ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر «خەلقئارا نېرۋا ۋە پىسخىكا» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «كۆپ ماڭىدىغان ياكى ئاستا يۈگرەپ بېرىدىغان ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ھەرىكەت قىلمايدىغان ياشانغانلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدىكەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ياشانغانلارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ». دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئادەمگە نىسبەتەن يالغۇزلۇق ئەڭ چوڭ خەتەر، ھەتتا ئادەمنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسى يالغۇزلۇقنىڭ بەدەندە ھۈجەيرە ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا بەدەننىڭ كېسەللىك ۋىرۇسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى».