا ئاڭلايدىغاننى ئاڭلاپ بولۇپلا باشقىلارغا يايىدىغان، مازەخقىلىپ كۈلىدىغان، خۇددى بىرىسنىڭ بىريېرى ئېچىلىپ قالغاندەك، مۇشۇنداق قىلىقلار يوقما، بۇ تورنى نىمىگە ئاچقان مەسلىھەت سورىغاننىڭ نەرى خاتا!~

    • #44

    • #45
      huma

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداش دوستلۇرۇم…سىلەرنىڭ مىنىڭ بۇ تىمامغا نىسبەتەن قالدۇرغان سۆزلىرىڭلارنى ئوقۇپ چىقتىم… بەزى دوستلۇرۇمغا رەھمەت ئىيتىمەن. يەنە بەزىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.. مەنمۇ بەزىدە نىمىشقا توردىن مەسلىھەت ئالىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن.. ئەمما ئامالىم يوق. مەن يىنىمدىكىلەردىن مەسلىھەت ئېلىشنى خالىمايمەن. چۇنكى يىنىمدىكى دوستۇم دەپ قارىغانلارنىڭ مىنىڭ ھەقىقى دوستۇممۇ ياكى دۈشمىنىممۇ بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. شۇڭا توردىن مەسلىھەت سورىغان. مىنىڭ يولدۇشۇم يا ئەركىلىگىنىمنى بىلەمەيدۇ، ياكى رەنجىگىنىمگە ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ. شۇڭا مەنمۇ ھازىر كارىم بولماس بولدى، ئۆزۈملا كۈچەپ ھېرىپ قالدىم. چۈنكى تۇرمۇش دىگەن ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئىش. مەن ئويلىغاننى ئۇ ئويلىمىسا مىنىڭ شۇنچە كۈچىگەنلىرىمنىڭ نىمە ئۈنۈمى بولسۇن. بىرزات ئەپەندىم سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم بۇ تىمامنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز، بولمىسا تورداشلارنى زىددىيەتكە سىلىپ قويىدىكەن..

    • #46

    • #47
      sadakat508

      سىز ئۆزىڭىزگە ئشنڭ ،ئۇنىڭغا كۆپرەك ھەمراھ بۇلۇڭ ،ھەر ۋاقىت ۇنڭغا تەبەسسۇم بىلەن قاراڭ سىزگە بەخىت تىلەيمەن

    • #48
      sadakat508

      سىز ئۆزىڭىزگە ئشنڭ ،ئۇنىڭغا كۆپرەك ھەمراھ بۇلۇڭ ،ھەر ۋاقىت ۇنڭغا تەبەسسۇم بىلەن قاراڭ سىزگە بەخىت تىلەيمەن

    • #49
      azza

      ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز بېرزات ئەپەندىم مىنىڭ يولدىشىم سىرىتتا ئىشلەيدۇ ئىشتىن چۇشۇپ دەم ئالغان ۋاقىتتا ھاراقنى بەكلا كۆپ ئىچىۋالىدۇ ،نىمە ئۈچۇنلىگىنى سورسام ئىچىم پۇشۇپ كەتتى دەپ جاۋاپ بىرىدۇ مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم بۇ ئىشقا بىرەر چارە بارمۇ مەسلىھەت بىرىلسە.

    • #50

    • #51
      semi

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      2-3يىلدىن بېرى ئىڭىكىمگە ئۇچى تەرىپى 4-5 باشلىق سۆگەل پەيدا بولىۋالدى. چوڭايغاندا بوغىۋەتسەم چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە شۇ ئىزىغا ياكى باشقا ئورۇنغا چىقاتتى.
      بۇ يىل 3-4 يەرگە چىقىپ ئاۋۇپ قالدى، كۆپىنچىسى بۇرنۇمنىڭ ئىچىگە چىققاچقا بوغۇش ياكى سۆگەل مەلھىمى ئىشلىتىش مۇمكىن بولماي قالدى.
      سىللىدە بۇ سۆگەلنى تۈپتىن يوقۇتىشقا سەۋەب بولىدىغان دورا بارمۇ؟
      يىمەكلىكتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىمەن؟
      ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە سۆگەل قان بۇزۇلۇشتىن بولىدىكەن.

