جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقلى

80خالتا بلوگىدا ئانانىزىم ھەققىدە تېمىلار يېزىلغان ھەم تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا يېزىلغان جاۋابلار يوللانغاندىن كىيىن ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ ئوخشاشلا ھاياجانلىنىش، مەنىي چىقىرىپ بوشىش جاريانى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئانانىزىمنىڭ قانداقلارچە زىيانلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنەلمەي مەندە چۈشەنچە تەلەپ قىلغانلار كۆپ بولغان. يەنە تۈنۈگۈن بىر تورداش تۆۋەندىكى سۇئالنى سوراپتۇ:

ئانانىزىم بىلەن ئادەتتىكى نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىدە قانداق پەرىقلەر بار ، ئەجىبا يول ئوخشىمىغان بىلەن مەنزىل بىرغۇ ؟

نەچچە ۋاقىتتىن يىزىلغان بۇ ھەقتىكى قاراشلارنىڭ يەنىلا قانائەتلىنەرلىك بولمىغانلىقى ھەم بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىش پەيتى كىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك <<ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقلىق تەسىرلىرى >> دېگەن سىلىشتۇرما ماقالىنى يېزىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم. تەكلىپ-پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمەن.

___________________ بىرزات

جىنسىي مۇناسىۋەت-فىزئولوگىيلىك تەن ۋە پىسخىكىلىق كەيپىياتنىڭ يۇغۇرلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ،ئوخشىمىغان ئىككى جىنسى ئوتتۇرسىدا ئاجايىپ نازۇك ھەم سېھرىلىك رەۋىشتە ئىلىپ بىرلىدىغان ،مۇھەببەت ۋە قوشۇلۇشنى ئىنتايىن گۈزەل شىرىنلىك ئىچىدە داۋام ئەتتۈرىدىغان بۈيۈك پائالىيەتتۇر. ياراتقۇچى ئۇنىڭغا ئىنسان تەسەۋۋىرىغا تالىق مول مەزمۇنلارنى ئاتا قىلغان. ھاياتلىق شۇنىڭ بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ بۇ قوشۇلۇش ئەڭ تەبئىي رەۋىشتە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىنىتىلىش ، تەقەززالىق دېگەندەك كۈچلۈك مۇھەببەتلىك جىنسىي ئىستەك-خاھىشلىرىنى ھېسيات ۋە جىسمانىي ئەزالارنىڭ يېقىشىپ جىپىسلىشىشى ئارقىلىق بېسىقتۇرۇپ نېرىپلارنى ئارام تاپتۇرىدۇ. قۇترىغان جىنسىي تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ. ئوخشىمىغان ئىككى جىنىسنىڭ ئۇچرىشىشى، بىرىكىشى ئارقىلىق روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىق كاپالەتكەن ئىگە بولىدۇ. ئائىلە ۋە جەمئىيەت مەۋجۇت بولىدۇ.

ئانانىزىم بولسا تەسەۋۋۇر كۈچىنى زور دەرىجىدە يېغىپ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت كۆرۈنىشى ۋە يات جىنىستىكىلەرنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى خىيال قىلىش ياكى شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش، ئاڭلاش ئارقىلىق جىنسىي ئىستەكنى ئويغۇتۇش؛ قول ياكى باشقا ئۈسكۈنە-سايمانلار بىلەن بىلەن جىنسىي ئەزانى غىدىقلاش، بولدۇرۇش ۋە ئاخىرىدا تېزلا بوشۇشۇش ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىغان، يەككە جىنسىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن ھوزۇر ئىلىشنى كۆڭۈل خاھىشى قىلىپ تۇرۇپ ئىلىپ بىرىلىدىغان بىر تۈرلۈك – شەكىل ۋە ماھىيەت ئۆزگەرگەن جىنسىي پائالىيەت. ئانانىزىم قىلغۇچى قۇترىغان جىنسىي ئىستەكلىرىنى بىسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئەسەبىيلەرچە ئۆز-ئۆزىنى ھېسياتلاندۇرىدۇ، يەككە ھالەتتە ئۆزىدىكى جىنسىي سەزگۈ-ئەسەبلەرنى قوزغاتماقچى بولىدۇ. ئانانىزىم ئاخىرلىشىپ نېرىپلار زىيادە جىددىيلىكتىن بوشاشقاندىن كىيىن ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى خورىلاش، يالغۇز-غىرىپلىق، پۇشايمان، ئۆزىدىن سەسكىنىش دېگەندەك مۇرەككەپ پىسخىك ھېسياتلاردا بولىدۇ. جىسمانىي جەھەتتە ئومومىي بەدەن خاراكتېرلىك چارچاش، پۇت-قوللار بوشۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش كۆرىلىدۇ. ئىلگىرى بۇ ھەقتىكى يازما-ماقالىلەردە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئانانىزىم ئادەتلىنىپ قىلىش، خۇمار قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ كىرىشىپ قالغان ئادەم ئاسان قول ئۈزەلمەيدۇ. ھەر قېتىم ئانانىزىم قىلىپ بوشاشقاندىكى پۇشايمانلىق كەيپىياتتا <<كىلەر قىتىم قىلمايمەن>> بىلەن ئۆزىنى ئالدايدۇ. بۇ ئادەت ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىپ پىسخىك ۋە جىسمانىي نۇرمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقۇردا نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنى ئويناش (ئانانىزم)نىڭ پەرقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئەمدى بۇ ئىككىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پەرقلىق تەسىرلىرى ھەققىدە بايان ئىلىپ بارىمىز:

