بۇ بالىنى ئۆيلەپ قويسا پايدىسى بولارمۇ؟

بىمار بالا 21 ياشقا كىردى، شاڭخەيدىكى تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئېۋەتكەن، يىللىق مەۋسۇملۇق ئىمتاھان مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەنچە، ئاشۇ يات يەردە يۈرۈپ، شۇ يەردە بىر ئۇيغۇر قېرىدىشىمىزغا غەلىتە ھالەتتە ئۇچراپتىكەن، ئۇ ئادەم ئاران تەستە دادىسىنىڭ تېلىفون نومۇرى سوراپ بىلىپ تېلىفون قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپكە خەۋەر قىلىپ بالىنى مەكتەپكە ئەكەلدۇرۈپ، بالىنىڭ ئالدىغا چىقىپ يۇرتىمىزغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن، تۆت يىلدىن بويان 4-دوختۇرخانىدا بىرنەچچە قېتىم داۋالاتتى، باشقا سەۋەپلەرنىمۇ قىلدى، ھازىر ئەھۋالى يامان ئەمەس، دورىسىنى يەپ، ئۇزۇن ئۇخلاپ يۈرىيدۇ، ئادەم بىلەن ئارىلاشقىلى ئۇنىمايدۇ، ئەھۋالى ياخشىلانغاندا مەكتەپكە بېرىپ باقتۇق، بىر ماۋسۇم تولۇق ئۇقۇيالمىدى، ھەر ھالدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئوقۇپ ئالدى، بىر ئىش قىلسا بەك ئەستايىدىل، ئەمما ئادەتتە ئىش قىلمايدۇ، ئاچچىغىنى كەلتۈرمىسە ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ،ھۇجۇم قىلغاندىمۇ يات ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىسى، تۇققانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قويىدۇ، ھازىرقى ئەڭ يامان ئادىتى تور ۋە ئۇيۇنغا كىرىشىپ قالغان، تاماق، دورا، ئۇخلاشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى شۇ، يات جىنىسقا قىزىقىشى يۇقۇرىراق، ئەمما قىزلار بىلەن ئارىلىشالمايدۇ.

بالىنى نىكاھلاپ تويىنى قىلپ قويساق پايدىسى بولارمۇ؟

سۇئالغا جاۋاب بەرگۈچى: 80خالتا بلوگ <<پىسخىكا يېتەكچىسى>> سەھىپىسىنىڭ تەكلىپلىك ھەمكارچىسى – ukar-as خانىم.

تور بىلەن ئويۇنغا قىزىقىپ قالغىنى تازا ياخشى بولماپتۇ، چۈنكى بۇلار نورمال بولسا ئادەمگە پايدا ئېلىپ كەلگەن بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى كىرىشىپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل پىسخىك نورمالسىزلىق، مېنىڭ بىر نەۋرە ئېنىم 4 ياش ۋاقتىدا بالىلارنىڭ تور ئويۇنلىرىغا كىرىشىپ قالغان، ئۇنى بىز "كومپىيۇتىرغا خۇمار بولۇپ قالدى" دېيىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر يىلى يازدا ئاتا – ئانىسى 2 ئاي كومپىيۇتىر دېگەن نەرسىگە يېقىن يولاتماي باشقا يۇرتلاردىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئايلاندۇرۇپ يۈردى، دەسلەپكى ۋاقىتلار تۇرۇپ – تۇرۇپلا رەسمىي خۇمارى تۇتقان ئادەمدەك كومپىيۇتىرنىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ، كۆرگەنلا ئادەم بىلەن سوقۇشۇپ، تېرىكىپ، بىر نەرسىلەرنى ئۇرۇپ – چېقىپ دېگەندەك خېلى خاپا قىلدى، ئۇنى ئەڭ چىرايلىق يەرلەرگە(غۇلجىنىڭ تاغلىرىغا)، ئۆي ھايۋانلىرىنى كۆپ باققان تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ، تەبىئەت بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى ياخشى بولۇپ قالدى، ھازىر 9 ياشقا كىردى، شۇنداق نورمال، كومپىيۇتىرنى بىر كۈندە ئېشىپ كەتسە 1 سائەت ئوينايدۇ، تېخى ئاتا – ئانىسى رۇخسەت قىلمىسا يېقىنمۇ كەلمەيدۇ.

