نېرۋا كېسىلى ، نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە روھى كېسەل (سەۋدايىلىق) نىڭ پەر

نېرۋا كېسىلى (ئەسەبىيلىك)، نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە روھى كېسەل (سەۋدايىلىق) نىڭ پەرقى

   ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر نېرۋا كېسەل بىلەن روھى كېسەلنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بۇ ئىككىسىنى بىر دەپ قارايدۇ، مەيلى نېرۋا كېسەل بولسۇن ياكى روھى كېسەل بولسۇن بىزدە ئورتاق "ساراڭ" دەپ بىرخىللا ئاتاش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ زاماندا خىزمەت بېسىمى، ئۆگىنىش بېسىمى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ياكى ئۆزىمىز پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىۋاتىمىز، پىسخىكىلىق بىلىملەرگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز، ئۆزۈم كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن كېسەللىكلەرنىڭ پەرقى توغرىسىدا كۆپچىلىككە ئازراق بىرنەرسە دېگۈم كېلىپ قالدى.

1. نېرۋا كېسىلى (神经病): نېرۋا كېسىلى بولسا، نېرۋا سېستىمىسىدا يۈز بەرگەن ئورگانىزىم خارەكتىرلىك كېسەللىك. نېرۋىلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نېرۋا سېستىمىسىنى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋىلارنىڭ ئېدارە قىلغان ئوبىيكىتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن نېرۋا سېستىمىسىنى يەنە تەن نېرۋىسى ۋە ئىچكى ئەزا نېرۋىسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋا كېسىلى بولسا، مەركىزى نېرۋا ۋە ئەتراپ نېرۋىسى ياكى ئىچكى ئەزالار نېرۋىسى ۋە تەن نېرۋىسى ئىپادىلىگەن ئاناتومىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولىدۇ. نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقىسى نورمال بولماسلىق، تىترەش، يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، بەدىنىنىڭ يېرىمى سەزمەسلىك، پارالىچ، مۆچىلەر ئۇيۇشۇش، تارتىشىپ قېلىش، ھۇشىدىن كېتىش، چوڭ – كىچىك تەرىتىنى باشقۇرالماسلىق، مۇسكۇل يىگىلەش ياكى كۈچسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلىك كۆرىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىرقىسىم نېرۋا كېسەللىرىدە بەلگىلىك دەرىجىدە روھى نورمالسىزلىقلارمۇ بىللە كېلىدۇ، بىراق بۇنداق روھى نورمالسىزلىقلارنىڭ روھى كېسەللەردىكى روھى نورمالسىزلىق بىلەن يەنىلا پەرقى بولىدۇ.

2. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى (神经症): نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى يەنە نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى، پىسخىك كېسەل ياكى روھى جەھەتتىكى نېرۋا كېسەل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر تۈركۈم روھى توسالغۇلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلىنى پىسخىكىلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاساسى جەھەتتىن سۇبىيكتىپ تۇيغۇنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ، مۇناسىپ ھالدىكى ئورگانىزىم خارەكتىرلىك زىيانغا ئۇچراش مەۋجۈت بولمايدۇ؛ ئۆزىنى بىلەلەيدۇ، ئۆزىدىكى بىنوماللىقلارنى ھېس قىلالايدۇ، ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