ۋاقىت، سان-سۈپەت جەھەتلەردە نۇرمال بولغان، چەكتىن ئاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت سەپرانى كىسىپ يۈرەك-مېڭە ۋە ئومومىي بەدەن قان-تومۇرلاردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ.
نۇرمال بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت بەدەندە توپلىشىپ قالغان بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلاپ ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ماددىلارنىڭ زاپاس ئورۇنباسارلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەدەننى ئوزۇقلىنىشقا، يېڭى قان ئىشلەپ چىقىرىشقا ۋە ماددا ئالمىشىشقا تەييارلايدۇ. غەشلىك، ئىچى سىقىلىش، دېققەت چېچىلىشنى بېسىقتۇرۇپ روھىي كەيپىياتنى نۇرماللاشتۇرىدۇ ۋە ئۇرغۇتۇپ كۆڭۈلدە خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ. روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە لەززەت ۋە قانائەت پەيدا قىلىپ نېرۋىدىكى سەپرالىق، چاچقۇنلۇق، ئىچى سىقىلىشلارنى يوقىتىدۇ. پىسىخك ساغلاملىقنى تەڭشەپ بۇرۇقتۇرمىلىقتىن كىلىپ چىققان ئەسەبىي ئوي-خىيال، بۇزۇق خاھىش، نۇرمالسىز سەۋدا قاتارلىقلارنى يوقىتىدۇ. روھنى تېتىك، تەننى ساغلام قىلىدۇ. ئايالى بىلەن نۇرمال رەۋىشتە جىما قىلىش ئەزالاردا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىپ مىزاجنى ياخشىلايدۇ. تەن قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇق سۈمۈرۈپ ئەزالارنى كۈچلەندۈرگەنلىكتىن سەرىپ بولۇپ چىقىپ كەتكەن مەنى كۆپ بولسىمۇ بەدەنگە ۋە جىنسىي ئەزالارغا يامان تەسىرى بولمايدۇ.

