يۇقۇرى قان بېسىم

 يۇقىرى قان بېسىم



1.بىرلەمچى قان بېسىم



بىرلەمچى قان بېسىم دېگىنىمىز قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى ئاساسلىق كىلىنكىلىق ئىپادە قىلغان ھەمدە كۆپ خىل خەتەرلىك يۈرەك-قان تومۇر ئامىللىرى ئەگىشىپ كېلىدىغان (ياكى كەلمەيدىغان) يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ئادەتتە قىسقارتىلىپ يۇقىرى قان بېسىم دېيىلىدۇ.يۇقىرى قان بېسىم بولسا كۆپ خىل يۈرەك،مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ھەم خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ،رەئىس ئەزالار،مەسىلەن يۈرەك،مېڭە،بۆرەكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ،ئاخىرىدا بۇ ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھازىرمۇ يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىك ئۆلۈملىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولماقتا.



دەرىجىسى ۋە ئېنىقلىمىسى



دەرىجىسى: 

 

كېڭىيىش بېسىمى

(mmhg )
قىسقىرىش(تارىيىش)بېسىمى (mmhg ) تۈر
  120>  نورمال قان بېسىم
  120~139  نورمال يۇقىرى قىممەت
 يۇقىرى قان بېسىم
90~99 140~159  1-دەرىجە(يېنىك دەرىجە) 
100~109 160~179  2-دەرىجە(ئوتتۇراھال دەرىجە)
110<= 180<= 3-دەرىجە(ئېغىر دەرىجە)
90> 140<= نوقۇل تارىيىش دەۋرىدىكى يۇقىرى قان بېسىم

  ئېنىقلىمىسى : ئادەملەر توپىدا قان بېسىم سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز نورمال تەقسىماتقا بويسۇنىدۇ(تىببىي ئالگېبىرا ياكى سىزىقلىق ماتېماتىكا مەزمۇنى، تۆۋەن بولسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا سەۋىيىسى تەلەپ قىلىدۇ__تەرجىماندىن).نورمال قان بېسىم بىلەن قان بېسىم ئۆرلەشنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئېنىق چىگرى سىزىقى يوق.تارىيىش بېسىمى 140مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىگە تەڭ ياكى چوڭ ھەمدە(ياكى)كېڭىيىش بېسىمى 90مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن چوڭ ياكى تەڭ بولغاندا بىمار قان بېسىم دەپ قارىلىدۇ.بىماردا تارىيىش بېسىمى بىلەن كېڭىيىش بېسىمى ئوخشىمىغان دەرىجىلەردە كۆرۈلسە نىسپىي يۇقىرى دەرىجىنى ئۆلچەم قىلىمىز.



يۇقارقى جەدۋەل ۋە ئېنىقلىما جىنىس ۋە ياش پەرقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ كېسەل بولۇش ،قوزغىلىش نىسبىتى ۋە قان بېسىم دەرىجىسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ.ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ،بولۇپمۇ نوقۇل تارىيىش دەۋرىدىكى قان بېسىم كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بىرلەمچى قان بېسىمنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھەر خىل بولۇپ،ئېرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە يىغىنچاقلىنىپ،مۇشۇ ئىككى ئامىلنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە نىسبەتتە،ئېرسىي ئامىل 40٪،مۇھىت ئامىلى 60٪ ئورۇن تۇتىدۇ دەپ قارىلىدۇ.



(1)ئېرسىي ئامىل :

يۇقىرى قان بېسىم كۆرۈنەرلىك جەمەت توپلىشىشچانلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىدە بۇ كېسەل بولسا پەرزەنتلىرىدە قوزغىلىش نىسبىتى 46٪گە يېتىدۇ. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، 60 ٪ دىن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدىن يۇقىرى قان بېسىملىق جەمەت تارىخى بارلىقى مەلۇم بولىدۇ.يۇقىرى قان بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك گېن تەتقىقات دوكلاتلىرى كۆپ بولسىمۇ لېكىن تېخى بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرىلەش يوق.