3. روھى كېسەل (精神病): روھى كېسەل بولسا ئېغىر بولغان پىسخىكىلىق توسالغۇ بولۇپ، كېسەل بولغۇچىنىڭ تونۇشى، تۇيغۇسى، ئىرادىسى، ھەرىكەت – قىلىقلىرى قاتارلىق پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇزاققا سوزۇلغان بىنورماللىق ئىپادىلىنىدۇ، نورمال ئۆگىنىش – خىزمەت قىلالمايدۇ، تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ، ھەرىكەت – قىلىقلىرى ئاسانلىقچە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، كىشىلەرگە غەلىتە، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىلىنىدۇ؛ كېسەللىك ھالىتىدىكى پىسخىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ياكى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش، زەخمىلەندۈرۈشتەك ھەرىكەتلەردە بولىدۇ؛ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى بىلمەسلىك كۆرىلىدۇ، كېسەل بولغۇچى دائىم ئۆزىنىڭ روھى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، ئۆزىنىڭ پىسخىكىسى ۋە قىلىقلىرىنى نورمال دەپ قارايدۇ، داۋالاشنى رەت قىلىدۇ. روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئاساسلىقى روھى پائالىيەتلەر نورمال بولماسلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەش، نورمالسىز بولغان يىغلاش – كۈلۈش، بەزى ۋاقىتلاردا تام ياكى ھاۋاغا قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ كىملەرنىدۇ تىللاش، كىيىم – كېچىكى رەتسىز بولۇش، ھەتتا يالىڭاچلىنىۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

روھىي كېسەل بىمارلىرىنى ئائىلىدە كۈتۈش

روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالاشنى رەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق سەۋەب تۈپەيلىدىن بىر قىسىم يېنىكرەك روھى كېسەللەرنى ئائىلىدە داۋالاش، شۇ ئارقىلىق كېسەلنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. كېسەلنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىشلارغا دېققەت قىلىش كېرەك.

    ئاغرىقنىڭ ھالىدىن ھەرۋاقىت خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە دېققەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش(بىماردا نەزەبەنت قىلىنغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويماسلىق شەرتى ئاستىدا)، بىمارغا كۆيۈنۈش، ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەش كېرەك. بىمارنىڭ ئالدىدا ئۆز – ئارا مەخپى پاراڭ قىلىش (پىچىرلىشىش) دېگەندەك بىماردا گۇمان پەيدا قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردە بولماسلىق كېرەك، بۇنداق سۆز – ھەرىكەتلەر بىماردا ھاياجانلىنىش پەيدا قىلىپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەلنى قوزغايدىغان ئامىللار ۋە كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىپادىلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىش (مەسىلەن، ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەش)، كېسەلنىڭ قوزغىلىش ئېھتىمالىنى بايقىغان ھامان ئالدىنى ئېلىش، بىمارنى تىنچلاندۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش، ئېغىر بولغاندا تىنچلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىش(ئەلۋەتتە بۇ خىل دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم دوختۇر شۇ كېسەلگە بۇيرۇپ بەرگەن، شۇ كېسەلگە ماس كېلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك). ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىسىدە شۇ خىل بىمار بار كىشىلەر ئائىلىسىدىكى خەتەرلىك بويۇملارنى ئوبدان ساقلاش، بىمارنىڭ ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    بىمارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىگە دېققەت قىلىش، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا بېرىش. تاماق يېيىشنى رەت قىلىدىغان بىمارلارغا نەسىھەت، چىرايلىق گەپ – سۆزلەر ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردا تاماق يېگۈزۈش، تاماقنى زىيادە كۆپ يەۋالىدىغان بىمارلارنىڭ تامىقىنى كونتىرول قىلىش. بىمارلارغا بېرىلىدىغان تاماقلاردا ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يېنىك تاماقلارنى ئاساس قىلىش، ئۇستىخانلىق ياكى قىلتىرىقلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش، دورا يەۋاتقان بىمارلارغا قارىتا "دورىنىڭ بەدەنگە ئەكىس تەسىرى بار، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىش ئارقىلىق دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن ساقلىنىمىز" دەيدىغان خاتا قاراشتا بولماسلىق، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى بېرىشتە ئالاھىدە دېققەت قىلىش، ئادەتتىن تاشقىرى قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات ۋە مىۋە – چىۋە بېرىش، نېرۋىنى ۋە مېڭىنى غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى  بەرمەسلىك، ھاياجانلاندۇرغۇچى ئىچىملىك(مەسىلەن قەھۋە، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك، گازلىق ئىچىملىك) لەرنى قەتئىي بەرمەسلىك،  يەنە، بىمارنىڭ يېمەكلىكنى بەك تېز يەپ گېلىغا نەرسە تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    بىمارنىڭ تازلىقىغا دېققەت قىلىش كېرەك، بىمارنىڭ تازلىقىغا دېققەت قىلىشتا ئائىلە ئەزالىرى چوقۇم سەۋىرچان بولۇش، بىمارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ياكى بىمارنى ھاياجانلاندۇرۇپ قويىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردە بولماسلىق كېرەك. كىيىم ئالماشتۇرۇش، ئىسسىق – سوغۇق ۋاقىتلاردا كىيىم – كېچىكىنى مۇۋاپىق كىيگۈزۈش، يوتقان – كۆرپىلەرنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش، چوڭ – كىچىك تەرىتىنىڭ قېتىم سانى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.