ئانانىزىمنىڭ ئادەم بەدىنىگە ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قىلىش قىز-يىگىتلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا ئوخشاش بولمىغان سەلبىي تەسىرلەرنى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىكار قالسىلا شەھۋانىي ئوي-خيالنىڭ ئىسكەنجىسىگە كىرىپ قالىدۇ. كۈندە ياكى بىر قانچە كۈندە بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا شۇ ئىشنى قىلمىسا ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان، ئىچى سىقىلىپ مىجەزى ئوساللىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەرلەردە جىنسىي ئەزا تەبئىي چوڭىيىشتىن توختايدۇ. قان تومۇرلار كېڭىيىپ يەرلىك ئورۇندا ماددا ئالمىشىش ۋە ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىغاچقا ئەرلىك ئەزا بوشاپ ئاجىزلىشىپ، باش تەرىپى توم، تۈۋى ئىنچىكە ھەم سىڭايان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي بەزلەر بارغانسىرى يېگىلەپ كېتىدۇ. جىنسىي ھالەت بەك سەزگۈر بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاسانلا مەنىي تېز كېتىدىغان، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن لەززەت ئالالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئەرلىك ئەزا قاتماي تۇرۇپلا مەنىي ئېقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بەل تېلىپ ئاغرىش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، چات ئارىلىق تەرلەش، مەزى سۇيۇقلىقى كىلىش، سۈيدۈكتە نۇرمالسىزلىقلار كۆرۈلۈش دېگەندەك ساقسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. روھىي ھالىتى سۇلغۇن، چىرايى خۈنۈك، نۇرسىز، كۆز ئاستى ئېرىقچە بولۇپ قارامتۇل ھالەتتە كۆرىنىدۇ. ئۇنتىغاقلىق، زىھنى چېچىلىش، جىمغۇرلىشىپ كېتىش، توي قىلىشتىن قورقۇش، توي قىلسىمۇ جىنسىي تۇرمۇشتىن كۆڭۈلدىكىدەك لەززەت ئالالماسلىق دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ. ئېغىرلىرىدا تويدىن كىيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالماسلىق، ئۇرۇق پۈچەك بولغان سەۋەبلىك پەرزەنتلىك بولالماسلىق كۆرىلىدۇ. بۇھەقتە ئالدىمغا ھال ئېيتىپ كىرگەنلەر ھەم يىراقتىن تېلفۇن قىلىپ يىغلامسىراپ تۇرۇپ ئەھۋال ئېيتقانلار ئاز ئەمەس. مەن ئۇچراتقان ئەڭ ئېغىرراق مەسىلىدىن بىر قانچىنى مىسال ئالاي:

1.يىراقتا ياشاۋاتقان بىر يېگىتنىڭ تېلفۇندا يىغلاپ تۇرۇپ توي قىلغىلى 8 ئاي بولغان بولسىمۇ ئايالىنىڭ تېخىچە قىز پېتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۆزىنىڭ 6-7 يىللىق ئانانىزىم تارىخى بارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىچىنىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا شۇنداق بىئارام بولۇپ كەتتىمكى شۇ ۋاقىتتىكى ھېس-تۇيغۇمنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.

(2). 80خالتا بلوگىدىكى ئوقۇرمەن بىر ئايال ماڭا ئۇچۇر يېزىپ ئۆزىنىڭ توي قىلغىلى 5 يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە قىز ئىكەنلىكىنى ۋە تۇرمۇشىدا بەزى بىر مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتىپ يازغان بىر پارچە خىتىنى كۆرگەندە ئاۋۇ ئايالنىڭ نالىسىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەپمۇ ئۇ ئەر ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قالغان ھەم تويدا ئايالىغا يېقىن كىلەلمىگەن. تويدىن كىيىنمۇ ئانانىزىم بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي بىرىپ ياشىغان. بۇ ئايالنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچۇر مەزمۇنى مۇنداق:

