قان سوۋۇغان، بۆرەك ئاجىزلىغان شارائىتتا قان قويۇقلۇققا قانداق چارە قىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم، مېنىڭ ئىككى بۆرەك ئۇدۇلۇم داۋاملىق مۇزدەكلا تۇرىدۇ، جىنسىي ئىقتىدارىم بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەندەك. چوڭلار بىلەن بىر داستخاندا يۈكۈنۈپ ئولتۇرسام پۇتۇم قولىشىدۇ. ئىسسىقلىق قىلسام، مەسىلەن پولو، ھالۋا دېگەندەك تاماقلارنى ئىستىمال قىلسام بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. قېتىق، لەڭپۇڭ دېگەندەكلەرنى يەپ بەرسەم بېشىمنىڭ ئاغرىقى قويۇپ بەرگەندەك، لىكىن پۇت-قولۇم بىر خىل ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قان تەكشۈرتسەم قاندا ماي يۇقۇرى، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقۇرى ئىكەن دەيدۇ. سوغۇقلۇق قىلسام بۆرەككە زىيان قىلىدىكەن، ئىسسىقلىق قىلسام بېشىم ئاغرىپ بولمايۋاتىدۇ. ماڭا مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

ھازىر قان قويۇق دەپ دىئاگنۇس قويۇلغان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقنى ئاسىراشتىكى ئەڭ خاتا قاراش – دوختۇر تەكشۈرۈپ قان قويۇق، قاندا يېپىشقاقلىق ئىشىپ كېتىپتۇ دېسە چىقىپلا قېتىق، لەڭپۇڭ، سوغۇق ئىچىملىك دېگەندەكلەرنى ئىچىش ۋە مۇشۇنداق قىلسام قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ ئورۇلاش مەقسىتىگە يېتەلەيمەن دەپ قاراش. مەندىن بۇ ھەقتە مەسلەھەت سوراپ كىرگەنلەرگە ئېيتىدىغىنىم: ياغ قىززىق تېمپراتۇرىدا ئىرىيدۇ، سوغۇقتا ئاسان قويىلىدۇ. ئەسەبىيلەرچە سوغۇقلۇق قىلىش قاننى سوۋۇتۇپ ماينىڭ پارچىلىنىشغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۆرەكنى ئاجىزلىتىپ ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ. سوغۇق يېمەك-ئىچمەك، سوغۇق، ھۆل موھىتمۇ قاننى سوۋۇتۇپ بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ماينى پارچىلىيالماي ئاسانلا قان قويۇلۇش، سەمىرىش كىلىپ چىقىدۇ. ھۆللۈكنىڭ ئىشىپ كېتىشىدىن سەمىرىش ئاياللاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. سەمىرىپ كەتكەن ياكى قاندا ماي ، يېپىشقاقلىق يۇقۇرى كىشىلەرنىڭ سوغۇقلۇق ھەم ھۆللۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى ئەمەلىيەتتە ماينى پارچىلىيالمايلا قالماستىن ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىدۇ. ئومومىي بەدەننى سوۋۇتۇپ بەدەنگە ماينىڭ زىيادە جۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدىنى سوۋۇغان، بۆرەك ئاجىز كىشىلەرنىڭ قاندىكى يېپىشقاقلىق يۇقۇرلاش، ماي نىسبىتى ئىشىپ كېتىش ئەھۋاللىرىغا نىسبەتەن قارىغۇلارچە سوغۇقلۇق ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