    • #52

    • #53
      523

      ھۆرمەتلىك بېرزانىت ىەپەندىم مەنى بالدۇر كىتىشنى وپىراتسيە قىلىپ داۋالىسا بولامدۇ؟زىيىنى بارمۇ؟

    • #54
      523

      ھۆرمەتلىك بېرزانىت ىەپەندىم مەنى بالدۇر كىتىشنى وپىراتسيە قىلىپ داۋالىسا بولامدۇ؟زىيىنى بارمۇ؟

    • #55
      بۇركۇت

      مەن بۇ يوللانمىنى يوللىغان بۇ قىزنىڭ جۇرئىتىگە ئاپرىن ئوقۇيمەن. ئۇ ھايا قىلىش-قىلماسلىق مەسلىسى ئەمەس ۋە ياكى ئۇ قىزنىڭ بۇزۇقلىقى ئەمەس. ئۇ قىز توردىكى دوسلارنى توغرا چۇشۇندۇ دەپ ۋە ئوزىدىكى مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى قىلاي ۋە شۇنداقلا ئەرىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن، ئۇزىدىكى غورورنى ساقلاپ ۋە ئىپپەت نۇمۇسىنى ساقلاپ، ئۇزىدىكى مەۋجۇت مەسلىنى ھەل قىللىش يولىنى ئىزدىگەن. بۇ قىزنى بىر نەرسە دەپ ھاقارەتلىگەن شۇ قاپاقباش دوستلارغا مۇنۇ سۇئاللارنى قويغۇم بار:
      1. ئەگەر بۇ قىز شۇ ھارىقى ئېرىگە ساداقەتلىك قىلماي ۋە بۇ مەسلىنى بۇنداق ھەل قىلىشنىمۇ ئويلىماي، سىرتلارغا چىقىپ ئاشنا ئويناپ، ئوزىنىڭ ئىچ-پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان ئادام تىپىۋالسا ياخشى بوللاتتىمۇ؟ ئۇ چاغدا بۇ قىزنى يەنە كوڭلىدىكى چۇشەنماي "جالاپ" دەر بولغىيتىڭلار ھەقاچان؟….
      ئەگەر شۇنداق بولغان بولسىدى، ئۇ قىزنىڭ بۇ تىمىنى يېزىپ يۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوقتى؟! ئۇ چاغدا سىللەرنىڭ تىل ئاھا'نىتىڭلارغىمۇ قالمىغان بوللاتى؟! شۇنداقمۇ؟ شۇنداق قىلىشىنى خالامتىڭلار؟!
      2. بەزىلەر: "بۇ قېلىن قىز يا دوس بۇرادەرلىدىن، خىزمەتداشلىرىدىن ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن سورىسا بولمامدۇ؟" دەپتۇ؟ بۇ تىخىمۇ ئەغىر ئەمەسمۇ؟ سىز ئوزىڭىزنى شۇ قىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھازىرقى جەمىيەتتە كىم ئوزىنىڭ بۇ 'كارۋات ئۇستىدىكى ئىشلىرى' ئۇستىدە يىقىن تۇنۇش بىلىشلىرىدىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ؟ مانا ئوزەڭلار كورۋاتىسىلەر، ھەتتا توردا نامالۇم/نامسىز سورالغان بۇ سۇئالنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتىدۇ بۇ قىز؟ ئەمەليەتتا بىر تۇققىندىن ۋە ياكى خىزمەتدىشىدىن يەقىن كورۇپ سورىسا، ئويلىغان يەردىن ئۇ
      چاغدا ئۇ قىزنى تويغۇزۇپ قويسا، ئۇ چاغدا بۇ قىز ئۇزىنى نەگە قويار؟