مەن ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ 29 ياشتا يۇرتتىن يىراق بىر جايدا توي قىلدىم. يولدىشىم بىلەن ئىلگىرى بىر بىرىمىزگە ئاشىق بولۇشۇپ، بىر قانچە يىل يۈز كۆرۈشمەي توي قىلغان. بىراق، توي كۈنىدىن باشلاپ تاكى بىر ئىككى يىلغىچە يولدىشىمنىڭ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن (بالا ئالدۇرىۋېتىشىڭىز سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق، شۇڭا ھازىرچە بالا بولماسلىقى ئۈچۈن بىللە ياتمايلى دېگەنتى)، بىز ئەر-خۇتۇنلۇق تۇرمۇشنى ئۆتكۈزمىدۇق، ھەتتا ئايرىم ئۆيدە ياتتۇق. مەن توينىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر ئاز ھاياجان بىلەن نىپىز كىيىم كىيگىنىمدە يولدىشىمدىن ئىزا ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن، گەرچە بىرگە بولۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلساممۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىن كەلمىدىم… كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتتى. توي قىلىپ 2 يىلدىن كېيىن بىرگە بولايلى دېگەن ۋاقتىمىزدا يولدىشىم «بولالمىدى». دوختۇرخانىغا باردۇق. دوختۇر مېنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ: قىزلىق پەردىسى قېلىن ئىكەن، ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتەيلى دېدى. ئوپىراتسىيە قىلىدىغان دوختۇر ئەركىشى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن قوشۇلمىدىم. ئاساسىي سەۋەپنىڭ يولدىشىمدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. يولدىشىمنى داۋالىنىڭ دەپ ھېرىپ كەتتىم، ئۇ بەك گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. ئاتا-ئانامدىن يىراقتا بولغانلىقىم، يېنىمدا يولدىشىمدىن باشقا ھەمراھىم بولمىغانلىقى ھەم بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئىشلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىر ئىمتىھانى (زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ دۇچ كەلگەن بۇ ئىمتىھانغا)، مەن جۇپلىشىش ئۈچۈنلا بىر يەرگە كېلىدىغان ھايۋان ئەمەس … دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ سەۋرى قىلدىم. مانا ھازىر بىز توي قىلغىلى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. مەن ھازىرغىچە شۇ ق.. پېتى تۇرۇپتىمەن. باشقا ئاياللارنىڭ كىچىك ئوماق بالىلىرىنى كۆرسەم، ھەۋەسلىنىپ تۇرالماي قالىمەن. بىر پەرزەنتىم بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن. ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم، يولدىشىم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمان. مەن يولدىشىمنىڭ نېمە ئۈچۈن جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىرزات ھەكىم سىلىنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىپ يەتتىم. ئۇ ئەسلى ئۇزۇن يىل قولدا لەززەتلىنىشكە ئادەتلىنىپ قاپتىكەن. ئەمدى 35 ياشقا كىرگەن يولدىشىم بەك تۇلا ئىھتىلام بولىدۇ، سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق. مەن نەسىھەت قىلىيۋېرىپ ھېرىپ كەتتىم. سىلىنىڭ ئانانىزىم توغرىسىدىكى يازمىلىرىنى ئوقۇتقان ئىدىم، ھازىر ئانانىزم قىلىشتىن بىرئاز توختىغاندەك. باشقىلار يولدىشىمغا «نېمىشقا بالاڭلار بولمايدۇ؟ بەك بولمىسا نەيچە ئارقىلىق ھامىلىلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭلار» دەپ يول كۆرسىتىپتىكەن، ئاياللار توغۇت بۆلۈمىگە باردۇق. دوختۇر ئايال مېنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يولدىشىمنىڭ تەكشۈرتۈشى كېرەكلىگىنى، ئىسپىرما، ھورمۇن قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئىسپىرمىسى ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدە نورمال، ئەرلىك ھورمۇن يېتەرسىز… دېگەندەك دىئاگنۇز قويۇلدى. مەن سۇنئى ھامىلىلەندۈرۈشكە قوشۇلمىدىم. چۈنكى بۇنداقتا ئىقتىسادىي چىقىم كۆپ بولۇپ كەتسە، مەن بالا بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئىشلىيەلمىسەم، يالغۇز يولدىشىمنىڭ كىرىمى بىلەنلا بۇ ئائىلىنى قامداش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇنداق ياشاش ئازابلىق بولسىمۇ مەن يەنىلا سەۋر قىلىمەن. ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم: سىلىدىن سورايدىغان سۇئالىم، بۇ يەردە سىلى دېگەن ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دورىلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. كەپتەر، قۇشقاچ گۆشلىرىنى يېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئەرلىك ئەزا يىگىلەش، مەنى بالدۇر كېتىش، ھىسسىيات بولماسلىقنى تەبىئىي ئۇسۇلدا يەنە قانداق داۋالاش مۇمكىن؟ ئاخىرىدا سىلىنىڭ ئانانىزم توغرىسىدىكى يازمىلىرىنىڭ بىزگە كۆپ پايدىسى بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش، يېڭى توي قىلغانلارنىڭ بىزدىن ئىبرەت ئېلىشى، پەرزەنتلىك بولۇش توغرىسىدا قورقماي ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇخەتنى ئوقۇپ لەرزىگە كەلدىم، ئەركەكلەرگە، يوقىلىۋاتقان ئەركەكلىككە شۇنداق نىدا قىلدىم: ئانانىزىمدەك بولمىغۇرلۇقلار بىلەن ئەرلىك ھاياتى كۈچىڭىزنى بىر پۇل قىلىپ سۆلىڭىز قالمىغاندا بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىدىغان، سىزگە بارلىقىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلايدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىرىڭىزنى سىلىپ گاھى ئىچىڭىزگە تىنىپ زەئىپانا بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرسىڭىز، گاھى سەپرالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۈرسىڭىز – قېنى سىزدىكى ئەرلىك كامالەت، ئۇرغۇپ تۇرغان قۇۋۋەت، ئوتلۇق مۇھەببەتلەر؟ قېنى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، ئۇماق پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدىكى سۈلكىتىڭىز؟!!!