قان سوۋۇپ بۆرەك ئاجىزلىغان ئەھۋالدا ئىسسىقلىق، قۇۋۋەت دېگەن يالغۇز گۆش -ياغدىنلا كەلمەيدۇ. ئوزۇقلۇقلاردىن ساپ ھەسەل، ھەر خىل مېغىزلىقلار، ئۇچار قۇش گۆشلىرى دېگەندەكلەر بولىدۇ. پولو، ھالۋا دېگەندەك تاماقلارنى ئاجىزلىغان بەدەن قوبۇل قىلالمايدۇ، قاننى قويالتىپ ئەزالار خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرىشى مومكىن. بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىش، ئۆت ياللۇقى دېگەندەكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 بۇ ھالدىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تەرتىپلىك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش. بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەندە ئادەتتە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار، پارچە يول مىڭىش دېگەنلەر ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالمايدۇ. تېز قەدەملەر بىلەن 20 مىنۇت پىيادە يول يۈرگەندىن كىيىن ئاندىن بەدەن قىززىپ مايلار پارچىلىنىشقا باشلايدۇ، تەرلەشكە باشلىغاندىن كىيىن يەنە چىداپ 10 مىنۇت يول يۈرۈڭ! ئېسىڭىزدە بولسۇن چوقۇم تېز قەدەم ئىلىپ مېڭىڭ. 15 كۈن تەرتىپلىك تېز قەدەم بىلەن يول مېڭىپ بەرگەندىن كىيىن يۈگۈرۈشكە ئۆتسىڭىز بولىدۇ. يۈگۈرۈشتىن 5 مىنۇت بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىڭ! يۈگۈرۈشتىن توختىغاندىن كىيىن بىر ئاز ئارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن يەنە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىڭ، ھەرگىزمۇ سوغۇق سۇ ياكى سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ. بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر ئىستاكاندىن ھەسەل سۈيى ئىچىشنىڭ بۆرەك ئاجىزلىغان، بەدەن سوۋۇغان كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە شىپالىق ئۈنۈمى بار. چىنىقىش جەريانىدا ماينىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بىرىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاپ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. بۆرىكى ئاجىز، بەدەن سوۋۇغان كىشىلەر بەدەن چىنىقتۇرۇش بىلەن بىرگە  ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى قاننى جانلاندۇرۇپ توسالغۇلارنى ئاچىدىغان مۇناسىپ دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق قان يېپىشقاقلىقى مۇئەييەن تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا ئاندىن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.

______ بىرزات

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      wutunay

      ياخشىمۇ سىز مەن بىرزات ئەپەندىمدىن سۇئال سورماقچى ئىدىم ،قەيەر گە يىزىشىمنى قەيەردىن كۆرشۇمنى بىلمىدىم ،ياردەم قىلىپ دەپ بىرەمسىز
      [reply=Birzat,2011-02-09 04:48 PM]ياخشىمۇ سىز، ئەسلىدە ئايرىم سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى بار ئىدى، يېقىندىن بىرى سەپەرگە چىقىش ۋە باشقا تىرىكچىلىك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنى تاقاپ قويغان. سۇئال بولسا مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.[/reply]

    • #2

    • #3
      PIXWA

      بىرزات ئەپەندى،ياخشىمۇسىز،گەپلىرىم قوپال چىكەتكەن بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
      سىز زادى چايچىمۇ ياكى تېۋىپمۇ؟ ئەگەر تېۋىپ بولسىڭىز نېمە ئۈچۈن دورىلىرىڭىز يوق؟ بۇ توربەتنى نېمەدەپ قۇرغان؟نېمە .ئۈچۈن سورالغان سۇئاللارغا ۋاقتىدا جاۋاپ بەرمەيسىز،سىزدىن دورا ئىلىپ ساقايغانلار بارمۇ زادى؟ ئەدەپسىزلىەىمنى كەچۈرگەيسىز،مۇمكىن بولسا مۇشۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز
      [reply=Birzat,2011-02-09 04:55 PM]سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى زادىلا چۈشەنگىلى بولمىدى. مېنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەن ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك، ھەر خىل ھەسەل، گۈلقەنت دېگەندەك تېبابەت مەھسۇلاتلىرى تېجارىتى قىلىمەن. كەسىپتىن بىكار بولغان ۋاقىتلىرىمدا 80خالتا ناملىق بلوگىمدا ئۆزۈم بىلىدىغان ساغلاملىق ئاسىراش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى يېزىپ قويىمەن. سەمىڭىزدە بولغايكى بلوگىمدا بىر كىمگە بىر نەرسە ئۈگۈتۈش ياكى سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بىرىش مەسئۇلىيىتىم يوق. تورداشلارغا ھەم ئۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن يېرىممۇ يوق. يېزىپ يوللاپ قويغانلىرىم تورداشلارغا ياراپ قالغان بولسا قايتا يەنە كىرىپ يازمىلىرىمنى ئوقۇپ قويىدۇ، يارىمىسا سىزدەك كىرىپ تىللاپ قويۇپ چىقىپ كىتىدۇ. بۇلارغا خاپا بولۇپ يۈرۈپ جان توشىمايدۇ، شۇڭا ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشىمنى قىلىپ كىتىۋېرىمەن. لىكىمن تورداشلار سۇئال سورىسا ۋاقتىم چىقسا بىلگىنىمگە جاۋاپ يېزىپ قويىمەن. بىلمەيدىغان ياكى سۇئال مەزمۇنى قالايمىقان، چۈشۈنۈكسىز بولسا جاۋاب قايتۇرمايمەن. بولدىمۇ؟[/reply]

    • #4

    • #5
      rayhan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم،ئاتامنىڭ قەۋزىيەت كىسلى بار ئىدى،ئۇيغۇرتىبابىتىدە قەۋزىيەتنىڭ قانداق ئۈنۈملۈك دۇرىلىرى باركىن ئېيتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
      [reply=Birzat,2011-02-09 04:44 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      ئادەتتىكى قەۋزىيەت ياكى يېڭىدىن بولغان قەۋزىيەتلەرگە دورا ئىشلىتىمىسىمۇ بولىدۇ. مېۋە -چىۋىلەر، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ھەسەل، سۈت، قېتىق ئىچىش ئارقىلىق قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش ۋە قەۋزىيەتنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
      ئادەتلەنگەن ئېغىرراق قەۋزىيەتكە :
      ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا1-2 قوشۇق ھەسەلنى ئىلىمان قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بىرىدۇ ياكى قايناقسۇغا ئازىراق تۇز سىلىپ ئىچىپ بىرلىدۇ.
      سانادىن 15-30 گىرامنى قايناقسۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈپ ئىچىلىدۇ.
      يېڭى كۈدىنى يانچىپ سۈيىگە ئازىراق ئىلىمان سۇ قۇيۇپ ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
      تاتلىق ياڭيۇدىن مۇۋاپىق يەپ بەرسىمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
      تەرەنجىبىن ئىرىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ ئۇچەينى سىلىقلاپ قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
      دورىلاردىن : قۇرسى تەنىكار، ھەببى رەۋەن، مەجۈنى سانا دېگەنلەرنىڭ قايسىسى بولسا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.[/reply]

    • #6

    • #7
      rayhan

      [ھە ئەسلىدە بۇ يەردە باركەن،ئەمدى تاپتىم.

    • #8

    • #9
      karwan3750

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى؛مەن بۇ يىل 32ياش مەندە قان بېسىمى تۇۋەن قان ئازلىق،ئاشقازان ئاجىزلىقى ،نېرۋا ئاجىزلىقى،بورەك ئاجىزلىقى(بەلكىم مەزى بىزى ياللۇغى بۇلۇشىمۇ مۇمكىن)قاتارلىق كىسەللەر بار .تىنىممۇ ئۇرۇق،ئۇيقام پەقەت ياخشى ئەمەس ،ئەتگەندە ئورنۇمدىن تۇرغاندا تىنىم شۇنداق ئېغىر ،ئاسانلا چارچايمەن ئاسانلا زۇكام بۇلمەن.شۇڭا مۇمكىن بۇلغاندايۇقارقى كىسەللكلەرنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئۇزىمزنىڭ مىللى تىبابەت دۇرلىردىن قايسىلارنى ئىشلىتىش تۇغرىسىدا كۇرسەتمە بەرگەن بۇلسىڭىز

    • #10

    • #11
      yalhuzman

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى:
      مىنىڭ قان تىپىم "ئو"بولۇپ،ھەر ئايدا ھەيىز كوپ كەلگەنلىكتىن بەدىنىمدىكى قان مىقدارى تۈۋەنلەپ كىتىپتۇ،
      ئىلگىرى ھەيز بىر كەلسە توختىماي 10 نەچچەكۇن داۋاملىشاتتى،ھەم مىقدارىمۇ كوپ ئىدى.بۇنداق ۋاقىتلاردا دورا ئىچىش ئارقلىق توختىتىشقا مەجبۇر بولىمەن.ئۈزۇم بۇ يىل 27ياشتا،توي قىلمىدىم،ئومومەن ئېيتقاندا ئادىتىم نورمال ئەمەس،بۈگۇنمۇ دوختۇرخانىفا بېرىپ قېنىمنى تەكشۈرۈتسەم 7.7گىرامفا چۈشۈپ قاپتۇ،شۇڭا سىزدىن سوراپ باقسام قانداق دورايىسەم ( يەنى قانداق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق )مەندىكى قان ئازلىق ۋە ھەيىزنىڭ نورمال بولماسلىقىنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟

    • #12

    • #13
      sanubar

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى!
      قىممەتلىك ۋاقىتلىرىغا دەخلى قىلىدىغان بولدۇم، ئاللاھ ھۆزلىرىگە ئەجىر بەرگەي!
      مەن بۇ يىل 40ياشقا كىردىم، 3بالام بار، بىرەر يىلدىن بىرى ھەر ئايدا ھەيىز كۆرىدىغان ۋاقىتتىن بىرەر ھەپتە بۇرۇن ئىككى كۆكسۈم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق بىر نەرسە تىگىپ كەتسىمۇ قاتتىق ئاغرىپ كىتىدۇ، ئۆزۈم تۇتۇپ كۆرۈپ باقسام بىرەر غەيرى مۆنەكچە بارلىغىنى بىلمىدىم، ھەم ئۇنداق نەرسە باردەكمۇ قىلمايدۇ.
      ھەيىز ۋاقتى كىلىپ ھەيىز كۆرۈپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ بىقىشقا جۈرئەت قىلاممىدىم.
      سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن ھەم تىبابەت دورىلىرىدىن مەنپەئەت قىلىدىغانلىرى بولسا ياردەم قىلىپ ئىيتىپ بەرسىڭىز ۋە دورا ياساپ بەرسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.
      جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ، سەنۇبەر

    • #14

    • #15
      struggle71

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاللا ئىشلىرنى ئاسان قىلسۇن.قوللىرغا ى قۇۋۋەت بەرسىن.
      مىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى سۇئال سورغۇم باتى لىكىن ياخشى پۇسەت بوممىدى دوختۇرخا كۆرنۈش بىلەن ئالدىراش بوپكىتېپ.
      3 يىلغا يېقىن بوپ قالدى كوپ سىىيمە يېرېىم سائەتتە بىر دسەممۇ بولدۇ.ئازراق سىيگۈم كەلسە سىيمىسەم يوتا،پاچاق،بىلەكلېرىپ،كۆزۈم ئاغرىشكا باشلايدۇ، دەرھا سىسۋەتسەم ياخشى بوپ كالمەن،ئۇنىڭ ئالدىدا سۈيدۈكتىن كىين ئا يۈيۈقلۈق كىلدىغا ، سىيپ بولغاندىن كىين يەنە چالا قالغاندەك ئەھۋال باتى، نۇرغۇن دوختۇرغا كورنىپ باقتىم لىكن ئۈنمىنى كۇرمىدىم،نۇۇرغۇن دورنىمۇ ئېچتىم ئەمما ئۈنمنى كۆرمىدىم، Doxycycline دىەگەن دورلاخېلى ياخشى پايدا قىلدى ئەمما antibiotic بولغاچەقا ئىچىۋەرسەم تەسىر قىلماتىدۇ،.
      مەن باشقا ئەلدە بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇزۇن سوزلىپ كەتتى،مومكىن بولسا سىلگە قانداق ۋاقىتتا تىلفون قىلسام ياخشى دەپ بەرگەن بولسىلا تەپسىلىگرەك دەپ بەرسەپ سىىلدىن دورا سالدۇرۇپ سىناپ باقسام.ئەگەر سىلگە بىئەپ بولمىسا ئىلخېتىمگە يوللاپ قويسىلا.
      ئىلخېتىم :struggle71@hotmail.com

    • #16

    • #17
      elif

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم؛ بىرزات ئەپەندى، سىلدىن ئالىدىغان بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى. لىكىن مەن مەسلىھەت سورايمەن.لىكىن جاۋابىنى قەيەردىن ئوقۇشنى بىلمىدىن خاپا بولماي دەپ بەرگەن بولسىلا
      مىنىڭ مۇشۇ يېقىندىن بۇيان. پۇت قوللۇرۇم تاتىشىدىغان، بېشىم قايدىغان، تۇرۇپ تۇرۇپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىئارام بولىدىغان، شۇنچىلىك ماغدۇرسىز، بولۇپ قالدىم، مىنىڭ قۇچقۇمدا، بالام بار بالام كىچىك، بەدەنلىرىم تاتىشىدىغان ئىشنى، دوختۇرغا دىسەم، كالتىسى كەملىك دەپ ماڭا دورا يېزىپ بەرگەن، مەن ئۇ دورىلارنى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا باڭزا قاينىتىپ ئىچەتتىم، شۇنداق قىلساممۇ يەنە ئۈنۈمى ياخشى بولمايۋاتىدۇ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.