(2)مۇھىت ئامىلى :

1. يېمەك ئىچمەك: ئوخشىمىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ قان بېسىم سەۋىيىسى بىلەن يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇشى ناترىي تۇزىنىڭ ئوتتۇرىچە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك باغلىنىشقا ئىگە.ناترىي تۇزىنى قانچە كۆپ ئىستېمال قىلسا قان بېسىم سەۋىيىسى ۋە يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ،ئەمما ئوخشاش بىر رايوندىكى ئادەملەر توپىدا،يەككە تەن ئارىسىدا قان بېسىم سەۋىيىسى بىلەن تۇز ئىستېمال مىقدارى مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،تۇز ئىستېمالى كۆپ بولۇشتىن يۇقىرى قان بېسىمى كېلىپ چىقىش ئاساسلىقى تۇزغا سەزگۈر كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ؛كالىي ئىستېمال مىقدارى بىلەن قان بېسىم نىسپىي تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ؛ كالتىسىي تۇزىنىڭ قان بېسىمىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا تېخىچە تالاش-تارتىش مەۋجۇت،كۆپ قىسىملار يېمەكلىكتىكى كالتسىي كەملىك بىلەن يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ؛يۇقىرى ئاقسىل ئىستېمالى قان بېسىمىنى ئۆرلەتكۈچى ئامىلغا تەۋە بولۇپ،ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىللىرى ئوخشاشلا ئۆرلىتىدۇ.يېمەك=ئىچمەكتىكى تويۇنغان ماي كىسلاتاسى ياكى تويۇنغان كۆپ خىل تويۇنمىغان ماي كىسلاتا نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدىغان ئامىلغا تەۋە؛ھاراق ئىچىش مىقدارى بىلەن قان بېسىم سەۋىيىسى سىزىقلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە(تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسى سەۋىيىسى __تەرجىماندىن)،بولۇپمۇ قىسقىرىش بېسىمى.ھەركۈنىدىكى ساپ ئىسپىرت(ئېتانول)ئىستېمالى 50گرامدىن ئاشىدىغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.

2.روھىي جىددىيلىك ۋەزنى:شەھەرلەردىكى ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ؛ روھىي جىددىيلىك دەرىجسى يۇقىرى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا يۇقىرى قان بېسىمنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ؛شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل ياشاپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى سېزىمچان خاراكتىرلىك چېكىنگەنلەردىمۇ يۇقىرى قان بېسىم كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بۇ خىلدىكىلەردە، ئارام ئېلىش ئارقىلىق ،كۆپ ۋاقىتلاردا ئالامەتلەر ۋە قان بېسىم جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ياخشلىنىش بولىدۇ.



(3) باشقا ئامىللار:

1.بەدەن ئېغىرلىقى:بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك قان بېسىمى ئۆرلەشنىڭ نېگىزلىك خەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ بىرى.بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە سېمىزلىك دەرىجىسىنى دەڭسەشنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىنىپ، ئادەتتە ئېغىرلىق ئېندىكىسى قوللىنىلىدۇ،يەنىي بەدەن ئېغىرلىقى(كلوگرام)نى تەن ئېگىزلىكىنىڭ كىۋادراتى(مېتىر)غا بۆلۈپ ،20دىن 24كىچە بولغان نورمال دائىرە قىممىتىگە سېلىشتۇرىمىز. بەل ئايلانمىسى مەركەزگە يۆنەلگەن سېمىزلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە سېمىز كېلىدۇ. قان بېسىمى بىلەن بەدەن ئېغىرلىق ئىندېكىسى كۆرۈنەرلىك نىسپىي ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت ياسايدۇ.سېمىزلىكنىڭ تۈرلىرى بىلەن يۇقىرى قان بېسىمنبىڭ مۇناسىۋىتى زىچ، قورساق سېلىپ سەمرىگەنلەردە ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى كۆرۈلىدۇ.

2.ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى:ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەن قىز-ئاياللاردا قان بېسىمنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ۋە دەرىجىسى دورا ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئوتتۇز بەش ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قان بېسىمى ئاسانلا ئۆرلەيدۇ، ئىچىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى قان بېسىم ئادەتتە يېنىك دەرىجىدە (قان بېسىمنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىش جەدۋىلىگە قاراڭ__تەرجىماندىن)،ھەم ئەسلىگە قايتىدۇ،دورىنى توختىتىپ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئومۇمەن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.

3.ئۇيقۇدىكى نەپەس ۋاقتىنچە توختاشتۆۋەن گاز ئالمىشىش ئۇنۋېرسال كېسەللىكى: بۇ كېسەل بېمارلىرىنىڭ 50٪ دە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولىدۇ،دەرىجىسى بۇ كېسەللىكنىڭ جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .





پاتولوگىيىلىك ئىپادىلىرى



يۇقىرى قان بېسىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈنەرلىك پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ، يۈرەك بىلەن قان تومۇر يۇقىرى قان بېسىمنىڭ پاتو_فىئوزولوگىيىلىك تەسىرىنىڭ قارا (نىشان) ئەزالىرى.ئۇزۇن مەزگىللىك يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۈرەكتىكى ئۆزگىرىش ،ئاساسلىقى يۈرەك سول قېرىنچىسى قېلىنشىش ۋە كېڭىيىش؛ يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پۈتۈن بەدەندىكى كىچىك ئارتېرىيە ئۆزگىرىشلىرى بولسا ،ئاساسلىقى،دىۋار –كانال نىسبىتى چوڭىيىش ۋە تومۇرنىڭ كانال ئىچى دېئامىتىرى كىچىكلەپ،مۇھىم نىشان ئەزالار،مەسىلەن،يۈرەك،مېڭە،بۆرەك توقۇلمىلىرىغا قان يېتىشمەسلىك؛ئۇزاق مەزگىللىك يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئەگەشمە خەتەرلىك ئامىللار ئارتىرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،بۇ ئۆزگىرىش ئاساسلىقى بەدەن قان ئايلىنىشىنىڭ چوڭ، ئورتتۇرا ھال ئارتىرىيىلىرىگە چېتىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم يەنە قىلدام تومۇرلاردىمۇ مۇناسىپ پاسسىپ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە قان تومۇر ئىچكى دىۋار ئىقتىدار كاشىلىسى بولسا يۇقىرى قان بېسىمنىڭ قان تومۇرغا بولغان ئەڭ دەسلەپكى ھەم ئەڭ نېگىزلىك زىيىنى دەپ قارالماقتا.

(1) يۈرەك: ئۇزۇن مەزگىللىك قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەكنىڭ قېلىنلىشىشى ۋە كېڭىيىشى يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسىلى دېيىلىدۇ، بۇ خىل يۈرەك كېسىلى دائىم تاجىسىمان ئارتىرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ۋە مىكرو قان تومۇر ئۆزگىرىشلىرى بىلەن بىرگە كېلىپ،ئاخىرىدا يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك رېتىمى نورمالسىزلىشىش ھەتتا كۈتۈلمىگەن ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(2) مېڭە: ئۇزۇن مەزگىللىك يۇقىرى قان بېسىم مېڭىگە قان چۈشۈشنى ،مېڭە ئارتېرىيىسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى،مېڭە قان نوكچىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن،

(3) بۆرەك: بۆرەك بىرلىكىنىڭ سانى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازلاپ بارىدۇ،ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان قان بېسىم بۆرەك شارچىسىنىڭ ئىچكى بېسىمىنى ئۆرلىتىپ،بۆرەك شارچىسىنىڭ تالالىشىشى،قورۇلۇشى ھەمدە بۆرەك ئارتېرىيىسىنىڭ قېتىشىنى،تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ،بۆرەككە قان يېتىشمەسلىك ۋە بۆرەك بىرلىكىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئاستا خاراكتىرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش ئۇزۇن مەزگىللىك يۇقىرى قان بېسىمنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى، بولۇپمۇ دېئابىت كېسىلى بىلەن بىرلىشىپ كەلگەندىكى.

(4)كۆرۈش تور پەردىسى: يۇقىرى قان بېسىمى كۆرۈش تور پەردە كىچىك ئارتېرىيىسىنىڭ سىپازمىلىنىشىنى، كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان بېسىم جىددىي ئۆرلىگەندە،كۆرۈش تور پەردىسى قاناشنى ۋە باشقا ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