ئاياللىرىڭلارنى ئۇنداق تاشلاپ قويماڭلار، بىچارە مەزلۇمە سۈيى يوق كۆلدەك قاغجىراپ يېرىلىپ ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭمۇ ياشلىق گۈللىرى تولۇق پورەكلىسۇن، كۈچتۈڭگۈر، پالۋان كەبى ئەرلىرىدىن زوقلىنىپ، پەخىرلىنىپ ياشىسۇن!!! باغرى قانسۇن!!

(3)رەڭگى سېرىق، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا گۇمانسىراپ قارايدىغان، ئۇنىڭ دورىسىنى يەپتىم، پالانى دورىنى يەپتىم، پالانچى مۇنداق دورا يېسەڭ ساقىيسەن دېگەن، ھەممىسى ئوغرى ئىكەن دەپ 3 يىلدىن بىرى پات-پات دۇكىنىمغا كىرىپ توختىماي ئۇنى-بۇنى سوراپ تۇرىدىغان ھەممە دوختۇر، تېۋىپنى تىللاپ چىقىدىغان بىر كىشى بار. بۇكىشى توي قىلغاندىن كىيىن تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي ئاڭلىغانلىكى <<ياخشى>> دورىلارنى يەپ كۆرگەن، باشقىلار ماختىغانلىكى دوختۇر، تېۋىپلارغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق ياخشىلىش بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەھۋالى بارغانچە يامانلىشىپ سەۋدا خىلىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان روھىي كېسەل مالۇخۇلىيا كىلىپ چىققان. بۇ بالىدىكى ئوخشاش سەۋەب يەنە شۇ ئۇزۇن مۇددەت ئانانىزىم بىلەن مەشغۇل بولۇپ روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى خوراتقان. ﻣﺎﻟﯩﺨﯘﻟﯩﻴﺎ ئوﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ، سەۋەبسىز ﻏﻪﻡ ئەﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ئۆﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﻫﯩﻲ كېسەللىككە ئېيتىلىدۇ. مالۇخۇلىيانىڭ ئالامەتلىرى ئاساسلىقى: ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻜﻪ ﻣﺎﺱ ﻫﺎﻟﺪﺍ ئاﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﻛﯚﭖ ئوﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، ئەﻧﺴﯩﺮﻩﺵ، ﺑﺎﺵ – ئاﺧﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ،ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ، ئوﺭﯗﻧﺴىﺰ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗىﻠﯩﺶ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ئوﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ئاﻏﺮﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ئاﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ئۆﻟﯜﻡ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﺳﺘﻪ ﯰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ئەﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ئاياللاردا ئانانىزىم ئادىتىگە ئۈگۈنۈپ قىلىش سەۋەبلىك بالياتقۇ ۋە تۇخۇمدان ساغلاملىقى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئاق خۇن كۆپ كىلىش، بەل تېلىش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىز ھەم سوۋۇش يۈز بىرىدۇ. جىنسىي يول كېڭىرىپ كېتىدۇ. روھىي كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ ئۇنتىغاق بولۇش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، چىرايى نۇرسىزلىنىش، قورۇق چۈشۈش، كۆز ئاستى قارىداش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش دېگەندەك بالدۇر قېرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. توي قىلىشنى خالىمايدىغان، ئەرلەرنى يامان كۆرىدىغان پىسخىك نۇرمالسىزلىق كۆرىلىدۇ.

ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ كىرگەن بىر ئايالنىڭ شۇ ھەقتىكى كەچمىشلىرى