      مىنىچە دوستۇم، ئەگەر ئېرىڭىزگە بولغان ساداقىتىڭىزنى كورسىتىمەن دىسىڭىز، سىزمۇ ئېرىڭىزگە دا'ئىملا ۋاي دىمەڭ، ئەر كىشى دىگەڭە ئانچە مۇنچە ئوزىڭزنى كورسىتىپ قويمىسىنىگز بولمايدۇ( مەن بۇ يەردە دىمەكچى پەقەت كارۋات ئۇستىكى ئىشلاردا، كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئەمەس). ھە دىسىلا سىزمۇ ئۇنىڭ رايىغا باقماي قىيداپ قويۇڭ. ئۇنىڭغا بۇنداق ئىشلارنىڭ، "سىزمۇ ھوزۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا" تىخىمۇ ياشى بولىدىغان لىقىنى بىلدۇرۇڭ. مەسلەن بىر كىنو كورۋەتىپ ئۇنىڭغا بۇ ماھىيەتتنى چۇشەندۇرۇشكە تىرىشىڭ ياكى ياخشى ئەر-خوتۇنلىق مۇھەبىتىگە ئا'ئىت كىتاپتىن ئەلىپ كۇندە 1-2 سا'ئات تەڭ ئوقۇڭلار….. دىگەندەك….. ئىشقىلىپ مۇناسىۋىتىڭىزنى يىرىكلەشتۇرمىگەن ئاساستا داۋاملىق تىرىشىڭ. ئاندىن بۇنىڭ ئۇنۇمنى چوقۇم كورۇسىز….
      سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

      سالام بىلەن بۇركۇت

    • #56

    • #57
      salima

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى!
      ھامىلدار بولغىنىمغا ئىككى ئاي بولدى، سېزىكىم بەك كۈچلۈك، ھەر قانداق پۇراقنى پۇرىسام كۆڭلۈم ئاينىپ، ئاشخانا ئۆيگە، ئاشخانىلارغا كىرىپ تاماق يىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم، ھەر قانداق نەرسە يېسەم كەينىدىنلا ئۇزۇن ئۆتمەي ياندۇرىۋېتىمەن، ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان نان بىلەن ئالمىلا يىيەلىگەنىدىم، لېكىن نانمۇ پۇرايدىغان، ئالما يېسەم مەيدەمنى ئېچىشتۇرىدىغان بولۇپ قېلىپ ئۇنى يىيەلمىدىم، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرمۇ بەك پۇرايدۇ، ھازىر شۇنداق كەم ماغدۇرسىزلىشىپ، يول ماڭساممۇ قېرىپ پۇت-قولىدا جان يوق ئادەمدەك ماڭىمەن. ھەممەيلەن بۇنداق بولۇۋەرسە ئۆزۈڭگە ھەم ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز دەيدۇ. ياندۇرساممۇ يەي دەپ بەزى سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېسەم كەينىدىنلا ياندۇرۇپ، ياندۇرغىچە قوسقۇم شۇنداق تارتىشىپ ئاغرىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىم كېرەكمۇ ياكى سىزدە ھامىلىگە زىيىنى يوق، سىزىكنى پەسەيتىدىغان تەبىئىي دورا بارمۇ؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ بەك قىينىلىپ كەتتىم، ئۈنۈملۈك يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاجمەن.