    بىمارلاردا  كېسىلىنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىش، دائىم كۆپچىلىك بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرى بىمارغا يېقىنچىلىق قىلىش، بىمار بىلەن پاراڭلىشش، ئائىلىنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش(چوقۇم بىرەيلەن ئالاھىدە ھەمراھ بولغان ئەھۋال ئاستىدا)، بىمارنى ئۆزى قىلالايدىغان ئاددىي ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇرۇش، چىرايلىق يەرلەرگە ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇش، روھىنى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىمارنىڭ ھاياجانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى ئازايتىش كېرەك.

    بىمارنىڭ دورا يېيىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىمارنىڭ دورىنى ئاغزىدا ساقلىۋېلىش، كۆرمىگەندە تاشلىۋېتىشتەك ھەرىكەتلەردە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بۇ تېما ئىزدىنىش مۇنبىرىدە تەييارلانغان بولۇپ تېما ئاپتۇرى  ukar-as خانىمنىڭ ئىجازىتى بىلەن 80خالتا بلوگىغا يوللاندى.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      KOGULSIRI

      [face03]
      [img]http://user.qzone.qq.com/710216174?ptlang=2052&ADUIN=710216174&ADSESSION=1298272658&ADTAG=CLIENT.QQ.2719_FriendTip_QzoneFolder.0[/img]

    • #2
      KOGULSIRI

      [face03]
      [img]http://user.qzone.qq.com/710216174?ptlang=2052&ADUIN=710216174&ADSESSION=1298272658&ADTAG=CLIENT.QQ.2719_FriendTip_QzoneFolder.0[/img]

    • #3
      KAQKUZ

      مېسۈ گۈ گسفژيبۈژ

    • #4
      KAQKUZ

      مېسۈ گۈ گسفژيبۈژ

    • #5
      مېىھرىبان

      ئىستىېرىيە كىسلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟

    • #6
      مېىھرىبان

      ئىستىېرىيە كىسلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟

    • #7
      sansiz001

      تور بەتكە نەدىن تىزىملىتىپ كىرىمىز ؟

    • #8
      sansiz001

      تور بەتكە نەدىن تىزىملىتىپ كىرىمىز ؟

    • #9
      arxidin

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
      مەن بىر ئۇيغۇر تىبابەت ۋارىسى بو لۇش سۈ پىتىم بىلەن 80 خالتا تور بىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەڭ مىللىتىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر ئاز ھەسسە قوشۇشنى، شۇنداقلا تىبابىتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلايمەن شۇڭا مىنى مەزكۇر تور بىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
      يەنە بىر گەپ مەزكۇر تور بىتىگە ئەزا بولغۇچى ماتىرياللارنى قانداق يوللايدۇ تەلىم بىرىشىڭلارنى سورايمەن
      چ چ :937735765
      ئارتۇقچە گەپ قىلىپ قۇيغان بولسام ئەپۇقىلاسىلەر؛