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر قانچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن بىر يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئاخىرىدا ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۈرۈمچىدە توي قىلدىم. توي كېچىسى ئۇ مەست كىرىپ ئۇخلاپ قالدى. ئەتگىنى مەستلىكى يېشىلىپ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. نېمە ئىشلىقىنى بىلەلمىدىم. 2-كۈنى يەنە شۇنداق مەست كىرىپتۇ. بىز يەنىلا ھېچ ئىش قىلمىدۇق. بۇ ئىشلار شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. مەن ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان يېگىتىم-ئىرىمنىڭ توي قىلىپلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئارىدا ھاراق ئىچمەي كىرگەن كۈنلىرى ئەركىلەپ، يېقىنچىلىق قىلغان بولساممۇ ھېچقانداق <<سادا>> بولمىدى. مەنمۇ بۇ ئىشلارغا ئەمدى رەسمى ھەيران قالدىم. ئۇنى داۋالىنىپ بېقىش ھەققىدە گەپ قىلساملا ماڭا ئاچچىقلاپ چېچىلىدىغان، يامان گەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان بولىۋالدى. ئۆيگە ئۇخلاش ئۈچۈن، تاماق يېيىش ئۈچۈنلا كىرىدىغاندەك ، كۆپۈنچە ۋاقىتتا كۆرمەيمەن. مەن بۇ ھەقتە – تۇرمۇشتىكى سىقىنچىلىقلىرىمنى يا تۇققانلىرىمغا بىلدۈرمەي يا دوستلىرىمغا ئېيتالماي بىرەر يىلنى ئۆتكۈزدۈم. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ چالا مەست ھالەتتە كىرىپ ئالدىمدا يىغلاپ ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى كەچۈرۋىتىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپ يالۋۇردى. مەن ئۇنىڭ باش كۆزلىرىنى سىيلاپ ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ مەنمۇ يىغلىدىم. كىيىن ئۇ بىر قانچە قىتىم سىناپ باققان بولسىمۇ <<ئىش>> تۈزۈك بولمىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈنى كېچىدە ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرگەندەك بىر ھالەتتە تاتلىق سىزىم بىلەن نازۇك جايلىرىمنى سىيلاپ ھوزۇرلىنىپ كەتتىم. ئويغۇنۇپ بۇ ئەھۋاللاردىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدىم. مەن ئەزەلدىن بۇنداق قىلىپ ھوزۇرلىنىپ باقمىغان ھەم جىنسىي ھوزۇرنىمۇ ئۇنچە تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. بۇ ئىشتىن كىيىن كەچلىرى ئۆزۈم يالغۇز بولسام، ئىچىم سىقىلسىلا تورغا كىرىپ سېرىق بەتلەرگە كىرىپ ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرنى، رەسىملەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ھوزۇر ئالىدىغان بولدۇم. ئىنگىلىزچە بەتلەردە ئانانىزم توغرىسىدا ئۇنىڭ زىيىنىنى سۆزلەيدىغان تور بەتلەرمۇ، پايدىسىنى سۆزلەيدىغان تور بەتلەرمۇ بار ئىدى. مەن كۆپرەپ پايدىسىنى سۆزلەيدىغان ھەم قانداق قىلسا ئوبدان بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بەتلەرگە كىرىپ تۇردۇم. شۇنداق قىلىپ مەن كۈندە كەچتە شۇ ئىشنى قىلمىسام ئۇخلىيالمايدىغان دەرىجىدە ئۈگۈنۈپ قالدىم. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن خىزمەتكە ئوبدان بىرىلىپ كىتەلمەيۋاتقانلىقىمنى، پۇت-قوللۇرۇم ماغدۇرسىز، روھسىز بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئاق خۇنمۇ كۆپىيىپ، بىلىم تىلىپ ئاغرىيدىغان، ھەيز ۋاقتىممۇ قالايمىقان بولىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئىشقا ئۈگۈنۈپ قالغاندىن كىيىن بۇرۇن ياخشى كۆرگەن يولدىشىم كۆزۈمگە پەقەت سىغمايدىغان بولۇپ قىلىپ ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتۇق. دوستلىرىم باشقا لايىقلارنى تونۇشتۇرۇپ باقتى، ئاتا-ئانام نەسىھەت قىلىپ باقتى، لىكىن مېنىڭ پەقەتلا توي قىلغۇم كەلمىدى. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش كۆزۈمگە سىغمايدۇ. مېنى شۇ كۈنگە قويغىنى ئەنە شۇ ئەر كىشى ئىدى. مەن ئانانىزىمنىڭ زېيىنىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدىم. زېيىنى تارتىۋېتىپ تۇرۇپ يەنە داۋاملاشتۇردۇم. ھازىر بۇ ئىشتىن قول ئۈزەي دېسەم قول ئۈزەلمەيمەن. كۆپ تىرىشىپ باقتىم لىكىن يەنىلا ئامالى بولمىدى. دەسلەپتا ئۇ ئىشنى قىلسام 5 ۋاقىت ناماز ئوقىغاندىكىن يۇيۇنمىسام بولمايتتى. پۇت-قولۇم، بىلىم قاچانلا قارىسا مۇزدەك سوغۇقلا تۇرغان. كىيىن كۈندە يۇيۇنىۋىرىپ سوغۇقۇم ئىشىپ كىتىپ نامازنىمۇ ئوقىماس بولدۇم. شۇنداق چۈشكۈنلۈشۈپ كەتتىم. پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم، لىكىن ئۇلارنىڭ قولىدىن مېنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىدىم. چۈنكى مەن ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قالغۇچىلار ئۆزىدە قانداق پىسخىك تەڭشەش ئىلىپ بىرىش كېرەك، ئۆزىنى قانداق ئاسراش دېگەن مەزمۇندىكى ئىنگىلىزچە ھەر چوڭ پىرافىسورلارنىڭ ماقالىلىرىنى تولا كۆرۈپ كەتتىم. بۇنىڭ ماڭا پايدىسىدىن زىيىنى چوڭ بوپتۇ، چۈنكى بەزىلەر بۇنىڭ بەدەنگە چوڭ زېيىنى يوق، پەقەت پىسخىك بىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسىلا بولىدۇ دەپ شۇلار ھەققىدە كۆپ توختىلىپتۇ. مەن بىر ياقتىن ئانانىزم قىلغاچ بىر ياقتىن قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ، قانداق ئاسراش چارىلىرى ئىلىپ بارغاندا ئانانىزىمنىڭ زېيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دېگەندەك ئادەم ئالدايدىغان ماقالىلەرنى تولا كۆرۈپ كاللام زەھەرلىنىپ كەتكەندەك تۇرىمەن. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش بىتىنى ئىچىپ 80خالتا بلوگى دېگەن ئىسىمغا كۆزۈم چۈشۈپ قىزىقسىنىپ كىرىپ باقسام ماڭا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن. ھازىر ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك تەبئىي ئىسسىقلىق يېمەكلىكلىرىمىز ھەم تېبابەت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن كۈتۈنىۋاتىمەن. لىكىن ئۇ ئىشنى يەنىلا تاشلىيالمىدىم. ماڭا بۇ ئىشنى تاشلاشنىڭ ئوبدان بىرەر يولىنى كۆرسىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىلىمەن، ماڭا ھازىر نەسىھەت كار قىلماس بولۇپ كەتتى. بىر كىم بىلەنمۇ ئارىلاشقۇم كەلمەيدۇ. مۇشۇ گەپلىرىمنى تور بەت يۈزىدە بولسىمۇ دەۋەتسەم يەڭگىللەپ قالىدىغاندەك، ئۇ يامان ئىشتىن قۇتۇلۇپ كىتەلەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. ئى


