ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر

ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق لىكىن ئاق كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ئومومىي ھالىتىدىن قارىغاندا بۇ، رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشى تەسىرىدىن تېرىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى، رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەبىئىي ھارارەت تۆۋەنلەپ، ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش شۇنداقلا ھۆل ۋە سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش نەتىجىسدە، خىلىتلار خام قېلىش، كەم قانلىق، كۆيۈك، ئۈششۈك ، قاتارلىق ھەر خىل ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇندىن باشقا ھەكىم سۇلتان ئەلىنىڭ قارىشىدا: ﻗﯧﺘﯩﻖ ، ﻏﻮﺭﺍ، ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﺳﯩﺮﻛﻪ، ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﺑﺎﭼﻜﯩﺴﻰ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﺳﯘﺯﺍﭖ ﺋﯘﺭﯨﻘﻰ، ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺟﻮﺯﺍﻡ (ﻣﺎﺧﺎﯞ)، ﺑﻪﺭﻩﺱ (ﺋﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ) ﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﯚﻝ ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﭙﻼ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ دېيىلىدۇ.
ھازىر بۇ ساقايتماق تەس بولىۋاتقان جاھىل كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنى داۋالاش سەبرىچانلىق ۋە بىمارنىڭ روھىي، جىسمانىي جەھەتتە ماسلىشىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى داۋالاشتا مەخسۇس مۇشۇ ساھەدىكى تەجىربلىك تېۋىپلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇزاق مۇددەت داۋالىنىش زۆرۈر. ئاق كېسەلنى داۋالاشتا يىلتىزىدىن (قاندىن) تازىلاش ئىنتايىن موھىم بولۇپ تېرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ، قارا پېگمېنت ،ئوپېراتسىيىسى قىلغاندا ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قايتىلىنىش يۈز بىرىدۇ. بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى : ئىچى – سىرتىدىن دورا قىلىپ ، قان ۋە ئومۇمىي بەدەننى قىزىتىش ، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاپتاپقا قاقلىنىش ، بەدەننىڭ ئىچى – سىرتىنى قىزىتىش، پەرھىزلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىش قاتارلىقلار چوقۇم تولۇق بولىشى كېرەك.
بۇ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ياخشى پەيتى ياز ھەم كۈز پەسلىدۇر.
پەرھىزلەر: سۇغۇق يەللىك ، ئاچچىق -چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى، بەلغەم (ھۆل) تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. مەسىلەن: لەڭپۇڭ-راڭپىزا، كالا گۆشى، سۈت، قېتىق، بىلىق، سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەر دېگەندەك…
ئىستىمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار:
ئىسسىقلىقى يۇقۇرى قۇۋۋەتلىك غىزلار: ھەسەلدە تەييارلانغان قىزىل گۈلقەنت، زاراڭزا چېچىگى گۈلقەنت، ھەسەل (زاراڭزا چېچىگى، جېگدە چېچىگى ھەسەللىرى )، ھېلىلە مۇرابباسى، پاقلان، كەپتە ، قۇچقاچ ، كەكلىك قاتارلىقلارنى ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر بىلەن شورپا تەييارلاپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
________________ مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