كىلىنكىلىق ئىپادىسى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر

(1)كېسەللىك ئىپادىلىرى:كۆپ ھاللاردا ئاستا ،تەدرىجىي كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئالاھىدە كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى كەمچىل. تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىم بىماردا كېسەللىك ئىپادىسى كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت قان بېسىم ئۆلچىگەندە ياكى، يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالاردا ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگەندە ئاندىن بايقىلىدۇ. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرىدىن باش قېيىش، باش ئاغرىش، بويۇن قېتىش، چارچاش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلار يېنىك دەرىجىدە ئۆزلۈكسىز كۆرۈلىدۇ.كۆپ قىسم كېسەللىك ئىپادىلىرى ئۆزلىكىدىن قويۇپ بېرىدۇ.،جىددىيلەشكەندە ياكى چارچىغاندا ئېغىرلىشىدۇ. كۆز غۇۋالىشىش، بۇرنى قاناش قاتارلىق بىر قەدەر ئېغىر بولغان كېسەللىك ئىپادىلىرىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن،قان بېسىم قان بېسىم خاراكتىرلىك قان تومۇرلارنىڭ سپازمىلىنىشى ياكى كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، بۇرنى قاناش قاتارلىق كېسەللىك ئىپادىلىرى بىلەن قان بېسىم سەۋىيىسى مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە. تىپىك قان بېسىملىق باش ئاغرىقى قان بېسىم تۆۋەنلىگەندىن كېيىن يوقايدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن،قان بېسىم يۇقىرى -تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەسىلەن،نېرىۋا خاراكتىرلىك تىت-تىت بولۇش تىپىدىكى باش ئاغرىش،شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش)،گلائوكوما قاتارلىقلار.يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا يەنە تەسىرگە ئۇچرىغۇچى ئەزالاردا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن ،مەسىلەن، يۈرەك سىقىلىش،دەم سىقىلىش،يۈرەك سانجىقى،كۆپ سىيىش قاتارلىقلار، بەزى ئىپادىلەر قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

(2)بەدەن ئالامەتلىرى:قان بېسىمى پەسىل ،كېچە-كۈندۈز،كەيپىيات قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە نسبەتەن چوڭ ئۆزگىرىدۇ،قىش پەسلىدە نىسبەتەن يۇقىرى،يازدانىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ؛كېچە-كۈندۈزلۈك ئۆزگىرىشى چوڭ،كېچىدە نىسبەتەن تۆۋەن،سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن تېزلىكتە ئۆرلەپ،سەھەرلىك قان بېسىمى يۇقىرى دولقۇنى شەكىللىنىدۇ؛ بىمار ئۆيىدە ئۆزى ئۆلچىگەن قىممەت كۆپ ھاللاردا ئامبۇلاتورىيىدە ئۆلچىگەندىن تۆۋەن بولىدۇ.

لابوراتورىيلىك تەكشۈرۈش

(1) ئەندىزىلىك تەكشۈرۈش: ئەندىزىلىك (قېلىپلاشقان) تەكشۈرۈش تۈرلىرى سۈيدۈك تەكشۈرۈش، قان شېكىرى، قان خولېسترولى، قان ترى گلىتسىرىنى ،بۆرەك ئىقتىدارى، قاندىكى ئۇرىك كىسلاتا ۋە ئېلىكترو –كاردىئوگرامما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ تەكشۈرۈشلەر مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك ئامىللار ۋە نىشان ئەزالاردىكى زەخمىنى بايقاشقا پايدىلىق. قىسمەن بىمارلار ئېھتىياج ۋە شارائىتقا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆز ئاستىنى تەكشۈرۈش، ئېكوكاردئوگرافىيە، قاندىكى ئېلىكترولىتلارنى تەكشۈرۈش، تۆۋەنيۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ماي-ئاقسىل خولىسترولى قاتارلىق ئۈسكۈنە ياكى ئۇسۇللاردا تەكشۈرۈلىدۇ.

(2) ئالاھىدە تەكشۈرۈش: تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىمارنىڭ پاتو-بىئولوگىيىلىك ئەھۋالى ۋە نىشان ئەزالار دىكى تۈزۈلۈش ۋە ئىقتىدار ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن نىشانلىق ھالدا بىر قىسىم ئالاھىدە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ،مەسىلەن،24سائەتلىك ھەرىكەتچان ھالەتلىك قان بېسىمى ،ئوشۇقبېلەك قان بېسىم نىسبىتى،يۈرەك سوقۇشتىكى ئۆزگىرىش،بويۇن ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسىنىڭ ئوتتۇرا قەۋەت قېلىنلىقى،ئارتېرىيە ئېلاستىك ئىقتىدارى،قان پلازمىسىدىكى بۆرەك ھورمۇنىنىڭ ئاكتىپچانلىقى قاتارلىقلار.