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      يولۇچى

      ئۆزنى كونتۇرۇل قىلىش ئىتايىن مۇھىم ،مۇۋاپىقيىەتكە دائىر كىتاپ ماتىرياللارنى كۆپ ئوقۇش كىرەك،ۋاتىدا مۇۋاپىق بولغان لايىق ئىزدىش ھەم توي قىلىش كىرىك

    • #2
      يولۇچى

      ئۆزنى كونتۇرۇل قىلىش ئىتايىن مۇھىم ،مۇۋاپىقيىەتكە دائىر كىتاپ ماتىرياللارنى كۆپ ئوقۇش كىرەك،ۋاتىدا مۇۋاپىق بولغان لايىق ئىزدىش ھەم توي قىلىش كىرىك

    • #3
      sarwan01

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم..مەن بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم..مەن كىچىكىمدىن ئانالىزىمغا خۇمار بولۇپ قېلىپ 8 يىلدەك ئاشۇنداق قولدا لەززەتلىنىپ كەلگەن…بىر يىلدىن ئاشتى مەندە جىنسى تۇرمۇشقا قىزىقىش سۇسلاپ قالدى…يىقىندىن بۇيان قاتماي تۇرۇپلا مەنىي كىلدىغان بوپ قالدى…يەنە تېخى ئۇرۇقدان بىئارام بولۇش بار…ماڭا ياخشىراق دورا قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز…

    • #4
      sarwan01

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم..مەن بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم..مەن كىچىكىمدىن ئانالىزىمغا خۇمار بولۇپ قېلىپ 8 يىلدەك ئاشۇنداق قولدا لەززەتلىنىپ كەلگەن…بىر يىلدىن ئاشتى مەندە جىنسى تۇرمۇشقا قىزىقىش سۇسلاپ قالدى…يىقىندىن بۇيان قاتماي تۇرۇپلا مەنىي كىلدىغان بوپ قالدى…يەنە تېخى ئۇرۇقدان بىئارام بولۇش بار…ماڭا ياخشىراق دورا قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز…

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...