ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بىرزات ئەپەندى،سالامەت تۇرلىما ؟ ئاللا سىلىگە بەخىت نۇرى ياغدۇرسۇن، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتكۈزسۇن !
مەن بۇ تەتىلدا ئۆيگە قايىتماي ئۈرۈمچىدە ئىشلەپ قاپقالغان، كەچلىرى شىركەتتىلا قونىمەن،
ئىشخانىدا كارۋات يوق بولۇپ يوتقان كۆرپىلەرنى يەرگە سېلىپلا ئۇخلايمەن، لېكىن ئىشخانىنىڭ پارى يەر ئاستىدا(地暖) ئىكەن .. ئۇخلىغاندا يەر ئاستىدىن ئىسسىق چىقىپ بىئارام بولۇپ تۇرساممۇ ھارغىنلىقتا يەنىلا ئۇخلاپ قالىمەن ، ئەتىگىنى قوپسام بېشىم بىر خىل بولۇپ ، كالپۇكۇم قۇرۇپ قوپىمەن. پار يەر ئاستىدا (地暖) بولسا سالامەتلىككە زېيىنى بارمۇ ؟ يەر ئاستى پار(地暖) بار ئۆيگە كۆرپە سېلىپلا يېتىش خاتامۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
خۇداغا شۇكۈرى، ئوبدان تۇرۇپتىمەن. رەھمەت.
ھېس قىلىشىمچە ئاستىدىن ئىستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ ئادەتتىكى ھاۋاسى قۇرۇق بولىدىكەن. بۇنداق زىيادە قۇرۇق ھاۋا ئادەمنى قۇرۇتۇپ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرىدۇ. باشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ گاراڭ قىلىپ قويىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت پولنىڭ ئۈستىدىلا ياتقاندا بۆرەك مىزاجىنىمۇ قۇرۇتۇپ سالامەتلىككە بەزى بىر سەلبىي تەسىرلىرى بولىشى مومكىن. بۇ خىل تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئاستىدىغان ئىسسىتىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇرغۇچىلار قىش كۈنلىرى چوقۇم ئۆيدە گۈل بېقىش ئارقىلىق ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ نەملىك ھالىتىنى ساقلىشى زۆرۈر. سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ھەر قاچان تەييار بولىشى، ئۇسساپ قالغان ھامان سۇ تولۇقلاپ تۇرىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇششاق بالىلار كېچىلىرى ئىچى سېقىلىپ ئويغىنىپ كەتكەندە چوقۇم ئۇلارغا ئۇسسۇلۇق بىرىش كېرەك. ئۆينى پەۋقۇللادە ئىسسىتىۋەتمەي تېمپراتۇرانى تەڭشەپ قويۇشى كېرەك.
ئىمكان-شارائىت بولسا بىۋاستە پۇل ئۈستىدە ياتماي كارۋات قويۇپ يېتىش كېرەك!
بۇ ھەقتە تەجىربىلىك تورداشلارنىڭ ئۆزگىچە پايدىلىق پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقساق. قېنى تورداش سىزمۇ ئاستىدىن ئېستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ياتقاندا ئېغىزىڭىز قۇرۇپ، بېشىڭىز ئېسىلامدۇ؟ بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق چارە قىلدىڭىز؟ ئىنكاسىڭىزنى ساقلاپ قالدۇق!!
بىلۋالدىم.رەخمەت سەزگە…
2011/01/21
بىلۋالدىم.رەخمەت سەزگە…
2011/01/21
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،تىچلىقمۇ؟!
ئاستىدىن ئىسسىيدىغان ئۆيلەردە ولتۇرغاندا ئادەمنىڭ ئىغىزى قۇرۇپ تولائۇسسايدىغان،بالىلاردا بولسا ئاسانلا بۇرنى قانايدىغان ،ئاسان زۇكامدايدىغان،باش ئىسىلىپ چىڭقىلىدىغان،ئەھۋاللار كۆپ كۆرۇلىدىكەن بۇنداق ئەھۋالدا يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك ئائىلىدەگۇل بىقىش دەرىزىلەرنى پات -پات ئىچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بولۇپمۇ بالىلار ياتقان ئۆيگە داس دىگەندەك قاچىلارغا سۇ ئەكىرىپ قويۇش دىگەندەك ئۇسۇللارنى قوللنىشتىن سىرىت قايناق سۇنى كوپ ئىچىش كىرەك دەپ ئويلايمەن

ئەمۋاينىڭ ھاۋا ساپلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسىدىن پايدىلانسا ياخشى بولىدىكەن .
2011/01/24
ئەمۋاينىڭ ھاۋا ساپلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسىدىن پايدىلانسا ياخشى بولىدىكەن .
2011/01/24
رەھمەت،تۇققانلارغا يەتكۈزۈپ قوياي بۇ تەلىمنى
2011/02/15
رەھمەت،تۇققانلارغا يەتكۈزۈپ قوياي بۇ تەلىمنى
2011/02/15
بولىدىغان تىمىكەن بۇ…
2011/03/05
بولىدىغان تىمىكەن بۇ…
2011/03/05
ئەسسالاممۇ ئەلەيككۇم بىرزات ئەپەندى مەن بىر ئشتا سىز دىىن مەسلىھەت سۇراي دىگەن 1ئايغا يىقىن بولدى كىچىك تەرىتىم ئچىشىپ كىلدىغان سۈيدۈكتىن كىيىن مەنى تىمىپ كىتىدىغان ئشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ مەن تىخى توي قالمىدىم تاش بۈرەك مۇزلايدىغان كۈپ تەرلەيدىغان ئشلار كۈرىلۋاتىدۇ قانداق قىلسام مۇشۇ كىسىلىمگە شىما قىلغىلى بۇلا
2011/03/18

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛ ياخشۇسىز، بىرزات ئەپەندى مەن سىز دىن مەسلە ئەت سوراي دىگەن ، ئادەتتە ئادەمنڭ ئۇرۇكى تۇۋەن بۇلگاندا نەتچە بۇلگاندا بالا تېپىش ئىخـتدارى دىن قالىدۇ
2011/07/26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛ ياخشۇسىز، بىرزات ئەپەندى مەن سىز دىن مەسلە ئەت سوراي دىگەن ، ئادەتتە ئادەمنڭ ئۇرۇكى تۇۋەن بۇلگاندا نەتچە بۇلگاندا بالا تېپىش ئىخـتدارى دىن قالىدۇ
2011/07/26