    • #18

    • #19
      tarkanhuja

      مەن توي قىلغىلى 8ئاي بولدى.ھازىر ئايالىمنىڭ بۇيىدا بار،شۇنداق بولغاچقا ئايالىم بىلەن بىرگە بولمىغىلى خېلى بولدى.لېكىن ھەركۈنى بىرگە ياتقاندا مىنىڭ ئالىتىم قۇپۇۋالىدۇ.ھەركۈنى شۇنداق بۇلىدۇ.بەزى ۋاقىتلاردا مەن ئۇخلاپ قالساممۇ قۇپۇپ تۇرىدۇ.بۇنىڭغا خېلى بولدى.بۇنداق بۇلۇۋەرسە زىيانلىقمۇ ئەمەسمۇ؟

    • #20

    • #21
      tarkanhuja

      ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟
      مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟

    • #22

    • #23
      munirakiz

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بېرزات ئەپەندى ، مەن بۇ سۇئالنى سوراشتىن تولىمۇ ئۇيالساممۇ لېكىن يەنىلا سوراپ شىپالىق تېپىش قارارىغا كەلدىم .
      مەن بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم ، توي قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشتى ، مەندىكى مەسىلە شۇكى ، يولدىشىم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە مەندە ھېقانداق سېزىم بولمايدۇ ، يولدىشىمىنىڭ جىنسى ئەزاسى جىنسى يولۇمغا كىرگەندە مەندە ھېچقانداق ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى بولمايدۇ ، لېكىن يولدۇشۇم جىنسى ئەزاسىنى مېنىڭ جىنسى ئەزاسىمنىڭ سىرتىغا خىل ئۇزۇن سۈركىگەندىن كېيىن ئاندىن جىنسى ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ ، بۇنىڭغا قانداق شىپا قىلسام بولىدۇ ؟
      لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھازىر بويۇمدا بار ، 5 ئاي بولدى ، سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە مۇھتاجمەن .

    • #24

    • #25
      borhan

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! بىرزات ئەپەندى، ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى تاقاق بولغاچقا، مۇشۇ يەرگە قالدۇردۇم. مەن بۇ يىل 28ياشقا كىرەي دىدىم. مەن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ئوقۇشى پۈتمىگەچكە،تېخىچە توي قىلمىدىم،بەلكىم، تويۇم يەنە بىرەر-ئىككى يىل كىچكىشىمۇ مۇمكىن،لىكىن، مىنىڭ جىنسىي ھەۋسىم كۈچلۈكرەك، يېقىندىن بېرى نىمىشقىكىن ئۇخلىساملا، جىنىسى ئەزايىم قوپىۋېلىپ بەك قىينىلىپ كىتىمەن، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ شۇنداق قوپىۋېلىپ، مىنى بەك قىينىۋەتتى، كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتىمگە خىيانەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىلپ قالماسلىقىم ۋە ياكى ئانانىزىمغا ئوخشاش ناچار قىلىقلارنى ئۆگىنىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن،ماڭا ياردەم قىلىپ، مۇشۇ قىيىنچىلىقىمنى يېڭشىم ئۈچۈن بىر يول كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىلىرى بوپتكەن،ئاللاھ سىلىدىن رازى بولغاي، جاۋاپلىرىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. ئاللاھقا ئامانەت!

    • #26

    • #27
      770461754

      [quote=borhan]ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! بىرزات ئەپەندى، ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى تاقاق بولغاچقا، مۇشۇ يەرگە قالدۇردۇم. مەن بۇ يىل 28ياشقا كىرەي دىدىم. مەن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ئوقۇشى پۈتمىگەچكە،تېخىچە توي قىلمىدىم،بەلكىم، تويۇم يەنە بىرەر-ئىككى يىل كىچكىشىمۇ مۇمكىن،لىكىن، مىنىڭ جىنسىي ھەۋسىم كۈچلۈكرەك، يېقىندىن بېرى نىمىشقىكىن ئۇخلىساملا، جىنىسى ئەزايىم قوپىۋېلىپ بەك قىينىلىپ كىتىمەن، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ شۇنداق قوپىۋېلىپ، مىنى بەك قىينىۋەتتى، كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتىمگە خىيانەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىلپ قالماسلىقىم ۋە ياكى ئانانىزىمغا ئوخشاش ناچار قىلىقلارنى ئۆگىنىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن،ماڭا ياردەم قىلىپ، مۇشۇ قىيىنچىلىقىمنى يېڭشىم ئۈچۈن بىر يول كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىلىرى بوپتكەن،ئاللاھ سىلىدىن رازى بولغاي، جاۋاپلىرىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. ئاللاھقا ئامانەت![/quote]

    • #28

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...