دىئاگنوز ۋە پەرقلەندۈرۈش دىئاگنوزى

يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ دىئاگنوزى ئاساسلىقى ئامبۇلاتورىيىدە ئۆلچەنگەن قان بېسىم قىممىتىگە ئاساسلىنىدۇ.تەڭشىۋېلىنغان سىماب تۈۋرۈكلۈك ئۆلچىگۈچ ياكى ئېلىكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق تىنىچ ھالەتتە ئولتۇرغاندىكى يۇقارقى بىلەك ئارتېرىيىسىدىن ئۆلچەيمىز.ئادەتتە ئوڭ، سول بېلەكنىڭ قان بېسىم پەرقى1.33~2.66 |1.33كلوپاسكالدىن ئاشمايدۇ.ئوڭ بېلەكنىڭ سول بېلەكنىڭكىدىن چوڭراق بولىدۇ.پەرق بىر قەدەر چوڭ بولسا بىر تەرەپ ئوقۇرەك سۆڭىكى ئاستىدىكى ئارتېرىيە ھەمدە ئۇنىڭ يىراق ئۇچىدىكى كەپلەشمە خاراكتىرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئويلىشىمىز. يۇقىرى قان بېسىم دەپ دېئاگنوز قويۇلۇپلا قالسا چوقۇم بىرلەمچى يا ئىككىلەمچى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.



داۋالاش پىرىنسىپى

1. تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش:1>بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش.2>ناترىي تۇزىنىڭ ئىستېمالىنى ئازايتىش.3>كالتىسىي ۋە كالىي تۇزلىرىنى تولۇقلاش4>ياغ ئىستېمالىنى تۆۋەنلىتىش5>تاماكا تاشلاش.6>كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش.

2. قان بېسىم دورىلىرى بىلەن نىشانلىق داۋالاش:1>قان بېسىمى ئىككىنچى دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىمارلار.2>دېئابىت ياكى ئاللىقاچان يۈرەك،مېڭە،بۆرەك قاتارلىق نىشان ئەزالار زىيانلانغان ھەم ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن بىمارلار.3>قان بېسمى ئۆزلۈكسىز ئۆرلەپ ،تۇرمۇش ئادەتلىرى ياخشلانغاندىن كېيىنمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولمىغانلار.





2. ئىككىلەمچى قان بېسىم

ئىككىلەمچى قان بېسىم بولسا بىر قىسىم ئېنىق بولغان كېسەللىك ياكى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قان بېسىم ئۆرلەشنى كۆرسىتىدۇ.بارلىق قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ 5٪نى ئىگىلەيدۇ،گەرچە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ لېكىن بىمار سانى نىسبەتەن كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز بولمىغان ئىككىلەمچى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوپراتسىيە ئارقىلىق يىلىزىدىن ساقىيىدۇ ياكى ياخشىلىنىدۇشۇڭا ئامالنىڭ بارىچە بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ساقىيىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ياكى كېسەللىك تەرەققىياتىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.

كىلىنكىدا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئومۇميۈزلۈك،تەپسىلىي تاسقاپ تەكشۈرۈش كېرەك:1>ئوتتۇرا،ئېغىر دەرىجىدە قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەن ياش بىمارلار.2>ئالامەت،ئىوادىلىرى ياكى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتىن گۇمانلىق يىپ ئۇچى بايقالغانلار.3>قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىلىرنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۈنۈمى بەكلا ناچار ياكى داۋالاش جەريانىدا بۇرۇن ياخشى كونترول قىلىنغان ،لېكىن يېقىندا يەنە كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كەتكەنلەر.4>جىددىي تەرەققىياتلىق ياكى جاھىل خاراكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى.

(ئىككىلەمچى قان بېسىم توغرىسىدا قالغان مەزمۇنلار قالدۇرۇلدى)



(ئەسكەرتىش: ئىچكى كېسەل دەرسلىكىنىڭ خەنزۇچە 7-نەشرىنىڭ 6-پاراگرافى <<يۇقىرى قان بېسىم>>دىن <<سەكسەن خالتا>> بلوگىنىڭ خاسلىق ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.مەزمۇن تولۇق ئەمەس ھەم تەرجىماننىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى يوق بولغاچقا پەقەت پايدىلىنىش،ئۆگىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.شۇنى يەنە ئېنىق ئەسكەرتىمىزكى: بۇ ماقالىنىڭ ئەمەلىي كىلىنكىغا نىسبەتەن قوللىنىشچانلىق ،يېتەكچىلىك رولى يوق. _____تەرجىماندىن.<2011-11-2>.) 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