«خاتىرجەم ئۆلۈش» مەسىلىسى -داۋامى

«خاتىرجەم ئۆلۈش» مەسىلىسى -داۋامى

ئازاپسىز ئۆلۈمنىڭ تارىخى
خاتىرجەم ئۆلۈش نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە . قەدىمكى سىپارتا خەلنى ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇدرىتىنى ساقلاپ قېلىش خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قېلىش ئۈچۈن تۇغۇلىشىدىنلا مىيىپ ، كىسەل تۇغۇلغان بوۋاق بالىلارنى ئۆلتۈرۋەتكەن . ئارىستوتىل ئۆز ئەسەرلېرىدە قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغان .ئەپلاتون ئۆزىنىڭ 《غايىۋى دۆلەت》 دىگەن كىتابىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش داۋاسىز كىسەللەرنىڭ ئازاپتىن قۇتۇلىشىنىڭ ئۇسۇلى دەپ قوللىغان . بىداگىلاس قاتارلىق پەيلاسوپ ، ئالىم ۋە سىياسەتشۇناسلارمۇ ياشانغانلار ، تېنى ئاجىزلار ۋە ئازاپسىز ئۆلۈمنى خالىغۇچىلارنىڭ ئۆلۈم يولىنى تاللىشى يوللۇق دەپ قارىغان . باشقا جەمىيەتلەردىمۇ ئازاپسىز ئۈلۈم توغرىلىق نۇرغۇن مەلوماتلار قالدۇرۇلغان . ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تۈۋەن شارائىتتا ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى مەلوم دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ماددى بايلىقلارنى ئىسراپ قىلىش مەسلىسىنى ھەل قىلغان بولدى لېكىن كېيىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلېرى تەرەققى قىلغانلىقتىن ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى بۇلۇپمۇ ھەر قايسى دىننىڭ ھۆكۈمىدە ھاياتلىق بولسا تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان نېسىۋە ئۆلۈممۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ دەپ قارالغاچقا ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى .
euthanasia-obama-political-poster-1279721185

ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسىنىڭ قايتا تىلغا ئېلىنىپ تەشۋىق قىلىنىش شۇنداقلا ئىجرا قىلىنىشى 1930 – يىللېرىدىكى ناتسست گىرمانىيىسىدە يۈز بەردى .ئەمەلىيەتتە ناتسىستلار ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسىنى باھانە قىلىپ ئېرقى ئايرىمىچىلىق ۋە ئېرقى يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزدى .

شۇنىڭدىن كېيىن ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى كەڭ كۆلەمدە قىزغىن بەس مۇنازىرىغا سەۋەپ بولدى . تىببى ئېلىمنىڭ ئاساسچىسى بولغان ھىپپوكرات تېببى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش يەنە بىر جەھەتتىن بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش دەپ قارايدۇ . بۇرۇن كېسەللەر تاماق يىيىشكە ئامالسىز قالسا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش تەسكە توختايتتى نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك سۇقۇشى توختاپ قالسىلا ئۆلگەن ھىساپلىناتتى . لېكىن ھازىر تىببى ئېلىمنىڭ تەرەققى قېلىشى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم ئەزالېرى ئلغار ئۈسكىنىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە .شۇڭلاشقا داۋاسىز كېسەللەر ساقايمىغان بولسىمۇ لېكىن بەزى بىمارلار ئاخىرغىچە كېسەل ئازابىغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا . ئاز بولمىغان كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىمارلار ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي دوختۇرنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ تەلىپى قانائەتلەنمىگەندە بولسا بەزىلېرى ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ .شۇڭا ئازاپسىز ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك دىلو ۋە مۇنازىرىلەر بارغانچە جىقلاپ كېتىۋاتىدۇ .

ئازاپسىز ئۆلۈمنىڭ تۈرلىرى

ئازاپسىز ئۆلۈم ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ .

1 . ئاكتىپ (تەشەببۇسكار)ئۇسۇل . بۇ خىل ئۇسۇلدا بىمارنىڭ ئۆلىمىنى تىزلەشتۈرۈپ بىمارنىڭ تىزراق ئازاپتىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلىدۇ .

2 . پاسسىپ ئۇسۇل . بۇ خىل ئۇسۇل ئۇسۇلدا كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان بىمارغا ھىچقانداق داۋالاش ئېلىپ بارماي ئۇلارنىڭ تەبىئى ئۆلىىشىنى كۈتۈشنى كۆرسىتىدۇ .

تېببى ئەخلاق ۋە قانون جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پاسسىپ ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئازاپسىز ئۆلۈم تەبىئى ئۆلۈمگە يېقىن ، ئاكتىپ ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئازاپسىز ئۆلۈم بولسا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشايدۇ .

ئازاپسىز ئۆلۈمنى قانونلاشتۇرۇش ھەركەتلېرى

1935 – يىلى ئەنگىلىيەدە تۇنجى بۇلۇپ ئازاپسىز ئۆلۈمنى قانونلاشتۇرۇش كومىتىتى قۇرۇلغان . 3 يىلدىن كېىيىن ئامېرىكىدىمۇ ئوخشاش كومىتىت قۇرۇلغان . 1976 – يىلدىن كېيىن فىرانسىيە ، دانىيە ، نورۋىگىيە ، شىۋىتسىيە ، بىلگىيە، ياپونىيە ھەتتاكى كاتولىك دىنى يىلتىزى چوڭقۇر بولغان ئىتالىيە ، فىرانسىيە ، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئازاپسىز ئۆلۈمنى قوللىغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغان . گەرچە غەرپتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئازاپسىز ئۆلۈمنى بىر خىل جىنايى قىلمىش دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئازاپسىز ئۆلۈمنى قوللىغۇچىلار ئۆزلۈكسىز كۆپەيمەكتە . تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم يازغان ۋەسىيەتنامىسىدە دوختۇرغا ئەگەر ئۇلار داۋاسىز كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ ھاياتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسا سۈنئى ئۇسۇللار بىلەن ھاياتىنى ئۇزارتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . 1976 – يىلى قۇرۇلغان ياپونىيە ئازاپسىز ئۆلۈمنى قوللاش جەمئىيىتى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن كېيىن 2000 ئادەم ئەزا بولغان .

ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى جوڭگودا

1988– يىلى 5 – ئىيون جوڭگو تىببى ئىلىم جەمئىيىتى ، جوڭگو تەبىئى دىئالىكتىكا ئىلمى جەمئىيىتى ، جوڭگو جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى پەلسەپە تەتقىقات ئورنى ، جوڭگو قانونشۇناسلىق جەمئىيىتى ، شاڭخەي تىببى ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى توغرىلىق بىرلەشمە يېغىن ئاچتى . يېغىندا كۆپچىلىك بىردەك جوڭگودا ئازاپسىز ئۆلۈم بۇلۇپمۇ پاسسىپ شەكىلدىكى ئازاپسىز ئۆلۈم دائىم ئۇچرايدۇ لېكىن جوڭگونىڭ ھازىر ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئازاپسىز ئۆلۈمنى قانونلاشتۇرۇشنىڭ شەرت – شارائىتلىرى تېخى پىشىپ يىتىلمىدى .1994 – يىلدىن باشلاپ دۆلىتىمىىز خەلق قۇرۇلتىيى ھەر يىلى بىر پارچە ئازاپسىز ئۆلۈمنى قانونلاشتۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالماقتا .

يېقىندا گوللاندىيە تۇنجى بۇلۇپ ئازاپسىز ئۆلۈمنى قانونى جەھەتتىن ئىتراپ قىلغانلىقنى جاكارلىدى .شۇنداقتىمۇ ئازاپسىز ئۆلۈم نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر خىل قېيىن بولغان قانۇنى مەسلە .
مەنبە :دەرسلىك كىتاپ ۋە ئىنتېرنېت تورى .


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...