    • #58

    • #59
      hazrat925

      ئەسسالامەلەيكۇم تورداشلار.
      مەن گەرچە يېڭى ئەزا بولساممۇ يۇقۇردىكى تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان مەسىلىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن كاللامغا شۇنداق بىر ئوي كەپ قالدى.مۇشۇنداق تىمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان دوسلارنىڭ چ چ توپىدىن بىرنى قۇرۇپ دەل ۋاختىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى سىناپ بېكىشنى تەۋسىيە قىلىمەن

    • #60

    • #61
      hazrat925

      ئەسسالامەلەيكۇم بىر زات ئەپەندىم
      مۇنازىرىمىزنىڭ دەل ۋاختىدا ئۈنۈملۈك بۇلۇشى،ئۆز-ئارا پىكىت يەكلىپلەرنى دەل ۋاختىدا بىرىش ئۈچۈن بىر چ چ توپى قۇرۇپ قويدۇم سڭزنىڭچە بۇلامۇ

    • #62
      hazrat925

      ئەسسالامەلەيكۇم بىر زات ئەپەندىم
      مۇنازىرىمىزنىڭ دەل ۋاختىدا ئۈنۈملۈك بۇلۇشى،ئۆز-ئارا پىكىت يەكلىپلەرنى دەل ۋاختىدا بىرىش ئۈچۈن بىر چ چ توپى قۇرۇپ قويدۇم سڭزنىڭچە بۇلامۇ

    • #63
      zubayda

      ئاياللار كېسەلىكى

    • #64
      armfn

      ئىككىمىز ئوخشاش قىسمەتتە ئىكەن مىز مېنىنڭ مۇ ئايالىم قىززىقمايدۇ شۇ ۇخلايدۇ كۈندۈزى خېلى ھاردۇخ يىتىپ قالام دىكىن دىسەم ھاردۇق كۈنلىرىمۇ ئۇنداق ئىشلار يادىغىمۇ كېلىپ قوي مايدۇ ھەي ئامال يوق بۇ ڭشلار بېششىڭ لار غا كالمىسە سىلەر مۇ چۈشەنمەيسىلەر تورداشلار !!!!!!!!! بىزمۇ توردىن سورىماي ئامال يوق سىرتتىكى لەردىن سورىساڭ يۈزىڭنى تۆككىنى تۆككەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    • #65

    • #66
      نىگارە

      مەن بىر مەسلەت سورايدىگەن مىنىڭ يولدىشىم باللا ئۇيۇنچىقىغا بەك ئامراق ئاخشىمى 1-2گىچە بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە ئوينايدۇ .يا پۇل تاپمايدۇ .ئەتتىگىنى 9-10غىچە ئۇخلايدۇ ،مۇشنىڭغا ئامال بارمىدۇ ؟[face47]

    • #67
      نىگارە

      مەن بىر مەسلەت سورايدىگەن مىنىڭ يولدىشىم باللا ئۇيۇنچىقىغا بەك ئامراق ئاخشىمى 1-2گىچە بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە ئوينايدۇ .يا پۇل تاپمايدۇ .ئەتتىگىنى 9-10غىچە ئۇخلايدۇ ،مۇشنىڭغا ئامال بارمىدۇ ؟[face47]

    • #68
      phnan

      ئەسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئانالزىمغا ئۈگۈنۈپ قالغلى 4-5 يىلچە بولۇپقالدى ھازىر 22 گە كىردىم ھازىر ئۇيقۇم بەك .از تاماقمۇ بەك ئاز ئوڭ بىقنىم بەك ئاغرىيدۇ كىندىكنىڭ ئاستى ئوڭ تەرەپ كىكرىپلا تۇرىمەن زەكىرىم بولسا 2-3 سانتا بوپقالدى پۇرجۇندەك تۈرلۈپ تۇرۋالىدۇ ئەمما سىگىم كەلگەندە 10-12 سانتا كېلىدۇ ساپ لەش گۈشتەكلا زەكىرىمگە قارىساملا كۈڭلۈم بەك يېرىم مەن قانداق

    • #69

    • #70
      ahatjan

      مەسلەت سوراي دىگەن قەيەرگە يزىشنى بىلەلمدىم ياردەم قىلساڭلار

    • #71
      ahatjan

      مەسلەت سوراي دىگەن قەيەرگە يزىشنى بىلەلمدىم ياردەم قىلساڭلار

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...