ئەمدى ئۆيلەپ قويۇشقا كەلسەك، ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن قىزى بولسا، ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ، بىراق چوقۇم قارشى تەرەپنىڭمۇ پىكىرىنى ئېلىشىڭلار، كېلىن قىلماقچى بولغان قىزغا يىگىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىق ئېيتىشىڭلار كېرەك، چۈنكى، مەن يەنە مۇنداق بىر گەپنىمۇ ئاڭلىغان، مېنىڭ بىر خىزمەتدېشىمنىڭ جىيەنى شۇنداق سەل نورمالسىزتىكەن، ئۇلار ھېچنېمىنى ئۇقتۇرمايلا بىر قىز بىلەن تويىنى قىلىپ ئۇلارمۇ خۇددىي سىلەردەك "توي قىلسا ئوڭشىلىپ قالارمۇ" دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپتۇ، بىراق ھېچقانچە ئۆتمەي قىز ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپ كەلگىلى ئۇنىماپتۇ، مېنىڭ خىزمەتدىشىم ئۇنى ياندۇرۇپ كەلگىلى بارسا :"سىلەر بىلمەيدىغان ئوخشايسىلەر، ئۇ ساق ئەمەس، كەچلىرى شۇنداق قاتتىق ۋارقىرايدۇ، ئۆزىنى ئۇرىدۇ، مەن قورقۇپ كېتىمەن، مەن ئەمدى ئۆي تۇتالمايمەن." دەپ زادىلا ئۇنىماپتۇ، ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىرى كېسىلى ئۇنچە ئېغىر ئەمەستىكەن، توي قىلغاندىن كىيىن نېمە ئۈچۈنكىن تاڭ شۇنداق ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ، ئۇنى دەپ – بۇنى دەپ ئۇلار ئاجىرىشىپ كېتىپتۇ، ھېلىقى يىگىت ئايالىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن، ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىپتۇ. قىسقىسى، توي قىلىش ئۇنىڭ كېسىلىگە بەك كۆپ پايدىلىق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر توي قىلغاندىن كىيىنمۇ تازا ياخشى بولالمايدىغان ئىش بولسا، بىر قىزنىڭمۇ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ، يەنە كېلىپ سىز ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، "ھازىر قىلىدىغان ئىشى تاماق، دورا، ئۇخلاش" دەپ، دېمەك ئۇنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن كىرىم قىلالايدىغان ئىقتىدارى تېخى يوق دېگەن گەپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى داۋالىتىۋاتقان ئاتا – ئانىغىمۇ بىر بېسىم كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      kawsar89

      پىسخىكى نورمال بولمىغان ئادەمنى ئۆيلەپ نىمە قىلىمىز؟پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ .ئەڭ ياخشىسى پىسخىك دوختۇرلىرى ئۇزۇن مۇددەت داۋالىسا ساقىيىپ نورمال ئادەم بولغاندا ئاندىن ئۆيلەنسۇن.

    • #2
      kawsar89

      پىسخىكى نورمال بولمىغان ئادەمنى ئۆيلەپ نىمە قىلىمىز؟پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ .ئەڭ ياخشىسى پىسخىك دوختۇرلىرى ئۇزۇن مۇددەت داۋالىسا ساقىيىپ نورمال ئادەم بولغاندا ئاندىن ئۆيلەنسۇن.

    • #3
      derwish

      مىنىڭچە ئۇ بالىدا چوڭ مەسىلە يوق. زىيادە چارچىغان گەپ. سىز كومپىيۇتىردىن ئامال بار يىراقلاشتۇرۇڭ. كومپىيۇتىر دىگەن ساق ئادەمنى كىسەل قىلىپ قويىدىغان نەرسە. بۇنى ئۆزىڭىزمۇ ھىس قىلىپ يەتكەن ئوىشايسىز. يۇقىردا خانىمنىڭ بايانىتى ئورۇنلۇق بولاپتۇ. سىزمۇ بالىنى كۆپلەپ تەبىيەت مۇھىتى بىلەن يۈزلەشتۈرۈڭ. بولسا سەھرالارغا بىرىپ قوي كالا دىگەن دەك چارۋىلار بىلەن ھەپىلىشىپ باقسۇن.
      بالا ياخشى مەكتەپلەرگە بارالىغىدەك بولغاندىن كىيىن ئەسلى كاللىسى ناھايتى ئۆتكۈر ، ئەمما جەمىيەت ئوقۇش بىسىملىرى ئىغىر كەپ قالغان گەپ. شۇڭا كۆپلەپ مۇڭدىشىپ تەبىىي مۇھىتلار بىلەن كۆپرەك ئۇچۇرىشىپ بەرسۇن . ئۆيگە سولىۋالماڭلار.

    • #4

    • #5
      金税

      ئەسسالامالالەيكۇم ھورمەتلىك بىرزات ئەپەندى ياخشمۇ سىلى؛مەندە بۇغۇم ياللۇغۇم بار ئىدى.مۇشۇ كىسەللىكنىڭ سەۋەبىمۇ ئوڭ قۇلۇم داۋام سىقىراپ ئاغرىيدۇ بۇلۇپمۇ كىچىللىرى تېخىمۇ بەك ئاغرىيدۇ،ئادەتتە ئوي تازلاش ئۇچۇن سۇپۇرگە تۇتساممۇ بىردەمدىلام قۇلۇم سىىقىراپ ئاغرىپ كىتىدۇ.دوختۇرغا بېرىپ قان تەكشۇرۇتسەم بۇغۇم ياللۇغىكەنسىز دىگەنتى داۋالانساممۇ تازا ئۇنىمى بولماۋتىدۇ شۇڭا سىلدىن مۇشۇ كىسەلگە قارتا ئۇنۇملىك بىر چارە بار يوقلىغىنى بىلەي دەپ ئوزلىرىدىن مەسلەت سۇرماقچى ئىدىم شۇڭا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقرىپ مۇشۇ كىسلىمگە قارتا مەسلەت بىرىشلىرىنى ئۇمۇت قىلمەن.

    • #6

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...