    • #10

    • #11
      sardar85

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      مەن يۇرۋاتقان قىز دوستۇم بىلەن تۇللۇق ئوتتۇردا بىريىل بىر سىنىپتا ئوقۇغان . كېيىن ئېككىمىز ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ،ئۇ بىرى بىلەن مۇھاببەتلىشىپ،ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كېيىن توي قىلىشقا پۇتۇشۇپتۇ.لېكىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇشۇلماسلىقى سەۋەبلىك توي ئىشى ھۇجۇتقا چىقماي ئايرىلىپ كېتىپتۇ . كېيىن مەن دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھانىغا قاتنىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچۇرشۇپ قالدىم .شۇنىڭدىن كېيىن باردى_كەلدى قىلىپ يۇرۇشۈپ،بۇيىل 3-ئايدا رەسمى ئارلاشتۇق .مۇناسىۋىتىمىزمۇ ياخشى ئىدى .بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ ماڭا ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى ،5ياش ۋاقتىدائۆزىدىن 2ياش چوڭ نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئۆزىگە چېقىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى .بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قۇلۇقۇمغا قەتئىي ئىشەنمىدىم . شۇڭا ئۇنىڭغا :"چاقچاق قىلماي راست گەپ قىلىڭ!"دېدىم .ئۇ ئەھۋالنىڭ راستلا شۇنداق ئىكەنلىكىنى ،تۇللۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا ئاپىسىنىڭمۇ بۇئىشنى ئۇققانلىقىنى ،شۇ سەۋەپلىك ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بىر مەزگىل يامانلاشقانلىقىنى ئېيتتى . بۇگەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بېشىمدا چاقماق ئۇرۇلغاندەك بۇلۇپ خۇدۇمنى يوقۇتۇپ قويدۇم .شۇنىڭدىن باشلاپ قەلبىمنى بىرخىل ئېغىر ئازاپ چىرمىۋالدى . تۇتقان-قويغىنىمنى بىلمەيمەن . كەيپىياتىم ئىنتايىن چۈشكۇن . تاماققىمۇ ئىشتىھايىم يوق . شۇنداق بىرىگە ئىچى-سىرىمنى ئېيتىۋالسام ئېچىم بوشاپ قالارمىكىن دەپ ئويلىغان .ئويلاپ باقسام بۇئىش ئاشكارلانسا ئۇنىڭغا ياخشى بولمىغۇدەك شۇڭا يەنىلا ئىچىمدە ساقلاپ كەلگەن .لېكىن كەيپىياتىم بەكلا ئوساللىشىپ كەتتى .شۇكا" توردا بولسىمۇ قالدۇرسام قانداق بۇلا "دېكەن ئوي بىلەن بۇ توربەتنى لايىق كۆرۈپ يۇقارقى مەزمۇنلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . يۇقارقى مەزمۇنلار ئاساسىدا ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار. يىتىلمىگەن بالىمۇ قىزلىقنى يوقىتالامدۇ؟بۇرۇنقى يىگىتى سەۋەپىلىك بولغانمىدۇ؟ مەن زادى قانداق قىلىشىم كىرەك؟

    • #12

    • #13
      كۆرەش377

      جئگةرنئث هةرقانداق كصسةللئكئنئ داؤالئغئلئ بولامدذ

    • #14
      كۆرەش377

      جئگةرنئث هةرقانداق كصسةللئكئنئ داؤالئغئلئ بولامدذ

    • #15
      turgunjan032

      بۇ < نەكى> دىسەم قالايمىقان خەت يازدىغان < يە> كەن !!![face78]

    • #16
      turgunjan032

      بۇ < نەكى> دىسەم قالايمىقان خەت يازدىغان < يە> كەن !!![face78]

    • #17
      attirgul

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئۇزۇندىن بىرى ئۆزلىرىدىن بىر ئىش توغۇرسىدا مەسلىھت سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ جۈرئەت كىلالمىدم

    • #18
      attirgul

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئۇزۇندىن بىرى ئۆزلىرىدىن بىر ئىش توغۇرسىدا مەسلىھت سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ جۈرئەت كىلالمىدم

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...